ھاياتتىكى %70
كاتتا يانفون ئىقتىدارىنىڭ ئادەتتە %70 ئىشلىتىلمەيدۇ ،
كاتتا ماشىنا سۆرئىتىنىڭ ئادەتتە %70 ئارتۇقچە بولىدۇ ،
كاتتا داچا بوشلىقىنىڭ ئادەتتە %70 ئارتۇقچە بولىدۇ ،
مەمۇرلارنىڭ %70 ى ئادەتتەكۇن ئۆتكۇزۇشنىلا ئويلايدۇ ،
ئۇنىۋېرسىتېتتا پروفېسسورلارنىڭ %70 ئادەتتە قۇرۇق گەپ ساتىدۇ ،
جەمئىيەت پائالىيىتىنىڭ%70 ى ئادەتتە ئەھمىيەتسىز بولىدۇ ،
بىرتوپ كىيىم –كېچەكلىرىنىڭىزنىڭ%70 ى ئادەتتە بېكار قالىدۇ ،
بىر ئۆمرىڭىزدە قانچەجىق پۇل تاپسىڭىزمۇ %70 ى ئادەتتە باشقىلارغا قالىدۇ
شۇنىڭ ئۇچۇن تۇرمۇشتائاددى-ساددا بولۇپ قالغان %30 تىن تولۇق بەھىر ئالايلى !
بولساڭمۇ ئىدارە باشلىقئورنۇڭ بىركۇن بولار بوشلۇق ،
بولساڭمۇ باشقارما باشلىقنەتىجەڭ يەنىلا شۇ بوشلۇق .
بولساڭمۇ گەرچە مىنىستىر، ئاخىرى ئورۇن بېرىشتۇر ،
ھەتتا رەئىس بولساڭمۇ ،تەغدىر شۇ كۇن كېلىشتۇر .
ھايات بىر مەيدانمۇسابېقىغە ئوخشايدۇ ، ئالدىنقى يىرىم مەيداندا ،ئوقۇش تارىخى ،خىزمىتى ، ئەمىلى،كەسپى ۋە مائاشىنىڭ يوقىرىلىقى بىلەن پەخىرلەنسە ،كىيىنكى يىرىم مەيداندا قان بېسىم ،قاندىكى مايمىقدارى ،شېكەر مىقدارى قاتارلىقلارنىڭ تۆۋەن بولىشى بىلەن پەخىرلىنىدۇ ، ئالدىنقىيىرىم مەيداندا تەغدىرى ۋەزىپىسىگە قاراپ بەلگىلىندۇ ، كىينكى يىرىم مەيداندا تەغدىرى سالامەتلىكىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ،ھەممىمىزنىڭ ھەر ئىككى مەيدانغا تەڭ كۆڭۈل بۆلۈپ ھەر ئىككى مەيداندا ئۇتۇپچىقىشڭلارغا تىلەكداشمەن ،شۇنىڭ ئۇچۇن كېسەل بولمساقمۇ تەكشۇرتۇپ ،ئۇسسىمساقمۇ سۇئىچىپ ،ھەرقانچە خاپا بولساقمۇ ئىدىيىدىن ئۆتكۇزۇپ ، بىزنىڭ توغرا بولسىمۇباشقلارغا يول قويۇپ ،ئەمەلدار بولساقمۇ كەمتار بولۇپ ، چارچىمىساقمۇ ئارام ئېلىپ، باي بولمىساقمۇ رازى بولۇپ ،قانچە ئالدىراش بولساقمۇ بەدەن چىنىقتۇرۇپ تۇرىشىمىزكېرەك .
ھايات بىيجىڭمېتىروسىنىڭ 1-يولىغا ئوخشاپ كېتىدۇ ، مېتىرو مەملىكەتلىك سودا بېناسىدىن ئۆتكەندەئۇيەرنىڭ گۇللەنگەن ئاۋاتلىقىدىن زوقلىنىپ كېتىمىز ،تىيەنئەنمىن ئالدىدىن ئۆتكەندەبولسا ھوقوق –ئەمەل تۇتۇشنى خىيال سۇرۇپ كېتىمىز ،ئېقتىساد كوچىسىدىن ئۆتكەندەبولسا باي بولىشنى ئارزۇ قىلىپ خىياللارغا چۆمىمىز ، مەلىكە قەبىرىسىدىن (公主坟)ئۆتكەندە بولساشۇلارغا ئوخشاش ھەشەمەتلىكجەمەتلەردىن بولساق دەپ ئويلاپ كېتىمىز ، دەل مۇشۇنداق خىياللارغا غەرىق بولۇپكېتىۋاتقىنىمىزدا ‹‹بېكەتكە كەلدۇق يولوچىلار چۇشۇڭلار›› دېگەندە بولسا چۆچۇپئېسىمىزگە كېلىمىز، ھايات ئەنە شۇنداق قىسقا بېكەتكە ھامان يىتىپ بارىمىز، ئەگەرسىزنىڭ ئارتۇقچە ۋاختىڭىز بولسا بۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ ،كۆڭلۈڭىز بوشاپقالسۇن . بۇتېمىنى كۆرۇپ بولۇپ ئېنكاس يازمايدىغانلار تەخمىنەن %70 پىرسەنىتچىقىدۇ .
بۇ تېمىدىكى مەزمۇننى خەنزۇتىلى توربەتلىرىدىن كۆرۇپ ، تورداشلارنىڭ كۆرۇپ بېقىشى ئۇچۇن تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم ، ئەلۋەتتە تەرجىمە جەرياندا بەزى بىرقىسىم خاتالىقلار كۆرۇلگەن بولىشى مۇمكىن ، بولۇپ قالسا تۇزۇتۇپ قويارسىلەر ، رەھمەت :
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xurat1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-5 12:51 PM