ئادەم نىمە ئۇچۇن كۆزىنى توختىماي چىمچىقلىتىدۇ
(تەرجىمە قىلغۇچى: تىلماچ)
بىز ھەر بىرىمىز ھەر كۈنى كۆزىمىزنى توختىماي چىمچىقلىتىمىز.نۇرمال ئادەم مىنىتۇغا 10 قېتىمدىن 20قېتىمغىچە چىمچىقلىتىدۇ.ھەر قېتىملىق كۆزىنى چىمچىقلىتىش ئۇچۇن كىتىدىغان ۋاقىت 0.2 سېكۇنتتىن 0.4 سېكۇنتقىچە بۇلۇدۇ.ئۇخلىغان ۋاختىنى ھېساپقا ئالمىغاندا،بىر ئادەم بىر كۈندە تەخمىنەن 10000قېتىم كۆزىنى چىمچىقلىتىدۇ.ئادەم بەدىنىدە ئەڭ ئالدىراش بولغىنى كۆز قاپاق مۇسكىلى بۇلۇپ،ھەر قېتىملىق كۆزنى چىمچىقلىتىش ئارلىغىدىكى ۋاقىت 4 سېكونتتىن 5 سېكونتقىچە بۇلۇدۇ.
كۆزنى چىمچىقلىتىشتىن ئىبارەت ئاددى ھەم قىسقا بولغان بۇ كىچىك ھەركەتكە سەل قاراشقا بولمايدۇ.ئۇنىڭ رولى ناھايتى زور.
كۆزنى چىمچىقلاتقان ۋاقىتتا كۆز يېشى مۆڭگۇز پەردە بىلەن بىرىكتۇر پەردىگە يېپىشىپ،ئۇلارنى نەمدەپ ،قۇرغاقلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆزنى چىمچىقلىتىش ياشنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.بۇ دەل كۆزىڭىزنىڭ قۇرغاقلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان ۋاختىڭىزدا،ئۆزلىگىڭىزدىن كۆزىڭىزنى كۇچەپ يۇمۇشىڭىزنىڭ سەۋەبى.ئۇنىڭدىن باشقا،ھەر قېتىم كۆزىڭىزنى چىمچىقلاتقىنىڭىز كۆزىڭىزنى بىر قېتىم سۈرتكىنىڭىز بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ،دائىم كۆزنىڭ پاكىز ۋە پاقىراق ھالىتىنى ساقلايدۇ.
ھاشارەتلەر ۋە باشقا جىسىملار كۆزگە تۇيۇقسىز ئۇرۇلغان ۋاقىتتا،كۆز ناھايتى تىزلىكتە چىمچىقلاپ ئىنكاس قايتۇرۇپ،ھاشارەتلەرنى كۆزگە كىرگۇزمەي،كۆز قارچۇغىنى زەخمىلىنىشىتىن ساقلايدۇ.
كۆزنى چىمچىقلاتقاندا كۆز قاپىقى يۇمۇلۇپ،نۇرنىڭ كۆزگە ئۇزلۇكسىز كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،كۆز تېگىدىكى كۆرۇش تور پەردىسىنى قىسقا مەزگىللىك ئارام ئېلىش بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.كۆزنى چىمچىقلىتىشنى «ھەش-پەش دىگۇچە»ئۇرۇندىلىدىغان ھەركەت دەپ قارساق بولمايدۇ،بۇ ھەركەتنىڭ بىر كۇندىكى ئۇمۇمى ۋاختى بىر سائەتكە يىتىدۇ.باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا،بىز ھەر كۈنى بىر سائەت «قارغۇ» بۇلىمىز،ئەمما ئۆزىمىز ھەرگىز ئۇنداق ھىس قىلمايمىز.بەزى ئالىملارنىڭ قارىشچە،كۆز تور پەردىسى قىسقا مۇددەت ئارام ئالغان ۋاقىتتى دەل چوڭ مېڭە نېرۋىسى يەتكۇزگەن، كۆرۇش تورپەردىسى نېرۋا ۋىجەيرىللىرىنىڭ سەزگۇ ئورگىنىدىن چىققان ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچۇردىن ئىبارەت بۇلۇپ،نۆۋەتتىكى ئارقىدىنلا پەيدا بولغان كۆرۇش ئىمپولىسىنى مەرگىزى نېرۋا سېستىمىسىغا يەتكۇزۇپ بىرىشنى ئويلاشقا ۋاقىت بولمغانلىقتىن،بىز كۆرمىگەندەك ھىس قىلمايمىز.
كۆزنى چىمچىقلىتىش كۆز ئاستىغا تىك چۇشكەن كۇچلۈك نۇرنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ،بۇ دەل دەرىزە پەردىسى كۈن نۇرىنى توسقان بىلەن بارارۋەر.ئويلۇنۇپ بېقىشقا بۇلۇدۇكى،ئەگەر كۆزىمىز داۋاملىق ئۇچۇق ھالەتتە تۇرسا،نۇر توختىماستىن كۆرۇش تور پەردىسىگە چۇشىۋەرسە،ئۇ ھالدا بىزنىڭ كۆزىمىزنىڭ كۆرۇش قۇۋۋىتى ئۇزاققا بارمايلا ئاجىزلاپ كىتىدۇ،چارچاپ كۆرمەس بۇلۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى ناھايتى چوڭ بۇلىدۇ.
كۆزنى چىمچىقلاتقاندە كۆز قاپاق مۇسكۇلى بۇشايدۇ،ئەگەر چىمچىقلاتماي تۇرىۋەرگەندە،كۆز ئېچىشىدۇ،ئاغرىيدۇ،چىڭقىلىدۇ.
كۆزنى چىمچىقلاتقاندا كۆزنىڭ چاڭ-تۇزاڭغا ئوخشاش غەيرى نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردىمى بۇلىدۇ.
ئەمما ھەمىشە كۆزنى چىمچىقلىتىش،بۇلۇپمۇ زورلاپ كۆزنى چىمچىقلىتىش كېسەللىكنىڭ ئالامىتى.تىبابەت ئىلمىدە كۆزنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ چىمچىقلىتىش كۆز قاپاق مۇسكۇلى تارتىشىشتىن دېرەك بىرىدۇ.تەتۇر كىرپىك،تراخۇما،كۆزى ئۆتكۇر بۇلۇش قاتارلىقلار كۆپلەپ كۆز چىمچىقلىتىشنى كەلتۇرپ چىقىرىدۇ،بۇنداق بولغاندا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۇرتىش كېرەك.
مەنبە: خەنزۇچە «يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-4 05:27 PM