ئادەمنىڭ چېچى نىمە ئۇچۇن چۇشۇپ كېتىدۇ
(تەرجىمە قىلغىچى: تىلماچ13)
سىز ھەر كۈنى چاچ تارايسىزغۇ دەيمەن،ئەگەر ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتسىڭىز،ھەر كۈنى دىگۇدەك چېچىڭىزنىڭ چۇشۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز.ئۇنداقتا كىچىك بالىلارنىڭ چېچى نىمە ئۇچۇن چۇشىدۇ؟
ئەسلىدە بىزنىڭ چېچىمىزدىمۇ ئۈزلۇكسىز ھالدا فۇتۇسېنتىز ئېلىپ بېرىلىدۇ.ھەر بىر تال چاچ يېڭىدىن چىقىش،ئۆسۇش،قېرىش ۋە چۇشۇشتىن ئىبارەت بىر قانچە باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ.ھەر بىر تال چاچ ھەر كۈنى تەخمىنەن 0.32 مىللىمېتىرغىچە ئۆسىدۇ،ئۆمرى 2 يىلدى 4 يىلغىچە بۇلىدۇ.
چاچ قېرىپلا قايتا ئۆسۇپ چىقمايدۇ،يېرىم يىل ئەتراپىدا توختاپ ئارام ئېلىش مەزگىلى بۇلىدۇ،بۇ جەرياندا قېرىغان چاچلار پۇتۇنلەي چۇشۇپ كىتىدۇ.
ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر كۈنى ئازراق چېچى چۇشۇپ كىتىدۇ.بىراق ھېچقىسى يوق.قېرىغان چاچلار چۇشۇپ كەتكەندىن كىيىن،چاچنىڭ يىلتىز قىسمىدىن يېڭى چاچ ئۆسۇپ چىقىدۇ.بۇلۇپمۇ كىچىك بالىلارنىڭ چېچى قانچىلىك چۇشۇپ كەتسە،شۇنچىلىك ئۆسۇپ چىقىدۇ.
شىۇڭا،گەرچە چاچ ھەر كۈنى چۇشسىمۇ،ئەمما ئازلاپ كەتمەيدۇ.چېچىڭىزنىڭ ئۆسۇپ تۇرۇشى ئۇچۇن،دائىم يۇيۇپ تۇرۇڭ.شۇنداق بولغاندا،فۇتۇسېنتىزنى ئىلگىرى سۇرگىلى ھەمدە چاچ ۋە باش تىرىسىنىڭ پاكىزلىغىنى ساقلىغىلى بۇلىدۇ.
ئادەم قېرىغاندىن كىيىن،چۇشۇدىغان چاچ بارغانسىرى كۆپىيىدۇ،ئەكىسچە يېڭىدىن چىقىدىغان چاچ بارغانسىرى ئازلايدۇ،شۇڭا ياشانغانلارنىڭ چېچى بارا-بارا شالاڭلاپ كىتىدۇ.
مەنبە: خەنزۇچە « يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-5 05:14 PM