مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 278|ئىنكاس: 5

(دۇلدۇل) قەلىمىمگە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2349
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8769
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 693 سائەت
تىزىم: 2010-6-9
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 10:58:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئەي، قەلەم. ئەجەپ زېرىكمەيسەن مېنىڭدەك بىر كىشىدىن، كەچكىچە چوڭ-كىچىك ھەممىگە ئاھ-پىغان چىكىپ ئولتۇرىدىغان. كىشى ئاڭلىغان بولسا، قالماس ئىدى ھەرگىزمۇ ھازىرغىچە تاقىتى. ھەرزامان ئىچىمدىكىنى يوشۇرماي تۆكىمەن ساڭا. دەردمەنلىكىمدىن چانمىدىڭ، ئاجىزلىقىمدىن كۈلمىدىڭ. يا مەن ساڭا يازغۇزۇپ تۈگىتەلمىدىم، يا بۇ دۇنيا مەن تەلپۈنگەننى بەخش ئەتمىدى. ئىنسانلار يالغان، دۇنيامۇ ھەم شۇ، پەقەت سەنلا چىن.
     بۇ دۇنيانىڭ شادلىقى نېمە؟ ئۇ قەيەردە؟ مەن ئۈچۈن ئۇ سېنىڭ بىلەن سۆھبەتتە. ئۆزۈم سوئال قويىمەن، جاۋابىنىمۇ ئۆزۈم تاپىمەن. ئۆزۈم چۈشكۈن بولىمەن، روھىمنىمۇ يەنە ئۆزۈم كۆتىرىمەن. سەن مېنىڭدەك مۇشۇنداق بىر رەڭگارەڭ چىراقتەك لاپىلداپ تۇرىدىغان ئادەمگە قاراپ كۈلگۈڭ كەلمىدىمۇ؟ قىزىل، قارا، ئاق...بەزىدە ھەتتا سېرىق....
     قەلەم! مەن سېنى سۆيىمەن، ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن. سەن بۇ رەزىل قارا مېينەت دۇنيادىكى مەۋجۇت بولۇپ ساقلىنىپ قالغان بىر گۈزەللىكسەن. ھەر كىشىنىڭ دەردىنى يازىسەن. قاچان كېرەك بولسا شۇ چاغدا ئۈنىسەن. ئاش-نان تەلەپ قىلمايسەن.
    قەلەم! سەن مەندىن ئايرىلما....مەزمۇت قەددىڭ بۇ ئاجىز يۈرىكىمنى تىرەپ تۇرسۇن. چۈنكى مەن ياشاشقا يەنە تەلپۈنىمەن، كېيىننى كۆرمەككە مەيلىم بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   DULDUL تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-3 11:01 PM  


غەلبە تىرىشچانلارغا مەنسۇپ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1501
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7090
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 11:37:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ...مەنمۇ قەلەمگە بەك ئامراق ،ئۇھەقىقەتەن بىر سادىق ھەمراھ..

ئەگەر ئۆزۈڭىزنىڭ مۆجىزە يارىتالمايدىغىنىڭىزنى بىلسىڭىز،تىرىشىپ تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى مۆجىزىگە ئايلاندۇرۇڭ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87134
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1690
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 11:57:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارلىق ئىنسانلارغا ھەمرا بۇ قەلەم دىگەن نەرسە.

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 12:05:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ خاتىرەم ، ماڭا شۇنداق تەسىر قىلغان ھەم مىنىڭ ئۆزگىرشىمگە تۈرۈتكە بولغان ئېسل جۈملىلەر سۆزلەرنى شۇ پىنھان خاتىرەمگە ساقلايمەن .
ھەر بىر قېتىم ۋاراقلاپ كۆرگەندە ئوخشىمىغان ھاياجانغا چۆمىلىمەن ، مىنىڭ ياخشى ياردەمچىم .
ساڭا يەنە نۇرغۇنلىغان ھېكمەتلەرنى ، گۈزەل سۆزلەرنى قايتا-قايتا ئوقۇغۇسى كېلدىغان جۈملىلەرنى كۆپلەپ يازسام دەيمەن .

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20195
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2260 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 02:15:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز.....

تەشەككۈر....   شېئىرمىكى دەپ يۈگرەپ كىرگەن ئىدىم....
بۇمۇ ياخغى چىقىپتۇ...

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40157
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5088
تۆھپە نۇمۇرى: 739
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2011-5-9
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 06:58:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم- قان چىقارماي جان ئالغۇچىدۇر . دەپتىكەن شۇنداق بىر كىشىلىرىمىز .. . .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش