مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3043|ئىنكاس: 42

تۈرك فىلىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83757
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3212
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2013-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 10:44:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە كۈندىن چاغان يىتىپ كىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق توشۇش شىركەتلىرى ۋە زاۋۇتلارنىڭ ۋاقىتلىق ئىشتىن چۈشۈشى سەۋەبلىك مەجبۇرى كومپيۇتېر ئالدىدا كۈن ئولتۇرۇپ ئارام ئىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم .   بىر دوستۇمنىڭ كۈن ساناپ يېڭى قىسمىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى ساقلاۋاتقان تۈركىيە فىلىملىرىغا بولغان ئىشتىياقىنى كۆرۈپ مەندىمۇ پەيدا بولغان قىزىقىش تۈرتكىسىدە ھەركۈنى نەچچە سائەت ۋاقتىمنى مەزكۇر فىلىملار ئۈچۈن سەرىپ قىلدىم . ئاقىۋەتتە تولىمۇ قىزىقىپ كۆرىۋاتقان فىلىملىرىنىڭ ئاخىرى چىقماي قويدى . يەنە بىر فىلىمنى كۆردۈم .  نەتىجىسى ئوخشاشلا   .  دىمەك مەنمۇ كۈن ساناپ يېڭى قىسىملىرىغا تەشنا ئادەمگە ئايلاندىم .  نەچچە يىللاردىن بىرى تۈركلەر بىلەن سودا قىلىپ ھەم جەمىيەتتىن ئالغان تەسىراتلىرىمىنى ئويلاپ تۈرك فىلىملىرى ۋە تۈرك مەدەنىيىتى بىزگە قانداق تەسىر كۆرسەتتى دىگەن تىمىدا تىما يوللاشنى لايىق تاپتىم ،   ئۆزۈمنىڭ ھىس قىلغانلىرىم تۆۋەندىكىچە .

1 -  تولىمۇ ئاز بىر قىسىم كىنو فىلىملەر تولىمۇ ياخشى ئىشلىنىپتۇ ، ھەقىقەتەن ئادەمگە ئەدەپ ئەخلاقلىق بولۇش ، گەپ سۆزدە سىلىق سىپايە بولۇشنى ئۈگىتىدىكەن .  بۇ تۈركلەر بىلەن سودا قىلىش پۇرسىتى ۋە تۈركىيەنى تىخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە ھەم ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرىشىغا پايدىلىق روللارنى ئويناپتۇ . يەنە بىر جەھەتتىن ئەسەبىيلەرچە تۈرك تىلى ئۈگىنىش تۈرك مەدەنىيىتىنى دوراش يۇقىرى دولقۇنغا چىقىپتۇ  .  تۈركلەر بىلەن توي قىلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ھەم توي قىلغانلارنىڭ سانىمۇ بارغانسىرى يۇقىرلاشقا باشلاپتۇ .   بۇ توغۇرلۇق كۆپ چۈشەنچە بىرىشنى خالىمىدىم .  

2-   كۆپ قىسىم تۈركىيە فىلىملىرى بىزگە قانداق ئادەم بولۇشنى ئۈگىتىپ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ . بىز ئۆزىمىزنىڭ خاسلىقى ۋە مەدەنىيەت ئىزنالىرىمىزدىن يىراقلاشقا باشلاپتىمىز .
چايلىرىمىز ، تاماقلىرىمىز ، گەپ سۆز ئادىتىمىز ، ھەركىتىمىز قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەر بۇنىڭغا شاھىت .
تۈرك مەدەنىيىتى تولىمۇ ئەخلاقىي تۈسنى ئالغان مەدەنىيەتتەك كۆرۈنسىمۇ ، لىكىن تۈركىيە  ياۋرۇپا ۋە ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىدىكى ئىككى قىتئەگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن يىرىم ياۋرۇپالىشىپ كەتكەن ئىسلام دۆلىتى .
شۇڭا تۈركىيە نامىدا ئىشلىنىۋاتقان كىنو فىلىملار تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ھەرخىل ئادەملەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . شۇڭا ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىدىغان تەرىپى بار ، كەسكىن رەت قىلىدىغان تەرىپىمۇ بار .

3 - تۈركلەر يىلدا نەچچە ئاي ئارام ئالىدۇ . چۈنكى ئۇلار خىزمەت ۋە ئارام ئىلىشقا ئەستايىدىل كۆڭۈل بۆلىدۇ . ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچى نىسبەتەن يۇقىرى . تۇرمۇشتىكى باي باياشادلىق تۈپەيلى ئۇلار كۆڭۈل ئىچىش ، ناخشا مۇزىكا ، كىنو فىلىم ئىشلرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ .  ھەقىقىي مۇسۇلمان تۈركلەر بۇنىڭ سىرتىدا .
لىكىن بىزچۇ ، بىز نىمىگە ئەھمىيەت بىرىۋاتىمىز . شۇ ئاخىرى چىقماس تۈركىيە فىلىملىرى سەۋەبلىك نىمىلەردىن مەھرۇم بولىۋاتىمىز . شۇ فىلىملەرنى كۆرۈپ قانداق ئۈنۈم ياراتتىڭىز ، ئۆزىڭىزنىڭ ئاشۇ قىممەتلىك ۋاقتى نىمىگە ھىساب بولىۋاتىدۇ . كاشكى شۇ ۋاقىتلارنى ئازراق بولسىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ ئەتسەك ھەر ئىككى دۇنيادا پايدىسىنى كۆرمەسمىدۇق ،  ھەتتا تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان بايانات ئىلان قىلىپ بىر قىسىم فىلىملارنى كۆرمەسلىك توغۇرلۇق ، ئۇ فىلىملارنى يەھۇدىلار باشقۇرىشىدىكى كىنو فىلىم شىركەتلىرى ئۆز ئىدىيەسىنى چۆرىدەپ ئىشلىگەنلىكىنى ئوچۇق ئاشكارا تىلىۋىزىيە نۇتۇقى ئارقىلىق جاكارلىدى .
سىز كۆرىۋاتقان شۇ فىلىملاردا ناماز ئوقۇغان كۆرۈنۈش قانچىلىك ، مۇھەببەت ئىزھار قىلىۋاتقان ، ناشايان ئىشلارنى قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش قانچىلىك ، شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلىرىمىزگە ئاتالمىش تۈركىيە فىلىملىرى قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتقاندۇ . مانا بۇ بىز بىلەن قىرىنداش مىللەت بولغان تۈرك مىللەتلىرىمۇ .  قۇرئاننى ئاللاھنى ئىغىزىدىن چۈشەرمەي تۇرۇپ ناشايان ئىشلارنى قىلىۋاتقان ، ھەتتا ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپمۇ ، سۇيقەست پىلانلاۋىتىپمۇ ئاللاھنى ئىغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان ئاتالمىش تۈركىيە فىلىملىرى سىزدە ھىچقانداق تەسىر قوزغىمىدىمۇ ، مۇشۇنداق سۈكۈت ئىچىدە ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى قىممەتلىك ۋاقتىنى شۇ باش ئاخىرى چىقمايدىغان كىنو فىلىملارغا سەرپ قىلىپ قانچىلىك پۇل تىپىپ قانچىلىك ئابروي تاپتىڭىز .  

مەن بۇ سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق تۈرك مىللەتلىرى ھەم تۈركىيەدە ئىشلىنىۋاتقان فىلىملارغا قارشى چىقماقچى ئەمەس .  مەن پەقەت مىغىزىنى تاللاپ شاكىلىنى تاشلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن .   
تۈركىيەنىڭ ھەم تۈركلەرنىڭ بىزگە قالدۇرغان پايدىلىق تەسىرلىرىگە كۆز يۇمماي تۇرالمايمەن .  
تۈرك مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ۋە تۈرك تىلىنى ئۈگىنىش تولىمۇ ياخشى ئىش ،  لىكىن بىز ھەرۋاقىت ئۆزىمىزنىڭ جۇڭگو زىمىنىدا ياشاۋاتقان ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر مىللىتى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كىرەك . بىزنىڭمۇ نەچچە يۈز يىللاردىن كىيىن ئەۋلادلارغا ھىكايە قىلىپ ئوقۇپ بەرگۈدەك ئەنئەنىمىز ۋە خاسلىقىمىز ساقلىنىپ قالسۇن ، ئۆزىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايلى .  

ھاياتتىكى ھەر سېكۇنت ۋاقىتنىڭ ئاخىرىدا جاۋابىنى بىرىمىز .  يۈرىكىڭىزگە قول سىلىپ ئويلىنىڭ .  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-7 11:46 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nurjula + 50 قوللايمەن!ۋاقىت ئىسرا.
hapjuma + 126 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 176   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87088
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 403
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 12:10:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركىيە كىنولىرىدىن ‹‹ كورتلار ۋادىسى ›› دېگەندىن باشقىنى كۆرۈپ تاشلىمايمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91210
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-2-5
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 12:28:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ تۈركىيە فىلىملىرگە شۇنداق ئامراق،لىكىن بەزىدەشۇنداق ئويلىنىپ قالىمەن، تۈركىيە ئسلام دۆلىتى دەيدىكەنمىز لىكىن بەزى كىنولىرى شۇنداق ھاياسىز باللىرىم بىلەن كۆرۇشكەئامالسىز قالىمەن.مىنىڭ بۇ تۈركىيە دۆلىتىگە شۇنداق ھۆرمىتم بار،بولسا ئاشۇنداق ھاياسىز كىنونى ئشلىمسە ياخشى  بولىتى.

شۇ فىلىملەرنىمۇ قوشۇپ يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن  بىزمۇ كۆرۇپ باققان بولساق !

كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.  تۈركىيە يازغۇچىسى ؛ مۇھەممەد ئەكىف ئەرسوي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6167
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 12:40:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالقۇن رۇزى ئاكىمىزمۇ مەن نىمىشقا ئوبزۇر يازىمەن دىگەن كىتابنىڭ تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىق
بىزلەرگە نىملەرنى ئىلىپ كەلدى  ماقالىسىدە بۇ توغۇرلۇق خىلى تەپسىلى توختالغان
مەنمۇ كورتلار ۋادىسى فىلىمدىن باشقا فىلىملەرنى ئانچىكىن كۆرىپ كەتمەيمەن.
ئارمىزدا چۈشەنمەستىن قارغۇلاچە چۇقىنىدىغان قىلمىشلار بەك كۆپ ، قايسى كۈنى ساتىرچخانىدا
چاچ ياسىتىۋاتسام بىر ئايال بالىسنىڭ چىچىنى ياساتقىلى كىرىپتىكەن، ياندا تورغان بىركىشى
چاچ يۇيدىغان يەرگە بىرنى تۆكۇرپ قۇيۋىدى ئۇ ئادەم چىقىپ كەتكەندىن كىيىنى ئۇ ئايال كايىپلا
كەتتى . تۈركىيەدە ئۇنداق قىلسا بۇنداق بۇلىدىكەن ، ئاممىۋى سۇرۇنلاردا .........
بىر مۇنچە سۆلەپ كەتتى ........
قاچان تۈركىيە چىققان ئىدىڭىز ھەدە دەپ سورىسام مەن تۈركىيەگە چىقمىغان كىنۇلىرىدا شۇنداق دەيدۇ
تۈركىيەنىڭ پايتەختى قەيەر دىسەم ئىستانبۇل دەيدۇ
كۈلىپ كىتىمەن
تۈركىيەنى ئەجەپ ياخىش چۈشنىدىكەنسىز يۇ شۇ دۈلەتنىڭ پايـتەختنى بىلەميدىكەنسىز..
كىنۇلاردا ئۇنداق بۇنداق دەيسىز ، كىنۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئەينەن تۇرمىشىنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ دەپ بىرمۇنچە سۆزلەپ كىتىپتمەن .......
بىزدە قارغۇلارچە چۇقۇنۇش ھادىسى خىلى ئىغىركەن دەپ ھىس قىلىپ قالدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72566
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3101
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2012-1-4
ئاخىرقى: 2013-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 01:11:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق، مەنمۇ دەسلەپتە ئازىراق كۆرگەن، كېيىن  سىلەر دىگەندەك ۋاقىت بەك ئىسراپ بولۇپ كېتىدىكەن؛ئۇنىڭ ئۈستىگەچىقمىغان قىسىملىرىنى ساقلاپ ئادەم تەقەززا بولۇپ كېتىدىكەن،  ھەم مەزمۇنلىرىمۇ بەك ئالاھىدە ئەمەس؛ ئادەملىرى چۈشىنىكسىز، بىر قارىسا بەك ئەخلاقلىق، غورۇرلۇقتەك، يەنە بەزى گەپ سۆزلىرى، ئىش- ھەركەتلىرىدىن ساختا، شەخسىيەتچى، كۆپىنچىسى شۇنداق، ياۋرۇپا مەدەنىيىتىنى بىلەن ئارلىشپ كەتكەن؛شۇڭا ھازىر مەن قىززىقماس بولۇپ قالدىم. دائىم باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا، دۇنياسىغا ھەۋەس قىلىپ ياشىمىساقمۇ، بىزنىڭ ھالىمىزمۇ ئۇنچە ناچار ئەمەس، بىزدىمۇ ئۆزىمىز ئۈلگە ئالغىدەك ياخشى ئادەملەر خېلى كۆپ. ئەڭ ياخشى ھازىرنى، ئۆزىمىزنى، ئەتىراپىمىزدىكى يېقىن ئادەملىرىمىزنى قەدىرلەيلى.

بۈگۈن مەن ئىشخانىدىكى ئۇششاق ئىشلار بىلەن ئالدىراش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4510
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 01:13:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركىيە فىلىملىرى بىزگە غەرىپ مەدەنىيتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ تۈركىيەدە سىغىشىپ ئۆتۈۋاتقانلىقىدەك بىر ئەمەلىيەتنى كۆرسىتىپ بەردى دەپ قارايمەن .مەن تۈركىيە فىلىملىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق تۈركىيەلىكلەرنىڭ ئىسلام مەدەنىيتىگە قارىغاندا غەرىپ مەدەنىيتىگە بەكرەك مايىل ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم..................................يەنە نۇرغۇن...........ھىس قىلدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90922
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 190
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-1-31
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 01:50:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تۈركىيە فىلىملىرىنى كۆرمەيمەن،،بىكار ۋاقىت ئىسراپ قىلغۇم يوق،،لىكىن خەقلەر كۆرىدىكەنغۇ....كىنو كۆرۈش ۋاقىت ئۆتكۈزۈش دىمەكتۇر..ۋاقىت ئالتۇندىنمۇ قىممەت تۇرسا ھازىر،،

كۆك ئەتتىرگۈل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3505
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 02:04:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇنازىرە ھەقىقەتەن دەل ۋاقتىدا بوپتۇ . دىمىسىمۇ ھازىر تۈركىيە كىنولىرى ئەۋىج ئىلىپ كىتىۋاتىدۇ ..ىنىڭ چچ دا بىر تۇرۇك توردىشىم بار ، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ ھىس قىلغىنىم تۇرۇكلەرنىڭ ئىلمىيلىقى ، تىرىشچانلىقى . لىكىن ئۇلار كىچىك ئىشلارنى بەك زىغىرلاپ  كىتىدىكەن .

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 667
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2479
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 02:20:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادان!!!!!! تۈركىيىدىكى  مۇشۇ كىنوچىلىق  گىزىت دىگەنلەرنىڭ مۇھىملىرى يەھۇدىيلار قولىدا ! بۇنداق دىيىشىم  ئۇلارغا دۆڭگەپ  قۇيۇش ئۈچۈنمۇ ئەمەس  !  لىكىن  تۈركىيە نامىدا  كىرىۋاتقان بۇ ناچار فىلىملەر !  بىزنىڭ قەلبىمىزدە تۈركىيەگە  نىسبەتەن  سەلبىي چۈشەنچە ھاسىل قىلماقچى  !ئەقىللىق ئادەملەر بۇنى ھىس قىلالايدۇ ! ئەلۋەتتە  ياۋروپالاشقان  تۈركلەرمۇ  ئاز ئەمەس  !  بۇلار يۇقىرى تەبىقىنى مەركەز قىلىدۇ  !  ئەمما  ئۇتتۇرا تۆۋەن تەبىقە يەنىلا  ئىسلام چەمبىرىكى ئىچىدە  !
تۈركىيىنىڭ يىقىنقى  ئەردەغان تەخىتكە چىققاندىن بۇيان تۈركىيە مائارىپى ۋە قانۇنى ئسلام غا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ ! تۈركىيە ئىقتىسادىيمۇ تەرەققىي قىلىپ  رايونلۇق چوڭ  دۆلەت بولدى  ! بۇھال مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئەردوغان ۋە تۈركىيەگە نىسبەتەن  بىر خىل  يادرو دۆلەتكە  ئىنتىلىش تەك  ۋەزىيەتنى  شەكىللەندۈردى !  غەرىبلىك  دۈشمەن كۈچلەر بۇنىڭدىن بەك بىئارام  چۈنكى ئەردوغان ۋە پارتىيىسى بىر ئىسلام خەلىپىلىكى قۇرىمەن دەيدىغان ئادەم ۋە پارتىيە !  شۇڭا ئۇلار بار كۈچى بىلەن تەشۋىقات قوراللىرىدىن  پايدىلىنىپ  سوغۇقچىلىق  خۇنۈكلەشتۈرۈش ئىلىپ بارماقتا  !   ھەممىنىلا تۈركىيىكلەر قىلدى دەپ قالماڭلار  ! سىياسىي كاللىسى بار ئادەم  ئازراقلا كاللىسىنى ئىشلەتسە بۇنىڭ بىر ئويۇن ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايدۇ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-7 02:29 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
تۈركيار + 300 ئورتاق .........................

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئىسلامىيەت قۇياشقا ئوخشاشتۇر، پۈۋلىگەنگە ئۆچۈپ قالمايدۇ.كۈندۈزگە ئوخشاشتۇر ،كۆزنى يۇمۇۋىلىش بىلەن كىچە بولمايدۇ.كۆزىنى يۇمۇۋالغان پەقەت ئۆزى كېچىدە قالىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 433
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 02:26:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركىيە فىلىملىرنى ياخشى كۆرمەن

ھەربىريىڭى قەدەم ئالغىنڭدا ، باسقان قەدەملىرىڭ ئۈچۈن پۇشايمان يەيسەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش