سىزنىڭ چوقۇنغىنىڭىز كىم؟
ھەمزە پاتېرسون
كەلپاناھ تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلدى
كۆپلىگەن پەلسەپىۋيلىك قاراشلار .ئىدىئولگىيەلەر، روھى مەنبەلەرگە قارىغاندا ،بۇ دۇنيادا مەلۇم بىر خىل يوسۇندا ياراتقۇچىغا چوقۇنمايدىغان بىرمۇ ئىنسان يوقتۇر.ئاتىسىتلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە .ئاتىستلىق ياراتقۇچىغا ئىشەنمەسلىكتۇر. ئۇنداقتا ئۇلارئىشەنمەيدىغان ياراتقۇچى دىگەن نىمە ؟؟؟ .
سىز بەزىدە پۈتۈن ئالەمدىكى ئىشلارنى كونتىرول قىلىپ تۇرغۇچىنىڭ نەزەر دائىرىسى ئىنتايىن تار ،زاماننىڭ كەينىدە قالغان.ساقاللىرى ھاۋادا لەيلەپ قالغان،ئىنتايىن ئادەتتىكى بى چال ئىكەنلىكىنى خىيال قىلىشىڭىز مۇمكىن.
ھەقىقىەتتە بولسا .ياراتقۇچىنىڭ تەبىرى بۇنىڭدىن خېلىلا پەرقلىقتۇر،يەنى ياراتقۇچى ئەلمىساقتىن بېرى ئالاھىدە دىققەت تارتىپ كېلىۋاتقان بىر كىشىدۇر ياكى بىر نەرسىدۇر .تېخىمۇ ئالاھىدە يېرى شۇكى ، ياراتقۇچى ئىنسانلار ئۆزىگە ياخشىلىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ ،ياكى بېشىغا كېلىدىغان يامانلىقنى كۆتۈرىۋېتەلەيدۇ دەپ ئىشىنىدىغان بىرىدۇر .باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ،سىزئۆزىڭىز خالىغان ياكى سىزگە كېرەكلىك بولغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلىشىڭىز ئۈچۈن پۈتۈن ئىشەنچىڭىزنى باغلىغان نەرسە دەل سىزنىڭ ياراتقۇچىڭىزدۇر .
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇنى بايقايسىزكى ،بۇ دۇنيادىكى كۆپىنچە كىشىلەر ئۆزىنىڭ ساداقىتىنى ،ھۆرمىتىنى ۋە ئىشەنچىسىنى تىلىگەن مەقسەتلىرىگە يەتكۈزگۈدەك ئىلاھىي قۇدرىتى بولمىغان باتىل ئىلاھلارغا باغلىۋالغان .
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ تىپىك مىسال بولسا مۇسۇلمانلار ئەھلى كىتاپ دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان خىرىستىيانلار ۋە يەھۇدىلاردۇر .ئۇلارنىڭ دىققەت ئېتىبارى يارىتىلغان شەيئىلەرگە ھەدىدىن زىيادە بۇرۇلۇپ كەتكەنلىكتىن ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ چوقۇنىشىمۇ ئاللاھتىن ئاشۇ شەيئىلەرگە بۇرۇلۇپ كەتكەنىدى .
يەھۇدىلارنى ئاللاھقا ئىشىنىشتىن باشقا نەرسىلەرگە ئىشىنىشكە بۇرىۋەتكەن بىر نازۇك يول بولسا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نەسلى ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام قىلىشى ۋە جەننەتكە كىرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن ئىشەنچىنى ئانىلىق نەسەپ شەجەرىسىنى ساقلاپ قېلىشقا باغلىۋالغانلىقىدۇر .
يەنە بىر تەرەپتىن ،خىرىستىيانلار بولسا مەريەم ئوغلى ئىسانى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ بىلىش ۋە پۈتۈن ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا سېغىنىش بىلەن ئاللاھنى قويۇپ باشقىغا ئىشىنىشنى تېخىمۇ ئوچۇق –ئاشكارا ۋە چەكتىن ئاشقان دەرىجىگە كۆتۈرگەن...
ئاللاھ سۇبھانە ۋە تائالا ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ:
«ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى ناسارالار جامائەسى) دىنىڭلاردا ھەددىدىن ئاشماڭلارئاللاھنىڭ شەنىگە ھەق (سۆز) دىن باشقىنى ئېيتماڭلار (يەنى ئاللاھ قا شېرىكى ۋە بالىسى بولۇشتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىڭلار). مەسىھ ئىسا - مەريەمنىڭ ئوغلى، پەقەت ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئاللاھنىڭ ئوغلى ئەمەستۇر)، مەريەمگە ئاللاھنىڭ ئىلقا قىلغان كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز ئاللاھنىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر) ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، (ئاللاھ، ئىسا، مەريەمدىن ئىبارەت) ئۈچتۇر دېمەڭلار، (ئاللاھ ئۈچ دەيدىغان ئېتىقادتىن) قايتىڭلار، (بۇ) سىلەرگە پايدىلىقتۇر ئاللاھ پەقەت بىر ئىلاھتۇر، بالىسى بولۇشتىن ئاللاھ پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر) ئاللاھ يېتەرلىك ھامىيدۇر.» نىسا سۈرىسى 171-ئايەت
ئەمما خرىستىئانلار شىرىك كەلتۈررۈشتە يالغۇز قالغىنى يوق.ئېچىنارلىق رېئاللىق شۇكى، كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارمۇ قىيىنچىلىقتا قالغان چېغىدا يارىتىلغان نەرسىلەرگە(ھايات ياكى ئۆلگەن) سېغىنىش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ئوخشاش ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماقتا.
ئاللاھ تەئالا شۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئىمان كەلتۈرمەيدۇ .» سۈرە يۇسۇف 102-ئايەت
ئاللاھ ئۇلار ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ:
«ﷲ نى قويۇپ قىيامەتكىچە دۇئانى ئىجابەت قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئادەمدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ بۇتلار ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىن غاپىلدۇر. (قىيامەت كۈنى) ئىنسانلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توپلانغان چاغدا، بۇتلار ئۇلارغا (يەنى بۇتپەرەسلەرگە) دۈشمەن بولىدۇ، ئۇلار تەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ.» سۈرە ئەھقاف 5،6-ئايەتلەر
] ئىسلام ئالىمى ئىبن قەييۇم (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) باتىل ئىلاھلارنى بىر قۇلنىڭ تۆۋەندىكىدەك 3 خىل يول بىلەن ئۆز چەك-چىگراسىدىن ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:
1.ئەگىشىش بىلەن
2.چوقۇنۇش بىلەن
3.بويسۇنۇش بىلەن
ئىنسانلىق سۈپىتىمىز بىلەن ئاللاھقا ئېتىقات قىلىش قىلش بىزنىڭ فىترىتىمىزدۇر . چۈنكى بىزدە 3 خىل تەبىئىي ئېھتىياج بار.
1.دىنى تۇيغۇ ئېھتىياجى
2.ئىجتىمائىيلىق ئھتىياجى
3.ھايات قېلىش ئېھتىياجى
بۇ سەۋەپتىن ھەر ئېھتىياج بىلەن بىرگە بىزدە بىر خىل ئۆزىمىز قىلغان ئشلىرىمىزنى قىلىشنى خالايدىغان تەبىئىي ئىچكى تۇيغۇ بولىدۇ . شۇڭا ئەگەر بىز بۇ ئېھتىياجلىرىمىزنى قاندۇرىدىغان ئەسلى «تەبىئىي ئوزۇق» نى تاپالمىغان ۋاقتىمىزدا بىز تەبىئىي بولمىغان تولۇقلىغۇچى ئوزۇقلارنى ئىزدەيمىز ياكى ئىنسانلىقىمىز تۈپەيلىدىن چۈشكۈنلىشىپ كېتىمىز ۋە يا ئۆزىمىزدە كەملىك ھېس قىلىمىز.ئېچىنىشلىقى شۇكى ،گەرچە بىز تولۇقلىغۇچى ئوزۇقلار بىلەن روھىمىزنى تولدۇرۇشقا ئۇرۇنغان تەقدىردىمۇ بىز يەنىلا چارىسىزلىك ،ئىچى قۇرۇقلۇق ۋە ئازغۇنلۇق ھېس قىلىۋېرىمىز.چۈنكى ئۇلار روھىمىزنىڭ ھەقىقى ئوزۇقى ئەمەس .
ئەمدى ئاتىستلار تېمىسىغا قايتىپ كەلسەك ،ئۇلار ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ھەر قالداق بىر شەكىلدىكى ئىلاھقا چوقۇنماسلىقنى تەرغىپ قىلىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ ھەقىقەتتىن بەكمۇ يىراق .چۈنكى ئاللاھنى ئىنكار قىلغان مۇشۇ كىشىلەر ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىدىكى روھى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن باشقا نەرسىلەرگە ئېتىقات قىلىدىغان ئاقىۋەتكە قالىدۇ.
مەسىلەن، بىز تولىمۇ ئاكتىپ بىر تەنھەرىكەت مەستانىسىگە قاراپ باقايلى .ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى مەلۇم بىر تەنھەرىكەت كۇلۇبىنى ئىقتىسادى ،روھى ۋە ماددى جەھەتتە قوللاش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار ھەر مۇسابىقىگە ئۆزلىرى قاتنىشىدۇ ئەگەر قاتنىشالمىسا ھىچ بولمىغاندا تېلېۋىزوردىن كۆرىدۇ .ئۇ خاتىرە بۇيۇملارنى سېتىۋالىدۇ .ئەگەر كۇلۇپ يېڭىلگىدەك بولسا ئۇ تۈگىشىپ كېتىدۇ .ئەگەر كۇلۇپ يەڭگىدەك بولسا ئۇ ئۆزىنى جەننەتتە تۇرىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ كېتىدۇ ...بۇ بەلكىم غەلىتە تۇيۇلىشى مۇمكىن ،لېكىن بىز ئىشلارغا قاراش نوقتىمىزنى ئۆزگەرتىشكە مۇھتاج.
بۇ ئىنسان پۈتۈنلەي تەنھەرىكەت تەرىپىدىن ئىگەللىنىۋېلىنغان. چۈنكى ئۇنىڭ ھاياتىدا باشقا بىر نەرسىلەر كەمچىل. بۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەنىۋىي بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا تاللىغان ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. بەزىلەربۇ بوشلۇقنى ئائىلىسى بىلەن ،دوستلىرى بىلەن ۋە ئوقۇش بىلەن تولدۇرۇشقا تىرىشىدۇ ...
ئەمىلىيەتتە بولسا ،بۇ ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ بىر نەرسىنى ئۆزىنىڭ ئىلاھى ،ھېساپ ئالغۇچىسى ، خوشاللىقىنىڭ ئاچقۇچى قىلىۋېلىشى بولۇپ قالىدۇ نەتىجىدە بۇ ئۇلارنىڭ كۈتكەن ئارزىسىغا ئايلىنىدۇ.
ئاللاھ تەئالا شۇنداق دەيدۇ:
«(ئىي مۇھەممەت )نەپسىنى ئىلاھ قىلىۋالغان كىشىنى كۆرمىدىڭمۇ؟» سۈرە جاسىيە 23-ئايەت
بىر ئاللاھقىلا ئىمان كەلتۈرۈش بىزنىڭ روھىمىزغا يەرلەشكەن تەبىئىي دىنى ئېھتىياجىمىزدىندۇر. باشقا ھەرقانداق بىر نەرسىگە چوقۇنۇش بولسا ئارتۇقچىدۇر.
بۇ ھەم ئاللاھ رەسۇلى مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم تۆۋەندىكى سۆزلىرى ئارقىلىق دىمەكچى بولغىنىنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
«ھەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئىسلام فىترىتى ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ .كېيىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى يا يەھۇدى قىلىدۇ يا ناسارا قىلىدۇ ياكى دىنسىز قىلىدۇ .خۇددى بىر ھايۋاننىڭ ساپ ساغلام تۇغۇلغىنىدەك.سىز ئۇلارنىڭ مېيىپ ھالدا تۇغۇلغىنىنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ ؟»
مانا بۇ ئاللاھنىڭ قۇرئاندا مۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەپتۇر.
«جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم . »- سۈرە قاف 56-ئايەت
چوقۇنۇشقا تېگىشلىك بولغاننى قويۇپ غەيرىيگە چوقۇنۇش ياكى غەيرىينى قوشۇپ چوقۇنۇش ئاللاھ تەرىپىدىن ئادالەتسىزلىك دەپ تەرىپلەنگەن .ئاللاھ تەئەلا قۇرئاندا شۇنداق دەيدۇ:
«ھەقىقەتەن ،شېرىك كەلتۈرۈش بۈيۈك ئادالەتسىزلىكتۇر .» سۈرە لوقمان 13-ئايەت
ئادالەتسىزلىك بىر نەرسىنى خاتا يەرگە قويۇشنى كۆرسىتىدۇ .شۇڭا كىمكى ئاللاھتىن باشقىغا چوقۇنىدىكەن ،ئۇ ئۆز ئېتىقادىنى ئۆز يېرىگە قويمىغان ۋە ئۇنى ئېتىقاد قىلىنىشقا ئەرزىمىگەن بىرىگە ئاتىۋەتكەن بولىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بۈيۈك بىر ئادالەتسىزلىكتۇر .