مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 479|ئىنكاس: 6

مەيلىمۇ (سۇلتاننۇر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87898
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2502
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 10:10:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەيلىمۇ

نۇر ئەھمەدجان روزى  سۇلتاننۇر

ئىھ،يار سىنىڭ دەردىڭنى،ئۆلگىچە تارتسام مەيلىمۇ،
ھەر كۈن سىنىڭ ئىشقىڭدا،قوشاق قاتسام مەيلىمۇ.

ھىجرانىڭدا قىينالغاچ،بىتاپ بولۇپ يىقىلدىم،
دەردىمگە ھىچ داۋا يوق،ئاغرىپ ياتسام مەيلىمۇ.

سەن بىرەر رەت كەلمىگەچ،دەرتلىرىمگە دەرمان بوپ،
يالغۇزلۇقتا باشقا  بىر ھەمراھ   تاپسام    مەيلىمۇ.

ئوخشىتاتتىڭ سەن مىنى،خۇشپۇراقلىق گۈللەرگە،
ئەمدى   ئاشۇ  پۇراقنى،خەققە  چاچسام    مەيلىمۇ.

ئۈمىد ئۈزۈپ سىنىڭدىن،يايرىم يوق دەپ يۈرۈپمەن،
يۈرەكىگە   ئۆزگىنىڭ،  ئوتلار  ياقسام   مەيلىمۇ.

چىدالامسەن سەن ماڭا،  سۆيسەم ئەگەر   باشقىنى،
تۈڭلۈكىدىن ئاي بولۇپ  ،  قىيا باقسام  مەيلىمۇ.

چىقىرۋىتىپ سۆيگۈڭنى،يۈرۈكۈمنىڭ قىتىدىن،
يەنە باشقا سۆيگۈگە ،  ئىشىك ئاچسام  مەيلىمۇ.

ساڭا  بەرگەن كۆڭۈلنى ،  بىرىپ  يەنە  باشقىغا،
ئوتتا  كۆيۈپ  سۈيىدە،  بىللە  ئاقسام  مەيلىمۇ.

توختا كۆڭلۈم بولدى بەس،مىنى تولا ئازدۇرما،
يارغا بەرگەن  ۋەدەمدىن  شۇنداق  يانسام  مەيلىمۇ.

لەۋزى ھالال ئەركەككە،  مەن  ساقلايمەن  يايرىمنى،
ئازدۇرسا گەر  شەيتانلار،  تاشنى ئاتسام  مەيلىمۇ.


2013-يىلى6-فىۋرال       (ئۈرۈمچى)



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32156
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3365 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 12:09:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توختا كۆڭلۈم بولدى بەس،مىنى تولا ئازدۇرما،
يارغا بەرگەن  ۋەدەمدىن  شۇنداق  يانسام  مەيلىمۇ.

لەۋزى ھالال ئەركەككە،  مەن  ساقلايمەن  يايرىمنى،
ئازدۇرسا گەر  شەيتانلار،  تاشنى ئاتسام  مەيلىمۇ.

   دىگەن مىسرالاردىكى مەزمۇن قارمۇ-قارشى بولۇپ قالدىمۇ قانداق.مەسىلەن؛

    لەۋزى ھالال ئەركەككە،  مەن  ساقلايمەن  يايرىمنى،   

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ماخمۇتجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87588
يازما سانى: 518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2013-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 09:52:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2013-2-7 12:09 AM
توختا كۆڭلۈم بولدى بەس،مىنى تولا ئازدۇرما،
يارغا بەرگ ...

مەنمۇ  شۇنداق  قاراشتا  لىكىن ياخشى يىزىلىپتۇ ،تىخىمۇ   تىرىشىڭ

ئىنساندىكى ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر،ھاياسىز يۈز جانسىز جەسسەتكە ئوخشايدۇ.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12389
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32435
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 10:36:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى يېنىك،يېقىشلىق،جەلپ قىلارلىق چىقىپتۇ شېئىرىڭىز،ھوزۇرلىنپ  ئوقۇۋەتتىم....

قەلىمىڭىز توختاپ قالمىغاي.....

مەخەت مۇئەللىم دېگەندەك‹‹لەۋزى ھالال ئەركەككە،  مەن  ساقلايمەن  يايرىمنى››دېگەن مىسرانى ‹‹لەۋزى ھالال ئەركەكمەن،  مەن  ساقلايمەن  يايرىمنى››دەپ ئالسىڭىز مۇۋاپىق بولغۇدەك....


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7508
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8914
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 791 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 11:30:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  كۆڭلۇمدىكىنىلا  يېزىپسىز،رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 02:50:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماخمۇت سۇلايمان مۇزىكا ئىشلەپ ئېيتسا بولغىدەك مۇشۇ تېمىدىكى ناخشىسىغا ئۇلاپلا ، ياخشى چىقىپتۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40157
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 739
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2011-5-9
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 07:19:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى دەرمەن تانساڭ مەندىن ئۇنتۇپ ۋەدىنى،
تاشلاپ كەتسەڭ مەيلى تاتسام سۆيگۈ دەردىنى.
قەدىرسىز قويسەڭ نە ئيتىمەن داتلاپ ئۆزگىگە،
بىلەرسەن بىركۈنى تاشلىغاننىڭ شۇ قەدرىنى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش