مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11960|ئىنكاس: 61

جەڭگاھتىكى غېنى باتۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22187
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6381
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 11:42:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
batu.jpg


batu (3).jpg

batu (2).jpg
batu (1).jpg

جەڭگاھتىكى قەھرىمان-غېنى باتۇر   
                 
غېنى باتۇرنىڭ جەڭگاھتىكى ھەقىقى ئىش ئىزلىرىدىن  .
غېنى باتۇر قۇماندانلىقىدىكى پارتىزانلار،ئارشاڭ ناھيەلىك ھۆكۈمەتنى قورشاپ ئالغاندىن كىيىن ،ناھىيە ھاكىمى تەسلىم بۇلۇشقا ماقۇل بولدى .
شۇنىڭ بىلەن ناھيىلىك ھۆكۈمەت ئىشغال قىلىندى .
غېنى باتۇر ھاكىمنى ساقچى باشلىقىنىڭ ئالدىغا ئەلچىلىككە كىرگۈزىدى .بىراق ساقچى باشلىقى تەسلىم بۇلۇشقا ئۇنمىدى .بۇنى ئاڭلاپ غېنى باتۇرنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كىلىپ كەتتى ۋە ئاچچىقى كىلىپ مۇنداق دىدى
<<  تەسلىم بۇلۇشقا ئۇنمىغان بولسا ئوغۇل بالىكەن،ئۇنىڭ بىلەن بىر ئېلىشىپ باقاي،غېنى ئاكىسىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى كۆرۈپ باقسۇن >> غېنى باتۇر شۇنداق دەپلا ساقچى ئىدارىسىغا كەينى ۋە ئىككى ياندىن تەڭ ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق بەردى ۋە تەجىرىبىلىك ئىككى پارتىزاننى چاقىرىپ كىلىپ،سېپىلغا يېقىن بېرىپ لەخمە كولاپ پارتىلتىشنى بۇيرىدى .
ئۆزىمۇ ماۋزۇرىدىن سېپىلغا قارتىپ توختىماي ئوق ئۈزەتتى .
دۈشمەن ئۈچ كىچە - كۈندۈز قاتتىق تىركەشتى .3-كۈنى پارتىزانلار سېپىلنى پارتىلتىپ،ساقىچى شىتابىغا بېسىپ كىردى .
شۇنىڭ بىلەن ئارشاڭ ناھيەسى ئازاد قىلىندى .
  ئارىدىن ئون نەچچە كۈن ئۆتكەندە،غېنى باتۇر قوماندانلىقىدىكى پارتىزانلار، يارىدەمگە كەلگەن دۈشمەن  ئارمىيسىنىڭ ئالدىنى ئەنگىلىك دىگەن جايدا توستى .
غېنى باتۇر سەپنىڭ ئالدىدا كىتىپ باراتتى .دۈشمەن قوماندانى غېنى باتۇرنى نىشان قىلىپ،ماۋزۇرىدىن ئوق ئۈزدى ،غېنى باتۇر چاققانلىق بىلەن ئۆزنى يەرگە ئاتتى ،لىكىن ئۈلگۈرەلمىدى .دۈشمەننىڭ ئوقى غېنى  باتۇرنىڭ ئومۇرىتقىسىنىڭ ئازراق يىرىنى يۇلۇپ چىقىپ كەتتى .
باتۇر چەبدەسلىك بىلەن دومىلاپ ئۆزنى دالدىغا ئېلىپ،ماۋزۇرىنى يانچە سىلكىپ ئېتىپ،دۈشمەن قۇماندانىنى يەر چىشلەتتى .
قوماندانىدىن ئايرىلىپ قالغان دۈشمەن ئەسكەرلىرى قالايىمقانلىشىپ كەتتى .غېنى باتۇر ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ‹‹ قېرىنداشلار ئالغا! ›› دەپ ۋاقىراپ دۈشمەنگە ئېتىلدى .
پارتىزانلار غېنى باتۇرنىڭ ‹‹ ئالغا! ›› دىگەن بۇيرۇقىنى ئاڭلاپ،ئورۇنلىرىدىن چاچراپ تۇرۇپ،‹‹ ھۇررا !›› دىگىنچە ئالغا ئېتىلدى .
يول ئۈستىدە گىرەلەشمە ئۇرۇش باشلىنىپ كەتتى .غېنى باتۇر ئالدىغا ئۇچىرغان دۈشمەن ئەسكىرىنى يەر چىشلىتىپ،‹‹ غەيرەت قىلىڭلار ئەزمەتلەر ! ›› دەپ ۋاقىراپ قۇياتتى .
بەزى دۈشمەن ئەسكەرلىرى پارتىزانلانىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ، قۇراللىرىنى ئىككى قولى بىلەن ئىگىز كۆتۈرۈپ،،تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تىزلىناتتى .
ئۇرۇش بىر قانچە سائەت داۋاملىشىپ ،غېنى باتۇرنىڭ يارسىدىن كۆپ قان ئېقىپ كەتتى.
بۇنى كۆرگەن ئەترەت باشلىقلىرى-
-باتۇر يارىلىرىدىن كۆپ قان ئېقىپ كەتتى،يارىلىرىنى تاڭدۇرۋالسىلا -دىيىشتى .
لىكىن باتۇرنىڭ قولىقىغا گەپ كىرمەيتى .
دۈشمەننىڭ ئۆلگەنلىرى ئۆلۈپ ،تەسلىم بولغانلىرى تەسلىم بۇلۇپ،بىر قىسىملىرى قىچىشقا باشلىدى .
ۋەزىيەت ياخشىلانغاندىن كىيىن ،غېنى باتۇر مەجبۇرى داۋالىنىشقا ئېلىپ كىتىلدى .

غېنى باتۇرنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئەسكىرى ئابدۇۋەلى قادىرنىڭ ئەسلىمىسىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى .
مەنبە ؛ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى 2005-يىللىق 2-سان




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karahan0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-5 11:46 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90372
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 535
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-1-21
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 09:48:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90639
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 335 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 10:03:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ  باتۇرلۇقلارمۇ  ئۆلۈم بىلەن  تۈگەيدۇ

كارتون تەرجىمە قىلىشقا يەنە كىم ياردەم بېرىدۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56124
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4004
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 420 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 10:19:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غېنى باتۇرنىڭ قەبرىسى قەيەردىكىنە ؟

ھايات ئىنسانلارغا بىرىلگەن كاتتا مۇكاپات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2821
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16509
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 10:24:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن !

خەلق ئارىسىدا ‹‹غېنى باتۇر ››توغرىسىدا مۇنداق ناخشا تارالغان:

غېنىكام چىقىپ كەلدى،
ئالا ئاتنى تاقىلاپ.
دۈشمەنلەر كۆرۈپ قاچتى ،
كېرەمباغنى ياقىلاپ.

غېنى باتۇر ئۆزى ياش ،
مىليون ئەسكەرلەرگە باش.
دۈشمەن كەلسە باغرى تاش ،
‹‹ئۆلۈپ كەتتى›› بەكمۇ ياش

.
غېنىكام ئۇ جەڭ كەچتى،
جەڭلىرى مېنى ئەچتى.
دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ،
ئات كۆكسىدە قان كەچتى.
.....................................
ئۇ ئۆزىنىڭ بىر تال مويىنى دۈشمەنلەرگە تۇتقۇزمىغان ئوغۇل بالا ،خۇددى سادىرغا ئوخشاش!
يوللانمىڭىزغا رەھمەت قاراخان 0998

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18515
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6083 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 10:28:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇۋەلى قادىر غىنى باتۇرنىڭ ئەسكىرى ئەمەس،ئەسلىمىنى خاتىرلەپ ئېلان قىلغۇچىمىكىن،تېما يوللۇغۇچى ئىنىق ئۇچۇرىنى بىرىۋەتسىڭىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-6 10:29 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 10:30:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غېنى باتۇرغا   مۇناسىۋەتلىك  ھەرقانداق نەرسە  بولسا   يوللاپ  بەرسەڭلەر بەك  ياكشس   بولاتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8209
تۆھپە نۇمۇرى: 1188
توردا: 1612 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 10:41:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jmgur يوللىغان ۋاقتى  2013-2-6 10:19 AM
غېنى باتۇرنىڭ قەبرىسى قەيەردىكىنە ؟

باتۇرنىڭ قەبرىسىنى قىرغىزىستان تەۋەسىدە دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.
ئىنقىلاپقا قاتناشقان كۆپلىگەن  قىز-ئوغلانلىرىمىز ئۇمۇمەن قىرغىزىستان، ئۆبېكىستان  قاتارلىق خوشنائەللەرتەۋەسىگە چىقىپ كەتكەن بۇلۇپ، شۇتەرەپلەردە ئۈزىنىڭ قەھرىمانلىق ھاياتىنى تاماملىدى.
«ئانايۇرت» رۇمانىدا غېنى باتۇرنىڭ باتۇرلىقى جانلىق تەسۋىرلىنىدۇ.

بۈگۈن ماڭمىساڭ ئ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31445
يازما سانى: 977
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12195
تۆھپە نۇمۇرى: 1511
توردا: 798 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 10:53:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىستىداتلىق ، ئوقۇغان رەھبەرلىرىمىزنىڭ ئەينى چاغدا غېنى باتۇرچىلىك كاللىسى ئىشلىگەن بولسا كاشكى ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 11:11:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا يۇرت رومانىدا غېنى باتۇرنىڭ ئىش ئىزلىرى خېلى كۆپ تەسۋىرلىنىدۇ ، مەن غېنى باتۇرنى 1952-يىلى ئالمۇتاغا چىقىپ كەتكەن دەپ ئاڭلىغان ، لىكىن بۇ خەۋەر ئىشەنچىلىكمۇ بىلمەيمەن .   ھەممە ئىشنى ئالدىدىن بىلگىلى بولسىدى بەلكىم تۇرمۇشىمىزمۇ ھازىرقىدىن پەرىقلەنگەن بولاتتى

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش