مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2446|ئىنكاس: 18

چاقمىقى چېقىلمىغان مىلتىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 11:32:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                     چاقمىقى چېقىلمىغان مىلتىق
   نىياز دېھقان قۇمۇل قالغايتىدا ئولتۇرۇشلۇق دىنني ئۆلىما ئائىلىسىدە 1882- يىلى دۇنياغا كېلىدۇ . نىياز دېھقان كىچىكىدىنلا زېھنى ئۆتكۈر بالا بولۇپ ، ساۋاتىنى چىقىرىپلا ھېسابات ئىشلىرىغا كىرىشىدۇ ، ۋە دادىسىنىڭ سودا - سېتىق ئىشلىرىنى مۇستەقىل باشقۇرىدۇ . ئۇ سودا بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىلدە كۆپنى كۆرگەن ، كۆپنى بىلگەن ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدىكى كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيگەن . ئاخىرقى ھېسابتا ئۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تەڭسىزلىككە نىسبەتەن يېڭى بىر قاراشقا ئىگە بولغان .
    1912 - يىلى 1 - ئايدا تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدا زۇلۇمغا قارشى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلايدۇ . نىياز دېھقان قوزغىلاڭغا قاتنىشىش ئۈچۈن تاراتىدىكى يېقىن دوستى خوجىنىياز پالۋان بىلەن ئالاقىلىشىدۇ ۋە ئىككىسى قوزغىلاڭغا قاتنىشىش ئۈچۈن قىلىچ ، مىلتىقىنى ئېلىپ يولغا چىقىپ ، ئاقچۇق سېيىغا كەلگەندە ، قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇشقا كەلگەن چىرىكلەرگە ئۇچراپ قالىدۇ - دە ، ئىككەيلەن چىرىكلەرگە ئات سالىدۇ ، بىر مەيدان جەڭدىن كېيىن چىرىكلەر تىرىپىرەن بولۇپ قېچىشىدۇ . ئۆزىنى چوڭ قوشۇن زەربىسىگە يولۇقۇپ قالدۇق ، دەپ ھۆركىرىگەن چىرىكلەر ئېسىنى يىغقىچە بۇ ئىككەيلەن كۆزدىن غايىپ بولىدۇ .
   نىياز دېھقان قوزغىلاڭغا قاتناشقاندىن كېيىن ھەر قايسى جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ ، قوزغىلاڭچىلار ئارىسىدا يۇقۇرى ئابرويغا ئېرىشىدۇ . كېيىنچە ئۇ توپ بېشى بولىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن  ئۇ ئەل ئارىسىدا " نىياز دېھقان " دەپ ئاتىلىدۇ . 1913 - يىلى تۆمۈر خەلىپە ياڭ زېڭشىنغا ئالدىنىپ ئۈرۈمچىگە ماڭماقچى بولغاندا ، نىياز دېھقان تۆمۈر خەلىپىگە " - بارماڭ ، ياڭ زېڭشىننىڭ ۋەدىسى يالغان ، بۇ بىزگە قويۇلغان بىر قىلتاق ، سىز ئۈرۈمچىگە بارماڭ ، بارسىڭىز يامان ئاقىۋەتكە قالىسىز " دەيدۇ . تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىگە بېرىشتىن يانمايدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن نىياز دېھقان ئەمدى مەن كېيىنكى ئىشلارغا ئارىلاشمايمەن ، دەپ تاغ ئىچىگە يۇشۇرىنىدۇ . نىياز دېھقان يۇشۇرۇنۇپ يۈرۈپ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئامان قالىدۇ . ئۇ ئاخىر ئائىلىسىگە كەلگەندىن كېيىن دېھقانچىلىق ۋە سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . كېيىنكى ۋاقىتتا شامەخسۇت ۋاڭ نىياز دېھقاننىڭ يۇرتتىكى يۇقىرى تەسىرى ، ئابرويىغا قاراپ ، ئۇنى قالغايتىدىكى ۋاڭ ئوردىسىغا قاراشلىق يەرلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەيدۇ . نىياز دېھقان ئۇستا مەرگەن بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى يېتىلگەن ئەل نەغمىچى ئىدى .  ئۇ قۇمۇل 12 مۇقامىنى ئوبدان بىلەتتى ، غېجەك بىلەن 12 مۇقامنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالاتتى .
    1931 - يىلى 4- 4- كۈنى قۇمۇل دېھقانلىرىنىڭ زۇلۇمغا قارشى قوزغىلىڭى شوپۇل يېزىسىدىن باشلىنىدۇ . نىياز دېھقان قوزغىلاڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئادەم تەشكىللەپ ، قوشۇننىڭ زورىيىشىغا ياردەم بېرىدۇ . 1931 - يىلى 5- ئايدا نىياز دېھقاننىڭ ئۇكىسى قاسىم پالۋان 400 دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچىنى تەشكىللەپ ، قارامۇقچا جېڭىغا ئاتلىنىدۇ . نىياز دېھقان پۇقرالارنى بېخەتەر جايغا كۆچۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ . بۇ چاغدا شەھەردىن نۇرغۇن چىرىكلەرنىڭ شەرق تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقنى ئاڭلايدۇ - دە ، بىر نەچچە ئادەمنى باشلاپ ، تاشيول بويىدىكى سەيخۇميۇ مەھەللىسىگە پىستىرما قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ ، چىرىكلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ . قاراڭغۇ چۈشكەندە چىرىكلەر بۇ يەرگە يېتىپ كېلىدۇ . نىياز دېھقان ھەمراھلىرى بىلەن چىرىكلەرنى ئوققا تۇتىدۇ . بىردەملىك ئېتىشىشتىن كېيىن چىرىكلەر 10 نەچچە ئادىمىنىڭ ئۆلۈكىنى تاشلاپ شەھەر تەرەپكە قاچىدۇ . 2 - كۈنى ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن ئۇكىسى قاسىم پالۋان جەڭ قىلىۋاتقان قارامۇقچىغا بارىدۇ . ئۇ جەڭ مەيدانىدا چىرىكلەرنىڭ ئۆلۈكىنى كۆرىدۇ ۋە ئۇكىسى قاسىم پالۋاننىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ، چىرىكلەر قاسىم پالۋاننىڭ كاللىسىنى كېسىپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ۋە شۇ جەڭدە ئىلى پەلۋان ئىسىملىك قۇمۇلدىن ياردەمگە كەلگەن چىرىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ، دۈشمەنلەر ئۇنىڭ قۇلىقىنى كېسىپ ، ئۆزىنى قۇمۇل كونا شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ ، دەرەخكە باغلاپ قويۇپ ، تىرىك تۇرغۇزۇپ تېرىسىنى سويۇپ قىيناپ ئۆلتۈرۈپ ، ئۆلۈكىنى تامغا ئارتىپ قويغانلىقىنى ئاڭلايدۇ . غەزەپكە كەلگەن نىياز دېھقان ھەمراھلىرى بىلەن قالغايتىغا قايتىپ ، ئاكىسى تاھىر ھاجى ، ئابدۇللا ئاخۇن ، ئابدۇگۈلى ئاخۇن ( مەشھۇر سۇنۇقچى ) ، ئوغۇللىرى تۇرسۇن ئاخۇن ، كىچىك ئاخۇنلار بىلەن قوزغىلاڭچى قوشۇننى زورايتىش ۋە قالغايتىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ . قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇشقا كەلگەن چىرىكلەرنى توسۇپ زەربە بېرىدۇ . شۇ بىر قېتىملىق جەڭدە نىياز دېھقان ئازلا ئادەم بىلەن تەدبىرلىك جەڭ قىلىپ ، 300 دەك دۈشمەننى ئېغىر تالاپەتكە يولۇقتۇرىدۇ . 100 تالدىن ئارتۇق قۇرال - ياراغ ، ئوق - دورا غەنىيمەت ئالىدۇ .
   1932 - يىلى كۈزدە نىياز پالۋان خوجىنىياز ھاجىلار بىلەن بىرلىكتە دۈشمەنگە تاغ ئىچىدە قوغلاپ يۈرۈپ زەربە بېرىپ ، كۈشتە ئېغىزىغا كەلگەندە ، چىرىكلەرنىڭ ئىككى نەپەر ئوفىتسېرىغا يولۇقىدۇ ( بۇ ئىككى كىشىنىڭ بىرى شىڭ شىسەي ، يەنە بىرى ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچىسى ئىدى ) . نىياز دېھقان ئۇلارنىڭ بىرىنى قارىغا ئېلىپ مىلتىقىنىڭ تەپكىسىنى باسقاندا ، مىلتىقىنىڭ چاقمىقى چېقىلمايدۇ . نىياز دېھقان مىلتىقىنى ئوڭشاپ بولغىچە ، ئۇلار قېچىپ كېتىدۇ . كېيىن نىياز دېھقان قولغا ئېلىنىپ ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە قامالغاندا ، نىياز دېھقاننى شىڭ شىسەي ئۆزى سوراق قىلىپ ، " سەن ئەينى ۋاقىتتا مېنى نېمىشقا ئاتمىدىڭ ؟ " دەپ سورايدۇ . نىياز دېھقان : " سېنىڭ ئەجىلىڭ توشمىغانىكەن ، شۇڭا مىلتىقنىڭ چاقمىقى چېقىلماي قالدى . ئۇنداق بولمىسا سېنى ئاتماي قوياتتىممۇ ؟ " دەپ جاۋاب بېرىدۇ .
   خوجىنىياز ھاجى بىلەن شىڭ شىسەي بېتىم ئىمزالىغاندا ، نىياز دېھقان قوشۇلمايدۇ . نىياز دېھقان : " بىز تۆمۈر خەلىپە پاجىئەسىدىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك ، ئىنقىلاب قىلىدىكەنمىز ، ئىنقىلابنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك ئىدى . شىڭ شىسەي بىلەن ياڭ زېڭشىن ئوخشاشلا بىر ئادەم . بىز شىڭ شىسەي بىلەن بىرلەشسەك ، ئاقىۋېتىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولالمايمىز " دەيدۇ . بىراق ، كېلىشىم ئىمزالىنىۋېرىدۇ . نىياز دېھقان خوجىنىياز ھاجىغا " مەن ئەمدى سىلەر بىلەن بىللە بولالمايمەن . سىز تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدىڭىز ، سىزنىڭ ماڭغان يولىڭىز خەتەرلىك " دەپ ئۈرۈمچىگە بارماي ، قۇمۇلغا قايتىپ كېتىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، 20 - 30 دەك يىگىتنى باشلاپ قۇمۇلغا كېتىدۇ .
   1937 - يىلى شىڭ شىسەي ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ خوجىنىياز ھاجى قاتارلىق كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلايدۇ . قۇمۇلدىكى شىڭ شىسەينىڭ گۇماشتىسى ھاشىم ھاجىمۇ ئادەم تۇتۇشقا باشلايدۇ . نىياز دېھقاننى تاشقى مۇڭغۇلىيىگە چىقىپ كەتتى دەپ ئويلاپ ئىزدىمەيدۇ . نىياز دېھقان تاغ ئۆڭكۈرلىرىدە يۇشۇنۇپ نەچچە ئايلارنى ئۆتكۈزىدۇ . بىر كۈنى ئوغلى تۇرسۇن ئاخۇن يېمەكلىك ئېلىپ ، ئاتقا مىنىپ تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى تاغقا كېتىۋاتقاندا ، بىر يامان نىيەتلىك ئايال كۆرۈپ قالىدۇ ۋە ئۇنى شىڭ شىسەينىڭ ئىشپىيونلىرىغا خەۋەر قىلىپ قويىدۇ . ھاشىم ھاجى ئۇنىڭ بالىلىرىنى تۇتۇپ قۇمۇلغا ئەۋەتىدۇ . " بالىلىرىم رىيازەت چەكمىسۇن ، ھەر ئىش بولسا ماڭا " دەپ چوڭ ئوغلى تۇرسۇن ئاخۇننىڭ توسۇشلىرىغا قارىماي تۈرمىگە بارىدۇ . نىياز دېھقان تۈرمىگە بارغاندىن كېيىن بالىلارنى قويۇپ بېرىدۇ . كېيىن ئۇنى ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېتىدۇ . نىياز دېھقان 1938 - يىلىنىڭ ئاخىرىدائۈرۈمچىدە تۈرمىدە ئۆلتۈرىلىدۇ .
    مەنبە :   " شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر "  ئاپتورى : شېرىپ نىياز خۇشتار .  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى  2003 - يىل 1- ئاي 1- نەشرى ، 1- بېسىلىشى .      ياقتۇرۇپ يوللىغۇچى : ئەبەي تارىم .   2013 - يىل 2- 6 - كۈنى .    شەھىرى شىخو . ( سەھىپە ئېھتىياجى بىلەن بىر قىسىم جايلىرى قىسقارتىلدى .) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abaytarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-6 11:33 AM  


يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1874
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4855
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 02:44:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چالا تەككەن  ئوق دىگەن ئەسەردىكىدەكلا  ئىش  بوپتۇ ، بۇ تۇڭگۇزنىڭ  ئەجلى توشماپتىكەن ، بولمىسا ..........

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26361
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 02:50:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil77 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-6 02:09 PM
شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ بىرلىك ئېڭى خېلى كۈچلۈك ...

باغداش تورىدا قومۇللۇقلار خېلى ھۆركىرەۋاتىدۇ، بولمىسا قومۇللۇقلارنى يەنە بىر ئىشقا سېلىپ باقامدۇق يا؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90296
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 329
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2013-1-19
ئاخىرقى: 2013-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 03:22:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللىغان تىمىڭىزغا رەھمەت قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن . نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 03:52:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90005
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 04:38:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىياز دېھقاننىڭ مىلتىقىنىڭ چاقمىقى چېقىلغان بولسا شىڭ شىسەي دوزىخىنىڭ ۋە باشقا ھارىمىلارنىڭ دەردىنى تارىتماس ئىدۇق................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73890
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3323
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2014-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 04:57:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي تارىخ   ........نىياز دىھقان ئەقىللىق ئادەم ئىكەنتۇق بۇلمىسا قىلتاقنى بىلگەندىكىن  خوجىنىياز ئاكاممۇ قىزىقكەن دىسە  تۇمۇركامدىن ئىبرەت ئالماي................

hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 06:32:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84961
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 323
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2012-9-11
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 06:36:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Naprat2009 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-6 02:50 PM
باغداش تورىدا قومۇللۇقلار خېلى ھۆركىرەۋاتىدۇ، بولمى ...


نىمە دېگىنىڭىز بۇ، ئۇيغۇرنىڭ ئىشى قۇمۇللۇقلارغا ھۆددە ئەمەستۇ؟ سىز بىلەن بىزنىڭمۇ قولىمىزنىڭ بارمىقى بەش بولغاندىكىن ئۆزىمىز قىلالايدىغاننى ئۆزىمىز قىلايلى-دە، قېرىندىشىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-6 06:37 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67705
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3263
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2011-11-30
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 06:57:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil77 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-6 02:09 PM
شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ بىرلىك ئېڭى خېلى كۈچلۈك ...

گەپنى قىلىپ  قورقۇپسىز  ھە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش