مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1233|ئىنكاس: 4

ۋىدالىشىش نۇتقى-(مۇھەممەد«س ئە ۋ ») [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

!!!افۇرقان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6960
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 593 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 11:29:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

"ھەججەتۇل ۋىدا نۇتقى "دەپ ئاتالغان بۇ نۇتۇق  . بۈيۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت (570-632)سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام 632 -يىلى زور بىر تۈكۈم مۇسۇلمانلارنى باشلاپ مەككىدىكى كەبىگە  بىرىپ ھەج قىلىش پەرزىنى ئادا قىلغان .قۇرئاندا "بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى كامالەتكە يەتكۈزدۈم ،سىلەرگە بەرگەن نىمىتىمنى تاماملىدىم ۋە دىنىڭلارغا ئىسلام دىنىنى تاللىدىم "دەپ جاكارلانغان  !   ۋە بۇ قىتىملىق ھەج سەپىرىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان  !  شۇڭا بۇ قىتىمقى  ھەج  ھەججەتۇل ۋىدا  يەنى ۋىدالىشىش ھەجى دەپ ئاتالغان  ! ۋە  شۇ قىتىملىق ھەجدە سۆزلىگەن بۇ نۇتىقى(تەبلىغى ) شۇنامدا  ۋىدالىشىش  نۇتقى دەپ ئاتالغان !
                                                     
  ۋىدالىشىش نۇتقى(632-يىلى)

   

ھەممە مەدھىيە ئاللاھقا خاس ،ئاللاھنى مەدھىيەلەيمىز.ئاللاھدىن كەچۈرۈم سورايمىز!ئاللاغا توۋا قىلىمىز !ئاللاغا سىغىنىپ نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە يامان ئىشلاردىن پاناھ تىلەيمىز.ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھىچكىم ئازدۇرالمايدۇ ! ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمنى ھىدايەت قىلالمايدۇ !شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بىرىمەنكى بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچبىرئىلاھ يوق ! ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق !شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بىرىمەنكى مۇھەممەت ئاللانىڭ  بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر ! سىلەر ئاللانىڭ بەندىلىرى سىلەرنى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا  تەۋسىيە قىلىمەن ! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشىڭلارنى تەرغىب قىلىمەن .سۆزۈمنى خەيىرلىك ئىشلاردىن باشلايمەن !ئى خالايىق ! سۆزۈمگە قۇلاق سىلىڭلار ! بۇ يىلدىن كىيىن مۇشۇ جايىمدا سىلەر بىلەن ئۇچرىشالماسلىقىم مۇمكىن دەپ ئويلايمەن !ئى خالايىق ! تاكى رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا بارغىنىڭلارغا قەدەر  بىر-بىرڭلارنىڭ مىلىغا جىنىغا چىقىلىش خۇددى مۇشۇ جاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىققا ئوخشاشلا ھارامدۇر !سىلەرگە شۇنى يەتكۈزىمەنكى ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن !قولىدا كىشىلەرنىڭ ئامانىتى بار ئادەملەر ئامانەتنى ئۆز ئىىگىلىرىگە قايتۇرسۇن !جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلىنغان جازانىخورلۇق بىكار قىلىنىدۇ !ئالدى بىلەن تاغام ئابباس ئىبنى مۇتەللىبنىڭ جازانىخورلۇقىنى بىكار قىلىشتىن باشلايمەن ! جاھىلىيەت دەۋرىدىكى قان قەرز بىكار قىلىنىدۇ!ئالدى بىلەن ئامىر ئىبنى رەبىئە ھارىسنىڭ  قان قەرزىنى بىكار قىلىشتىن باشلايمەن !جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئادەتلەردىن كەئىبىنى ،ئابىزەمزەمنە باشقۇرۇشتىن باشقىلىرى بىكار قىلىنىدۇ  !قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل ئۆلتۈرۈلىدۇ !ئەگەر ئۇ بىر كىشىنى تاياق بىلەن ياكى تاش بىلەن ئۆلتۈرسە قىسمەن قەستەنلىك ھىسابلىنىپ قىساسىغا يۈز تۆگە تۆلىتىلىدۇ ! بۇنىڭدىن ئارتۇق تۆلىتىش جاھىلىيەت كىشىلىرىنىڭ ئىشى !

ئى خالايىق! شەيتان سىلەرنىڭ زىمىنىڭلاردا خۇدا بولۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزدى !لىكىن ئۇ سىلەر كىچىك سانايدىغان ئىشىڭلاردا سىلەرنى ئۆزۈڭلارغا بويسۇندۇرماقچى بولىدۇ!

  ئى خالايىق! نەس دىگەننى قوللىنىش كۇپۇرنى تىخىمۇ ئاشۇرىدۇ!كاپىرلارنى ئازدۇرىدۇ!ئاللاھ ھارام قىلغان ئاينى ئۆزلىرىچە ھالال قىلىش ئۈچۈن ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا،يەنە بىر يىل ھارام قىلىشىدۇ !ئاللاھ ئاسمان ۋە زىمىننى ياراتقان كۈندىن تارتىپ ،ئايلارنىڭ سانى ئون ئىككى ،بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغان!بۇئايلارنىڭ ئۈچى -زۇلقەدە،زۇلھەججە،مۇھەررەم بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كىلىدۇ!جامادىيەلئاخىر ئېيى بىلەن شەئبان ئىيىنىڭ ئۇتتۇرىسىدىكى رەجەپ ئېيى بولسا يالغۇز كىلىدۇ!سىلەرگە شۇنى يەتكۈزىمەنكە ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن !

  ئى خالايىق ! زىممىڭلاردا ئاياللىرىڭلارنىڭ سىلەر رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك ھەققى بار ! ئاياللىرىڭلارنىڭ زىممىسىدىمۇ ئۇلار رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك سىلەرنىڭ ھەققىڭلاربار!سىلەرنىڭ ھەققىڭلار شۇكى ! ئاياللىرىڭلار تۆشەكلىرىگە سىلەردىن غەيرىي ئادەملەرنى يولاتماسلىقى!سىلەر خوپ كىرمەيدىغان ئادەملەرنى سىلەردىن رۇخسەتسىزئۆيگە كىرگۈزمەسلىكى ۋە پاھىشە قىلماسلىقى لازىم!ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، ئاللا سىلەرنىڭ  ئۇلارنى چىڭ تۇتۇشۇڭلارغا،ئۇلارنى ئۆيدىن چىقارماسلىقىڭلارغا،ئۇلاربىلەن بىر تۆشەكتە ياتماسلىقىڭلارغا،ئۇلارنى ئاستىراق ئۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت بىرىدۇ! ئەگەر ئۇلار چەكلىنىپ ئىتائەت قىلسا،ئۇلارنى چىرايلىقچە ئاش-نان،كىيىم -كىچەك بىلەن تەمىنلەڭلار! سىلەرنىڭ ئەمرىڭلاردىكى ئاياللار ئۆزلىرىگە ئىگە ئەمەس ! ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى قىلىۋالدىڭلار ! ئۇلارنى نىكاھ ئارقىلىق ئۆزۆڭلارغا ھالال قىلدىڭلار ! ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھتىن قورقۇڭلار ! ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بۇلۇش توغرىسىدىكى  ۋەسىيەتلەرنى قۇبۇل قىلىڭلار ! سىلەرگە تەبلىغ قىلدىمكى ! ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن !

  ئى خالايىق! مۆمىنلەر بىر-بىرىگە قىرىنداش ! قىرىندىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بەرمىگەن مىلى ھىچكىمگە ھالال ئەمەس! سىلەرگە تەبلىغ قىلدىمكى !ئى ئاللاھ گۇۋھ بولغىن !

  مەندىن كىيىن مۇرتەد بولۇپ بىر-بىرىڭلارنى قىرىدىغان كاپىر بولماڭلار! سىلەرگە مەن ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم !قۇرئاننى مەھكەم تۇتساڭلار ئازمايسىلەر! سىلەرگە تەبلىغ قىلدىمكى ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن!

  ئى خالايىق !سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر ! ھەممىڭلار ئادەم ئاتىدىن بولغان ! ئادەم ئاتا تۇپراقتىن يارىتىلغان ! كىم ئەڭ مۇتتەقى (تەقۋادار) بولسا ،شۇ ئادەم ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىكتۇر! ئەرەب بولغان ئادەم بىلەن غەيرىي ئەرەپ (ئەرەبلەردىن باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر) بولغان ئادەمنىڭ قايسىسى  تەقۋادار بولسا شۇ ئەۋزەلدۇر! سىلەرگە تەبلىغ قىلدىمكى ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن!

سۆزۈمنى بۇ يەرگە ھازىر بولغانلار ھازىر بولمىغانلارغا يەتكۈزسۇن !

ئى خالايىق !ئاللاھ ھەربىر ۋارىسقا مىراس نىسىۋىسىنى بەلگىلىدى !بىرلار ۋارىسقا ۋەسىيەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس ! مىراسنىڭ ئۈتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ۋەسىيەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس ! بالا ئەرنىڭ بولىدۇ ،زىنا قىلغۇچىنىڭ ئەمەس ! كىمكى ئاتىسىدىن باشقا بىرىنى ئاتا دەپ، خوجىسىدىن باشقا بىرىنى خوجا دەپ دەۋا قىلسا ،ئۇئاللاھنىڭ  پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ھەممە كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ ! ئۇنىڭ بەرگەن نەرسىسى ۋە گۇۋاھلىقى قۇبۇل قىلىنمايدۇ ! سىلەرگە ئامانلىق ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن!



                                         -مۇھەممەد سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام

                                                 -632-يىلى - مەككە


مەنبە:دۇنيادىكى مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ نۇتۇقلىرى دىگەن كىتابتىن ئېلىندى!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-5 03:27 PM  


تىرىشچانلىق بىزدىن ، مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھتىندۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 05:03:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئى ئاللاھ-!!!
بىزنىڭ ئورنىمىزنى پارقىراپ تۇرغان قىلىچلارنىڭ سايىسى ئاستىدىكى جەننەتلەردىن قىلغايسىەن-ئامىن-!!!

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئادەم تاغقا پۇتل

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13749
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8200
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 1246 سائەت
تىزىم: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 07:40:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مۇشۇ (س ئە ۋ) دەپ قىسقارتىلما ئىشلەتمىسەك. قانداقمۇ چىدايسىلەر شۇنداق قىسقارتىپ ئېلىشقا؟

ئادەم  تاغقا پۇتلاشمايدۇ  تاشقا پۇتلىشىدۇ

!!!افۇرقان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6960
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 593 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 08:25:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرسىلەر  !  پاتمايدىكەن  قىسقارتقان  !

تىرىشچانلىق بىزدىن ، مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھتىندۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91419
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 644
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2013-2-9
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 02:58:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس نۇتۇق.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش