مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2001|ئىنكاس: 13

ئاللاھ ھەممىمىزگە سەبىر بەرسۇن!امىن! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6406
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 04:23:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەينى ۋاقىتلاردا، رەھىمسىز بوران-چاپقۇنلارنىڭ تەسىرىگە يۇلۇققان ئاقكۈڭۈل قېرىنداشلىرىمىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز ئەلۋەتتە، شۇ يىللاردا ۋەتەن ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى تۆككەن ئاتا-بۇۋىلىرىمىزدەك ئەزىمەتلەرنىڭ يەنە ئارىمىزدىن  چىقىشىنى ئاللاھ دىن تىلىمەيمۇ تۇرالمايمىز ئەلۋەتتە.ئەنە شۇ يىللاردا، مىنىڭ مۇمام ئاتا-ئانىلىرىدىن كىچىكلا يىتىم قالغان بىر ئۇماق قىز ئىدى،بىچارە مۇمام ئۇرۇپ-سۇقۇلۇپ ،تۇققانلار قۇلىدا چوڭ بۇلۇپ يىشىغا يىتىپلا تۇرمۇشلۇق بولغان ئىكەن.تۇرمۇش قۇرۇپ، ۋىژدانلىق بۇۋام قۇلىدا جاپا-مۇشەققەتلەرنى تەڭ تارتىپ ،ئاقكۈڭۈل ئانامنى  تۇغۇپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قۇشۇپ تەربىيەلەپ ، ياتلىق قىلىپ بىزىدەك نەۋىرلىرىنى بىقىپ-چوڭ قىلىپ بۇ ئالەمدىن پاك مۇسۇلمان ھالىتىدە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى.ئاللاھ ئىگەم جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىيسى بولغان فىردەۋىس جەننەتلىرى بىلەن مۇكاپاتلىغاي ئامىن!كىچىگىمدە، ئىسىمنى بىلگەن چاغلاردىن تارتىپ، مۇمامنىڭ  يىنىدا  بىللە يىتىپ بىللە قۇپۇپ چوڭ بولدۇم.مۇمام داۋاملىق مىنى تاڭ سەھەردە ئويغۇتىۋىتەتتى،بۇنداق چاغلاردا :مۇما نىمىشقا ئۇخلىغىلى قويمايسەن؟ -دەپ نىمىلەرنىدۇ غۇدىراپ كىتەتتىم....مۇمام مۇسۇلمان دىگەن كۈن قىزىل بولغۇچە ئۇخلاپ ياتسا،قان-يىرىڭ ئارىسىدا ياتقاندەك بۇلىدۇھەم  يامان بۇلىدۇ ،جىنىم قوزام شۇڭا تۇرۇپ كەتكىن دەيتى. شۇنىڭ بىلەن نىمىشقا قان-يىرىڭ ئارىسىدا ياتقاندەك بۇلار ؟دىگەن خىيال كاللامنى قايماقتۇراتتى ۋە يامان بۇلىدۇ -دىگەن سۆزنى ئاڭلىساملا يۈرۈگۈم ئەنسىز سوقۇپ كىتەتتى.مەن تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن مۇمام نامازغا تۇراتتى،ئۇنىڭ ئۇماق قېرىغان  تۇرىقىغا قاراپ مەسلىگىم كىلەتتى.كۈنلەر  شۇتەرىقىسىدە بىرنىڭ كەينىدىن -بىرىنى قوغلۇشۇپ ئۈتۈپ ،مەنمۇ چوپ-چوڭلا قىز بۇلۇپ قالدىم.مۇمام بارغانسىرى ياشىنىپ ئاجىزلىششقا باشلىدى،بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم بىچارە مۇمام پۇت-قۇلىنى ماغدۇرى يوق ھالەتتە  يىتىپ تۇرۇپ ناماز ئۇقۇۋىتىپتۇ، مەن ئۇنىڭغا قاراپ :مۇما ، نىمانداق قىينىلىسەن؟ ساقايغان چىغىڭدا ئۇقۇغىنە بولدى -دەپ سۆزلەپ كەتسەم، ياق بولمايدۇ !ئاغرىپ قالدىم دەپ ،ناماز ئۇقۇمىساق ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ- يامان بۇلىدۇ!دەپ، قىلغان سۆزۈمنى ئوتتۇرىدىنلا بۈلىۋىتەتتى.مەن يەنىلا يامان بۇلىدۇ دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ ،جىممىدە بۇلۇپ قالاتتىم.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر كۈنى ھەدەم بىلەن ئۈرۈمچىگە  بىرىپ قايتىپ  كەلسەم، مۇمام يىغلاپ كارۋاتتا يىتىپتۇ. نىمە بولغانلىقىنى ئانامدىن سورىسام، بىچارە مۇمام تاھارەت ئالىمەن دەپ ،يىقىلىپ پۇتىنى سۇندۇرىۋاپتۇ.دوختۇرلار ،مۇمامنى ياشقا چوڭ بۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئوپىراتىسيە قىلمايدىغانلىقىنى دەپ قايتۇرۋىتىپتۇ. ئانام ئامالسىز ،مۇمامنى قايتۇرۇپ كىلىپ پۇتىنى تۇخۇم بىلەن تىڭىپ قۇيۇپتۇ.مۇمامغا ئىچىم ئاغرىپ قۇچاقلاپ سۈيۈپ يىغلاپ كەتتىم،شۇنىڭدىن كىيىن مۇمام يىتىقتا يىتىپ قالدى. ئانام كۈندە مۇمامنى كىچىك بالىنى كۆتۈرگەندەك  كۈتۈرۈپ ھاجەتكە ئولتۇرغۇزاتتى،بۇنداق ۋاقىتلاردا مۇمام دۇئا قىلىپ يىغلاپ كىتەتتى.شۇنداق ۋاقىتلاردا، رەھىمسىز ئەجەل سۈيۈملۈك دادامغا چاڭ سالدى!بىز ئەزىز تۈۋرۈگۈمىزدىن ئايرىلدۇق،ئانام چوڭ ئانامنى قۇچاقلاپ ، بىز ئانامنى قۇچاقلاپ يىغلاپ دادىسىز كۈنلەرنى ئاران ئۆتكۈزدۇق.بۇ كۈنلەر يەتمىگەندەك، مۇمام دادام تۈگەپ بىر نەچچە ئايدىن كىيىن دادامنىڭ ئارقىسىدىن كەتتى.بۇ چوڭ يۇقىلىشلار ئانامغا بەك ئېغىر كەلدى،شۇنداقتىمۇ بىز كىچىك بولغاچقا  سەبىر قىلىپ كۈندۈزى خىزمەت قىلىپ ،بىزگە تاماق ئېتىپ يىگۈزۈپ،كىچىلىرى ھەممىمىزنى ئۇخلىتىپ بۇلۇپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ نىمىلەرنىدۇر- دەپ دۇئا قىلىپ ئۇخلاپ قالاتتى.بۇ ئازابقا تولغان كۈنلەر بىز ئاستا-ئاستا چوڭ بۇلىشىمىزغا قاراپ ،بىرئاز بولسىمۇ خۇشاللىققا قاراپ يۈزلەندى. مەن ئۆيدە، ھەممىسىدىن ئەركىسى ۋە شوخىراق چوڭ بولغىنى ئىدىم.ئىچىمدە قانداق گەپ بولسا ،ئانامغا تارتىنماي سۆزلەپ كۈلدىرۋىتەتتىم. ئانامغا شۇنچە ياشقا كىرگەن بولساممۇ ئەركىلەپ قۇچاقلىرىغا چىقىۋالاتتىم،بۇنداق چاغلاردا باشقا قېرىنداشلىرىم، ھەسەت قىلىپ قالامدۇ-ئىشقىلىپ بىرنىمىلەرنى باھانە قىلىپ، ئانامنى ھاردۇرۇپ قۇيىسەن چۈشۈپ كەت!دەپ كايىپ كىتەتتى.شۇ تەرىقىدە چوڭ بۇلۇپ، ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ خىزمەكتە چىقتىم.ئانام مەندىن بەك خۇشال بۇلۇپ كەتتى،ۋە ياراملىق چوڭ بۇلۇپ داداڭنىڭ ئىزىنى باستىڭ دەپ ماختاپ كەتتى.مەن ئايلىق ئالغان تۇنجى كۈنى تۇركىيەنىڭ كۆينىگىدىن بىرنى ئىلىپ ئانامغا سوۋغات قىلدىم،ئەمما ئانام بىر قىتىممۇ ئۇچىسىغا ئارتمىدى.مەن ئەجەبلىنىپ سوراپ باقتىم،ئانام ماڭا: قىزىم ساڭا رەھمەت! مەن بۇنداق كالتە يەڭ كۆينەكنى كيىەلمەيمەن، شۇنداقتىمۇ ئۇماق قىزىم بەرگەنلىكى ئۈچۈن ساقلاپ قۇيىمەن دىدى،مەن نىمە ئۈچۈنلىگىنى سورىغىنىمدا: مۇمامغا ئوخشاش يامان بۇلىدۇ!دىگەن جاۋاب بولدى . شۇنىڭدىن كىيىن ،مەن بۇ تۈرلۈك يامان بۇلىدۇ!لارغا جاۋاب تىپىشىم ئۈچۈن ئىزدەندىم.ئەمما، پەننى كىتابلاردىن ئورۇنلۇق قايىل قىلارلىق جاۋابلارنى ئۇچىرتالمىدىم.ئەمما بىر كۈنى ھىجابلىق بىر دوستۇمنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ ،مۇشۇ سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويغان چىغىمدا ئۇماڭا دىننى كىتابلارنى كۆپىرەك ئۇقۇشۇمنى تەۋسىيە قىلدى.شۇنىڭ بىلەن قۇلۇمغا ئىلىپ، بىرىنچى بۇلۇپ ئۇقۇغان كىتابىم سەھىھىۇلبۇخارى  بولدى.بۇنىڭدىكى سەھىھ ھەدىسلەرنى ئۇقۇۋىتىپ ،تۇيۇقسىز كۆزلۈرۈمدىن مۆلدۈرلەپ ئاققان يىشىم كىتابقا تۈكۈلۈشكە باشلىدى.ئاھ خۇدا! بىچارە مۇمام ،ئەينى يىللاردىكى بوران-چاپقۇنلۇق كۈنلەردە يۈرۈپ ، مەندەك نەۋرىسىگە ناماز ئۇقۇمىسا بولمايدىغانلىقىنى، قىز-ئاياللارنىڭ ئەۋرەتلىرنى تۇلۇق يىپىشقا بۇيرۇلغانلىقىنى، جۈرئەتلىك دىيەلمەي يامان بۇلىدۇ!غا خۇلاسىلەپ قويغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم.ۋە ئانامغا ،شۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى تاپقانلىقىمنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ قويدۇم.ئانام، ماڭا ئاپىرىن ئۇقۇپ قىزىم بىلىملىك بوپتۇ دەپ يىغلاپ كەتتى. ۋە مۇمامنى چۈشۈنىشىمنى، ئۇچاغلاردىكى كىشلەرنىڭ بەكمۇ قورقۇپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ بامدات ۋاقتىدا ئۇخلاپ ياتسا يامان بۇلىدىغانلىقنى ،چۇقۇم ناماز ئۇقۇشىمىز كىرەكلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم.نۇرغۇن كىتابلارنى ئۇقۇدۇم،بىكار ئۈتۈپ كەتكەن ۋاقىتلىرىم ئۈچۈن ئىچىندىم.بەش ۋاخ ناماز كۈندۈلۈك تۇرمۇشۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بۇلۇپ قالدى،مانا مۇشۇنداق روھلۇق يۈرىۋاتقان كۈنلۈرۈمدە، مەن ھىجابلىنىش دىگەن شۇ خىيالنى سۈرۈپ يۈردۈم ۋە مۇسۇلمان بولغان ئىكەنمەن ،بەش ۋاخ نامازنى تۇلۇق ئۇقۇغان ئىكەنمەن،چۇقۇم بۇ يولغا تۇلۇق كىرىشىم كېرەك دەپ ئويلىدىم -دە بازاردىن بىر قۇر كىيىىم سىتىۋالدىم.ئەمما قانداق كىيىپ تالاغا چىقىشنى ئويلاپ تىڭىرقاپ قالدىم،ئامالسىز ئانامدىن مەسلىھەت سورىماقچى بولدۇم.ئانام ئويلىغانلىرىمنى توغرا كۆرگەن بولسىمۇ، خىزمەتنى قانداق قىلىش مەسلىسىدە تۇرۇپ قالدى. مەن ئانامنىڭ تەڭسىزلىكتە قالغىنىنى كۆرۈپ ئۆزۈم بىلگىنىمچە قىلىش قارارىغا كەلدىم،ھوجىرامدا خىيالغا پاتتىم..........ماڭا بۇ دۇنيا ئەسقاتارمۇ؟ئەسقاتقان بولسا ئۆلمەي مەڭگۈ قالاتتىم،ھامان ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن،ھامان بۇ دۇنيادا ياشىغىنمنىڭ سورىغىنى ئۇ دۇنيادا بىرىمەن.ئاللاھ ئىگەم ،دىلىمغا سىلىپ مىنى كافىر ھالىتىمدە قالدۇرۇپ قويمىغىنىغا شۈكۈرلەر بولسۇن!دىدىمدە ئورنۇمدىن دەس تۇردۇم.ئۆلچەملىك كىيىملىرىمنى كىيىپ خىزمەتكە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم،دەسلىۋىدە ئىدارىمىزدىكىلەر ھەيرانۇ-ھەس قالدى.ئەمما كۆڭلۈمدىكىنى چۈشۈنۈپ بەزىلەر ئۆزلىرىدىن خىجىل بولسا ،بەزىلەر تۇرۇقۇمدىن نىمىلەرنىدۇر مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى.ئەمما مەن ،ھەرگىز باشقىچە بولمىدىم ۋە بۇ كىيىملىرىمگە كىچىگىمدىن تارتىپ كىيگەندەك سىڭىشىپلا كەتتىم.شۇنداق قىلىپ ئۆزۈمنىڭ ئەمدى بىر ھەقىقى مۇسلىمە بولغىنىمدىن خۇشاللاندىم،ئاناممۇ ئىدارىنىڭ ھىچ گەپ قىلمىغىنىدىن خۇشال بولدى.
بىرمەزگىل مۇشۇنداق داۋام ئەتكەندىن كىيىن، مەن تۇيۇقسىز ئىدارىمىز رەھبەرلىرى چوڭ باشلىقلىرى تەرىپىدىن ئىشخانىغا چاقىرتىلدىم.ئۇلارنىڭ مۇشۇ سۈيۈملۈك جىلبابىمغا چۈشكەن نەزىرىدىن قىچىپ قۇتۇلالمىدىم،ئۇلار ماڭا ئەسكەرتىشلەرنى بەردى !خىزمەت كىيمى كىيىشىمنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويدى.مەن ئىشخانىدىن چىقىشىمغا ھەممىسىنىڭ كۆزى مەندە ئىدى،نىمە دەيدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟سۇئاللار بەس-بەستە سورالدى.گەپمۇ قىلمىدىم،ئەلۋەتتە بۇ ئاللاھ ئىگەمنىڭ ياخشى كۆرگەن بەندىسىگە بەرگەن سىناقلىرى تۇرسا،مەن ئەكسچە خۇشال بۇلۇپ كەتتىم.بۇرۇن مەن بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمايتى،ئەمدىلىكتە ھەممىسىنىڭ نەزىرى ماڭا تىكىلمەكتە.
مەن كارىم بولماي ئىشقا كەلگەن ئىككىنچى كۈنۈمدە، يەنە ئىشخانىغا چاقىرتىلدىم.بۇ قىتىم يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرى بۇلۇپ قالدىم، (مۇمامنىڭ قارىلىقىنى تۇتۇپ كىيىۋاتىمەن)بۇ گەپ قانداق ئېغىزىمدىن چىققانلىقىنى بىلەممىدىم.شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ بىريىلدەك ئۇششاق-چۈششەك ئەسكەرتىلىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا،باشقا چوڭ مەسىلە چىقماي ئۈتۈپ كەتتى.مانا بىريىل تۇشاي دىگەندە ،نەۋرە ئاكام تاساددىبىر ۋەقەدە تۈگەپ كەتتى.(ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن!)ئۇلۇغ ئاللاھ !ئىگەمگە ھەمدۇ-سانالار بولسۇن!يەنە باھانە چىقىۋەردى،ئەمما بۇ قىتىمقى باھانەرىم نەچچە ئايغا بارماي، كىچىك ياغلىق چىگىشىمنى باشقىلار قارلىق تۇتسا كىچىك ياغلىق چىگىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.قانداق قىلارمەن؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟مىڭەمنى بۇ سۇئاللار ئىگەللىۋالدى،ئاخىرى ئىسلام دىنىمىزنى گۈزەللىكىنى ئۇلارغا سۆزلەش ئارقىلىق قايىل قىلىشنى لايىق كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈچ ئورنۇمدىن دەس تۇرغۇزدى،ئىدارىدىكى كىچىك رەھبەرلەر قايىل بولماي تۇرالمىدى ئەلۋەتتە!بىراق يۇقىرىنىڭ بەلگىمىسىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرىۋالدى.ئامال قانچە ئاللاھ دىن بى سوراق قىل تەۋرىمەيدۇ!ئاللاھدىن نامىزىمدا دۇئا قىلىپ  تىلىدىم، ئاللاھ ئىگەم دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدى.ئىدارىدە تۇيۇقسىز قۇلۇم زاۋۇت ئىچىگە كىرىپ كەتكىلى تاسلا قىلىپ، ئىش ئورنىدا زەخمىلىنىش ئىسپاتى بىلەن دەم ئىلىشقا چىقتىم. بۇ كۈنلەردە مۇئاشىم تۇلۇق چىقىپ قالماستىن مۇكاپات پۇللۇرۇممۇ تۇلۇق ئىۋەتلىپ تۇرۇلدى،ئاللاھ ئىگەم مىنى ۋاختىنچە بۇ بىسىمدىن ئازات قىلدى.
مانا مۇشۇنداق دەم ئىلىش قەغىزى بىلەن دەم ئىلىپ،ئانامغا ھەمكارلىشىپ خۇشال يۈرگەن كۈنلەردە،  مەن ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ئەڭ گۈزەل مېھرىبان ئانامدىن ئايرىلدىم.(ياتقان جايىڭ فىردەۋىس جەننەتلىرىدىن بولسۇن ئانا!) يىغلىدىم...ئۈنسىز ياش تۆكتۈم....مەن بىر مۇسۇلمان بولغانلقىم ئۈچۈن ئاللاھ دىن ئۆزۈمگە سەبىر تىلىدىم.ھەم يۇۋاش مۆئمىن ئانامدەك ئاسان ئۇڭاي، جان بىرىش شەرىپىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھدىن كىچە-كۈندۈز تىلىدىم.ئاللاھ ئىگەمنىڭ، مەندىن ئىلىۋاتقان بۇ چوڭ ئېغىر سىناقلىرى ئالدىدا سەبىر قىلىپ ئەرزىيەتلەرگە چىدامچان بۇلۇش يۇلىنى تاللىدىم.ۋە ئۆز-ئۆزۈمگە ھەي مۇسلىمە ياشايدىكەنسەن ئاللاھنىڭ سىناقلىرىغا سەبىر قىلغىن !جەننەتنى تىلەيدىكەنسەن ئەرزىيەتلەرنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلغىن!دەپ پىچىرلاشقا باشلىدىم.ئىھ ئاللاھىم يەنە مىنى قانداق كەچمىشلەر كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ ، بۇنى سەنلا بىلىسەن مەن بىلمەيمەن!شۇڭا مىنى، مۇسۇلمان پىتى ياشاپ -مۇسۇلمان پىتى قېشىڭغا كەتكىلى نىسىب ئەت!ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر!مەن ئاخىرقى تىنىغىمغىچە،بىر يەك -يىگانە ئاللاھ قا مۇھەببەت باغلىدىم!ئاللاھىم مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن ئامىن!بۇ ئۈمرۈمدە،ھىجابىمدىن ئايرىلىپ قالماسلىقىم ئۈچۈن ماڭا ياردەم قىلغىن ئامىن!
ئاتا-ئانا-مۇما بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر، نىمە دىگە گۈزەل ھە!بۇ ماڭا كەلگەن ئازابلىق كەچمىشلەر چۈشۈم بۇلۇپ قالسىچۇ كاشكى!بۇ قاباھەتلىك چۈشۈنۈمدىن ئويغۇنۇپ كىتەلىسەمچۇ كاشكى..............

  قېرىندىشىم ،سىزمۇ مەندەك قىسمەتلەرنى بىشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ باققانمۇ؟ شۇنداق بولسا سىزگە سەبىر تىلەيمەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kugul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-5 04:58 PM  


ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90726
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2013-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 07:56:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  سىزگە سەبىر بەرسۇن!!  ئاللاھ شۇ تۈگەپ كەتكەن تۇققانلىرىڭىزغا جەننەتتىن ئورۇن بەرسۇن....  سىزمۇ بەك ياخشى قىلىپسىز....  ئاللاھ ھىدايەت يولىغا باشلىسۇن..... راستىمنى دېسەم بەك خۇشال بولدۇم...... ئاللاھ  بەرىكەت ئاتا قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90781
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 750
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 301 سائەت
تىزىم: 2013-1-28
ئاخىرقى: 2013-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 08:11:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزدەك   ئايال  -  قىزلىرىمىز  كۆپرەك چىققان بولسا  بۇ  دۇنيا   نىمە  دىگەن  ئىللىق  تۈسكە  كىرگەن  بۇلاتتى ،  مەن  ھەربىر ئۇيغۇر  مۇسۇلمان  قېرىداشلىرىمنىڭ   بۇ  دۇنيا  پەقەت  سىناق دۇنياسى  ئىكەنلىكىنى  بىلسە نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى، ھازىرغا قەدەر ئاللاغا باش قۇيۇپ سەجدە قىلىپ  باقمىغان قېرىنداشلىرىمنىڭ ،ئاللا كۆڭلىگە  ئىمان  ، ئەخلاق ، ھىدايەت ئاتا  قىلىشنى تىلەيمەن،  ئامىن !

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3006
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 08:32:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم  ئەزىز ھەمشىرەم ،  بىزنى ھىدايەت قىلغان رەببىمىزگە ھەمدۇ- سانالار بولسۇن !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4984
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2094 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 09:50:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللەرەھمەت قىلسۇن.اللەئەزىزتېنىڭىزنى سالامەت،ئىشلرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق،ھەق يولداماڭغان قەدەملىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق بەرىكەتلىك قىلىپ بەرگەي قېرىندىشىم .
بۇدۇنيانىڭ ئەڭ قاتتىق ئازابلىرىمۇ،جاپامۇشەققەتلىرىمۇدەۋزەخ ئازابىغاسېلىشتۇرغاندايەنىلاراھەت ھىسابلىنىدۇ.دىيارىمىزدىكى ئەسلىنى ئۇنتۇپ كېتىۋاتقان قىسمەن كىشىلرىمىزمۇشۇنۇقتىنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسانىمەدىگەنياخشى بولاتتى...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   awatbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-5 09:50 PM  


ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئادەم تاغقا پۇتل

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13749
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8200
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 1246 سائەت
تىزىم: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 10:09:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئاللاھ سەبىر بەرسۇن قېرىندىشىم!
  مەن تۇنجى ئوغلۇم تۇيۇقسىز قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغاندا كاللام قۇپقۇرۇق بولۇپ قالغانىدى. كېچىچە ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ چىقتىم. ئۇنىڭدىن مەڭگۈگە ئايرىلدىم، ئەمدى ئۇنى كۆرەلمەيمەن دېگەننى ئويلىسام ......شۇ چاغدىكى ئازاپلىرىمنى تەسۋىرلىيەلمەيمەن. ئوغلۇمنىڭ چىرايىغا تويماي قاراپ  ئاللاھتىن سەبىر تىلىدىم.  ئاللاھ سەبىر ئاتا قىلدى. شۇنداق قايغۇ ئىچىدە ئولتۇرغىنىمدا تۇيۇقسىز سەن ئۇنىڭدىن مەڭگۈگە ئايرىلمىدىڭ. مەڭگۈلۈك ئايرىلىش ئاخىرەتتە ياخشىلار بىلەن يامانلار ئوتتۇرسىدا بولىدۇ. ئوغلۇڭ تېخى نارسىدە ھالەتتە ، شەكسىز جەننەتكە كىرىدۇ .دېگەن بىر ئوي كاللامغا كەچتى.ئاللاھقا  شۈكرى ئېيتتىم.
  ئى ئاللاھىم،مېھىربانىمسەن، شەپقەتچىمسەن، مۇشۇ ئوغلۇمغا بولغان ئاتىلىق مېھرىنى سالغۇچىسەن ، ماڭا ۋە ئائىلەمدىكىلەرگە سەبىر ئاتا قىلغىن.
   بىر يىلدىن كېيىن ۋاپات بولغان ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ۋاپات بولغان ئوغلۇمغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر ئوغۇل ئاتا قىلدى. ئاللاھقا شۈكرىلەر بولسۇن. ئۇ بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە ئاللاھ ۋاپات بولغان ئوغلۇمنىڭ ۋاپات بولغان كۈنىدە يەنە بىر قىز ئاتا قىلدى.
ئۇلار ھازىر شۇنداق ياخشى چوڭ بولىۋاتىدۇ. ئۇلار شۇنداق چېچەن، ئەقىللىق.
  مۇسىبەت يەتكۈچىنىڭ دۇئاسى ئىجابەتكەن قېرىنداشلار، مۇسىبەت يەتكەندە قايغۇ بىلەن ئۆزىمىزنى يوقۇتۇپ قويماي ئاللاھقا دۇئا قىلايلى.
   ئى ئاللاھ، ئوغلۇمنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئورنىغا  سېنىڭ ۋە سېنىڭ پەيغەمبىرىڭنىڭ ، سېنىڭ دىنىڭنىڭ، بارلىق ياخشى بەندىللىرىڭنىڭ مۇھەببىتىنى سالغىن!  ئامىين!

ئادەم  تاغقا پۇتلاشمايدۇ  تاشقا پۇتلىشىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90951
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 223
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-1-31
ئاخىرقى: 2013-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 10:12:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
boghrahan يوللىغان ۋاقتى  2013-2-5 10:09 PM
ئاللاھ سەبىر بەرسۇن قېرىندىشىم!
  مەن تۇنجى ئوغلۇم تۇ ...


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41571
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4076
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1356 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 10:28:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  سىزگە سەبىر بەرسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24009
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6183
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2013-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 10:28:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىھرىبان ئاللاھ ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنى ھەرخىل سىناقلار بىلەن سىنايدۇ.سىزنىڭ جاسارىتىڭىزگە ئاپىرىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85762
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1142
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 11:14:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنى ھىدايەت قىلغان رەببىمىزگە ھەمدۇ- سانالار بولسۇن !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش