:جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن590-نومۇرلۇق پەرمانى
‹‹دۆلەت ئىگىدارلىقى زىمىندىكى ئۆيلەرنى يىغىۋېلىش ۋە تۆلەم بىرىش نىزامى››
‹‹دۆلەت ئىگىدارلىقى زىېمندىكى ئۆيلەرنى يىغىۋېلىش ۋە تۆلەم بىرىش نىزامى››2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى گوۋۇيۈەن 141-قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىندا ماقۇللىنىپ ،ھازىر ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىندۇ.
زوڭلى ۋىن جىيا باۋ
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
بۇنىزام بەش باب 35ماددىدىن تۈزۈلگەن .
1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2- باب يىغىۋېلىش قارارى
3- باب تۆلەم
4- قانۇنىي جاۋاپكارلىق
5- باب قۇشۇمچە پىرىنسىپ
1. بۇنىزامنى تۈزۈشتىكى مەقسەد نېمە ؟
دۆلەت ئىگىدارلىقى زېمىنىدىكى ئۆيلەرنى يىغىۋېلىش ۋە تۆلەم بىرىش خىزمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ،ئاممىنىڭ مەنپئەتنى قوغداش ،ئۆي ئىگىللىرنىڭ قانۇنلۇق مەنپئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر نىزام تۈزۈلدى.
دۆلەت ئىگىدارلىقى زېمىنىدىكى ئۆيلەرنى يىغىۋېلىش ۋە تۆلەم بىرىشتە ئاۋۋال تۆلەم بىرىش ئاندىن كۆچۈرۈش پىرىنسىپى يولغا قۇيۇلىدۇ.
2. قايسى خىل ئەھۋالدا دۆلەت ئىگىدارلىقى زېمىنىدىكى ئۆيلەرنى يىغىۋېلىش قارارىنى چىقرىدۇ؟
دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندرۈش،خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جامائەت مەنپىئەتى ئۈچۈن ،تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلۈپ قالسا ،ئۆينى يىغۋېلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا ،شەھەر-ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆي يىغىۋېلىش قارارىنى چىقىرىدۇ.
1) دۆلەت مۇداپىيەسى ۋە دىپلۇماتىيە ئېھتياجى؛
2) ھۆكۈمەت تەشكىللەپ ئىجرا قىلغان ئېنىرگىيە ،قاتناش ،سۇچىلىق ،قاتارلىق ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلىشى ؛
3) ھۆكۈمەت تەشكىللەپ ئىجرا قىلغان پەن تېخنىكا ،مائارىپ ،مەدەنىيەت ،سەھىيە ،تەنتەربىيە ،مۇھىت ئاسراش،ئاپەتتىن ساقلىنىش ۋە ئازايتىش ،مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ،جەمىئىيەت پاراۋانلىقى ،شەھەر ئاممىۋىي ئەسلىھەلەر قاتارلىق ئامىمىۋىي ئىشلارنىڭ ئېھتىياجى ؛
4) ھۆكۈمەت تەشىكىللەپ ئىجراقىلغان كاپالەت خاراكتىرىلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئېھتىياجى ؛
5) شەھەر-يېزا پىلانلاش قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىللىرىگە ئاساسەن ،ھۆكۈمەت تەشكىللەپ ئىجرا قىلغان خەتەرلىك ئۆيلەر مەركەزلەشكەن ،ئاساسىي ئەسلىھەلەر قالاق بۆلەكلەردىكى كونا شەھەر رايۇنىنى ئۆزگەرتىپ سېلىش ئېھتىياجى
6) قانۇن ،مەمۇرىي قانۇن نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئىجدىمائىي مەنپەئەت ئېھتىياجى ؛
كاپالەت خاراكتىرلىك ئەمىن ئوتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى ،كونا شەھەر رايۇنىنى ئۆزگەرتىپ سېلىش چوقۇم شەھەر –ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرققىياتى يىللىق پىلانىغا كىزگۈزلىششى كېرەك.
ئۆي يىغىۋالغۇچى ئورۇن يىغىۋېلىش ،تۆلەم لايىھەسىنى بىكەتكەندە ،شەھەر-ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىش كېرەك . ،شەھەر-ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى تەشىكىللەپ لەيىھەنى ئىلمىي دەلىللەپ ئاشكارلاپ،ئاممىنىڭ پىكىرىنى ئېلىش كېرەك.
3. كۆپ سانلىق كىشلەر كونا شەھەر رايۇنىنى ئۆزگەرتىپ سېلىش تۆلەم لايىھەسىىگە قايىل بولىمىسا قانداق قىلىدۇ.
كونا شەھەر رايۇنىنى ئۆزگەرتىپ سېلىش ئېھتىياجى بىلەن ئۆي يىغىۋېلىشتا كۆپ سانلىق يىغىۋېلىنغۇچى يىغىۋېلىش ،تۆلەم بىرىش لايھەسىگە قايىل بولماي مەزكۇر نىزام بەلگىلىمىلەرگە (يەنى يۇقارقى 6تۈرلۈك)ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىسا شەھەر،ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يىىغۋېلىنغۇچى ۋە ئامما ۋەكىلى قاتناشقان گۇۋاھلىق ،دەلىللەش يىغىنى تەشكىللەش كېرەك ،ھەھمدە گۇۋاھلىق يىغىنى ئەھۋالىغا ئاساسەن لايىھەنى ئۆزگەرتىش كېرەك.ئۆي يىغىۋېلىش قارارى كوپ ساندىكى يىغۋېلىنغۇچىلارغا چېتىشلىق بولسا ھۆكۈمەت دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ بىكىتىش كېرەك .ئۆي قانۇنلۇق يىغۋېلىنغاندىن كىيىن دۆلەت يەر زىمىنىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىمىۇ ئۆز ۋاقتىدا قايتۇرۋېلىنىدۇ.
4. ئوي يىغۋېلىنغۇچى ئۆي يىغۋېلىش قارارىغا قۇشۇلىمسا قانداق قىلىدۇ؟
ئوي يىغىېلىش دائىرسى بىكىتىلگندىن كىيىن ،شۇ دائىرە ئىچىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇش قىلىش ،قۇرۇلۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ،ئۆزگەرتىش،ئىشلىتىش ئورنىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۆلەم پۇلى بىرىشكە بولمايدىغان ھەركەتلەرنى قىىلىشقا بولمايدۇ.بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغاتۆلەم پۇلى بىرىلمەيدۇ.
شەھەر ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەرپىدىن چىقىرىلغان ئۆي يىغۋېلىش قارارىغا قۇشۇلىمغان يىغۋېلىنغۇچى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ،قانۇنىي بويىچە مەمۇرىي دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.
5. تۆلەم دائىرىسى نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؟
ئۆي يىغۋېلىش قارارى چىقارغان شەھەر،ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يىغۋېلىنغۇچىلارغا بىرىدىغان تۆلەم دائىرىسى ؛
1) يىغۋېلىندىغان ئوي باھاسى تۆلىمى .
2) ئۆي يىغۋېلىش سەۋەبلىك كىلىپ چىققان چېقىش -كۆچۈرۈش ۋاقىتلىق جايىلىشىش تۆلىمى.
3) يىغۋېلىشتىن كىلىپ چىققان ئىشلەپچىقىرشتىن توختاش زىيان تۆلىمى .
4) يىغۋېلىندىغان شەخسىي تۇرالغۇلارغا قارىتا يىغۋېلىنغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق تۇرالغۇ كاپالەت شارائىتىنى ئۆي يىغۋېلىشنى قارار قىلغان شەھەر ،ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالدىن ئىتىبار قىلىش ئارقىلىق ھازىرلاش كېرەك.
يىغىۋېلىنغان ئۆينىڭ تەننەرىخ تۆلىمى ئۆي يىغىۋېلىش قارار قىلىنغان مەزگىلدىكى يىېغۋېلىنغان ئۆي تۈرىنىڭ شۇ يەردىكى بازار باھاسىدىن تۆۋەن بولماسلقى كېرەك. باھالاپ بىكتكەن ئۆينىڭ تەننەرخىگە قايىل بولىمغانلار ئۆي زىمىن باھالاش ئاپپاراتلىرىغا قايتا باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.قايتا باھالاپمۇ يەنە قايىل بولىمىغانلار ئۆي-زېمىن باھالاش مۇتەخەسسىلەر ھەيئىتى كىڭشىگە باھالاپ بىكىتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
6. سۇئال: تۆلەمىنى ئېلىش شەكلى قانچە خىل بولىدۇ ؟
يىغۋېلىنغۇچى نەق پۇل ئېلىشنى تاللىسىمۇ ياكى ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىنى تىگىشىشىنى تاللىسىمۇ بولىدۇ.كونا شەھەر رايونلىرى شەخسى تورالغۇنى ئۆزگەتىپ يىغۋېلىش سەۋەپلىك ،يىغۋېلىنغۇچى ئۆزگەرتىپ سېلىنماقچى بولغان ئۆينىڭ مۈلۈك ھوقۇقىغا تىگىشىشنى تاللىسا ،يىغۋېلىش قاراى چىقارغان شەھەر،ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆزگەتتىپ سېلىش باسقۇچى ياكى كۆچۈرۈش باسقۇچىدا ئۆي بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
ئۆي يىغۋېلىش سەۋەپلىك كىلىپ چىققان چېقىش كۆچۈرۈش ئشىدا ئۆي يىغۋېلىش تارماقلىرى يىغۋېلىنىۇچىغا قارىتا چېقىش كۆچۈرۈش چىقىمىنى ئۆزۋاقتىدا بىرىشى ، ئۆي مۈلۇك تىگىشىشىنى تاللىغان بولسا مۇلۇك مۈلۈك ھوقۇقى تىگىشىلگەن ئۆينى تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن ئۆي يىغىۋېلىش تارماقلىرى يىغۋېلىنغۇچىغا ۋاقىتىلىق جايلىشىش پۇلىنى بىرىشى ياكى ئوتۇۇرپ تۇردىغان ئوي بىلەن تەمىنلشى كېرەك.
7. ئۆي يىغۋېلىشتىكى كىلشىمنىڭ مەزمۇنى نېمىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ؟
ئۆي يىغۋېلىش تارماقلىرى بىلەن يېغۋېلىنغۇچى مەزكۇر نىزامنىڭ بەلگىللىرىمى بويىچە تۆلەم ئۇسۇلى ۋە تۆلەم پۇلى تاپشۇرۇش ۋاقىت چەكلىمسى مۈلۈك ھوقۇقى تىگىشىلگەن ئۆينىڭ ئورنى ۋە كۆلىمى ،چېقىپ كۆچۈرۈش چىقىمى ،ۋاقىتىلىق جايلىشىش چىقىمى ياكى ۋاقىتىلىق ئۆيدە ئولتۇرۇش چىقىمى ،ئىشلەپچىقىشتىن توختاش زىينى ،چېقىپ كۆچۈرۈش ۋاقىت چەكلىمىسى ،ئۆتكۈنىچى ئۇسۇل ۋە ئۆتۈش مۆھلىتى قاتارلىق ئىشلار بويىچە تۆلەم كىلشىمنامىسى تۈزۈش كېرەك.
ئۆي يىغۋېلىشتا ئاۋۋال تۆلەم بىرىش ،ئاندىن كۆچۈرۈش يولغا قۇيۇلىدۇ ،ئۆي يىغۋېلىش قارارى چىقارغان شەھەر ،ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلرى يىغۋېلىنغۇچىغا قارىتا تۆلەم پۇلى بەرگەندىن كىين تۆلەم كىلشىمى بەلگىلىمىسى ياكى تۆلەم قارارىدا بىكىتىلگەن مۆھلەت ئىچىدە چىقىپ –كۆچۈپ كىتىشى كېرەك.
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ زورلۇق قىلىش ،تەھدىت سېلىش،ياكى قانۇنسز بەلگىلىمە ئارقىلىق سۇ ،توك ،پار گاز بىلەن تەمىللەش ،ئالاقە قاتناش يولىنى ئۈزۈپ قۇيۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يىغۋېلىنغۇچىنى كۆچۈپ چىقىپ كىتىشكە قىستاش ،شۇ خىل پائالىيەتكە قاتنىشىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.
8. يىغۋالغۇچى تەرەپ ياكى ئۇنىڭ خادىملىرى مەزكۇر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا قانۇنىي جاۋاپكارلىقى قانداق سۈرۈشتۈرلىدۇ؟
زورلۇق قىلىش ،تەھدىت سېلىش،ياكى قانۇنسز بەلگىلىمە ئارقىلىق سۇ ،توك ،پار گاز بىلەن تەمىللەش ،ئالاقە قاتناش يولىنى ئۈزۈپ قۇيۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يىغۋېلىنغۇچىنى مەجبۇرى كۆچۈرۈپ زىىيان پەيدا قىلغان بولسا قانۇن بويىچە زىيان تۆلىمى مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈسىتگە ئالىدۇ . بىۋاستە مەسئۇل خادىملار ۋە بىۋاستە باشقۇرغۇچىلار جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە چارە كۆرىلىدۇ.
34-ماددا :ئۆي-زېمىن تەننەرخى باھالاش تارماقلىرى ياكى ئۆي زېمىن باھالاش مۇتەخەسىسلىرى ساختا ياكى زور دەرىجىىدە خاتا باھالاش دوكىلارتى سادىر قىلغان بولسا ،ئىسپات –سالاھىيەت بېكىتىش تارماقلىرى تەرپىدىن تۈزىتىشكە بۇيرىلىدۇ.ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلىدۇ.ئۆي –زېمىن باھالاش تارماقلىرىغا 50مىڭ يۈەندىن يۇقۇرى 200مىڭدىن دىن تۈۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. باھالاش مۇتەخەسىسلىرىگە 10يۈەندىن يۇقۇرى 30مىڭدىن تۈۋەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ .ھەمدە ئۇچۇر ئارخىبىدا ساقلىنىدۇ.قىلمشى ئېغىرلارنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى تۇتۇپ قېلىنىدۇ،ياكى بىكار قىلىندۇ. زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ قانۇنىي زىيان تۆلىمى مەسئۇلىيتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. جىنايەت شەكىللەرندۇۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
مەزكۇر نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ .كونا نىزام يەنى 2001-يىلى 6-ئاينىڭ 13كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان ‹‹شەھەر ئۆي چېقىش –كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامى ›بىردەك ئەمەلدىن قالىدۇ.مەزكۇر نىزام يولغا قۇيۇلۇشتىن بۇرۇنقى قانۇنلۇق ئۆي چېقىش –كۆچۈرۈش ئىجازەتتنامسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر داۋاملىق ئەسلىي بەلگىلىمە بويىچە ئېلىپ بېرلىدۇ.بىراق ھۆكۈمەتكە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەجبۇرلاپ چېقىش كۆچۈرۈشكە يول قويماسلىقى كېرەك.
مەنبە:
‹‹دۆلەت ئىگىدارلىقى زىمىندىكى ئۆيلەرنى يىغىۋېلىش ۋە تۆلەم بىرىش نىزامى››دىن ئېلىندى..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARAL52 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-6 05:29 PM