مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1640|ئىنكاس: 5

تاماكا تاشلاشقا ياردەمچى بولىدىغان ئامىللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12184
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 447 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 11:13:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاماكا چىكىش خۇمار ئەمەس غەپلەتتۇر


دوكتۇر: سەمىر يۇنۇس


2012- يىلى ياز ئايلىرىنىڭ بىر ئاخشىمى مىسىردىكى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ قىرغىقىدا ئۈچ دوستۇم بىلەن بىرگە ئولتۇراتتۇق. يېنىمىزغا مەكتەپتە بىرگە ئوقۇغان بىر ساۋاقدىشىمىز تاماكا چەككەن ھالدا يىتىپ كېلىپ سالام بەرگەندىن كېيىن ئولتۇردى.

دوستلىرىمدىن بىرى ئۇنىڭدىن تاماكىنى ئىككىنچى يانغىلى بولمايدىغانغا ئۈچ تالاق قىلىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلمىدىمۇ؟ دەپ سورىدى.  

ھېلىقى تاماكا چېكىۋاتقان ساۋاقدىشىمىز، ئۇزۇندىن بىرى تاشلاشنى نىيەت قىلىۋاتىمەن، لېكىن تاشلىيالمىدىم، دەپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن ماڭا قاراپ مازاق ۋە چاقچاق ئارىلاش ھالدا تاماكىنىڭ پەقەت پايدىسى يوقمۇ؟ دەپ سورىدى. مەنمۇ دەرھال گەپ قىستۇرۇپ قويۇش پۇرسىتىنى غەنىيمەت بىلىپ، ھە مەن يېقىندا تاماكىنىڭ پايدىسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر نەرسە ئوقۇغان ئىدىم، ئۇنىڭدا تاماكا چەككۈچىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئىشتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى يېزىپتۇ:

1- تاماكا چەككۈچىنىڭ ئۆيىگە كېچىسى ئوغرى كىرمەيدىكەن.  

2- تاماكا چەككۈچىگە ئىت يېقىنلىشالمايدىكەن.

3- ئۆمۈر بۇيى چاچ ساقىلى ئاقارمايدىكەن. دېدىم.

يېنىمدا ئولتۇرغان دوستلىرىم مىنىڭ سۆزۈمدىن ئەجەبلىنىپ سەن نېمە دېمەكچى دەپ سورىدى، مەن ئەجەپلەنمەڭلا. لېكىن سەۋەبىنى سوراڭلار. چۈنكى سەۋەبى بىلىنسە ئەجەپلىنىشمۇ تۈگەيدۇ، دەپ سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدىم.

- تاماكا چەككۈچى، كېچىسى توختىماي يۈتەگەنلىكى ئۈچۈن، ئوغرى ئۇخلىمىغان ئوخشايدۇ دەپ ئۆيگە كىرمەيدىكەن.

- تاماكا چەككۈچى ئاسانلا مۆكچىيىپ ھاسىغا چۈشكەنلىكتىن، ھاسىدىن قورققان ئىت ئۇنىڭغا يېقىنلىشالمايدىكەن.

- تاماكىنىڭ زەھىرى ئىنساننىڭ ياشلىق باھارىنى تىزلا يوقىتىپ، چاچقا ئاق چۈشۈشتىن بۇرۇن دۇنيادىن خوشلىشىدىكەن.


تاماكا چىكىش ھەۋەسمۇ ياكى غەپلەتمۇ؟

بىر قېتىم، تاماكا چېكىدىغان بىرسىدىن سىز نېمىگە قىزىقىسىز دەپ سورىدىم. ئۇ، تاماكىغا دەپ جاۋاب بەردى.

سىز تەنتەربىيىگە قىزىقامسىز ؟دەپ سورىدىم.

ئۇ، تاماكا چېكىدىغان ئادەم قانداقمۇ تەنتەربىيە قىلسۇن؟ دېدى.

مەن، ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ ئۇنداقتا تاماكا چىكىش ھەۋەس ئەمەس غەپلەتتۇر.

يەنى سىزنى تاماكا ۋە باشقىمۇ ھالاك قىلغۇچى ماددىلارغا خۇمار قىلىدىغان غەپلەتتۇر. چۈنكى تاماكا پۈتۈن ھالاك قىلغۇچى ماددىلارنىڭ باشلانغۇچىدۇر. تاماكا سىزگە ھەرخىل كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كەلگەندىن سىرت، بالدۇر ئۆلۈشىڭىزگە يول ئاچىدۇ، دېدىم.

مەن ئۇنىڭدىن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سوئال سورۇدۇم ۋە سوئاللىرىمغا سەمىمىي جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدىم.

1- تاماكا نىجىس نەرسىلەر قاتارىدىنمۇ ياكى پاك نەرسىلەر قاتارىدىنمۇ؟ ھېچقانداق بىر ئىنسان تاماكا پاكىزە نەرسىلەر قاتارىدىن دىمىگىنىگە كۆرە، ئۇ نىجىس نەرسىلەر قاتارىدىن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ.  [1]

2- تاماكا چېكىشتىن بۇرۇن بىسمىللاھ دەمسىز؟ تۈگىگەندە ئەلھەمدۇ لىللاھ دەپ ئاللاھغا شۈكرى ئېيتامسىز؟

3- يەپ ئېشىپ قالغاندىن كېيىن ئايىغىڭىز بىلەن دەسسەپ ئېزىۋېتىدىغان تاماكىدىن باشقا بىر نەرسە بارمۇ؟ ئاياغ بىلەن دەسسەش ئۇنى خورلىغانلىق ئەمەسمۇ؟

4- ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن بىرىدە يەنى مەسچىتتە تاماكا چېكىپ باقتىڭىزمۇ؟

5- تاماكا چىكىش ئارقىلىق نېمە پايدا ئالدىڭىز؟ ماددى، مەنىۋى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن بىر پايدىغا ئېرىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ ياكى تاماكا چىكىش ئارقىلىق ھەممە نەرسىدىن ئايرىلدىڭىزمۇ؟

6- بالىلىرىڭىزدىن بىرىنىڭ تاماكا چېكىشىدىن خۇشال بۇلامسىز؟ ياكى بالىلىرىڭىزنىڭ تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قالغانلىقىنى بىلسىڭىز بىئارام بولۇپ، ئىچىڭىز پۇشامدۇ؟

ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتقا كۆرە تاماكىدىن ئۆلگەنلەر سانى ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنى بېسىپ چۈشىدىكەن.


تاماكىنىڭ زىيىنى ھەققىدە بېلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەلۇماتلار:  

1- تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىشلەپ چىقىرىلغان تاماكىدا، تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرگە ئىشلەپ چىقارغان تاماكىغا قارىغاندا نىكوتىن ۋە كوكىس ماددىسى كۆپ بولغانلىقتىن ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە بولغان زىيىنىمۇ كۆپ ئىكەن.

يەنە، نىكوتىن ماددىسى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا كۆرە: بىر تامچە ساپ نىكوتىن ئېغىرلىقى 180-200 كىلوگرامغىچە كېلىدىغان ئاتتىن 3 نى زەھەرلەپ ئۆلتۈرەلەيدىكەن. 1 دانە پاپىرۇس ياكى ئۈچ تال سىگارېت تەركىبىدىكى نىكوتىننى ئادەمنىڭ ساپ تومۇرىغا ئۇرسا 3~5 مىنۇتقىچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قۇيىدىكەن. %90 تىن ئارتۇق جىگەر راكى تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن ھەر 6 سېكۇنتتا 1 تاماكا چەككۈچى ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدىكەن.

2- تاماكا چىكىش زەھەرلىك چېكىم چېكىشنىڭ تۈنجى باسقۇچى ئىكەن.

3- تاماكا چەككۈچىنىڭ تەنتەربىيە ئېڭى ئاجىز كېلىدىكەن.  

4-  تاماكا چەككۈچى جەمئىيەتتە قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر ھېسابلىنىدىكەن.

تاماكا ھالاك قىلغۇچى ئامىللاردىن بىرى بولۇپ، تاماكا چەككۈچى مالنى پايدىسىز، زىيانلىق نەرسىلەرگە سەرپ قىلغانلىقى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئالدىدا ھېساب بېرىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى ھېساب مەيدانىدا بەندىنىڭ قەدىمى يۆتكەلمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ ھاياتىنى قانداق ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكى، ئۆگەنگەن ئىشلار بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى، مالنى قەيەردىن تېپىپ قەيەرگە ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ جىسمىنى قانداق چىرىتكەنلىكىدىن ئىبارەت تۆت ئىشتىن سوئال سوراق قىلىنىدۇ. [2]

ئەڭ ئەجەبلىنەرلىك يىرى شۇكى، كىشىلەر شۇنچە كۆپ ئىقتىسادنى  تاماكا ئۈچۈن ئۈچۈن ئىسراپ قىلىشقا رازىكى، لېكىن پېقىر، يېتىم ۋە مىسكىنلەرگە بېرىشتىن بېخىللىق قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە (ئېقىپ تۇرغان) بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) ياخشى ئىش قىلغۇچىلار ئىدى. ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى. ئۇلار سەھەرلەردە (پەرۋەردىگارىدىن) مەغپىرەت تىلەيتتى. ئۇلارنىڭ پۇل ـ ماللىرىدا سائىللار ۋە (ئىپپەتلىكىدىن سائىللىق قىلمايدىغان) موھتاجلار نىڭ ھەققى بار ئىدى. ۋە ئادا قىلاتتى. [3]


تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى:

تاماكىنىڭ زىيىنى ھەققىدە يېزىلغان بىر ئىلمىي ماقالىدا بىلدۈرۈلىشىچە: بىر تال تاماكا تەركىبىدە 4000 خىلدىن ئارتۇق خىمىيىلىك ماددا بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 69  خىل ماددا راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى نىكوتىن، كوكس مېيى، كاربون چالا ئوكسىدى قاتارلىق بىر قانچە خىل زىيانلىق ماددىلار كاناي ياللۇغى، كانايچە راكى، ئۆپكە راكى، يۈرەك توختاپ قېلىش، سىل كېسىلى، ئاشقازان كېسىلى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق بىر قانچە خىل كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

دۇنياغا مەشھۇر دوختۇرلاردىن بىرى بولغان كالىيپورد ئاندېرسون، ئامېرىكا راك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىلمى تەتقىقاتتا تاماكا چەكمەسلىكنىڭ ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تاماكا چېكىشنى تاشلىغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى، تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەمما تېببىي پەن ئالىمى كەنىئان ئەلجامىي ئۆز ماقالىسىدە: «مېنىڭ راك كېسىلى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقىنىمغا 25 يىل بولدى. مەن بۇ مەزگىل ئىچىدە تاماكا چەكمەيدىغان بىرەر بىمارنىڭ كاناي راكى دەپ دىئاگنوز قويۇلغىنىنى كۆرگىنىم يوق» دېگەن.


تاماكا چېكىشنىڭ ئىقتىسادى زىيىنى:

تاماكىنىڭ ئىقتىسادى زىيانلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا كۆرە: دۇنيادا يىلىغا 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاماكا ئىستېمال قىلىنىپ بۇ ئارقىلىق ھەر يىلى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۈلگە ئايلىنىدىكەن. بۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ ئىقتىسادىي زىيان ھېسابلىنىدۇ. تاماكا چېكىش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئەھمىيەتسىز ھالدا ئىقتىسادنى بۇزۇپ چېچىش بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر تاماكا سېتىۋېلىش ياكى زەھەر سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئىقتىسادتىن قىسىدۇ، ھەتتا بەزى كىشىلەر زەھەرلىك چېكىملىك چېكىپ خىزمىتىدىن، ئىقتىسادىدىن ئايرىلىپ، پۈتۈن ئائىلىسىنى خانىۋەيران قىلىپ، ياشاشتىن مەھرۇم بولماقتا. ھۆكۈمەت ۋە ئائىلىلەر زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە ئۆگىنىپ قالغانلارنى داۋالىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان ئىقتىسادنى ئەگەر مائارىپ، تەرەققىيات ئىشلىرىغا سەرپ قىلسا، جەمئىيەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى قانچىلىك تېزلەتكىلى بولاتتى. نامرات ئائىلىلەردىن قانچىلىغان كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بولاتتى.


تاماكا تاشلاشقا ياردەمچى بولىدىغان ئامىللار:

1- ئاللاھقا ھەقىقى تەۋەككۈل قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ياردىمىنى تىلەپ كۆپ دۇئا قىلىش.

2- تاماكا تاشلاش ئېڭىنى كۈچەيتىش ۋە تاماكا تاشلاشقا ھەقىقى بەل باغلاش.

3- تاماكا تاشلاش ئۈچۈن لايىھە تۈزۈپ چىقىش.

4- ئەتىراپتىكى دوستلىرىڭىزغا بۇنىڭدىن كېيىن تاماكا چەكمەيدىغانلىقىڭىزنى، تاماكىنى قەتئىي تاشلىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇش، ياكى ۋەدە بىرىش.

5- تاماكا چېكىلىدىغان ئورۇنلارغا بارماسلىق.

6- تاماكا چىكىش  ئورنىغا دەسسىتىش ئۈچۈن ياخشى بىر ئۇسۇلىنى تېپىش.

7 - نىكوتىن ماددىسىنى تۆۋەنلىتىدىغان سۇ ۋە مېۋە سۈيى قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىپ بېرىش.

8 - تاماكا تاشلىغانلىقىڭىزنى قەتئىي ئەستىن چىقارماسلىق.

9-تاماكا چەكمەيدىغان ياخشى كىشىلەر بىلەن كۆپرەك ئارلىشىپ ئۇلاردىن نەسىھەت تەلەپ قىلىش.


تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇلئەھەد ئۇجات

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Hislet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-7 11:28 AM  


ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88675
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 119
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 12:11:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف ھەر  نىمە بولسا   مەن تاماكا   چەكمەيدىكەنمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74767
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4986
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 321 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 08:54:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ موھىم ئامىل ئىرادە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10547
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1263 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 11:54:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ مۇشۇ تىمىلىرىڭىز ئارقىلىق تاماكا چىكىدىغان ، تاشلىيالمايۋاتقان دوستلىرىمىزغا تەربىيىۋى تەنبىھ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت . تاماكىنى كۆپۈنچە كىشىلەر چوڭ گۇناھ ئەمەسقۇ دەپ سەل قارايدۇ ، بۇ دەل چوڭ گۇناھقا يول ئاچقانلىق بولىدۇ . گۇناھلارنىڭ ئانىسى ھاراق دەيدىكەن مىنىڭچە دەل تاماكا .
ئاخىرىدا دەيمەنكى « گۇناھنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قارىما ~ بەلكى ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلىۋاتقان زاتنىڭ كاتتىلىقىغا قارىغىن ! »

‏سەجدە قىل ! ئىنسان ~ ئۆزۈڭنىڭ نەقەدەر ئاجىز ئىكەنلىكىڭنى بىلمەمسەن !؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75918
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4205
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 539 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 12:26:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ANSWER يوللىغان ۋاقتى  2013-2-7 11:54 PM
سىزنىڭ مۇشۇ تىمىلىرىڭىز ئارقىلىق تاماكا چىكىدىغان ، ت ...

« گۇناھنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قارىما ~ بەلكى ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلىۋاتقان زاتنىڭ كاتتىلىقىغا قارىغىن ! »
بۇ سىز دىگەن گەپما؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10547
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1263 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 10:38:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
蓝狼-0947 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-7 08:26 AM
« گۇناھنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قارىما ~ بەلكى ئۆزۈڭ ئاسىي ...

بالام ، ياخشى گەپنى تارقىتىش ياخشى گەپنى قىلغانغا ئوخشاش . ئۇ گەپنى مەن دىمىگەن لىكىن خاتاسى يوق گەپ بولغاچقا دەپ قويدۇم ، يامان بوپتىما ؟

‏سەجدە قىل ! ئىنسان ~ ئۆزۈڭنىڭ نەقەدەر ئاجىز ئىكەنلىكىڭنى بىلمەمسەن !؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش