شېنجىننى چۈشۈنۈشنى خالامسىز ؟
شىنجىندا تۇرىۋاتقىلى مانا ھەش - پەش دىگۈچە تۆت ئاي بولۇپ قاپتۇ ،بۇ جەرياندا بۇيەردىكى خەنزۇلار مىنى بىۋاستە زاۋۇتلارغا ئاپىرىپ ئۈسكىنىلەرنىڭ تېخنىكىلىق ياسىلىش جەريانى ، ئىشلىتىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۈگۈتۈپ كەسپى بىلىملىرىمنى خىلى موللاشتۇردى .گەرچە يىمەك - ئىچمەكتىن بىر ئاز قىينىلىپ كۆڭلۈپ تاتقان تاماقلارنى يىيەلمىگەن بولساممۇ بۇرۇنقىدەك تاماق تاللايدىغان ،باشقىلارنىڭ ئەتكەن تامىقىنى ياراتمايدىغان بىر قىسىم ناچار ئادەتلىرىمنى تۈزەشكە خېلى تۈرتكىلىك رول ئوينىدى .
مىنىڭ شىنجىندا ئىكەنلىكىمدىن خەۋەر تاپقان بىر قىسىم خىرىدارلار سىلىنىڭ بانايىڭلىدا شىنجىننى بىر كۆرۈپ كىتەيلىك دەپ كەلگەنمۇ بولدى . مىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى ئۈچ ئادەمنىڭ بىللە سەپەرگە چىقىپ گۇاڭجوغا كىلىپ تىلىفۇننىڭ توكى قالمىدى دەپ گۇاڭجۇدا بىر كۈن ئوشۇق تۇرغىنى ، سىرتتىن تاماق يەپ تاماق پۇلىغا چىدىمىغىنى ،ھەم بىللە كەلگەن ئۈچ ئادەمنىڭ ئىككىسى گۇاڭجۇدا قىلىپ بىرسىنىڭلا شىنجىنغا كەلگىنى بولدى .
بۇنى شىنجىنغا كەلگەن خىرىدار كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوسىتنىڭ قانداقلىقى سەپەرگە چىققاندا بىلىنىدىكەن دەپ سۆزلەپ بەردى .
شۇڭا شىنجىنغا ئالاقىدار سۆز - چۆچەكنى ئاڭلىغان قىرىنداشلارنىڭ بۇ يەردە تىلىفۇن ، كومپىيۇتىر ،ھەرخىل ئىلىكتىرونلۇق ئۈسكىنىلەر بەك ئەرزانكەن دەپ قارىغۇلارچە كەلمەي ئىقتىسادتىن بولسىمۇ كۆپرەك تەييارلىق قىلىپ كىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ ھەم كىلىپلا بۇ چوڭ شەھەردە نەگە بىرىشىنى ، نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالمىسۇن دەپ ئازراق بولسىمۇ بۇ يەردىكى تەجرىبىلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن .
بىرىنجى بولۇپ كەلگەندىن كىيىن ئويلايدىغىنىڭىز ئۆي مەسىلىسى .
ۋاختىمنىڭ قىسلىقى سەۋەبلىك بۇنى بۇرۇن يازغان ئىنكاسىمنىلا نەقىل قىلماقچى .
مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :
مەنمۇ باشتا شىنجىنغا كەلگەندە سىزدەك ھىسسىياتتا بولغان مەنمۇ ھۆكۈمەتتىن ئاغرىنىپ ئىچىمدە تىللاپ يۈرگەن.
چۈنكى شىنجىنغا كىلىپ بىرىنجى پىلانىم ئەرزانراق ئىىجارە ئۆي تىپىپ ئورۇنلىشىلىش ئىدى .چۈنكى بۇ يەردە مەن ئۈچۈن چىقىمنى تىجىگەنلىكنىڭ ئۆزىمۇ پۇل تاپقانغا بارەۋەر ئىدى ...
لىكىن بىر ئايغىچە ئىجارە ئۆي تاپالماي كۈنلىكى 88 يۈەنلىك ياتاقتا يىتىشقا مەجبۇر بولدۇم ...ئۇنىڭدىن ئەرزانلىرىدا يىتىشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى ،چۈنكى پۇل تاپىمەن دەپ جاننى قىيناپ نىمە كەپتۇ دەپ ...( چۈنكى 88 يۈەنلىك ياتاقتا تىلىۋىزور ، ھاۋا تەڭشىگۈچ ،ھاجەتخانا ، مۇنچا ،ھەممىسى تولۇق ئىدى . ئىچكىرىدە بولسىڭىز سىزمۇ بىلىسىز بۇ يەرنىڭ ئىسسىقىغا ھىلىمۇ مۇشۇلار چىدايدىكەن . ) ئۇنىڭدىنم ياخشىراقىدا ياتاي دىسەم...مۇنۇ پۇل دىگەن نەرسە ئادەمگە چەكچىيىپ قاراپ تۇرغان ...
كۈندە ئىجارە ئۆي تاپىمەن دەپ سىرتلاردىن ئىزدەيمەن ئەتراپقا قارىسىڭىز ھەممەي يەردە شۇنداق ئەرزان ئىجارە ئۆيلەرنىڭ ئىلانلىرى، خوشلۇقىڭىزدىن شۇ ھامان بىرىپ ئورۇنلىشىۋالغۇڭىز كىلىدۇ ...لىكىن ئۆي ئىگىسىگە تىلىفۇن قىلىپ مەن شىنجاڭلىق دىسىڭىز ياخشىراقى كەچۈرۈڭ ئىجارىگە بىرەلمەيمىز دەيدۇ ...بەزەنلىرى يوق دەپلا تىلىفۇننى قويىۋەتكەن ...شۇنداق ئاچچىقىڭىز كىلىدۇ ...خەپ دەپ ئىچىڭىزدە نۇرغۇن كەلمىگەن ئوي خىياللار كىلىپ كىتىدىكەن ...لىكىن يانىلا خەپ دىگەندىن باشقا ھىچ ئىش قىلالمايدىكەنسىز...
كىيىنچە ئۆي ئىزدەش جەريانىدا بىر خەنزۇ ماڭا ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرساڭ ئۇنداق ئەرزان ئۆيدە ئولتۇرما ئۇنداق ئۆيلەرى دىھقانلار ئۆيى دەپ ئاتايدۇ ساڭا ماس كەلمەيدۇ ، شۇندىلا بىر ئىشنى سەزگەندەك بولدۇم ،دىمىسۇمۇ ئەرزان ئۆيلەرنىڭ ھەممسىدە ھەر يەرلەردىن كەلگەن ھەرخىل تەبىقىدىكى شەخىسلەر تۇرىدۇ ، بۇ يەردە ئۇرۇش - جىدەلدىن ساقلانغىلى بولسىمۇ لىكىن يىمەك - ئىچمەك جەھەتتە خىلى كۆپ قولايسىزلىقلار كىلىپ چىقىدىكەن ...چۈنكى تاماق ئەتكەندە ياكى تاماق يىگەندە سىز كۆرشنى خالىمايدىغان نەرسىلەرنى سىلىپ يەيدۇ ...كۆرمىسىڭىز مەيلى لىكىن بىرە قىتىم كۆرۈپ قالسىڭىز بۇنداق يەردە ھەرگىز تۇرغىڭىز كەلمەيدۇ ...
بۇ ئۆيلەردە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپلا ئۆي ئىگىسى بىلەن كۆرۈشۇپ بۇ ئۆيدە تۇرالمىغىدەكمەن دىسىڭىز ئۆي ئىگىسىنىڭمۇ ئاچچىقى كىلىدۇ ...ئەلۋەتتە ...
مەنمۇ دەل ئاشۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەچكە مۇشۇ گەپلەرنى قىلىۋاتىمەن ، چۈنكى مەنمۇ 1200 يۈەنگە ئەرزان دەپ بىر ئۆيگە ئورۇنلاشقان ،ئۆي دەپ كەتكۈدەكقۇ پۈتۈن بىر يۈرۈش ئۆي ئەمەس، تەخمىنەن 70 كۇۋادرات مىتىرلىق ئۆينىڭ ئىچىدىكى بىر ئىغىز ئۆي ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈچ ئىغىزى باشقىلارغا ئىجارىگە برىگلىك .
ئۆيگە كىرىشتىن بۇرۇن بوپتىلا ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ئازراق جاپا تاتسام نىمە بوپتۇ مۇشۇ شەھەرگە ئورۇنلىشىۋالغانغا يۈز مىڭ مەرتىۋە شۈكرى دەپ پۇلنى بەردىم ، دىمىسىمۇ بۇ ئۆيدىمۇ ھاۋا تەڭشىگۈچ ،تىلىۋىزور بار ئىدى يەنە تىخى بالكوندا مۇنچا ھاجەتخانىسى بار ئىدى ...
لىكىن شۇ كۈنى ئۇخلاي دەپ چىراغنى ئەمدى ئۆچۈرەي دەپ تۇرسام كۆزۈمگە شۇنداق يوغان بىر نەرسە يالت قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى ...ئىتتىك بىرىپ قارىسام شۇنداق يوغان سۈۋەرەك ...بىر دانە بەشىنجى نومۇرلۇق باتارىيىدەك كىلىدۇ ئۇ نەرسە ،كەڭلىكى تىخى ئۇنىڭدىن كەڭرەك ،مەن دىيارىمىزدا بۇنداق يوغان سۈۋەرەكنى كۆرۈپمۇ باقمىغان ھەم بۇنداق يوغان بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىدىم ...ئىچىم بىر خىل بولۇپ كىتىپ بالكۇنغا چىقسام تىخىمۇ ھەيران قالدىم ئەسلى بۇ يەر بۇلارنىڭ باغچىسىكەندە دەپ ئويلاپ قالدىم ...شۇنىڭ بىلەن ئۇيقۇم كەلمەي سىرىتقا چىقىپ بىردەم ئايلىنىپ تورخانىغا كىرىپ كىچىچە تازا ئۇرۇش ئويۇنلىرىنى ئويناپ ئەتىسى ئەتىگەندە چىكەتتىم ھەم ئۇدۇل ئۆي ئىگىسى بىلەن كۆرۈشۈپ ما ئۆيۈڭ سۈۋەرەكنىڭ ئۇۋىسى ئىكەن مەن كىچىچە ئۇخلىماي سۈۋەرەك ئۆلتۈرۈپ چىقتىم ...قارا ما كۆزۈمگە قىزىرىپ كەتتى ...دەپ يۈرۈپ پۇلۇمنى قايتۇرۋىلىپ ئاستا چىكەتتىم ...ھەم سىرىتلاردىكى 1200 يۈەندىن تۆۋەن ئىجارە ئۆيلەرگە قاراپمۇ قويمىدىم ...ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەتراپىمدىكى 1500 يۈەنلىك بىر ئۆينىڭ ئىگىسىگە تىلىفۇن قىلسام بىردەمدە ئالدىمغا كەلدى ،ھەم گەپ سۆزسىزلا ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى ... دىمىسمۇ بىر 300 يۈەننىڭ پايدىسىنى خىلىلا كۆردۈم ئۆي ئىچى شۇنداق پاكىز، رەتلىك ، پۈتۈن ئاپتوماتىك كىرئالغۇ ، تىلىۋىزور، گاز ئوچاق ، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ، گازلىق مۇنچا ...زادى ھەممىسى تولۇق ...تەكشۈرگىلى كىرىدىغانلىمۇ بىر كىرىپ قويۇپلا ھازىرغىچە يوق ...
شۇڭا مۇشۇ ئىچكىرىدە دۇككان ئىچىۋاتقان ،ئىچكىرىدە تۇرىۋاتقانلارنىڭ بىر قىسىم ئىستىلى ناچارلىرى مۇشۇ يەرلىك خەقلەرگە ناچار سەلبى تەسىر بىرىپ قويغاچقا بىر قىسىم ئۇقۇشماسلىقلار كىلىپ چىقىۋاتامدىكى دەپ ئويلايمەن ...شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىمۇ ئۆزگىنىمۇ بىلسەك ...باشقا يەرلەرگە بارغاندا ئۆزىمىزنىڭ ئىززىتىنى، مىللەتنىڭ ئابرويىنى ساقلىساق قالغان ئىشلار ئۆزلىگىدىن ئوڭشىلىپ كىتىدۇ دەپ ئويلايمەن .
2.ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بولغاندىن كىيىن كۈندە بىشىڭىزنى ئاغرىتىدىغان يەنە بىر ئىش قوساق مەسىلىسى
چۈنكى مىنىڭ قوسقۇم دائىم سەپەرگە چىقساملا بەك ئاچىدۇ .
شىنجىندا مۇسۇلمانچە ئاشخانىلار ساناقلىقلا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىسىدىن ئىككى - ئۈچىلا بار . بىر تەخسە لەغمەننىڭ باھاسى 23 يۈەندىن 25 يۈەنگىچە . باشقا تاماقلارمۇ مۇشۇ باھا ئەتراپىدا . دىيارىمىزدىكى بىر يۈەنلىك ئاق نان بۇ يەردە ئۈچ يۈەن .شۇڭا سىز سەپەرگە چىققان ۋاقىتتا كۆڭلىڭىزدە ئىنىق پىلان تۈزىۋىلىپ ياتاق- تاماققا كۆپرەك پۇل ئاجرىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . چۈنكى جان كۈندە چىچەكلىمەيدۇ . 4500 كىلومىتىر يىراقلىقتىن جاپا تارتىپ كىلىپ چىقىمغا چىدىمىسىڭىز....
3. سەپەرگە كىرەكلىك بويۇملارنى كۆپرەك ئىلىۋىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
مەسىلەن : بىر دانە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىلىفۇن . تىلىفۇن باتارىيىسىدىن ئىككى - ئۈچ تال ، ياكى يۇقىرى سىغىملىق كۆچمە باتارىيىدىن بىر تال . بانكا كارتىسى ، كىملىك ...دىگەندەك .
ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىلىفۇن دىگىنىمدە مەن ئادەتتە ھەرقانداق بىر چوڭ شەھەرگە بىرىپ قالسام تىلىفۇنۇمدا GPS ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسى ھەر ۋاقىت ئوچۇق تۇرىدۇ .ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن نەگە بىرىشىمنى ئىنىق بەلگىلىۋىلىپ GPS نىڭ ياردىمىدە ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىرىپ ئىشلىرىمنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە تۈگىتىپ كىلىپ بولالايمەن . تىلىفۇنغا ياكى كومپىيۇتىرغا قاچىلايدىغان سىستىمىلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك ، ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سىستىما Google Earth. سىز مۇشۇ بويىچە ئىزدەپ تىلىفۇنىڭىزغا ماس كىلىدىغان ھۆججەتنى تىپىپ قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ . كومپىۇتىرغا قاچىلاپ ئۆيىڭىزدە تۇرۇپلا شىنجىننى زىيارەت قىلسىڭىز بولىدۇ . قالغان نەرسىلەرنى چۈشەندۈرمىسەممۇ بىلىسىلەر...
4. ئەمدى سەپەرگە چىققاندىن كىيىن چوقۇم بىر نىشان بولىشى كىرەك .
سىز شىنجىن دەپلا چىققان بىلەن بۇ شەھەر خىلىلا چوڭ شەھەر.بۇ شەھەرنىڭ نەگە بىرىپ نەدە تۇرۇشنى بىلمىسىڭىز كۈندە ئوشۇقتىن - ئوشۇق چىقىم قىلىسىز .شۇڭا مەن شىنجىندىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق توپ تارقىتىش مەركىزىنى رەسىملىك چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچى :
ئوتتۇرىدىكى ئەڭ ئىگىز بىنا شىنجىندىكى ئەڭ چوڭ كومپىيۇتىر ،ھەرخىل ئىلىكتىرون ئۈسكىنىلىرىنى توپ -پارچە سىتىش ئورنى . ئىسمى :
深圳福田区赛格电脑城