مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2015|ئىنكاس: 14

ئېلكىتاب-«ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 8615
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 11:44:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

未命名.JPG

ئىلاۋە:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!كىتابخۇمار قېرىنداشلار! بۇ قېتىم ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇلغىنى شىنجاڭ ئۇنېۋىرسىتىتىنىڭ پروفسسورى،مېھنەتكەش ئۇستاز غەيرەتجان ئوسماننىڭ "ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەرپتە "ناملىق ئىلمىي ئەسەر بولدى. بۇ ئەسەرنىڭ كومپىيوتىردا ئۇرۇپ كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنى بىر ۋاقىتلاردا بىر تور بېكەتتىن ساقلىۋالغان ئىكەنمەن. ئەپسۇس، گاۋاڭلىقىم تۈپەيلى، يوللانغان تور بېكەت ۋە يوللىغۇچىلارنىڭ ناملىرىنى ساقلاپ قويماپتىمەن.ئەمدى كېلىپ ئىزدەش ماتۇرلىرىغا مۇراجەت قىلىپمۇ بۇ تېمىنى تاپالمىدىم. بۇ كىتابنى خېلىدىن بېرى ئېلكىتاب قىلىش ئويۇم بار ئىدى. لېكىن باشقىلارنىڭ ئەجىرىگە خىيانەت قىلىپ قويارمەنمۇ؟ دەپ ئويلاپ خېلى ئۇزۇن ساقلاپ تۇردۇم. يا بۇ كىتابنى يوللىغۇچىلار بۇنى ئېلكىتاب قىلىپ تارقاتمىدى. يا مەن جۈرئەت قىلىپ بۇ ئىشنى قىلىپ كېتەلمىدىم. ئەمدى ئويلىنا-ئويلىنا يەنىلا بىلمخۇمار تورداشلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ دوستلىرىمىزنىڭ بۇ ماتىرىيالدىن پايدىلىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىش مەقسىتىدە ئېلكىتاب قىلىپ تارقاتتىم. ئېلكىتاب ئىشلەش جەريانىدا كەم قالغان جايلىرىنى رەسىملىك شەكىلدە نۇسخىلاپ تولۇقلىدىم. بىر قىسىم ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزەتتىم. شۇنداق قىلىپ بۇ ئېلكىتاب مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭدا ھېلھەم نۇرغۇن سەھۋەنلىكلەر بولىشى ئېھتىمال.ئەپۇ كۆزىدە قارىشىڭلارنى سورايمەن. ناۋادا تورغا يوللىغۇچىلار ياكى ئاپتۇرنىڭ بۇ كىتابنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىغا پىكرى بولسا، خەت قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ.باشقىچە پىكىرلەر بولسا كىتاب تارقىتىشتىن توختىتىلىدۇ. بۇ كىتاب پەقەت كۆپرەك كىشىلەرنىڭ بەھىرلىنىشى ئۈچۈن ھەقسىز تارقىتىلدى،ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەت قوغلىشىلمىدى. ۋاقىپ بولغايسىزلەر!

كىتابنىڭ ئاخىرقى سۆزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىكى بۇ كىتاب سىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىي ئىزلىرىنى چۈشىنىشىڭىزگە زور دەرىجىدە ياردەم بېرەلەيدۇ.

ئاخىرقى سۆز

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر بۆلۈك قەبىلە-ئايماقلىرى، ئۇرۇق-جەمەتلىرى، سودىگەر، جاھانكەزدىلەر، ئالىملار ۋە مۇساپىرلار، ھەربىيلەر ۋە ئەمەلدارلار خىلمۇخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز مىللىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىي ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، ياقا يۇرتلارغا چىقىپ جاھاندارچىلىق قىلغان. بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزى ياشاپ تۇرغان جايدىكى مىللەتلەرگە سىڭىپ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن، بەزىلىرى يېڭى مىللىي گەۋدىلەرنى ھاسىل قىلغان، يەنە بەزىلىرى مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ، ئۆزىنى ۋە مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغان.
ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قوشنا رايونلارغا چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى بۈگۈنكى كۈندە كۆپ سانلىق بىر مىللەت بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ياشاپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە بىر مىللىي گەۋدە سۈپىتىدە تۆھپە قوشقان بولسا، تېخىمۇ  ئەھمىيەتلىك، تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، تەسىرى چوڭ بولغان بولاتتى. ئەمما، تارىخ بەك مۇرەككەپ ۋە رەھىمسىز، شۇڭا ئىنسانلار دىققەت قىلمىسا ئۇنىڭ دولقۇنلىرىدا چايقىلىپ، ئەگرى-توقاي قىيالىرىغا ئۇرۇلۇپ، ھالاك بولۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.
بىز يىراق تارىخنى ئەمەس يېقىنقى زامان ئەسەرلىرىدىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن، باشقا يەردىكىنى قويۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ كېتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بىز بايان قىلغان ئومۇمىي مەزمۇندىن قىسمەن خۇلاسىگە ئىگە بولىمىز.
ⅩⅨ ئەسىردە ۋە ⅩⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. مۇبادا مۇشۇ سان خېمىرتۇرۇچ قىلىنىدىغان بولسا، ئىنسانلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى مىليوندىن ئاشقان بولاتتى. ئەمما، 1959- يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 100 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان، 1991- يىلى 249 مىڭ دەپ ئېلان قىلىندى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ ئۇيغۇرلار زادى نېمە ئۈچۈن كۆپەيمەيدۇ. بۇنىڭ بىر قانچە خىل سەۋەبى بار.
بىرىنچى، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، تاتار قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادا  مۇقىم ماكان تۇتقان ۋە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەرلىك مىللەتلەر ئۇيغۇرلار بىلەن ئىرق، تىل، دىن، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە يېقىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي مىللىي پسىخىكىسىدا ئۇيغۇرلارنى يەكلەش خاھىشى يوق، بۇ مىللەتلەردە يەنە ئۆزئارا نىكاھلىنىش ئاساسەن چەكلەنمەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا، نۇرغۇن ئۇيغۇر پۇقرالىرى ناھايىتى ئوڭايلا ئۇلارغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن.
ئىككىنچى، ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قىرغىز، قازاق قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىدە يېقىنقى زامان دۇنياسىدىكى مىللىي ئويغىنىش كېيىنرەك باشلانغان. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ تاكى ⅩⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكىگىچە بۇ مىللەتلەر ئۆزلىرىنى يەككە، مۇستەقىل مىللەت دەپ قارىماستىن، بەلكى دىنىي نۇقتىدىن «مۇسۇلمانلار»، ئىرق نۇقتىسىدىن «تۈركلەر»، ئۆز تىللىرىنى «تۈركىي تىل» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ قالغان. بۇ مىللەتلەر ئىچىدە «ئۇيغۇر» نامىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن، تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ تارىختا سەلتەنەتلىك رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئەمما يىپەك يولىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى، مالىمانچىلىقنىڭ كۆپىيىپ ئىقتىساد، مەدەنىيەتنىڭ چېكىنىشى ۋە ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە قېقىندا-سوقۇندا بولۇشى نەتىجىسىدە «ئۇيغۇر» دېگەن ئېتنىك نام 15-، 16- ئەسىرلەردىن كېيىن ئاساسەن گەنسۇدىكى بۇددىسىت ئۇيغۇرلاردىلا قېلىپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە بارا-بارا ئۇنتۇلۇشقا باشلىغانىدى»  1910- يىللاردىن سەل بۇرۇن «تارانچى بالىسى» مەن دەپ ئىلى ۋادىسىدىن يولغا چىقىپ، تەڭرىتاغلىرىنى ھالقىپ، ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئالىملارچە كۆز بىلەن كۆزەتمەك بولغان ئوت يۈرەك يىگىت نەزەرخوجا (1887 — 1951) ئاقسۇ دىيارىنىڭ مۇزداۋان يوقىرىسىدىكى بۇسوغىسىغا قەدەم باسقىنىدا چاچ-ساقاللىرى ئاقارغان، بەللىرى ئازراق مۈكچەيگەن بىر يەرلىك دېھقان بوۋاينىڭ «تارانچى بالىسى دېگىنىڭ نېمىسى، بىز ھەممىمىز ئۇيغۇر بالىسى» دېگەن ئاجايىپ ۋەزىنلىك ۋە ھېكمەت-پاساھەتكە تولغان سۆزىنى ئاڭلاپ، خۇددى بىر ئەڭگۈشتەر تېپىۋالغىنىغا ئوخشاش ئالەمچە شادلىققا تولۇپ، ئۆزىگە «ئۇيغۇر بالىسى» دېگەن تەخەللۇسنى قويۇپ، ئىلمىي ۋە بەدىئىي ئىجادىيەت سەھنىسىدە جەۋلان قىلىپ، ئۆز خەلقىنى ئويغاتماقچى بولغانىدى. لېكىن، ئۇيغۇرلار مۇشۇ ئەسىرنىڭ «30- يىللىرىدىن ئىلگىرى يەر ناملىرى بىلەن: ئىلىلىق، تۇرپانلىق، كۇچالىق، كاشغەرلىك، خوتەنلىك دەپ كىشىلەرنى ئاتاپ كەلگەن»  ئۇيغۇر نامى مىللىي نام قىلىنىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، بۇ نام كەڭ خەلق ئارىسىدا ئومۇملىشىشقا باشلىغان. ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز دېگەن ناملارمۇ سوۋېت ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئاندىن شۇ مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي مىللىي نامى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئۆز مىللىتى دائىرىسىدە ئومۇملىشىشقا باشلىغان. بۇ خىل ئەھۋاللار ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ مىللەتلەر ئارىسىدا مىللىي پەرقنى بەك كىچىك ھېس قىلدۇرۇپ، شۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشتا ھېچقانداق چەكلىمە پەيدا قىلمىغان.
ئۈچىنچى، ئۇيغۇر مىللىتىدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىقنىڭ ئەدەپ كېتىشى، ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ چىرىكلىشىپ، ئەمگەكچى خەلقنى قاتتىق ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشى، ئېزىلگۈچى خەلقنىڭ مىللىي روھىنىڭ قاتتىق سۇندۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر قاتار ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن، شىنجاڭدىن چىقىپ كەتكەن كىشىلەر ياقا يۇرتقا چىقىپ، ئازراق كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئۆز يۇرتى ۋە ئۆز خەلقىنى ئاساسەن ئۇنتۇپ كېتىشكەن.
تۆتىنچى، ئۆز يۇرتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت قالاق، ئاجىز، مالىمانچىلىق بىلەن تولۇپ تۇرۇشى، فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ چىرىك ۋە زوراۋان تەبىئىتىنى قىلچىمۇ ئۆزگەرتمەسلىكى، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك سىياسەت يۈرگۈزمەسلىكى ۋەتەندىن ۋاقىتلىق ئايرىلغانلاردا ئۆز يۇرتى ۋە ئۆز خەلقىگە تەلپۈنۈش، سېغىنىش ھېسسىياتىنى ئۇلغايتماستىن ئۇنىڭ ئەكسىچە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سۇسلاشتۇرۇپ قويغان.
بەشىنچى، چېگرا لىنىيىلىرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى، بىپايان چۆل-جەزىرىلەر، قاتمۇقات ئېگىز تاغلار، كۆز يەتكۈسىز ساي-جىرالار بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇشى، قاتناشنىڭ قولايسىزلىقى، ئىقتىساد ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبلىك ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى دەپ يۇرتتىن ئايرىلغانلارنىڭ ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىسى راۋان بولماي، بىر ئايرىلغان بويىچە مەڭگۈ ئايرىلىپ كەتكەن.
ئالتىنچى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللىي ھېسسىياتى سۇس بولغان. قاراخانىيلار سۇلالىسى ۋە قوچو ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك چۈشەنچىسى ۋە مىللىي ھېسسىياتى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان. قىتانلار، موڭغۇللار، چاغاتايلار، جۇڭغارلار، مانجۇلارنىڭ فېئودال ئاقسۆڭەكلىرى بىرىنىڭ كەيندىن بىرى ئۇيغۇر مىللىتىگە خالىغانچە ئۆكتەملىك قىلىپ، نېمىنى قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى قاتتىق بوزەك قىلغان ۋە دەپسەندە قىلغان، يۇرتمۇيۇرت قوغلاپ يۈرۈپ سەرسان-سەرگەردانلىقتا قالدۇرغان. ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆزىدىن پەخىرلىنىش، ئۆزىنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى قوغداش ئىمكانىيىتىدىن ئاساسەن مەھرۇم قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن مەشھۇر تارىخچى دەپ ئاتالغان موللا مۇسا سايرامى دۇنيا مىللەتلىرى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ⅩⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكىدە يېزىپ چىققان ئۇيغۇرنىڭ بىردىنبىر مۇكەممەل تارىخ كىتابى «تارىخى ھەمىدىي» (1908- يىلى يېزىلغان) دە «بۇ تارىخنى يېزىشتىكى ئەسلىي مەقسەت، تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئەھۋالى، پادىشاھ ۋە ئەمىر-ئۆمەرالىرى، دۆلەتكە ھۆكۈمران بولۇپ دۆلەت ۋە سەلتەنەت تاپقانلار ۋە ئۇلارنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى، نىشان، ئالامەتلىرى، سۆز-ماقالىلىرى قاتارلىقلارنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت. «قەدىمكى زامانلاردا ۋە تارىخ كىتابلىرىدا بۇ يەتتە شەھەر ‹موغۇلىستان› دەپ ئاتالغان. كونا ئىشەنچلىك ھۆججەتلەردىمۇ بۇ جاينىڭ ‹موغۇلىيە› تەۋەلىكىدە بولغانلىقى قەيت قىلىنغان»، دېگەندەك تۇتامى يوق گەپلەرنى يېزىپ قالدۇرىدىغان كەيپىيات شەكىللەندى. كېيىنكى زامانلاردا ئۇيغۇر خەلقى شۇ دەرىجىدە مىللىي مەدەنىيەت نامراتلىقىغا چۈشۈپ قالغانكى، ئۆزلىرىنىڭ ئىككى ئۇلۇغ ئالىمى مەھمۇد كاشغەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ۋە «قۇتادغۇبىلىك» لەرنىڭ قوليازما ياكى كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنى ئۆز يۇرتىدا ساقلاپ قېلىشقا قادىر بولالمىغان. مانا مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نادانلىق، ساۋاتسىزلىق، بىلىمسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بەزى كىشىلەر يۇرتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىدە مىللىي ھېسسىيات، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ مىللىي خاسلىقىنى يوقىتىپ قويغان.
يەتتىنچى، رۇسىيىدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلاپ، سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇلۇشى بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنى ئايرىشتىكى ئىلمىي بولماسلىق ئەھۋالى، بولۇپمۇ ستالىننىڭ مىللىي مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ماركسىزمدىن چەتلەپ كېتىشتەك خاھىشى، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇيغۇر مىللىتى بولۇشقا تېگىشلىك كىشىلەرنى مەجبۇرىي يوسۇندا ئۆزبېك مىللىتىگە قوشۇۋېتىشى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە ئازايتىۋېتىشكە سەۋەب بولدى.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە بىر قانچە سەۋەبلەرمۇ بار. بۇلارنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ ئولتۇرمىدۇق.
چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشى ئۆتمۈشكە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن، بۇ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن بىر تارىخىي ساۋاق بولۇشى كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيا ھەرقانداق بىر ئادەم مۇئەييەن بىر مىللەتكە ۋە بىر ماكان، بىر ۋەتەنگە مەنسۇپ بولغان بولىدۇ. مىللەت ۋە ۋەتەنگە تەۋە بولمىغان ئادەمنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس، ئادەم ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىسا ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ئۇ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆز مىللىتى، ئۆز يۇرتى، ئۆز ۋەتىنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئادەمنىڭ قىممىتى كۆرۈلىدۇ، ماھىيىتى ئېچىلىدۇ.


كىتابنىڭ چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://www.lopnuri.com/?p=2940




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-6 11:45 PM  


يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4445
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1665 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 12:20:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشۈرۋالدىم ،  مۇشۇنداق  كىتاپ  بولسىلا  بوش  قويمايمەنغۇ زادى  

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8001
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 12:23:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت،كۆرۈنمەس بولۇپ كەتتى دېسەك ئەسلىدە ئۈن-تىنسىز ئىشلەۋېتىپسىز ئەمەسمۇ!

كۈن ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كۈندۈز كەتكەندە،
ئاي ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كېچە يەتكەندە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 556
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 612 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 12:36:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ رەھمەت

ھەربىريىڭى قەدەم ئالغىنڭدا ، باسقان قەدەملىرىڭ ئۈچۈن پۇشايمان يەيسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73338
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3454
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-1-17
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 02:04:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاپ توغرىسىدىكى بايانلاردىن كىتاپنىڭ مەركىزى ئىددىيىسى يورۇتۇلۇپتۇ، ياخشى بىر تارىخ چۈشەنچىسىگە ئىگە بولدۇم. تېما ئېگىسىگە رەھمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawa0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-7 02:05 AM  


ماخمۇتجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87588
يازما سانى: 518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1097
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 09:48:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  رەھمەت جۇما

ئىنساندىكى ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر،ھاياسىز يۈز جانسىز جەسسەتكە ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90909
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 209
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2013-1-31
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 10:46:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەخمەت،چۈشۈرىۋالدىم .ياخشى كىتاپكەن.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1296
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 43467
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 8313 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 12:02:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمغا يېڭى ئەزا بولغان چاغدا،تۇنجى يوللىغان تېمام غەيرەتجان ئوسماننىڭ مۇشۇ كىتابىدىكى‹‹ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ سەددىچىن سېپىلىنى ياساشقا قاتناشقانلىقى ھەققىدە››دېگەن تېما ئىدى،شۇ چاغدا مۇنبەردە بەس-مۇنازىرە قىزىپ،شۇ تېمىغا ھەرخىل ئىنكاسلار چۈشكەن.
ياخشى كىتابنى بىزلەرگە سۇنغىنىڭىزغا رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 851
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3054
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 12:26:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىش قىلىپسىز.بىراق مەن چۈشۈرەلمەيۋاتىمەن.

http://news.bilimkuqi.com/?p=419

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 8615
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 09:35:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izqel يوللىغان ۋاقتى  2013-2-7 12:26 PM
ياخشى ئىش قىلىپسىز.بىراق مەن چۈشۈرەلمەيۋاتىمەن.

چۇشۇرەلمىگەن بولسىڭىز،ئېلخەت ئادىرىسىڭىزنى قالدۇرۇڭ.مەن ئەۋەتىپ بېرەي.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش