مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2794|ئىنكاس: 29

نىكاھلىنىشتا ياخشى تاللاڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88973
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 971
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2012-12-22
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 04:00:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ (ئەئۇزۇ بىللاھىمىنەش شەيتانىر رەجىم): «يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە، يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا لايىقتۇر. ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە، ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر…» – (نۇر سۈرىسى 26 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى).


ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە جەمئىيەتتە كىشىلەر ئۆز خىلى بىلەن نىكاھلىنىدىغانلىدىن، ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ھەر كىشىنىڭ ئۆز لايىقى بىلەن نىكاھلىنىشىنىڭ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەمەلىيىتى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىش بىلەن بىرگە، نىكاھلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى كىشىنى تاللاشلىرىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
ئەرلەر خوتۇن تاللاشتا تۆۋەندىكى تۆت نەرسىنىڭ بىرىنى ئاساس قىلىدۇ: پۇل-مېلى، تېگى-تەكتىنىڭ ئېسىللىكى، ھۆسن-جامالى ۋە دىيانىتى. سەن دىيانەتلىك ئايالغا ئېرىشكىن، نىكاھىڭ بەرىكەتلىك بولسۇن!» – (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).


رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىسىدە، ئەرلەرنىڭ خوتۇن تاللاشتا ئاياللارغا بولغان قىزىقىشىنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئەرلەرگە دىيانەتلىك ئايال بىلەن نىكاھلىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، شۇنداقلا دىيانەتلىك ئايالنى تاللىغان كىشى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئا قىلىدۇ.

دېمەك، نىكاھلىنىشتا بەزى ئەرلەر ئايالنىڭ مال-مۈلكىگە، بەزىسى ھۆسن-جامالىغا، بەزىسى تېگى- تەكتىنىڭ ئېسىللىكىگە ۋە بەزىسى بولسا، دىيانىتىگە قىزىقىدۇ ۋە شۇنى ئاساس قىلىدۇ.

تۆۋەندە يۇقىرىدىكى ئايەت-ھەدىسنىڭ نۇرى ئاستىدا «نىكاھلىنىشتا ياخشىنى تاللاش» توغرىسىدا بىر قەدەر تەپسىلىي توختىلىمەن. تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر. ئەبۇلفاتىھ

قېرىنداشلار! جەمئىيەتتە شۇنداق ئاياللار باركى: ئادەمگەرچىلىك، ۋاپادارلىق، شەرم-ھايا ۋە رەھىم-شەپقەت قاتارلىق ئىنسانىي خۇسۇسىيەتلەرنى ئۇنتۇپ، مېلىغا ياكى ھۆسن-جامالىغا ياكى تېگى-تەكتىنىڭ ئېسىللىكىگە تايىنىپ ئېرىنى كۆزىگە ئىلمايدۇ. تايىنىدىغان ھېچنېمىسى بولمىغانلارمۇ خالىس ئەسكىلىكىنىڭ تۈپەيلىدىن ئېرىنى يەر قىلىدۇ.

بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تەئالا يۇقىرىقى ئايەتتە
«يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە، يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا لايىقتۇر. ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە، ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر…» دەپ نىكاھلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مۇسۇلمانلارنى جۆرە تاللاشتا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا بۇيرۇغان. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام يۇقىرىدىكى ھەدىسىدە يامان ئاياللارنى ۋە ياخشى ئاياللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.



يامان ئاياللار





يۇقىرىدىكى ھەدىس شەرىفكە ئاساسەن يامان ئاياللار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

1- مېلىنى چوڭ بىلىدىغان مالدار ئايال. بۇنداق ئايال دىيانەتلىك بولۇپ، ھەرقانداق ئىشتا دىنىنى ئاساس قىلىدىغان، پۇل-مېلىغا تايىنىپ ئېرىگە ھاكاۋۇرلۇق قىلمايدىغان، قىسقىسى ئىسلام ئەخلاقىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرگەن ئايال بولسا، ئۇ مال (بايلىق) ھېچقانداق زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ. بەلكى ئۇ بايلىق، ئۇ ئايالنى ۋە ئېرىنى نۇرغۇن ياخشىلىقلارغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

ئەگەر مالدار ئايال دىن- دىيانەتسىز بولۇپ، پۇل-مېلىم بار دەپ تېرىسىگە پاتمايدىغان، كەڭتاشا يەپ-ئىچكىنىنى تۇرمۇش، دۇنيانىڭ ھەشەمەتلىرىنى بەخت-سائادەت ھېسابلايدىغان ھاكاۋۇر ئايال بولسا، بۇنداق ئايال بىلەن قۇرۇلغان ئائىلىدە جېدەل-ماجىرا تۈگىمەيدۇ. بۇ ئائىلىدە ئائىلىۋى ھۇزۇردىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئادەم ئۆيلەنمەكچى بولغاندا دىن-دىيانەتسىز مالدار ئايال بىلەن ئۆيلىنىشتىن ساقلىنىشى لازىم. يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىس بۇنى كۆرسەتمەكتە.

2- چىرايلىق ئىكەنلىكى بىلەن باشقىلاردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغان چىرايلىق ئايال. ھۆسن-جامال دىنىمىزدا يامان كۆرۈلىدىغان بىر نەرسە ئەمەس، لېكىن دىنىمىز، دىن-دىيانەت بىلەن كارى يوق چىرايلىق ئايالنى ئېلىشقا مۇسۇلماننىڭ قىزىقماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى دىيانەتسىز چىرايلىق ئاياللار، چىرايىغا تايىنىپ ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرىدۇ، ئۆز ئىرادىسىنى باشقىلارغا تاڭىدۇ، ئەگەر ياتلىق قىلىنسا، ئېرىگە ھاكىممۇتلەق بولۇشقا ئورۇنىدۇ، گۈزەللىكىگە تايىنىپ، ئۆي ئىچىدە دېگىنىنى دېگەن، قىلغىنىنى قىلغان قىلىشقا تىرىشىدۇ، «مېنىڭ گىپىملا گەپ» دەپ ئويلايدۇ. بىر مۇسۇلماننىڭ چىرايلىق ئىكەن دەپ بۇنداق چۈشەنچىدىكى بىر خوتۇن بىلەن (دىيانىتى بىلەن ھېساپلاشماستىنلا) ئۆيلىنىشى تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر.

دىن-دىيانەت بىلەن كارى يوق چىرايلىق خوتۇننىڭ، ئېرىگە ھۆسن-جامالى بىلەن نازلىنىپ ھەر پۇرسەتتە ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقى، ئاچ كۈزلۈك قىلىشى، ئېرىگە قانائەت قىلماسلىقى، باشقىلارغا كۆز تىكىشى، ئۆزىنى باشقىلار ئۈچۈن پەردازلىشى، ھەر ئىشىكتىن كۆرۈنۈپ، ھەر دېرىزىدىن قارىشى، يۈزىنى ھەر كەلگەنگە كۆرسىتىشكە ھەۋەسلىنىشى جەمئىيتىمىزدە كۆزگە چېلىقىۋاتقان بىر ھادىسىدۇر. بۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. توي قىلىشتىن بۇرۇن ئىچىمىز ئاغرىغان ياكى ئاچچىغىمىز كەلگەن كىشىلەرنىڭ، توي قىلغاندىن كېيىن بىز بولۇپ قالماسلىقىمىزغا تىرىشىشىمىز لازىم.

3- ئاتا-بوۋىسىنىڭ نوپۇزلۇق كىشىلەر ئىكەنلىكىگە تايىنىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ئايال. ئەگەر بىر ئايالنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئىسلامغا خىزمەت قىلىپ نوپۇز تاپقان بولسا، بۇ ئايالمۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان بولسا، بۇ نېمىدىگەن ياخشى ئايال! ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ ئۇ ئايال ئۈچۈن بىر پايدىسى يوق. ئۆزى تەر تۆكۈپ، شان-شەرەپ ھاسىل قىلماستىن ئاتا-بوۋىسىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى (راستىنلا ئۇلۇغمۇ يوق بۇ ئايرىم بىر مەسىلە) سەرمايە قىلىپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ئايالدىن مۇسۇلمانغا ياخشىلىق كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىستە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنداق سۈپەتتىكى ئايال بىلەن توي قىلىشىنىڭ مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

جەمئىيىتىمىزدە ئۆزىنىڭ ھەسەپ-نەسىبى بىلەن پوچىلىق قىلىدىغان، قەبىلىسى ۋە قەۋمى بىلەن پەخىرلىنىدىغان، تېگى-تەكتىنىڭ ئېسىللىكى بىلەن ماختىنىدىغان، شۇنداقلا باشقىلارنى كەمسىتىدىغان، ئۆزىگە ئوخشىمايدىغانلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان، ھاكاۋۇر ۋە ماختانچاق ئاياللار كۆپ. نىكاھلىنىشتا مانا مۇشۇنداق ئاياللارنىڭ تاللانماسلىقى كېرەك.

قېرىنداشلار! پۇل-مال ۋە ھۆسن-جامال ۋاقىتلىقتۇر. ھەسەپ-نەسەپنىڭ ئۇلۇغلىقىمۇ قۇرۇق بىر دەۋادىن باشقا بىر نەرسە ئەمەستۇر. ھەتتا ھەسەپ-نەسەپنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن ماختىنىشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكى نورغۇن ئايەت ۋە ھەدىسلەردە بايان قىلىنىدۇ؛ دىيانەت بولسا، ئۆلگۈچە داۋاملىشىدۇ ۋە پايدىسى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل ئايال دىيانەتلىك بولۇپ قالسا، نۇر ئۈستىگە نۇر بولىدۇ. دىيانىتى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئەر-خوتۇن، ئۇ دۇنيادىمۇ جەننەتتە ئەر-خوتۇن بولۇپ بىرگە ياشايدۇ (ياسىن سۈرىسىنىڭ 56 – ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ).

دىنىمىز بىز مۇسۇلمانلارنى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن بەزى ئىشلارنى قىلىشىمىزغا بۇيرۇش بىلەن بىرگە بەزى ئىشلاردىن چەكلەيدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىس، ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم باسقۇچلىرىدىن بىرى بولغان ئۆيلىنىش باسقۇچىمىزدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى بايان قىلماقتا. چۈنكى بىز بېشىمىزغا نېمە كېلىدىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز. ئۇنى پەقەتلا رەببىمىز ئاللاھ تائالا بىلگەچكە قاچان قەيەردە نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى سۆزلىگەن بولسا، قەتئىي بويسۇنۇشىمىز لازىمدۇر.

نىكاھلىنىشتا مۇھىتنىڭ تەسىرى ياكى ياشلىق ھاياجانى ياكى يار-بۇرادەرلەرنىڭ قىزىقتۇرۇشى قاتارلىقلارغا بويسۇنۇپ ھېسسىياتچانلىق بىلەن قارار بەرمەسلىك كېرەك. ئەقلىمىزنى ئىشلىتىشىمىز لازىم، دىنىمىزنىڭ تەلىماتلىرىغا خىلاپلىق قىلماسلىىقىمىز، شۇنداقلا تەقۋادارلىقنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك .

قېرىنداشلار! دىنىمىز نېمىدىن چەكلىگەن بولسا، بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈندۇر. نېمىگە بۇيرىغان بولسا، بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈندۇر. يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل ئايال مۇسۇلمانچىلىقنى ئاساس قىلماي، ئۆزلىرىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ ئۇ ھاللارغا كەلگەن. ئەگەر ئۇ ئۈچ خىل ئايال مۇسۇلمانچىلىقنى ئالدىنقى قاتاردا قويىدىغان ئاياللار بولسا، ئۇلارنىڭ ھەدىستىكى 4- خىل ئايالدىن ھېچقانداق پەرقى يوقتۇر، بەلكى ئۇنىڭ دەل ئۆزىدۇر.

دېمەك، پۇل-مال، ھۆسن-جامال ۋە ھەسەب-نەسەبنىڭ ئۇلۇغلۇقى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزى يامان نەرسىلەر ئەمەستۇر. يامان بولغىنى بۇلارغا تايىنىپ توغرا يولدىن چىقىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە نىكاھىمىزغا ئالماقچى بولغان ئايالنىڭ دىيانەتلىك بولۇشىنى ئاساس قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلغان.


ياخشى ئايال





يۇقىرىدىكى ھەدىستە بايان قىلىنغان دىيانەتلىك ئايال ئايەتتىكى ياخشى ئايالدۇر. دىيانەتلىك ئايال پايدىلىق بىر تىجارەتكە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ پايدىسى توختاپ قالمايدۇ. دىيانەتلىك ئايال ئىپپەت-نومۇسلۇق، ۋىجدانلىق، ھەر ئىشتا سەۋرلىك، چىداملىق، قەلبى تۈزۈك، ئەقلى سۈزۈك، كۆڭلى ساپ بولىدۇ. ئۆزىنىڭ ھەققىنى تونۇيدۇ، ھەققى ئەمەس نەرسىنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئېرىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ، سەۋەنلىكلىرىگە كۆز يۇمىدۇ. ھەر خاتالىقى بىلەن ھېسابلىشىپ ئۇلتۇرمايدۇ. ئېرىنىڭ ھەققىنى تونۇيدۇ ۋە رىئايە قىلىدۇ. مەسىلەن: بار چېغىدا ئىچىنى پۇشۇرمايدۇ. يوق چېغىدا خىيانەت قىلمايدۇ.

دىيانەتلىك ئايال ئۆينى رەتلىك تۇتىدۇ. يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ياخشى بىر ئىنتىزامغا كىرگۈزىدۇ. دىنىغا ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادىتىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچبىر يەرگە چىقمايدۇ. بالىلارنى تەربىيلەشتە بارلىق كۈچىنى چىقىرىدۇ. نەتىجىدە دىيانەتلىك ئايال بالىلارغا نىسبەتەن شەپقەتلىك بىر ئانا، زېرەك بىر ئۇستاز بولسا، ئېرىگە نىسبەتەن راۋرۇس بىر خوتۇن، ۋاپادار بىر ھايات يولدىىشىدۇر.

بۇنداق بىر ئايال بىلەن قۇرۇلغان ئائىلىدە سەمىيلىك، راستچىللىق، ئىشەنچ، ئۆزئارا ئىخلاس ۋە مېھىر-مۇھەببەت ھايات بويىچە داۋاملىشىدۇ. مۇئامىلىلەر سىلىق، چىرايلار خۇش، گەپ-سۆزلەر يېقىملىق. ئىززەت-ئىكراملار تولۇق. نېمىدېگەن بەختلىك ئائىلە-ھە!

دىيانەتلىك ئايال ئېرىگە ئىتائەت قىلىدۇ. ئېرىنىڭ ئابرۇيىنى ۋە مېلىنى ساقلايدۇ. ئېرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئاياغ ئاستى قىلمايدۇ. بۇنداق ئايالنىڭ ياسىنىشى، كىيىنىشى ۋە پۈتۈن زىبۇزىننەتلىرى پەقەتلا ئېرى ئۈچۈن بولىدۇ. بۇنداق دىيانەتلىك ئايال بىلەن توي قىلغان مۇسۇلماننىڭ پاراكەندە ئەھۋالى رەتلىنىدۇ، كۆڭلى ئارام تاپىدۇ، قەلبى خاتىرجەم بولىدۇ، ۋىجدانى راھەتلەيدۇ، ئىچى پۇشمايدۇ، ئۆيى ئاۋاتلىشىدۇ، ئىشى ئالدىغا ماڭىدۇ. ئۆيلەنگەن ۋاقتىمىزدا ئايالنىڭ دىيانەتلىك ئىكەنلىكىنى ئاساس قىلساق، ئاقىۋېتىمىز مانا مۇشۇنداق بەختلىك بولىدۇ.



ياخشى ئەر





ياخشى ئەر دىيانەتلىك ئەردۇر. دىيانەتلىك ئاياللارمۇ دىيانەتلىك ئەرلەر بىلەن توي قىلىشى لازىم. چۈنكى دىيانەتلىك ئەر ياخشى ئەخلاقلىق، ئېغىر-بېسىق، تەمكىن، كۆڭلى تۈز، مۇلايىم، مېھىر-شەپقەتلىك، كۆيۈمچان ۋە ئائىلىسىگە مەرھەمەتلىك كېلىدۇ. ئايالىغا زۇلۇم قىلمايدۇ. ئايالىنىڭ ھەقلىرىگە تولۇق رىئايە قىلىدۇ. ئايالى بىلەن ياخشى ئۆتىدۇ. خەج-خىراجىتىنى ئۆز جايىدا قىلىپ بېرىدۇ. ئايالىغا دىنىنى ئۆگىتىدۇ. ئايالىنى ياخشى ئىشلارغا قىزىقتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ. ئۇنى يامانلىقتىن توسىدۇ. قىسقىسى دىيانەتلىك ئەر ئايالىنى شەرىئەت بويىچە ساقلايدۇ. ئايالىنى: «ئۇ مەن، مەن ئۇ» دەپ چۈشىنىدۇ.



بەختلىك ئائىلە





دىيانەتلىك ئەرگە تەككەن ئايال ۋە دىيانەتلىك ئايالنى ئالغان ئەر ھاياتىنى شەرىئەت ئەھكامىغا ئۇيغۇن ئۆتكۈزىدۇ، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەيدۇ. نەتىجىدە ھەر ئىككىلىسى ئۇ دۇنيادا جەننەتكە كىرىشكە لايىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ، ئەر-ئايال مۇئمىنلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە بىر خىل ھالەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئەدن جەننەتلىرىدىكى ئېسىل جايلارنىمۇ ۋەدە قىلدى. ئاللاھنىڭ رازىلىقى بولسا، ھەممىدىن بۈيۈكتۇر. مانا بۇ، كاتتا بەختكە ئېرىشىشتۇر» – (تەۋبە سۈرىسى 72 – ئايەت).


يامان ئەر





بەزى دىيانەتسىز ئەرلەر باركى، ئۇلارنىڭ تەبىئىتى قوپال، مىجەزى توڭ، سۆھبىتى ناچار، ئۆزى ھاماقەت، خۇيى ئەسكى، خۇشاللىقى ئاستا، ئاچچىغى تېز، كىرسە مىننەتخور، چىقسا گۇمانخوردۇر. بۇنداق بىر ئەر بىلەن بىر ئۆيگە كىرىپ قالغان ئايالنىڭ ھاياتى بەختسىزلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ؛ غەم- غۇسسە يۇتىدۇ، ھەسرەت-ئەلەم چېكىدۇ، جاپا-مۇشەققەت تارتىدۇ. ئۇنداق ئەر خۇتۇنى بىر نەرسە تەلەپ قىلسا، ئەزىيەت قىلىپ يۈرىكىنى زىدە قىلىدۇ. ئۇنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا زورلايدۇ.

بۇنداق ئەرلەرنىڭ چىرايى تۇتۇق، مۇئامىلىسى قوپال، گەپ-سۆزلىرى سېسىق ۋە يۈزى قېلىن كېلىدۇ. ئايالىنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلمايدۇ. تېخى ئايالىنى: «يېشى چوڭكەن، كېسەلچانكەن، ماڭا ئىقتىسادىي جەھەتتە مەنپەئەتى يەتمەيدىكەن…» دەپ تالاق قىلىتىۋېتىدۇ ياكى شۇنداقلا تاشلىۋېتىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئەخمەق ئۆزىنى دىۋانە، ئايالىنى تۇل، بالىلىرىنى يېتىم قىلىۋېتىپ ئىنسانلارنىڭ نەپرىتىگە، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ.

ئۇنداق ئەرلەر ئاللاھ تائالادىن ھېچ قورقمايدۇ. ئايالىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى، ئەقىدە-ئىخلاسىنى ۋە ئۆزى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ھاياتىنى ھېچ ئېتىبارغا ئالمايدۇ. مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ، بۇنداق سۈپەتتىكى ئەلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشى تولىمۇ ئېچىنارلىق بىر ئەھۋالدۇر.



نىكاھ




بۇ يەردە نىكاھنىڭ ئاياللارنىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان قىسمىنى قىسقىچە بايان قىلىمەن:

1- ئىسلام دىنى نىكاھتا ئايال كىشىنىڭ رازىلىقىنى شەرت قىلىدۇ. ئەگەر ئايال كىشى رازى بولمىسا ھېچكىم ئۇنى نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلىيالمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئايال كشىنىڭ تەگمەكچى بولغان ئېرى دىيانەتسىز بولسا، ئۇنىڭ توي قىلىشتىن باش تارتىش ھەققى ۋە ھوقۇقى بولىدۇ.

2- نىكاھتا ئايالنىڭ قىز بولسۇن چوكان بولسۇن رازىلىقى (ماقۇللۇقى) ئېلىنىدۇ، شۇنداقلا رەسمىي ماقاملاردا ۋە نىكاھ ئوقۇلغاندا ئۇنىڭ ئۆزى: «تەگدىم» دەيدۇ.

3- نىكاھنىڭ (ئايالنىڭ نىكاھلىنىشىنىڭ) مەرۇفقا ئۇيغۇن بولۇپ بولمىغانلىقىنى ئۇنىڭ ۋەلىيىسى كونترول قىلىدۇ. ئايال كىشىنىڭ ۋەلىيىسى ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان كىشىدۇر: مەسىلەن: بىر ئايال كىشى ئۈچۈن دادىسى، دادىسى بولمىسا ئاكىسى ۋەلىيىسى ھېسابلىنىدۇ. ئايال كىشىنىڭ ۋەلىيىسى كونترول قىلمىغان نىكاھ، نىكاھ ھېسابلانمايدۇ. (بەقەرە سۈرىسىنىڭ 221 ۋە 232- ئايەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ).

ئايال كىشىنىڭ نىكاھىنىڭ مەرۇاقا ئۇيغۇن بولۇپ بولمىغانلىقىنى ئۇنىڭ ۋەلىيىسىنىڭ كونترول قىلىشى دېمەك، ۋەلىي بۇ ئايالنى نىكاھىغا ئالماقچى بولغان كىشىنىڭ قانداق ئادەملىكى، بۇ نىكاھنى بىر ئائىلە قۇرۇش مەقسىتىدە قىلامدۇ ياكى باشقا مەقسەتتە قىلامدۇ، ئۇ كىشى شۇ ئايال ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە شۇ ئايالغا لايىقمۇ ئەمەسمۇ، قاتارلىقلارنى دىنىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلىماتلىرىنى ۋە ئۆرپ-ئادىتىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى قائىدە-يوسۇنلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، قولىدىن كېلىشىچە تەكشۈرۈپ نەتىجىدە ئۇ ئەرنى بۇ ئايالغا لايىق كۆرسە، بۇ نىكاھقا رۇخسەت قىلىدۇ؛ لايىق كۆرمىسە رۇخسەت قىلمايدۇ دېمەكتۇر.



مەخپىي نىكاھ





بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخپىي نىكاھ ئۈستىدىمۇ قىسقىچە توختىلىمەن. چۈنكى بۇ مەسىلە «نىكاھنىڭ شەرتلىرى» دە تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

مەخپىي خوتۇن ئېلىش، مەخپىي ئەرگە تېگىش، شەكلى ئۆزگەرگەن زىنادىن باشقا بىر نەرسە ئەمەستۇر. ئاللاھ تائالادىن قورقۇش كېرەك. ئۆزى ئەھلى ئىلىم ئەمەس لېكىن ئەھلى ئىلىمگە ئوخشايدىغان «دەللاللار» نىڭ ۋە كالتە كۆسەي موللىلارنىڭ تەۋبە قىلىشى لازىم. ھېچكىمنىڭ ئۆزى چاغلاپ دىن نامىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى يوق. ئەگەر ئەھلى ئىلىم بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۆز جايىدا يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتى بار، خالاس! ئىسلام دىنىدا نىكاھ (توي) ئاىلە قۇرۇش، بالا-چاقا تېرىش ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋىتى ئورنۇتۇش ئۈچۈن قىلىنىدۇ. نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ۋە ھەدىسلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ.



ئەرنىڭ مەسئۇلىيىتى




مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ئەرلەر ئائىلىنىڭ رەئىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئائىلىسىدىن مەسئۇلدۇر؛ ئۆزىنىڭ ۋە ئايالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا رەھىم-شەپقەت قىلىشى، ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشى، بالىلىرىنى قوغدىشى ۋە ئۇلارنى تەربىيىلىشى، ئايالى بىلەن ياخشى ئۆتىشى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خەج-خىراجىتىنى قىلىپ بېرىشى، ئۇلارغا دىننى ئۆگىتىشى، ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا تەرغىب قىلىشى، يامان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرىشى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆيۈنىشى ۋە كېسەل بولۇپ قالسا داۋالىشى لازىم.



ئايالنىڭ مەسئۇلىيىتى



ئايال كىشىنىڭمۇ ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۆۋەندىكىدەك مەسئۇللۇقلىرى بار:

1- ئايال كىشىنىڭ دىنىمىزدا گۇناھ ھېسابلانمايدىغان ۋە ئۆرپ-ئادەتكە ئۇيغۇن بولغان ئىشلاردا ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى لازىم. بۇنىڭغا ئاساسەن:

ئەگەر بىر ئەر ئايالىنى دىنىمىزدا گۇناھ ھېسابلىنىدىغان بىر ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇغان بولسا ياكى دىنىمىز قىلىشقا بۇيرۇغان بىر ئىشنى قىلىشتىن توسقان بولسا، بۇ ئايالنىڭ ئۇ ئەرگە ئىتائەت قىلماسلىقى لازىم.

ئەگەر بىر ئەر ئايالىنى ئۆرپ-ئادەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بىر ئىشقا بۇيرۇسا مەسىلەن: بىر ئەر ئايالىغا ئوتتۇرا كېچە بولغان ۋاقىتتا «لەغمەن يەيمەن، لەغمەن ئەت» دەپ ئۇنى ئوتتۇرا كېچىدە لەغمەن ئېتىشكە بۇيرۇغان بولسا ياكى ئايالىغا ئاتا-ئاناڭ بىلەن كۆرۈشمەيسەن دەپ ئۇنى ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈشتىن چەكلىگەن بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ ئايال ئېرىگە ئىتائەت قىلمىسا گۇناھكار بولمايدۇ.

2- ئايال كىشىنىڭ ئېرىنىڭ ئابرۇيىنى قوغدىشى، ئۆزىنىڭ شەرىپىنى ساقلىشى، ئېرىنىڭ مېلىغا، بالىلىرىغا ۋە پۈتۈن ئۆي ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىشى لازىم.

3- ئېرىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلماسلىقى (ئەگەر بىر يەرگە چىقماقچى بولسا، ئېرىنىڭ رۇخسىتى ۋە رازىلىقى بىلەن چىقىشى)، ئېرىنىڭ ئالدىدا ئاۋازىنى پەسلىتىشى، قولىنى يامانلىقتىن، تىلىنى سەت گەپتىن ساقلىشى، ئېرىنىڭ تۇغقانلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى لازىم.



خۇلاسە



ئائىلىدە ئەر ئۆز ۋەزىپىسىنى، ئايالمۇ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بالىلىرىغا ياخشى ئۈلگە بولۇشى لازىم. ئەر ئەرلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى، ئايالمۇ ئاياللىقىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. دۇنيادىن ئىبارەت بۇ دېڭىزدا ئائىلە كېمىمىزنى مۇشۇنداق چۈشەنچە بىلەن ھەيدەپ ماڭغاندىلا ئامان-ئېسەنلىك ساھىلىغا ساق-سالامەت چىقالايمىز. ھەمدە ئائىلىمىز ياخشى ئائىلە ۋە بەختلىك ئائىلە بولغان بولىدۇ.

ياخشى ئائىلىلەردىن قۇرۇلغان جەمئىيەت، ياخشى جەمئىيەت بولۇپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە لايىق بولىدۇ. چۈنكى ھەر بىر ئائىلە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بىناسىنىڭ بىر خىشىدۇر. ئىنسانىيەت بىناسىنىڭ خىشلىرى بولغان ئائىلىلەر تۈزەلسە، جەمئىيەتتىن ئىبارەت بىنا تۈزىلىدۇ. مۇستەھكەم بىنادىكى كىشىلەر بوران-چاپقۇن، قار-يامغۇر ۋە ئىسىسق-سوغۇقلاردىن ساقلىنىپ قالغاندەك، تۈزۈك جەمئىيەتنىڭ ئىنسانلىرىمۇ دۇنيانىڭ پالاكەتچىلىكلىرىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ، شۇنداقلا ئاخىرەتتە مۇرادىغا يەتكۈچىلەرنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ئىسلاھ قىلسۇن. ئامىن!



مەنبە مۇسۇلمانلار تورى










مەن كىم ؟ نەدىن كەلدىم؟ نەگە بارىمەن؟ مەنزىلىم قايان؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 830
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2991
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 04:32:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقىدەك جەمئيەتتە ھالال جۈپتنى تاپماق ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس بولۇپ قالدى

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 1317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13907
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 9221 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 05:16:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alenur يوللىغان ۋاقتى  2013-2-5 04:32 PM
ھازىرقىدەك جەمئيەتتە ھالال جۈپتنى تاپماق ئاسمانغا چىق ...

بىز ئىنسانلارغا ھەممە  ئىشىلار  ئاسمانغا چىقىشتىنىمۇ تەس ، ئاللاھ غا  ھەممە ئىشىلار شۇنداق ئاسان .  ئاللاھ سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن ئەڭ يىقىن . ئاللاھ بىز ئىنسانلارغا يۇلۇقتىرىمەن دەيدىكەن بىزگە يولۇقتۇردۇ .
جەمىئىيەتدە گۇناھ يوق . شۇ بىر تەرەققى قىلغان گۇناھ بار شۇ . ئىنسان ئۆزى بۇزۇق بولسا ھەممە نەرسە ئۇنىڭىغا بوزۇقتەك  كۆرۈندۇ .

ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە ، ئىغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2866
يازما سانى: 656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12142
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 12911 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2013-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 05:19:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى دىيانەتسىز ئەرلەر باركى، ئۇلارنىڭ تەبىئىتى قوپال، مىجەزى توڭ، سۆھبىتى ناچار، ئۆزى ھاماقەت، خۇيى ئەسكى، خۇشاللىقى ئاستا، ئاچچىغى تېز،   
بۇنى كۆرۈپ بىرى ئىسىمگە كەپ قالدى دىسە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88390
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 383
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2012-12-10
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 05:34:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alenur يوللىغان ۋاقتى  2013-2-5 04:32 PM
ھازىرقىدەك جەمئيەتتە ھالال جۈپتنى تاپماق ئاسمانغا چىق ...

ۋاپا، ھايا قالمىغاچقا شۇنداق بولۋاتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 830
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2991
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 05:52:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aysiman يوللىغان ۋاقتى  2013-2-5 05:16 PM
بىز ئىنسانلارغا ھەممە  ئىشىلار  ئاسمانغا چىقىشتىنىمۇ  ...

ئىنسان ئۆزى بۇزۇق بولسا ھەممە نەرسە ئۇنىڭىغا بوزۇقتەك  كۆرۈندۇ دىگىنىڭىز نمىسى ؟؟نىمە دىمەكچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 830
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2991
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 05:52:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aslima01 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-5 05:34 PM
ۋاپا، ھايا قالمىغاچقا شۇنداق بولۋاتىدۇ.

راسىت دەيسىز

خىيالچان مەلىكە!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90969
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 649
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2013-2-1
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 06:44:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aslima01 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-5 05:34 PM
ۋاپا، ھايا قالمىغاچقا شۇنداق بولۋاتىدۇ.

ئوخشاش پىكىردىكەنمىز....

دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگىچە، ئۆزەڭگە ئۆمۈر تىلە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90781
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 301 سائەت
تىزىم: 2013-1-28
ئاخىرقى: 2013-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 06:45:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ  نىكاھ  تۇغۇرلۇق   جاۋاپ  تاپالماي   يۇرگەنتىم  .    ئاللا  رەھمەت   قىلسۇن  قېرېندىشىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6139
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 853 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 06:49:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىز ئىسلام روھى بىلەن چىڭ ئىتىقادتا ياشىساق بەخىتلىك بولالايمىز! تىما ئىگىسىگە رەھمەت!...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش