نىمە ئۇچۇن چىش سارغىيىپ كىتىدۇ
(تەرجىمە قىلغىچى: تىلماچ13)
بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ بەزىللىرىنىڭ چىشى ئاق بولسا،يەنە بەزىللىرىنىڭ چىشى سېرىق بۇلىدۇ. ئۇنداقتا چىش نىمە ئۇچۇن سارغىىيىپ كىتىدۇ؟ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەپتىن بۇلىدۇ:
1.ئېغىز بوشلىغىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلماي،ھەر كۈنى چىش چوتكىلىمىغاندا،چىشتا نۇرغۇن داغلار جۇغلۇشۇپ قالىدۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن،چىش چار ياكى سېرىق بۇلۇپ قالىدۇ.ۋاقىت ئۇزۇراپ كەتسە،ئاسانلا چىش چىرىش كېسەللىكىگە گىرىپتا بۇلىدۇ.چىشتا تۆشۇك پەيدا بولىدۇ.شۇڭا چۇقۇم ھەر كۈنى چىش چوتكىلاپ،ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقىنى ساقلاش لازىم.
2.بەزى رايۇنلاردىكى قۇدۇق سۇيى تەركىۋىدە فتور تەركىبى باھايتى يۇقۇرى بۇلۇپ،دۆلەت بەلگىلىگەن نۇرمال ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن.ئادەم داۋاملىق بۇنداق سۇنى ئىچىۋەرسە،بەدەندىكى فتور مىقدارى ئېشىپ كىتىدۇ.گەرچە فتورنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم بولسىمۇ،ئەمما بەك كۆپ بۇلۇپ كەتسە،سۆڭەككە چۆكۇپ قېلىپ،سۆڭەكنى سارغايتىۋىتىدۇ.فتور تەركىبى يۇقۇرى سۇنى داۋاملىق ئىچكەندە،چىشنى سارغايتىۋىتىدۇ.
3.ئۇششاق بالىلار تېتراسىكلىننى كۆپ يىگەندە چىشى سارغىيىپ كىتىدۇ.چۇنكى تېتراسىكلىن سۆڭەكتىكى كالتىسىي بىلەن بىرىكىپ،بىر خىل سېرىق رەڭلىك ماددا ھاسىل قىلىپ،سۆڭەكنىڭ ئىچىگە چۆكىدۇ.چىشقا بۇنداق ماددا چۆكۇپ قالسا،سارغىيىپ كىتىدۇ.شۇڭا ئۇششاق بالىلار تېتراسىكلىننى يىمەسلىكى كېرەك.
مەنبە: خەنزۇچە «يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-7 12:11 AM