تېما مەنبەسى :
http://www.izimiz.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=7004
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
مەن بىر فىلىم ئىشلىگۇچى بولۇش سالاھىتىم بىلەن ، ماڭا كۈچلۈك تەسىر قىلغان تۆۋەندىكى فىلىمنى بارلىق قېرىنداشلارغا كۈچلۈك تەۋىسسىيە قىلىمەن . فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىشى ، مەزمۇنى جەھەتلەردە ھەقىقەتەن سىزنىڭ ئالاھىدە ۋاقتىڭىزنى چىقىرىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ !
فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن مەزمۇن ، سۈرەتكە ئېلىش ، مونتاژلىق ،،،،،، ھەقىقەتەن ئېسىل چىققان !!!
فىلىم ئىسمى : پەرىشتە
تەۋەلىگى: تۇركىيە
تىلى: تۇرۇكچە (ئۇيغۇر بولسىڭىز ئاساسەن چۈشۈنەلەيسىز!)
تەرجىمىسى: ئۇيغۇرچە خەتلىك
فىلىم ئۇزۇنلىقى:115مىنۇت
بۇ فىلىم تۇركىيەدە ئىشلەنگەن بولۇپ ، گېپىنىمۇ ئاساسەن چۈشۈنەلەيسىز. چۈشۈنەلمىسىڭىز ئۇيغۇرچە خېتى سىزگە ئاسانلىق تۇغدۇرىدۇ ...
تولا سۆزلەۋەرمەي ،،،ئالدىدا فىلىمنى كۆرەيلى !
دىققەت : قولىڭىزدىكى ھەممە ئىشنى قويۇپ پۇتۇن دىققىتىڭىز بىلەن كۆرۇڭ !
ياخشى فىلىم ئىكەن، كۆرۈپ باققايسىلەر. ئاخشام كۆرگەنتىم، قانچە قېتىملاپ كۆز ياشلىرىم تۆكۈلدى،،،،،
ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن فىلىمكەن، شەھەرلەردىكى ياشانغانلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى، يالغۇزچىلىقلىرى، بالىلاردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقان مېھىر مۇھاببەت،،،،،،،،
بىزنىڭ ماۋۇ يەرلەردە ئۇنى ئاز دىگەندەك يالغۇز ياكى ئاران ئىككى بالا بىلەن چەكلىنىدىغان سىياسەت، زىيادە شەھەرلىشىش مۇھىتى،سەۋەبىدىن فىلىمدە نىشان قىلىنغان رېئاللىق بىزلەرگىمۇ كېلىشكە باشلىدى ئەتىمالىم،،،،،،،،،،،،،
ئىشقىلىپ ئىنەكنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغا كەلمەي قالماس،،،،
باشقۇرغۇچىلارغا: ئەگەر بۇ فىلىم بۇرۇن يوللانغان بولسا ، بۇنىمۇ ئۆچۇرۋەتمەڭلار .. قانچىلىك كۆپ ئادەم كۆرسە شۇنچە ياخشى ! رەھمەت ~!
فىلىمنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە كۆرسەتكەن ئەزىمەتلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ~!
تېما مەنبەسى:www.izimiz.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-5 10:10 PM