مېھمانغا چاقىرۋال ئېتىزىڭغا
سۈبھى سەھەرنى تەۋەللۇت قىلماقچى بولغان چاغدا ، شەيتان چۈشلىرىمنى بۇزماقچى بولغىندا ، خورازلىرىڭ ئويغىنىش چاقىرىقىنى چىقارغاندا ، مەزىننىڭ سەھەر قوينىنى لەرزىگە سالغان ئەزان ساداسى ياڭرىغاندا ، مېھمانغا چاقىرۋال ئېتىزىڭغا دېھقان ئاتا .
كۆرۈپ ئالاي سەھەرنىڭ تەۋەللۇتىنى ، بىلىپ ئالاي شەيتاننى قانداق قوغلاشنى ، ئاڭلىۋالاي خورازلىرىڭ چاقىرىقىنى ، مەزىننىڭ نامازخانلارغا قىلغان چاقىرىقلىرى ئىچىدە مەنمۇ گۇناھلىرىمغا مەغپىرەت تىلىۋالاي ...
ئالەمچە پاكلىق مۇجەسسەملەنگەن ، قۇشلارنىڭ شادلىقلىرى قايناپ تاشقان ، شەبنەم بىلەن يۇيۇنغان گۈل - گىياھلار لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن ، ئەتكەن چايلىرىڭ دەملەنگەن ، قىزىرىپ پىشقان كاكچىلىرىڭ شىرەگە تىزىلغان ، قۇياش يەر سۆيۈپ كۆتىرىلگەن سەھەردە ، مېھمانغا چاقىرۋال ئېتىزىڭغا دېھقان ئاتا .
پاكلىۋالاي ۋۇجۇدىمنى سەھرىڭنىڭ پاكلىقىدىن ، قۇشلىرىڭنىڭ سايرىشىدىن ئۆگىنىپ ئالاي قۇشلىرىڭ تىلىنى ، شەبنەملەر ئارا يۇيۇنۇپ ، مەنمۇ چۈشەي ئۇسسۇلغا گۈل - گىياھلار بىلەن ، ئەتكەن چايلىرىڭ بىلەن سىڭسۇن ۋۇجۇدىمغا سېنىڭ ئەجر - مېھنىتىڭ ، قىزىرىپ پىشقان كاكچىلىرىڭدىن تېتىپ ئالاي ھالال ئەمگىكىڭ تەمىنى ، كۆرۈپ ئالاي قۇياشنىڭ يەر سۆيۈپ كۆتىرىلگىنىنى ، قۇياشنىڭ ئالتۇن زەررىلىرى ئارا سىڭىپ كېتەي ئېتىزىڭ تامان ...
كەتمىنىڭنى كۆتىرىپ ئېتىز تامان ماڭغىنىڭدا ، قوشلىرىڭنى توختىتىپ ، سۆرەتمە سالغىنىڭدا ، بۇلاققا نانلىرىڭنى چىلاپ ھوزۇرلىنىپ يېگەن چېغىڭدا ، دەريا بويىدا دەريا شاۋقۇنلىرىغا قۇلاق سېلىپ ، خىيالغا پاتقىنىڭدا ، مېھمانغا چاقىرۋال ئېتىزىڭغا دېھقان ئاتا .
كۆتۈرۈپ ئالاي كەتمىنىڭنى ، قوللىرىم ھىدلاپ ئالسۇن قوللىرىڭ ئىزلىرىنى ، ئۆگىنىۋالاي قوش ھەيدەشنى ، سېلىشىپ بېرەي سۆرەتمىلىرىڭنى ، پۇتلىرىمغا تولسۇن تۇپراق ، سۆيۈۋالسۇن پۇتلىرىم ئېتىز تۇپراقلىرىنى ۋە ھەم ئۆگىنىۋالاي ئەمگەك ناخشىسى توۋلاشنى ، بۇلاقنىڭ زىلال سۇلىرىغا چىلانغان نانلىرىڭدىن تېتىپ ئالاي ، ۋۇجۇدىمغا قوشۇلسۇن ئەجر - مېھنىتىڭدىن كۈچ - قۇۋۋەت ، دەريا ناخشىلىرى ئىچىرە ئەسلىۋالاي گۈزەل بالىلىقىمنى ، بۇلاقلارغا نان چىلاپ يېگەنلىرىمنى ، قۇملاردا ئېغىناپ ، سۇغا چۆمۈلۈپ ئوينىغان دوستلارنى ، شۇ قەدەر غەمسىز چاغلارنى ...
ئورغاقلىرىڭنى بىلەپ تەق بولغىنىڭدا ، ئېتىزلىرىڭ ھوسۇللىرى سېنى چاقىرغىندا ، خامان تېپىپ ، خامان ناخشىسى توۋلاۋاتقىنىڭدا ، چەش -چەش بۇغدايلىرىڭغا قاراپ شادلىققا چۆمۈلگىنىڭدە ، مېھمانغا چاقىرۋال ئېتىزىڭغا دېھقان ئاتا .
ئورۇپ باقاي مەنمۇ ئورمىلىرىڭنى ، چۈشىنىپ ئالاي نېمىشقا << ئورما >> دېگىنىنى ، تېتىپ ئالاي بەللەرنىڭ ئاغرىقلىرىنى ، مەنمۇ ئېيتىپ باقاي ئورما ناخشىسىنى ، تېپىشىپ بېرەي خامانلىرىڭنى ، تىڭشاپ ئالاي خامان ناخشىلىرىنى ، بىلىپ يېتەي ئانام سۈتىدەك ، مومامنىڭ ئاپئاق لېچىكىدەك ، تەڭرىتاغ چوققىسىدىكى ئاپئاق قاردەك ئۇنغا قانچىلىك ھالال ئەجر - مېھنىتىڭنىڭ سىڭگەنلىكىنى ، ئۇنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى ، بىللە چۆمۈلەي مول - ھوسۇلىڭ شادلىقىغا ، تېتىپ كۆرەي ئەمگەك مېۋىسىنى ۋە ھەم سۈرەي بەخت پەيزىنى ...
مېھمانغا چاقىرۋال ئېتىزىڭغا دېھقان ئاتا ، ئۆگىنەي مەن قانداق ياشاشنى ، ئەمگەك بىلەن بەخت يارىتىشنى ، ھالال تەرىم ، مېھنىتىم ، ئەمگىكىم بىلەن كۆكسۈمگە قىزىل گۈل تاقاشنى ، چۈشىنىپ يېتەي ھاياتنىڭ چىن مەنىسىنى ......
مەنبە : ئۆز يازمام