مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3863|ئىنكاس: 62

ئۈچ مىليون خەجلەپ ھەقسىز كۈتۈپخانا ئاچقان ساخاۋەتچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88897
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 670
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2012-12-21
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 05:56:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىندا بىر تونۇشۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەدەنىيەت بوستانى» پىروگراممىسىنىڭ بىر ئالاھىدە سانىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ساندا خوتەن دىيارىدىكى پۇل تاپقاندا كۈتۈپخانا قۇرۇش ئارقىلىق، خەلقنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇشقا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشقان بىر ساخاۋەت ئىگىسىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ خىل ئېسىل پەزىلىتى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى ۋە چوڭقۇر ئويغا سالدى. شۇ ۋەجىدىن، بۇ پەزىلەت ئىگىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئويلىنىش تەپەككۇرىنى ئويغىتىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئادەم، ياخشى ئىش ھەرىكەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشنى لايىق تاپتىم.
فىلىمدە تونۇشتۇرۇلغان بۇ كىشىنىڭ ئىسمى تۇرسۇنتوختى ساۋۇر بولۇپ، ئۇ 24 يېشىدىن باشلاپ بېيجىڭ، خاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە يىپەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇلللانغان ۋە تۈركىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يىپەك مال ئېكىسپورت قىلغان.  تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۇ نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە بارغان ۋە ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقى ئۇنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان.
فىرانسىيەنىڭ بىر كوچىسىدا يۈز بەرگەن بىر كىچىك ۋەقە ۋە مېترودىكى كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان ھەمدە ئۇنى چوڭقۇر ئويغا سالغان.  ئاخىرى ئۇ مۇنداق بىر ھەقىقەتنى، يەنى، ئىنساننىڭ ئەمەلىيەتتە ئوخشاش يارىتىلىدىغانلىقى، پەقەت مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ياخشى-يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلىك مەدەنىيەت ساپا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، پەقەت كۆپلەپ كىتاب ئوقۇش، بىلىم ئېلىش ئارقىلىقلا ئىنساندا مەدەنىيەت ھاسىل بولىدىغانلىقىنى  تونۇپ يەتكەن.  ئەستايىدىل ئويلىنىش نەتىجىسىدە ئۇ بىر كۈتۈپخانا قۇرۇشنى پىلانلىغان ۋە ئون يىل پۇختا تەييارلىقتىن كېيىن  2012-يىلى خوتەن  شەھىرى گۈلباغ سودا سارىيىغا 350 كىۋادرات مېتىرلىق «ئىنساب ۋە ئىزدىنىش» كۈتۈپخانىسىنى قۇرۇپ چىققان. كۈتۈپخانا قۇرۇلغاندىن كېيىن  كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
كۆزىتىش ئارقىلىق، تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ئىنتايىن ئىشتىياقى بارلىقىنى ، لېكىن كىتاب سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ كۈتۈپخانىدا ئەركىن ئازادە  كىتاب ئوقۇشى ئۈچۈن كۈتۈپخانىغا چاي ئېلىش ئورنى بەرپا قىلغان. كېيىن بىر ياشانغان كىشىنىڭ قاتتىق ناننى چاي بىلەن يەپ ئولتۇرۇپ  كىتاب كۆرۈۋاتلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىچى سىيرىلغان ۋە ئۆز ئاشخانىسىدىن بىر قاچا تاماق ئېلىپ چىقىپ بۇ كىشىگە سۇنغان، بۇ ئىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ كۈتۈپخانا خېرىدارلىرىنىڭ سانى ئاۋۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندى ھەر كۈنى كۈتۈپخانىغا كېلىپ  ئىككى سائەتتىن ئارتۇق كىتاب ئوقۇغان ئادەمگە بىر ۋاق ھەقسىز تاماق ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ خالىسانە روھى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتقان. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندى خوتەن ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن قول يازما ۋە باشقا قەدىمكى ئەسەرلەرنى قىممەت باھادا سېتىۋېلىپ، كۈتۈپخانىغا جۇغلىغان ۋە خەلقنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغان ھازىر كۈتۈپخانىدىكى كونا قول يازمىلارنىڭ سانى ئون مىڭ پارچىدىن ئارتۇق، يېڭى كىتابلارنىڭ سانىمۇ بەش مىڭ پارچىدىن ئاشقان. ئۇنىڭ كۈتۈپخانا قۇرۇش ۋە قول يازمىلارنى جۇغلاشقا سالغان مەبلىغى تۆت مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ، خېرىدارلار ئۈچۈن ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرغان تاماق بۇنىڭ سىرتىدا ئەلۋەتتە.
خوتەن «ئىنساب ۋە ئىزدىنىش» كۈتۈپخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ھەر كەسپ كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى كىشىلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى. يېقىندا خوتەنگە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا كەلگەن بارلىق يازغۇچى-شائىرلار ۋە تەتقىقاتچىلار بۇ كۈتۈپخانىىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەشتى.
بۇ كۈتۈپخانىنىڭ قۇرۇلۇشى، يەنە خېرىدارلارنى ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلىشى خەلقنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش، كىتاب ئوقۇش ئىشتىياقى ۋە قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش ۋە كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاندىن سىرت، قول يازمىلارنىڭ توپلىنىشى مىللىتىمىزنىڭ قەدىمىي ئەسەرلەرنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىشقا پايدىلىق شەرت-شارائىتلارنى يارىتىپ بەردى.
ئىلقۇت بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى 2000-يىلىدىكى <«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» دىن «كىتابخۇمار ئۇيغۇرلار»غىچە> دېگەن ماقالىسىدا، ئۆزىنىڭ <كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار> دېگەن ماقالىدىن ئالغان تەسىراتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب كۆرمەسلىكىدىكى سەۋەبنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان ئىدى..
بىرىنچىدىن، ئۇيغۇرلار كىتابقا نىسبەتەن پەرۋاسىز ھالەتتە يەنى، ئۇيغۇرلار كىتابقا قىزىقمايدۇ(كۆپ ساندىكى). ئۇلار كىتابنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتمىگەن. كۈنلىرى دېگۈدەك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى(يېيىش، ئىچىش، كىيىش) بىلەنلا ئۆتۈپ كەتكەن.
ئىككىنچى، ئۇيغۇرلاردا پۇل يوق..
كىتاب تىلغا ئېلىنسا ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ پەرۋاسىزلىق قىلىشى ناتايىن. كىتاب كۆرىدىغانلار(بىر قىسىم)مۇ بار. ئۇلار كىتاب كۆرۈشكە شۇنچىلىك ھەۋەس قىلىدۇ، لېكىن ئۇلاردا كىتاب سېتىۋالغۇدەك پۇل يوق (شەخسەن ئۆزۈم مۇشۇ تۈرگە تەۋە). شۇڭا ئۇلار كىتاب سېتىۋېلىشقا پۇلى بولمىغاچقا كىتابخانىلارغا تىزىقلىق كىتابلارغا ھەۋەس بىلەن قارايدۇ لېكىن سېتىۋالالمايدۇ.
ئۈچىنچى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوقۇغىلى كىتاب يوق..
كىتابخانىلاردا تىزىقلىق كىتابلارنىڭ تۈرى ئاز، مەزمۇنى يېتەرسىز، سانى چەكلىك. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابقا بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىغان. ئۇلارنىڭ باشقا تىللار (مەسىلەن خەنزۇ تىلى)دىن خەۋىرى بولمىغاچقا پەقەت ئۇيغۇرچە كىتابلارغىلا قاراشلىق بولۇپ قالغان. باشقا تىللاردىكى نادىر كىتابلاردىن پايدىلىنالمىغان. شۇڭا ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ، مول مەزمۇنلۇق كىتابلارنى يېزىپ چىقىشىنى ياكى باشقىلارنىڭ باشقا تىللاردىكى نادىر كىتابلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تەلمۈرۈپلا ئۆتىدۇ.
خالاس......
مانا بۈگۈن تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئاكىمىزدەك قەلبى ياخشىلىق، مەرىپەت ئۈچۈن سوققان  بىر ساخاۋەت ئىگىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى  ئۇيغۇرلاردىكى كىتاب ئوقۇغىلى پۇل يوق ياكى ئوقۇغىلى كىتاب يوق ئەھۋاللارنىڭ ياخشىلىنىشىدا چوڭ رول ئوينىدى.
ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابقا نىسبەتەن ئەمەلىيەتتە ئۇنچە پەرۋاسىز ئەمەسلىكىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ئىنتايىن ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى  بايقايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن كىتابخانىلار ئېچىلىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش ئېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېتىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۆسۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك ساپايىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جەمئىيەت ۋە دەۋرنىڭ بىزگە قويۇۋاتقان تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، بىز پايدىلىق كىتابلارنى، كىتابخانىلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىشىمىز، ھەممىدىن مۇھىمى، كىتاب ئوقۇش ئېڭىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ جەمئىيەت ئالدىدىكى بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىشى، تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئاكىمىزدەك ئالىيجاناپ كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىش-ئىزلىرىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىپ، ياخشىلىقنى قوغلىشىپ تۇرۇپ قىلىدىغان، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى مۇقەددەس بۇرچ دەپ بىلىدىغان ساخاۋەت ئىگىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتىش ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى ئۇرغۇتۇشقا ئاز بولسىمۇ ھەسسە قوشۇشى كېرەك.  

مۇناسىۋەتلىك سىن ماتىريالى:



مەنبە:ئىلقۇت كارخانچىلار مۇنبىرى



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75088
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3508
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2013-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 08:41:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ياخشى ئىش ئىكەنغۇ بۇ.  ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا مەرىپەتپەر خەلق.  مۇشۇنداق ئىشلار كۆپرەك بولغۇسى.

(كىتاب ئوقۇشقا ئامراق، ئەمما كىتاب سېتىۋېلىشقا پۇل يوق، دېگەن گەپكە مېنىڭ پەقەت ئىشەنگۈم كەلمىدى.)

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20459
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 265
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 646 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 08:41:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91232
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2013-2-5
ئاخىرقى: 2013-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 08:45:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، ئاللا خالىسا ئەجىرىنى بىرىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15237
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7666
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3758 سائەت
تىزىم: 2010-10-26
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 08:46:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىنىپ كەتتىم،بۇ ئىشنى خېلى مەن مەن دىگەنلەرمۇ قىلىش ئەمەس ئويلاپمۇ قويمايدۇ،
ھەقىقەتەن ئىسىل ئادمكەن،ئاللا بۇ كىشىنىڭ بايلىقىنى زىيادە قىلسۇن،ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ئامىن!

بىر ئايالنىڭ غورورى بىر ئەركىشنى يامان يولدىن توسسا،بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان  يولدىن توسۇپ قالالايدۇ.

مۇنبەردە ئىتنىڭ باللىرى باركەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 846
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8085
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1946 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 08:50:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مانداق كىشلىرىمىزنى  ماختىساق بۇلىدۇ .   

چىشىمغا تەگمە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26614
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5301
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2011-1-17
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 09:01:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى ماختىغىدەك  ئەزىمەت دىگەن مۇنداق بۇلمامدۇ؟ياشاپ كىتىڭ ئەل ئوغلى . يىگىتتەك ئىش قىلىپسىز!   ئويغۇر  دىيارنىڭ پەخرى!

ياۋائەتتىر

تىل مىللەتنىڭ تى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33674
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4718
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3781 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 09:17:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ.ئاللاھ نىسىپ قىلسا خوتەنگە بېرىپ زىيارەت قىلىپ كېلىمەن.كىتابخانا -روھقا خىتابخانا.مۇشۇنداق ياخشى كىشىلەر بولغاچقا ئاللاھ ئەشۇ يۇرتقا بەركەت بەرگەن.قەشقەردىن سېسىق گەپلا ئەمەس،مۇشۇنداق ياخشى بايلار كۆپلەپ چىققان بولسا ھە !!!

ئىنساننىڭ ئىنساننى ئويغىتىشى-مانا بۇ مەرىپەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41690
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3184
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 09:57:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئىنساپ ۋە ئىزدىنىش  كۇتۇپخانىسىنىڭ بۇندىن كىينكى ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىخىمۇ راۋاج تىپىشىنى تىلەيمەن . بۇ كۇتۇپخانىغا بۇندىن كىيىن تىخىمۇ كۆپ كىتابخۇمار كىشلىرىمزىنىڭ قەدىمىنىڭ ئۇزۇلمەسلىكىنى تىلەيمەن .
    تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندىنىڭ تىننىڭ ساق -سالامەت، ئىشلىرنىڭ ئوڭۇشلۇق بولشىنى چىن دىلىمدىن ئۇمىد قىلىمەن .

ئەخمەقنىڭ سوئالىغا ئەڭ توغرا جاۋاب سۇكۇت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6855
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 10:19:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن مەڭگۈ قەدىلەشكە تېگىشلىك ئېسىل ئەزىمەت ئوغلىمىزكەن .  كىتاب ئوقۇش بىزگە ئۈچ ۋاق تاماققا ئوخشاش زۈرۈردۇر . خەلقىمىز كىتابخۇمار خەلق .. مۇشۇنداق ئۇنتۇلماس ئىشتىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر . ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش