قالدۇرۇلغان خەت
(جەڭچى خاتىرىسىدىن)
كۈنلەرنىڭ بىرىدە كېتىمەن ئۆلۈپ،
قەۋرەمنى ئىزلەپمۇ يۈرمىگىن جېنىم.
جەڭگاھقا ئۇزاتقان چېغىڭنى ئەسلە،
زىمىننى باخاشلاپ ياتىدۇ دىگىن....
ئوغلۇمغا سۆزلەپ بەر زەپەردەستلىكنى،
ئۆلۈمنى ئىختىيار قىلغان داداڭ-دە.
غەلبىگە ئىشەنسۇن قىلغان ئىشىدا،
ئەجداتلار قىساسى يانغان ۋەتەندە.
سۆيىمەن مەن سېنى ئوغلۇمنىمۇ ھەم،
ئىخلاسىم ھەقىقى ئايان تەڭرىگە.
دۇئا قىل، ئاھ بىزنى باقمىدى دىمەي،
نام-نىشان بولمىغان ئەشۇ قەۋرىگە...
مەنبە›لاۋا0998(ئىجادىيەتلىرى)دىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-5 09:58 PM