ياۋرۇپالىقلارنىڭ تېرىسى 6مىڭ يىل بۇرۇنلا ئاقىرىشقا باشلىغان
ئامېرىكا ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئىنشانسۇناسلىق تەتقىقاتچىسى شىس.نورتۇن باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گورۇپپىسى ئۇزاق مەزگىللىك تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 6مىڭ يىلدىن 12مىڭ يىل ئىلگىرى ياۋرۇپالىقلارنىڭ تېرىسىنىڭ ھازرىقىدەك ئاق ئەمەس بولۇپلا قالماستىن، ياۋرۇپالىق كىشىلەرنىڭمۇ ئاق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان.
گىرمانىيدە چىقىدىغان"يەكشەنبىلىك دۇنيا گېزىتىدە" ژورنىلىدا "بىز ئۇزاق بولمىغان ۋاقتىنىڭ ئالدىدا قارا تەنلىك ئىدۇق'' دىگەن بىر پارچە ماقالە بىسىلغان بولۇپ، بۇ ماقالە نورتۇن باشچلىقىدىكى تەتقىقات گورۇپپسىنىڭ فىلادېلىغىيدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنشانسۇناسلىق يىللىق يغىنىدا ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىنى سىسىتىمىلىق شەرھىلەپ بەرگەن.
ئىلگىرى كىشلەر ياۋرۇپالىقلارنىڭ تېرسى ناھايتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىلا ئاقىرىش دەۋرىنى تاماملىغان بولۇپ، ئىھتىمال 40مىڭ ئەتىراپىدا بولىشى مۈمكىن دەپ قارىغان. ئەمما نورتۇن تەتقىقات گورۇپپىسىنىڭ تېرە رەڭگىنى بېكتىشىتكى بىردىنبىر ئۆلچىمى گىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بايقىشچە بۇ خىل گىننىڭ ئۆزگىرىشىگە كىتىدىغان ۋاقىت كىشىلەرنىڭ تونۇشدىن خىلىلا كىيىن تۇرغان.
بالقان يېرىم ئارىلى ۋە بۇنىڭدىن خىلى بۇرۇنلا يىراق شەرىققە يېتىپ بارغان شىمالى ياۋرۇپالىقلارنىڭ تېرە رەڭگىمۇ قارا ئىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تەلىماتلارنىڭ ھەممدىسىدە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 40مىڭ يىل ئەتىراپىدا ئۇلارنىڭ تېرە رەڭگى قارىدىن بارا-بارا ئاقىرىشقا باشلىغان دەپ قارالغان.ئەمما نورتۇن باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گورۇپپىسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشچە تېرە رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشىگە كەتكەن ۋاقىت خىلى كىيىن بولۇپ ئھتىمال يېڭى تاش قۇراللار دەۋىرىگە توغرا كىلىشى مۈمكىن ئىكەن.
"ئىھتىمال مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4مىڭ يىل ئەتىراپىدا ياۋرۇپالىقلارنىڭ تېرىسى ئاندىن ئاقىرىشقا باشلىغان"دېگەن بۇتىمىنى شىس.نورتۇن يەنە بىر قېتىم فىلادېلىفىيدىكى ئىنشانسۇناسلىق يىللىق يىغىنىدا تەكىتلەپ ئۆتتى.
نورتۇن تەتقىقات گورۇپپىسى ئىنسانلارنىڭ تېرە گىن ئۆزگىرىشىىگە سېستىملىق تەتقىقات ئىلىپ بىرىپ، بۇ خىل ئۆزگىرىش ۋاقتىنى قايتىدىن بىكتىپ چىقتى.
مەنبە:"ئىزدىنىش ۋە بايقاش" ژورنىلى 187ۋە 188بىرلەشمە سانىدىن تەرجىمە قىلىندى
探索与发现报第187-188期合订本