(كەسپىي ئېتوت سىنارىيەتچىسى بولمىغانلىقىم ئۈچۈن بەزەن يەرلەردە ئېپادىلەشلەر تولۇق بولمىغان بولىشى مۇمكىن،ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن)
ئۇچ ئادەم ئورۇنلايدۇ. بىر دادا، بىر بالا، بىر چوڭ ئانا.باشتا چوڭ ئانا كۆڭلى يېرىم ھالدا چۆگۈننى كۈتۈرۇپ كىرىدۇ.
ئا: بالام قوپە ئىشقا بارسەن، چېيىڭنى ئىچىۋال. بۈگۈن دېگەن نورۇز بۈگۈن ئۇخلىساڭ بىر يىل ئۇخلايسەن دېگەن گەپ. تۇرە بالام سەھەر تۇرغان ياخشى.
ب: ھە مانا موما. (چايغا چىقىدۇ ۋە چاي ئىچكەش موماي بىلەن پاراڭلىشىدۇ)
ب: موما چىرايىڭ باشقىچە تۇرىدۇ. مىجەزىڭ يوقمۇ نېمە؟ دۇختۇرغا ئاپىرايمۇ يە. بۈگۈن دېگەن نورۇز يىلنىڭ بىشىدىنلا بۇنداق يۇرسەڭ قانداق بولىدۇ؟ (كۆيگەن قىياپەتتە)
ئا: ۋاي بالام قايتۇرىۋالدىڭ ھە. ئاناڭ رەھمەتلىك چۈشۈمگە كىرىپ قاپتۇ.ئاناڭنى سېغىنىپ قالدىم. ئاناڭ رەھمەتلىك چاچلىرىمنى تاراپ قويىدىغان. ئىشلىرىمنى قىلىشىپ بېرىدىغان قولۇمنى سۇغا تىققۇزماي،بىلىمنى ئىگىلدۇرمەي، تۆردىن چۈشۇرمەي ھەممە ئىشلارنى ئۆزى قىلىپ ئۈلگىرەتتى.شۇلار ئېسىمگە كېلىپ كۆڭلۈم بۇزىلىۋاتىدۇ بالام.
ب:موماكۆڭلۈڭنى 2/1 قىلما بولدى.
ئا:قانداقمۇ كۆڭلۇم يېرىم بولمىسۇن بالام. ئاناڭ رەھمەتلىك بولغان بولسا قانچە ياخشى بولاتتى ھە. داداڭ بولغان بولسىمۇ بۇنداق ئوقۇشتىن قېلىپ ئىشلەپ يۇرمەيتتىڭ بالام.
ب:بولدى قىل موما. مېنىڭ دادام يوق. ئۇ بىزدىنئاللبۇرۇن تانغان مېنىڭ ئۇنداق دادام يوق.
ئا:ئۇنداق دېمىگىن ئوغلۇم. داداڭ بولمىغان بولسا،سەن قانداقمۇ بۇ ھاياتلىققا ئېرشەلەيتىڭ.
ب:موما شۇ بىرمىنىڭ گېپىنى قىلىشمايلى بولدى. مەن سېنىڭ كۆڭلۇڭنى كۆتتۇرۇپ قوياي ھە(بىرەر قىزقارلىق چاقچاق ئېيتىدۇ) ئاندىن موما سەندىن بىر تېپىشماق سوراي
ئا: قېنى سورا.
ب: بىر پاقا ئۇچالايدىكەن نېمىشقا؟
ئا: چۇش كۆرۈپتۇ.
ب: خاتا، ئۇچۇردىغان دورا يەۋاپتۇ.
ب:بىر يىلان ئۇچالايدىكەن نېمىشقا؟
ئا:ئۇچۇردىغان دورا يەۋاپتۇ.
ب: خاتا. ئۇچالايدىغان پاقا يەۋاپتۇ.بىربۇركۈت ئۇچالايدىكەن نېمىشقا؟
ئا: ئۇچىدىغان يىلان يەۋالغاچقا.
ب: خاتا،بۈركۈتنىڭ قانىتى بار تۇرسا (ئىككىسى تەڭلا كۈلۇپ كېتىدۇ)
ب:موما مەن ئىشىمغا ماڭاي، كىچىكىپ قالماي يەنە.
ئا: بولىدۇ بالام.خۇدا يىمغا ئامانەت. ئېھتىيات قىل.بالدۇراق يېنىپ كەل. بالىلار بىلەن ئارلىشىپ قالما بالام (بالا چىقىپ كېتىدۇ.موماي قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇردۇ. سىرتىتن بىر ئەر كىرىپ كېلىدۇ. ئانا ئەرنى كۆرۈپ باشتا ھەيران قالىدۇ. كېيىن ئۇنىڭ ئۆز ئوغلى ئىكەنلىكنى بىلىپ چىراى باشقىچە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.ئېسىل كىينىپ چىقىدۇ.
س: ئانا بۇ مەن. سېنىڭ ئوغلۈڭ، ۋاپاسىز ئوغلۈڭ قايتىپ كەلدى ئانا.
ئا: سەن نېمىگە كەلدىڭ؟ بۇ ئۆي سېنى قارشى ئالمايدۇ. كەت بۇ يەردىن كەت
س: ئانا مېنى كەچۇرگىن.يارىماس. ۋىجدانسز ئوغلۇڭنى كەچۇر ئانا. مەن قايمىقۇپ قاپتىمەن. پۇل مال-دۇنيا مېنى ئېزىقتۇرۇپتۇ ئانا. ئەيىش ئىشرەت مېنى ئۆزىگە قىزىقتۇرۇپ مېنى قايمۇقتۇرۇپتۇ ئانا. مەن ھايۋان، مېنى تىللا ئاچچىقىڭ يانىدىغانلا بولسا مېنى نېمە قىلساڭ مەيلى -مېنى ۋەھىم بېسىۋالدى. مەن ئۆينى سېغىندىم. سېنى، بالامنى سېغىندىم. مېنىڭ ئوغلۈم قېنى ئانا؟ مەكتەپكە كەتتىما؟ مەن ئۇنى كۆرمىگىلى 10يىلدىن ئېشىپتۇ ئۇنى بەكمۇ سېغىندىم ئانا.
ئا: مەن سېنى كەچۇرگەن بىلەن ئوغلۇڭ كەچۈرەرمۇ؟ (تەنە بىلەن)
س: مەن ئۆزگەردىم ئانا،ئوغلۇم مېنى چوقۇم كەچۈرىدۇ،مېنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتەرگىن بولامدۇ ئانا؟
ئا:ئۇ ئىشقا كەتتى، مەكتەپكە ئەمەس ئىشقا كەتتى،سېنىڭ سەۋەبىڭدىن ئۇ ئوقۇشسىز قالدى،مەكتەپ قوينىدىن ئايرىلىپ كوچا كويلاردا باشقىلارنىڭ ئايغىنى مايلاپ پۇل تېپىپ بىر ئۆينى بېقىۋاتىدۇ،تېخى كىچىك تۇرۇپ،مەكتەپ قوينىدىن ئايرىلىپ جەمىيەتكە قەدەم باستى،ھەممىسى سېنىڭ سەۋەبىڭ،سەن بۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى تاشلاپ كەتتىڭ،سەن يەنە قايسى يۈزىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى؟(نەپىرەتلىنىپ)
س:نېمە؟مەن ئادەم ئەمەس،ئوغلۇم مېنى كەچۈر(ھەسىرەت چەككەن قىياپەتتە)(ب ھويلىغا كىرىدۇ،س ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ.ب سەھەنىگە قاراپ سۆزلەيدۇ)
ب:بۈگۈن مومامنىڭ 70كە كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ھەم ئۇلۇغ نورۇز كۈنى بۈگۈن تاپاۋىتىممۇ يامان ئەمەس،شۇڭا مومامغا تورىت ھەم بىر باش ياغلىق ئالدىم،مومام بۇنى كۆرۈپ چوقۇم خوشال بولۇپ كېتىدۇ،مومام 70كە كىرگەن بىلەنچۇ لېكىن قىلغان قىلىقلىرى 18ياشتىكى قىزلاردەك شاش موماي جۇمۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە مومام يامان قىزىقچى نېمىشقا دېسەڭلار مومام بۇرۇن ھېسام بوۋام ساۋاقدىشكەنتۇق زىۋىدىخان مومام بولمىغان بولسا مەن ھېسام بوۋامنىڭ نەرۋىسى بوپ قاللاتىم بولاتتىمدە ھى ھى بولدىلا مومو(ئەكىلەپ)مەن كەلدىم
ئا:كېلە بالام كېلە،بەك ھېرىپ كەتتىڭ ھەقاچان،بىرەسى بوزەك قىلمىغاندۇ؟كەينىڭدىكى نېمە ئۇ؟بۈگۈن بەك خوشال كۆرىنىسەنغۇ؟(دادىسىنىڭ كەلگىنىنى چاندۇرمايدۇ)
ب:موما ئۇنتۇپ قاپسەندە ھە؟بۈگۈن سېنىڭ 70كە كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈڭ شۇڭا باشلامدۇق؟
ئا:ۋاي ئېسىم قۇرسۇن بالام باشلايلى بالام
ب:تۇغۇلغان كۇنىڭگە مۇبارەك
ئا:تۇغۇلغان كۈنۈمگە مۇبارەك
ب:تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك
ئا:تۇغۇلغان كۈنۈمگە مۇبارەك (ئىككىسى تەڭلام) يې
ب:موما تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك،تېنىڭىز سالامەت بولسۇن تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈڭ،بۇ ياغلىقنى ساڭا ئالدىم.ئارتىۋالە موما
ئا:رەھمەت بالام،بىرگە بولسۇن،نېمىگە ئاۋارە بولۇپ بۇلارنى ئېلىپ يۈرگەن بولاتتىڭ؟شۇنچە جاپا چېكىپ تاپقان پۇلۇڭنى ئۆزۈڭ خەجلىسەڭچۇ؟بالام، رەھمەت ساڭا
ب:موما سەن 70كە كىردىڭ جۇمۇ بۇنداق كۈننى مۇبارەكلىمىسەك قاندا بولىدۇ؟(س ياندىكى ئۆيدىن چىقىدۇ )
س:بالام مەن سېنىڭ داداڭ.
ب:موما بۇ كىمۇ؟
ئا:بالام بۇ سېنىڭ ئۆز داداڭ
ئا: (قولدىكى تورىت يەرگە چۈپ كېتىدۇ)دادام ؟موما مېنىڭ دادام يوق،دادام ئاللا قاچان ئۆلۈپ كەتكەن،بۇ قانداقمۇ مېنىڭ دادام بولسۇن؟
س:بالام مەن سېنىڭ داداڭ،ئاشۇ قىمارۋاز،ھاراقكەش داداڭ شۇ بالام،بىر دادا دېگىنە بالام.
ب:مەن سەندەك نائەھلىنى قانداقمۇ دادا دەي؟
ئا:ئاغزىڭنى تارىت بالام،نېمىلا بولمىسۇن ئۇ سېنىڭ داداڭ.
ب:موما،بۇ ئادەمنىڭ بىزنى قانداق قىينىغىنىنى ئۇنتۇپ قالدىڭما؟ئانام بىچاربۇنىڭ دەردىنى ئاز تارىتقانما؟
س:بالام مېنى كەچۈرگىن مەن خاتا قىلدىم ،مەن ئېزىپتىمەن،مېنى ئۇر مېنى تىللا مېنى نېمە قىلساڭ مەيلى بالام،مەندە ھازىر پۇل بار ئۆيدىن ئايرىلغاندىن كىيىن نۇرغۇن يەرلەردە سەرسان بولۇپ يۈردىم،ئۆينىڭ قەدىرى شۇنچىلىك ئۆتۈلدى،ئۆيگە قايتقۇم كەلدى لېكىن قۇرۇق قول قايتىشقا يۈزۈم چىدىمىدى،.ئىشلەپ تىرمىشىپ ئازىراق پۇل تاپتىم راھەتمۇ سۈردۈم لېكىن ھەقىقى ئائىلەم بولمىغاچقا ھەقىقى بەخىتنىڭ نېمىلىككىنى ھېس قىلامىدىم،بالام ھازىر مەن سېنى ئوقۇتالايمەن،ئانا سېنى بەخىتلىك قىلالايمەن(ئىككى باغلام پۇلنى تاشلايدۇ)
ب:ماڭا پۇل كېرەك ئەمەس،(پۇلنى ئىتتىرۋېتىپ يەگە چۈشىرۋېتىدۇ)ئەينى يىللىرى قىمار ئويناپ ئۇتتىرۋەتكەندە ھاراق ئىچىپ كىرىپ ئانام بىچارىنى ئۇرۇپ تىللايتىڭ،دائىم ئانام بىچارىنى يۈزى كۆزلىرى كۆكەرگەن چاشلىرى چۇۋۇلغان،كۆزلىرىدە تارام-تارام ياشلار ئاققان ھالەتتە كۆرەتتىم،مەن بۇنداق دادىنى قانداقمۇ كەچۈرۈي؟مەكتەپ ئوقۇش پۇلى دېگەن ۋاقىتتا قىمار ئويناۋاتقان جوزاڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ،دادا مەكتەپتە ئوقۇيمەن پۇل بەر دېسەم تىللاپ ھەيدەيتىڭ يەنە پۇل دېسەم ‹كۆزەمدىن يۈت ›دەپ تىللاپ ئۇراتتىڭ،سېنىڭ قاتتىق قوللۇرۇڭ سەبىي دىلىمدىن ياشلار ئاققۇزاتتى،مەن بۇنداق دادىنى قانداقمۇ كەچۈرەي؟ئانام ئەسكى تۈسكىلەرنى يىغىپ سېتىپ مېنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن يىغقان پۇللىرىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنى ئۇرۇپ تىللاپ زار يىغلاتقان ھەتتا پۇتىڭغا ئېسىلۋالسا يىقىتىۋەتكەن دادىنى قانداقمۇ كەچۈرەي؟(كۆزلىرىدە تارام ياش)
س:بالام مېنى كەچۈرگىن مېنى كەچۈر(يىغلاپ تۇرۇپ)
ب:ئانام بىچارە ئاغرىپ قالغاندا دورا ئېلىش ئۈچۈن پۇلى يوق سوغۇقتا باشقىلارنىڭ ئايغىنى مايلاپ پۇل تاپقان ۋاقىتلىرىدا سەن نەدە؟قىمارخانىدا،ئانام سەكراتقا چۈشۈپ ھۆتىلىپ كەتكەندە قىينىلىپ كەتكەندە دادا مېھرىگە زار بولغان ۋاقىتتا سەن نەدە؟مەيخانىدا،ئانام تۈگەپ كېتىپ نەزىرىنى بېرىدىغان پۇل يوق كىچىك تۇرۇپ مومام بىلەن تىلەمچىلىك قىلغاندا سەن نەدە؟سەن يەنە شۇ قىمارخانىدا،دادىلىرى بالىلىرىنى ئېلىپ مەكتەپكە بېرىپ كەلگەندە سومكا ئاسقان دوسلۇرۇمغا قاراپ يىغلاپ ئولتۇرغىنىمدا سەن نەدە؟نېشىخانىدا،ئاھ موما؟(مومىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ)ئاھ خۇدا(ئاسمانغا تىزلىنىپ قاراپ)مەن بۇنداق دادىنى قانداق كەچۈرەي؟
س:توغرا دەيسەن بالام،مېنى ھېچكىم كەچۈرۈلمەيدۇ،سىلەرنىڭ كەچۈرشىڭلارغا لايىق ئەمەسمەن ،مەن پۇل تاپتىم،لېكىن مەن ئىللىق ئائىلە بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلمىدىم،مەن تېخى پۇل تېپىپ كەلسەم،ئۆيۈمدىكىلەرنى،بەخىتكە ئېرىش تۈرەلەيمەن دەپتىمەن،مەن خاتالىشىپتىمەن،مەن ئەمدى پۇلنىڭ قىممىتىنى بەخىتنىڭ قەدىرىنى تونۇپ يەتتىم،مەن سېلەرنىڭ ۇ ئاددى ھەم بەخىتلىك تۇرمۇشۇڭلارنى بۇزماي،مەن كېتەي(س سىرىتقا قاراپ ماڭىدۇ)
ئا:بالام دۇنيادا نۇخسانسىز ئادەم بولمايدۇ،داداڭنىڭ خاتالىقىنى كەچۈر،داداڭ بۇنىڭدىن كىيىن ياخشى دادا بولسۇن،ئاناڭدىن ئايرىلدىڭ داداڭسىنمۇ ئايرىلاي دەمسەن؟(س قەدەمىنى توختىتىپ)
س:ئانا بولدى سۆزلىمەڭ مەن بۇئائىلىنىڭ ئەزاسى ئەمەس مەن گۇناھكار مەن كېتەي(داۋاملىق سىرىتقا قاراپ ماڭاي)
ب:دادا مېنى يېتىم بولسۇن دەمسەن؟
(سەھنە چىرىغى ئۆچىدۇ ئېتوت تۈگەيدۇ)
نۆۋەتتىكى ئېتوت كۆكتېگىننىڭ ئۆز قول يازمىسى،ئەگەر ئېتوتنى ئېشلەتمەكچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن بىر ئالاقىلىشىڭ ..ئالاقىلىشىش كوت كوت نۇمىرى1534802444
مەنبە:كۆكتىگن