نىمە ئۇچۇن بەزىلەرنىڭ چېچى يىرىك،بەزىلەرنىڭ چېچى يۇمشاق بۇلىدۇ
(تەرجىمە قىلغۇچى: تىلماچ)
بۇ ئاساسلىق ئېرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك.سىلەر ئېرسىيەتنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلەمسىلەر؟
ئېرسىيەت بولسا-ئاتا،ئانىسنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ پەرزەنتىگە ئۆتىشىنى كۆرسىتىدۇ.
شۇڭا ئاتا،ئانىسنىڭ چېچى يىرىك بولسا،پەرزەنتلىرىنىڭ چېچىمۇ تەبئى يىرىك بۇلىدۇ.
ئەمما ئاتا،ئانىسىنىڭ چېچى ناھايتى يىرىك بولسا،بالىللىرىنىڭ چېچى يۇمشاق بۇلىدىغا ئەھۋاللارمۇ بۇلىدۇ.بۇ نىمە ئۇچۇن؟
ئاتا،ئانىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئېنىقكى بالىغا ئۆتىدۇ.كونكىرىتنى قىلىپ ئېيىتقاندا،بالىنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ تۇزۇلۇشى،ئالاھىدىلىكى جەھەتتىكى ئىپادىلىنىش شەكلى ئىنتايىن مۇرەككەپ بۇلىدۇ.شۇڭا ئوخشاش بىر ئاتا،ئانىدىن بولغان ئاكا-ئۇكا،ئاچا-سېڭىللارغا نىسپەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا،ئۇلارنىڭ چاچ ئالاھىدىلىكىمۇ ئوخشىمايدۇ.بۇ بوۋىسى،مۇمىسى ۋە بوۋىسىنىڭ بوۋىسى،مۇمىسىنىڭ مۇمىسىنىڭ ئېرسىيتى ھەر خىىك شەكىلدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.
ئەگەر سىزنىڭ چېچىڭىز يىرىك بولسا،بۇ سىزنىڭ تۇغۇلىشىڭىزدىلا مۇقۇم بولغان ئالاھىدىلىك،شۇڭا سىز دۇرا ياكى باشقا ئۇسللارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق چېچىڭىزنى يۇمشاق قىلىشقا ئۇرۇنماڭ،بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق.ئەمىليەتتە،چېچىڭىز يىرىك بولسا،ئۆزىڭىزدىكى ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ،ئۆزىڭىزگە يارىشىدىغان ئۆزگىچە ۋە گۇزەل چاچ شەكلى بۇيىنچە ياسانسىڭىز،تېخىمۇ ياخشىراق بۇلىدۇ.
مەنبە: خەنزۇچە «يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-4 05:19 PM