مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: hemrah

قوشماق ئەپەندىنىڭ بازارغا سېلىنغان خەتتاتلىق ئەسەرلىرىدىن (01) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ay214 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 01:12:25 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8775
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8625
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 2048 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 01:44:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە قوشماق ئەپەندىنىڭ خەتلىرى قارىماققا چىرايلىقتەك كۆرۈنسىمۇ لىكىن خەتنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ۋە شەكلىگە نەزەرىمىزنى ئاغدۇرۇپ قارايدىغان بولساق،  خەتلەر تولىمۇ جانسىز....   خەتلەرنىڭ، يەنى سۆز ۋە سۆز بۆلەكلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى تولىمۇ قالايمىقان....   ھەرىپلەر ئۆلچەمدىن خېلىلا يېرىقتا.....    بۇ خەتلەرنى ئېسىل دېيىش بەكمۇ بالدۇرلۇق قىلىدۇ.....   پەقەت شەكىل جەھەتتە بەزى سۆزلەرنى كەلمىسمۇ زورلاپ  قوشماق يەنى تۆۋئەم  شەكىلگە ئەكىلىپ قويغان...   ئەسەرلەردىكى سۆز جۈملىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى  يەنى  قويۇق سۇيۇقلۇق پەرقى ئىنتايىن چوڭ....  بەزى جايلاردا بوشلۇق  بەك كۆپ  بەزى جايلار بولسا  قىستىلىپ يېزىلىپ قالغان....

مېنىڭچە  قوشماق ئەپەندى  ئەسەرلىرىنى بازارغا سېلىشقا ئالدىرىماي  قەلەمنى پىشۇرۇشقا ئالدىرىغان بولسا  تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.....

دەرۋەقە  پۇلنى تېپىش  كېرەك،  تاپقان ئىكەن  باشقىلارمۇ رازى بولغۇدەك ،  ھەم  ئۆزىڭىزمۇ  رازى بولغۇدەك ئېسىل ئەسەر ئىشلىشىڭىزنى، مەشىقنى توختۇتۇپ قويماسلىقىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن....

ۋاقىت قوغلۇشۇپ  بىرمۇنچە ئەسەرئىشلىگىنىڭىزدىن  قايتا قايتا  تەتقىق قىلىپ،  قايتا قايتا  شەكىلگە كەلتۈرۈپ  بىر پارچە ئېسىل ئەسەر ئىشلىسىڭىزلا   يۇقىرىدىكى  ھەممە ئەسەرلىرىڭىزنى  ساتقان پۇلغا ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ھەققا ئېرىشىسىز  ئەمەسمۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89695
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2014-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 01:26:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
manzur يوللىغان ۋاقتى  2013-2-5 01:44 AM
گەرچە قوشماق ئەپەندىنىڭ خەتلىرى قارىماققا چىرايلىقتە ...

مەنزۇر ئەپەندىنىڭ مېنىڭ ئەسەرلىرىمگە قارىتا باھاسىغا كۆپ رەخمەت! بۇ ئەسەرلىرىمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىلگىرىكى ئىجادىيەت ئۇسۇلۇم بويىچە يېزىلغان ئىدى.مەن يېقىندىن بۇيان سۇلايمان مۇئەللىم ۋە بەزى كەسىپداشلىرىمنىڭ تەكلىپى ۋە يول كۆرسىتىشى بويىچە ھازىرقى ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ يۆنىلىشى خەلقئارا ئۆلچەملىك نۇسخىلار بويىچە مەشىق قىلىپ كېلىۋاتىمەن،مۇنبەر ۋە خەتتاتلار ئۈندىدار توپىدىكى كەسپداشلارنىڭ ئولچەملىك يېزىلغان ئەسەرلىرىنى يىغىپ تەتقىق قىلۋاتىمەن.بىزدەك 90- يىللاردا ئىجادىيەتكە كىرىشكەن خەتتاتلارنىڭ قەلىمىمىز بۇرۇنقى ‹ھەركىمنىڭ ئۆز ئۇسلۇبى بولۇش› تىن ئىبارەت ئىدىيەنىڭ تەسىرىدە ئۇزۇن يىل ئەسەر ئىشلىنىپ كەلگەن بولغاچقا قەلىمىمىزنى ھازىرقى نۇسخىلارغا كۆندۇرۇش تەس ئىكەن،شۇنداق بولسىمۇ بۇرۇنقى ماتىرياللارنى ئايرىم يەرگە ئېلىپ قويۇپ ،ئۆلچەملىك نۇسخا كىتاپلارنى كۆررۇۋاتىمەن.ئىشلىتىۋاتقان قەلەملىرىمنىڭ تولىسى قومۇش قەلەم بولدى. خەت نۇسخىلىرىمىزنىڭ بىرلىككە كېلىپ تەرەققى قىلىشىدا ھەمىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ،بىرلىككە كەلگەندىن كىيىنمۇ خەلقىمىزنىڭ ئەسەرلەرنى چۈشىنىش ۋە ياقتۇرۇشقىمۇ مەلۇم ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89683
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 245
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 03:37:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر سەھىپىسىدىكى قېرىنداشلار ،دوستلار ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام !بۇ سەھىپىدىكى ئەزا دوستلارنىڭ يازمىلىرىنى كۆرۈپ شەخسەن ئۆزۈمنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىگە چۈشەنچەم ۋە بەزى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويغۇم كەلدى. ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىلىرىمىزئىچىدە بىرىنچىسى تىل سەنئىتىمىز ھېسابلىنىدۇ،خەتتاتلىق سەنئىتىمىز تىل سەنئىتىمىزدىنلا قالسا ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت  سەنئەت بايلىقىمىز ھېسابلىنىدۇ.تارىخمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساق ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىمىز ئۆز دەۋىرلەردە يېزىقنى خاتىرلەيدىغان مەتبەئەدىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان . ئەينى ۋاقىتلارداخەتتاتلىقنىڭ ئەدەبىيات خۇسۇسىيىتىگىلا ئەمەس شەكىل يەنى سەنئەتلىك خۇسۇسىيىتىگىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن، مۇھىم ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئەڭ ئۇستا خەتتاتلار كۆچۈرگەن ۋە كۆچۈرۈلگەن قوليازما كىتابلارنىڭ ھەققى شۇ كىتابنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ ئالتۇن بىلەن ھېسابلانغان. شۇ دەۋىردىكى ئوردا كاتىپلىرى ۋەزىرلەرنىڭ ساپاسىغا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ بىلىم پاراسەتلىك ۋە خەتتاتلىقتا كامالەتكە يەتكەن بولۇشتىن ئىبارەت شەرتلەر ھازىرلانغان.خەتتاتلىقنى بىلىدىغانلار خەلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم مۆتىۋەرلىرى ھېسابلانغان. ئەمدى بۈگۈنكى دەۋىرلەردە بولسا خەتتاتلىقىمىزنىڭ مەتبەئەدىن ئىبارەت خۇسۇسىيىتى ۋە رولى  زامانىۋىلىشىشنىڭ تۇرتكىسىدە ئەمەلدىن قالغاندەك تۇرسىمۇ يەنىلا مەخسۇس سەنئەت تۈرى بولۇپ مەۋجۈت بولۇپ  تۇرۋاتىدۇ.بۇ سەنئەت تۈرىمىزنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرالىشى ۋە تەرەققى قىلىشىدىكى تۈپكى سەۋەب ئۇنىڭ يەنە باشقا مۇھىم تەرەپلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ ئۇ بولسىمۇ ئەدەبىيات ۋە شەكىل گۈزەللىكى تەرىپى ،بىز بۇنى ئومۇملاشتۇرۇپ ‹خەتتاتلىق سەنئىتى› ‹خەت سەنئىتى ›دەپ ئاتاپ كەلدۇق.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89683
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 245
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 04:24:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخىتىكى دەۋىرلەردە خەتتاتلىق خېلى تەرەققىي قىلغان ئۇستا خەتتاتلار ۋە كاتتا خەتتاتلىق ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلگەن،لېكىن ھازىرقى ۋاقىتتىكى خەتتاتلىرىمىزنىڭ سەۋىيىسى نەچچە ئەسىر ئاۋالقى سەۋىيەگە تېخى يەتمىدى دېسەك تامامەن توغرا،پەقەت ساناقلىق خەتتاتلارنىڭ سەۋىيىسى يېقىنلاشتى دەپ قارىساق بولىدۇ.نېمىشقا سەۋىيە يەتمىدى دىسەك بۇنىڭدا سەۋەب  19- ئەسىردىن 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىگىچە سوزۇلغان جاھالەت ۋە زور كۆلەملىك كىتاب كۆيدۈرۈش مالامەتلىرى،تەكرار يېزىق ئۆزگەرتىش ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›تۈپەيلىدىن خەتتاتلىق سەنئىتىمىز چېكىنىشكە قاراپ يول تۇتقان.80 -يىللارغا كەلگەندە ئابدۇلھەق ئوشۇرى نىياز كېرىم قاتارلىق تۆھپىكار ئۇستازلارنىڭ جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە بۇ سەنئىتىمىز تىرىلىپ نۇرغۇن خەتتاتلىرىمىز ،ئەسەرلەر ۋە ماتىرياللار مەيدانغا كەلگەن. 80- يىللاردىن 2000 -يىللارنىڭ باشلىرىغىچە نەچچە يۈزلىگەن خەتتاتلار نەچچە ئونلىغان خەتتاتلىق كىتابلار ئوتتۇرغا چىقىپ بۇ كەسىپىمىزگە زور ئاساس بولغان.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89683
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 245
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 04:38:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يىگىرمە نەچچە يىللىق خەتتاتلىق مۇساپىدە ئەجىر ۋە تىرىشچانلىق زو بولسىمۇ تەرەقىيات ئاستا بولۇپ كەلگەن ،بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەپ بۇ جەرياندىكى ماتىريال كەمچىللىكى ۋە خەتتاتلىق ئۈگىنىشتىكى يېتەكچى ئىدىيەنىڭ خاتا بولغانلىقىدا. بۇ ۋاقىتلاردىكى ‹ھەركىمنىڭ ئۆز ئۇسلۇبى بولۇش›تىن ئىبارەت يېتەكچى ئىدىيە ھەرقايسى خەتتاتلارنىڭ ئەسەرلىرىنى باھالايدىغان ئولچەم  بىرلىك ۋە بولماسلىقتەك ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىپ خەتتاتلىقىمىزنىڭ تەرەقىياتىنىڭ ئاستا بولىشىغا سەۋەبچى بولغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89683
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 245
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:30:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر خەتتاتتلىقىنىڭ 2005 -يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە يەتتە سەككىز يىللىق تەرەقىياتنى كۈزىتىدىغان بولساق ئىلگىركى يىگىرمە نەچچە يىللىق تەرەقىياتقا قارىغاندا زور پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ،بىز بۇنىڭدىن ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى يېقىنقى 7--8 يىلدا گۈللىنىش باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى بىلەلەيمىز. بۇ 2000 - يىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا خەتتاتلىقنىڭ تېزلا تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىدە نۇرغۇن تىرىشچانلىق ۋەمۇھىم نۇقتىلار بار،بۇ ئەھۋاللارنى بەلكىم ھازىر تەرەققىي قىلىۋاتقان خەتتاتلارنىڭ كۆپ قىسمى بىلمەسلىكى مۇمكىن.بۇ تەرەقىيات ئەھۋاللىرىنى بىلىش ۋە ئەسلەپ ئۆتۈش يېتىلىۋاتقان خەتتاتلار ۋە بىر قىسىم خەتتاتلىرىمىزنىڭ تەرەقىياتىغا پايدىسى بار دەپ قارايمەن.   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88989
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 504
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-12-23
ئاخىرقى: 2014-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 12:04:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇلايمان ئىسمائىل، ئەرشىدىن رىشىت، ياسىن كەرىم ...قاتارلىق  ئۇيغۇر خەتتاتلىقىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقان ئۇستازلىرىمىزنىڭ يىتەكلىشى بىلەن پات ئارىدا خەلقئارالىق سەۋىيىگە يېتىشكە ئىشەنچىمىز كامىل.
ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقان ئاشۇ ئۇستازلارغا ۋە خەتتاتلىق پەرۋانىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام.
ئاللاھ ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلسۇن.

مەن خەلقىمگە نازۇك گۈل - چىمەن،
نائەھلىگە تىكەنمەن - تىكەن.
http://www.awatarzu.tordax.com
QQ:290988919

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83812
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3036
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-8-12
ئاخىرقى: 2014-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 07:55:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن سىز يازغان ھۆسىنخەتلەر دىن بىر-ئىككى پارچە سېتىۋالاي دىگەن، سىز بىلەن قانداق ئالاقە قېلشىمەن؟ بولسا يانفون نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89683
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 245
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 01:20:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mensurhan يوللىغان ۋاقتى  2013-2-22 07:55 PM
مەن سىز يازغان ھۆسىنخەتلەر دىن بىر-ئىككى پارچە سېتىۋال ...

بۇ ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمى ئاپتۇرنىڭ قولىدا بار،     ھەسەنجان 18999919368
بۇ نومۇر بىلەن ئالاقە قىلسىڭىز بولىدۇ.
مەن بىلەن ئالاقە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ،    13999893243    ئەرشىدىن
باھاسىنى مۇۋاپىق كېلىشتۈرۈپ بېرىمەن،
ئەسكەرتىش :(ئەسەرلەرنىڭ ئاستىغا يېزىلغان باھاسىدا تۈركىيە لىراسى قوللىنىلغان، 1 تۈركىيە لىراسى جۇڭگو خەلق پۇلىدا 4 يۈەن بولىدۇ.)

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش