مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1231|ئىنكاس: 15

قاراخانىلار خانلىرىنىڭ (قاراخان) دىگەن ئۇنۋانى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 02:41:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   
قاراخانىلار پادىشاھلىرىنىڭ « قاراخان» دىگەن ئۈنۋانى ھەققىدە

قاراخانىلار سۇلتانلىرىنىڭ بەزىللىرى   ئۆزىگە «قاراخان» دىگەن ئىسىمنى تەگئات، ياكى ئۈنۋان قىلىپ   قوللۇنۇپ كەلگەن.  مەسىلەن؛ سۇلتان سۇتۇق بۇغرا قاراخان،  مۇسا ئىبن ئابدۇلكىرىم ئارىسلان بۇغرا قاراخان،  ھارۇن بۇغرا قاراخان، ...... دىگەندەك. يەنە دۆلەت نامىنىمۇ «قاراخانىلار» دەپ ئاتىغان.  نىمە ئۈچۈن شۇنداق  ئۆزلىرىگە «قاراخان »دىگەن ئىسىمنى قوللۇنۇپ كىلىدۇ؟  بۇتوغرىدا تارىخچىلارنىڭ يازمىللىرىغا قاراپ باقساممۇ ئانچە كۆپ توختالماپتۇ. ياكى بۇ تىمىدىن چەتنەپ ئۆتۈپ كىتىپتۇ.
  مەن بۇتوغرىدا ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتمەكچى.
قاراخانىلار خانلىرى ياكى سۇلتانلىرى «قۇتادغۇبىلىك»ياكى «تۈركى تىللار دىۋانى »دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۆزلىرىنى تارىختىكى «تۇران ئىمپىرىيەسى»نىڭ پادىشاھى ئالىپ ئەرتوڭا (يەنى ئاپراسىياپ)نىڭ ئەۋلادلىرى دەپ قارايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.  شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىگە؛ ( ئەزەلدىن، تېگى تەھتىدىن  نەچچە ئەۋلات خان پادىشا بولۇپ ئۆتكەن بۈيۈك قۇدرەتلىك خان)دىگەن مەنانى بىرىدىغان  «قاراخان» دىگەن نامنى قوللانغان.   بىراق  ( ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىزاھاتلىق لۇغىتى )دە «قاراخان»دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىگە؛ (بۈيۈك قۇدرەتلىك خان ) دىگەن قىسقىلام تەبىرنىلام بەرگەن.  ئەمىلىيەتتە مەن ئۆسۈپ چوڭ بولسام ئەتراپىمدىكى  ئاتا- ئانام ، ئوقۇتقۇچۇم قاتارلىق كىشىلەر، ھەم كونا پىشقەدەملەر ئاغزىدا «قارادىھقان»،    «قاراخان» .........دىگەندەك سۆزلەر بار ئىكەن. بۇسۆزلەرنىڭ مەنىسىگە قىزىقىپ ئۇلاردىن  سورىغىنىمدا، ئۇلار بۇسۆزلەرنىڭ مەنىسىگە مۇنداق تەبىر بەرگەن ئىدى.
(1)قارادىھقان ---  نەچچە ئەۋلات، تېگى تەھتىدىن تارتىپ ئاتا بوۋىسى دىھقانچىلىق قىلىپ ، دىھقان بولۇپ ئۆتكەن كىشىلەر. دىگەن مەنانى بىلدۈردىغانلىقىنى.
(2)  قاراخان ----تېگى تەھتىدىن ، ئاتا-بوۋىسىدىن تارتىپ نەچچە ئەۋلات، ئەزەلدىن خان بولۇپ ئۆتكەن بۈيۈك قۇدرەتلىك خان دىگەن مەنانى بىلدۈردىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان ئىدى.
قەدىرلىك تورداشلار! دەپ بېقىلار .  سىلەر بۇسۆزلەرنىڭ مەنىسىنى قانداق چۈشۈنىسلەر؟  «قاراخان» دىگەن سۆزگە ؛ (بۈيۈك قۇدرەتلىك خان،) دەپ تەبىر بەرسەك «قارادىھقان» دىگەن سۆزگىمۇ (بۈيۈك قۇدرەتلىك دىھقان) دىگەن تەبىر بىرىش توغرا كىلەمدۇ قانداق؟.؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟.....

پەلۋاندەك ياشا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83888
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4791
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 315 سائەت
تىزىم: 2012-8-13
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 07:04:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قارىخان مەنىسىنى ئەمدىلەتتىن چۈشەنگەندەك بولدۇم.

تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەقىشلەر بولمىدى سادىر،
نىمىكى دىسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر .
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بۇلۇر قادىر،
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ شائىر.      
نىسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەر تىلغا بالاغەتنى.

غەلبە تىرىشچانلارغا مەنسۇپ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1501
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7090
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 07:19:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاراخان ----تېگى تەھتىدىن ، ئاتا-بوۋىسىدىن تارتىپ نەچچە ئەۋلات، ئەزەلدىن خان بولۇپ ئۆتكەن بۈيۈك قۇدرەتلىك خان دىگەن مەنانى بىلدۈردىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان ئىدى.


مىنىڭچىمۇ بۇ دېگىنى توغرا بوپتۇ!


ھەقىقەتەن سىز دىگەندەك :«قاراخان» دىگەن سۆزگە ؛ (بۈيۈك قۇدرەتلىك خان،) دەپ تەبىر بەرسەك «قارادىھقان» دىگەن سۆزگىمۇ (بۈيۈك قۇدرەتلىك دىھقان) دىگەن تەبىر بىرىش توغرا كىلىدىكەن ئەمەسمۇ...............

ئەگەر ئۆزۈڭىزنىڭ مۆجىزە يارىتالمايدىغىنىڭىزنى بىلسىڭىز،تىرىشىپ تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى مۆجىزىگە ئايلاندۇرۇڭ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67705
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3263
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2011-11-30
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 07:21:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  بۆگۆن  ئۇيغۇر تارىخدا   بىر  ئېلىمگە  ئىگە  بولدۇم  رەھمەت  سېزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1335
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 610 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 07:33:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىىخان دىيىلىشى بەزەن كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە قارلۇق قەبىلىسىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان دەيدىكەن مېنىڭچە تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئەژدادىمىز تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۆيۆك تۇران ئىمپىريەسىنىڭ .خانلىرىنى قارخىان يەنى قۇدىرەتلىك بۆيۆك خاندەپ ئاتايىتتى .815-يىللىرىدىكى قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىغى بىز تۇرانلارنىڭ ئەۋلادىدەپ شۇڭا دۆلەت ئىسمىنى قارىخانىيە خانلىرىنىڭ نامىنى قارىخاندەپ ئاتىدى دەپتىكەن مېنىڭچە مۇشۇ توغرادەپ قارايمەن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4465
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 07:59:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت بىلۋالدىم ..............!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83671
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3773
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2015-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 09:08:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 09:32:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەزمۇنكەن ... رەھمەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2821
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16509
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 09:42:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

。。。。。ئۈزۈندە:

تارىخى ئاتالغۇ «قارا» مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىز «تۈركى تىللار دىۋانى»دا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «يۇقۇرى چىن، ئوتتۇرا چىن ۋە تۆۋەن چىن»؛ ئابدۇشۇكۈرمۇھەممەتئىمىن «چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىل ئۇقۇم دائىرىسى»؛ سۇلتان ساتۇق ئابدۇلكېرىم بۇغرا قاراخاننىڭ «مەن ئالب ئەرتۇڭا (ئەفراسىياپ)نىڭ ئەۋلادىمەن...» دېگەن تارىخى ئىبارىلەر بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تارىختىكى «چىن» نامى بىلەن «قارا» نامى بىۋاستە باغلىنىشلىق.
    «چىن» بىلەن «قارا»نىڭ بىۋاستە باغلىنىشىنى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئېتنىك قامۇسى «ئوغۇزنامە» ئارقىلىق چۈشىنىش بىزگە ئالاھىدە قۇلايلىق بېغىشلايدۇ. «ئوغۇزنامە»دە «... ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، كىشىلەرگە بىلدۈرۈش كېرەك. ئوغۇز خاقاننىڭ يېنىدا ئاق ساقاللىق، بوز چاچلىق، قابىلىيەتلىك بىر قېرى كىشى بار ئىدى. ئۇ بىلەرمەن ۋە لىللا ۋەزىر ئىدى، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈرك ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۈمۈش ئوق كۆردى، بۇ ئالتۇن يا كۈن چىقىشتىن تا كۈن پېتىشقىچە سوزۇلغان ئىدى. ئۈچ كۈمۈش ئوقنىڭ ئۇچى شىمالنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇيقۇدىن كېيىن ، ئۇ چۈشىگە كەچكەنلەرنى ئوغۇز خاقانغا ئېيتىپ مۇنداق دېدى:" ھەي خاقانىم، ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولسۇن؛  ھەي خاقانىم، سېنىڭ ئەل-نىزامىڭغا ئادالەت يار بولسۇن؛ كۆك تەڭرى چۈشۈمدە بەردى ماڭا ئىشارەت، ئىشغال قىلغان يەرلىرىنى ئۇرۇغىغا بۆلۈپ بەرسۇن دەپ. "  ئوغۇز خاقان ئۇلۇغ تۈركنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدى ھەمدە:" ئېيتقىنىڭ كەلسۇن " دېدى. ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا، بالىلىرىنى چاقىرىپ كەلتۈرۈپ ئېيتتىكى:" ھەي ئوغۇللىرىم، ئوۋنى كۆڭلۈم تارتىپ تۇرىدۇ. ياشىنىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئوۋغا چىقىشقا چامىم يەتمەيدۇ. كۈن، ئاي، يۇلتۇز، ئۈچىڭلار تاڭ ئاتار تەرەپكە بېرىڭلار. ئاسمان، تاغ، دېڭىز ئۈچىڭلار تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە بېرىڭلار." بۇنىڭ بىلەن ئۈچەيلەن تاڭ ئاتار تەرەپكە، قالغان ئۈچى تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە كەتتى. كۈن، ئاي، يۇلتۇز نۇرغۇن ھايۋان، قۇشلارنى ئوۋلىدى، ھەمدە يولدىن بىر ئالتۇن يانى تېپىۋالدى، شۇنداقلا ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئالتۇن يانى ئۈچ بۆلەككە بۆلدى ۋە ئېيتتىكى:" ھەي ئاكىلار، بۇ يا سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، سىلەر ياغا ئوخشاش ئوقنى كۆككە ئېتىڭلار."  يەنە شۇندىن كېيىن ، ئاسمان ، تاغ، دېڭىز نۇرغۇن ھايۋان ۋە قۇشلارنى ئوۋلىدى، يولدىن ئۈچ كۈمۈش ئوق تېپىۋالدى ھەمدە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئوقلارنى ئۈچىگە بۆلۈپ بەردى، ئېيتتىكى:" ھەي ئىنىلەر، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، يا ئوقنى توغرىلايدۇ، سىلەر ئوققا ئوخشاش ياغا بوي سۇنۇڭلار" .  شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان چوڭ ك#رۇلتاي چاقىردى. نۆكەرلىرىنى، ئەل-جامائەتنى چاقىرتتى، ئۇلار كېلىپ بامەسلىھەت ئولتۇرۇشتى. ئوغۇز خاقان چوڭ چېدىردا ... ئوڭ تەرىپىگە، قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر ئالتۇن توخۇنى ئاستى، ئۇنىڭ تۈۋىگە بىر ئاق قوينى باغلىدى. سول تەرىپىگە قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر كۈمۈش توخۇنى ئاستى، تۈۋىگە بىر قارا قوينى باغلىدى. ئوڭ تەرەپتە بۇزۇقلار ئولتۇردى، سول تەرەپتە ئۈچ ئوقلار ئولتۇردى. قىرىق كېچە-كۈندۈز توي بولدى. يىيىشتى ،ئىچىشتى، خۇرسەن بولۇشتى. شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان ئوغۇللىرىغا يۇرتنى ئۈلەشتۈرۈپ بەردى، ئېيتتىكى:" ھەي ئوغۇللىرىم، مەن كۆپ ياشىدىم، كۆپ ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈردۈم. يا بىلەن كۆپ ئوق ئاتتىم، ئايغىر بىلەن كۆپ يوللارنى كەزدىم. دۈشمەنلەرنى زار يىغلىتىپ، دوستلارنى شاد ئەيلەتتىم، تەڭرى ئالدىدا مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلدىم. ئەمدى يۇرتنى سىلەرگە بۆلۈپ بېرىمەن...» دېگەن بايانلار ئۇچرايدۇ.
     بۇ يەردىكى ئەڭ دېققەتكە سازاۋەر تارىخى ئۇچۇر «... ئوغۇز خاقاننىڭ يېنىدا ئاق ساقاللىق، بوز چاچلىق، قابىلىيەتلىك بىر قېرى كىشى بار ئىدى. ئۇ بىلەرمەن ۋە لىللا ۋەزىر ئىدى، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈرك ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۈمۈش ئوق كۆردى، بۇ ئالتۇن يا كۈن چىقىشتىن تا كۈن پېتىشقىچە سوزۇلغان ئىدى. ئۈچ كۈمۈش ئوقنىڭ ئۇچى شىمالنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. » بايانى بىلەن «ئۇلۇغ تۈرك» دېگەن كىشىنىڭ پۈتكۈل تۈرك زىمىنىنى ئۈچكە بۆلۈپ باشقۇرۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى مۇمكىنلەيدۇ؛ «...كۈن، ئاي، يۇلتۇز... بىر ئالتۇن يانى تېپىۋالدى، شۇنداقلا ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئالتۇن يانى ئۈچ بۆلەككە بۆلدى ۋە ئېيتتىكى:" ھەي ئاكىلار، بۇ يا سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، سىلەر ياغا ئوخشاش ئوقنى كۆككە ئېتىڭلار."...  ئاسمان ، تاغ، دېڭىز ... يولدىن ئۈچ كۈمۈش ئوق تېپىۋالدى ھەمدە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئوقلارنى ئۈچىگە بۆلۈپ بەردى، ئېيتتىكى:" ھەي ئىنىلەر، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، يا ئوقنى توغرىلايدۇ، سىلەر ئوققا ئوخشاش ياغا بوي سۇنۇڭلار" .» دېمەككى ئوغۇزخان پۈتكۈل تۈرك زىمىنىنى ئۈچكە بۆلۈپ ئۇنى «كۈن»، «ئاي» ۋە «يۇلتۇز»غا بۆلۈپ بېرىپ، «يا ئوقنى توغرىلايدۇ» دېگەن ھېكمەت بىلەن «دېڭىز»، «تاغ» ۋە «دەريا»دىن ئىبارەت ئۈچ ئوغلىنىڭ يۇقارقى ئۈچ ئوغلىغا شەكسىز بوي سۇنىشىنى تەكىتلەيدۇ.
   يۇقارقى تەسۋىر بويىچە، ئوغۇزخاننىڭ پۈتكۈل تۈرك زىمىنىنى ئۈچ ئوغۇلغا  بۆلۈپ بېرىپ «ئۈچ چىن» (ئۈچ قېرىنداش) دۆلىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى، «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «ئۈچ چىن» ۋە «چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى» بىلەن تامامەن زىپچىلاشقان.
   گەرچە، ئوغۇزخان دەۋرىدە «ئۈچ چىن» (ئۈچ قېرىنداش دۆلىتى) «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكىدەك «يۇقۇرى چىن، ئوتتۇرا چىن ۋە تۆۋەن چىن » دەپ ئاتالمىغان بولسىمۇ، مۇقەررەر ھالدا «تاڭ غۇز» (توڭغۇس- كۈن چىقىش تەرەپتىكى ئوغۇزلار)، «ئارچىن» (ئوتتۇرا چىن) ۋە «ماچىن» (مۇرچىن- غەربى چىن) نامى بىلەن ئاتالغانلىقى ئېنىق.
   بىزنىڭ تەھلىلىمىز ئاستىدىكى «قارا» دەل ئەشۇ «ماچىن» (مۇرچىن- غەربى چىن)نىڭ ماھىيەتلىك ئۇقۇمى بولۇپ، «ماچىن»(مۇرچىن)گە «تۈركى تىللار دىۋانى»(1-قىسىم، 447-بەت)دە مۇنداق ۋاستىلىق ئۈچۈر قالدۇرۇلغان «مۇر ئۇچ- قارامۇچ»( يېمەك-ئىچمەككە تەم تەڭشەيدىغان قارامۇچ ئۆسۈملىكىنىڭ ياپراق ۋە غولى يېشىل ئۇچى قارا بولغاچقا <مۇرئۇچ- ئۇچى قارا> دېيىلگەن)... ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ ئوت قالايدىغان ئوچاقنىڭ تۇتۇن چىقىدىغان تۆشىكىنى «مورا» دەپ ئاتايدۇ. بۇ يەردىكى «مورا»دىكى «مور» ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر. دېمەك، «ماچىن»(مۇرچىن)دىكى «ما»(مۇر) سىزنىڭ تەخەللۇسىڭىزدىكى «قارا»نى ئىپادە قىلىدۇ.
   ئومۇمەن، «ماچىن»(مۇرچىن) غەربى چىننى كۆرسەتكەن ئىكەن، ئەڭ قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز كۈن كىرىش تەرەپنى «قارا» رەڭ پەرقى بىلەن ئېلىپ، كېيىنچە «ماچىن» (مۇرچىن) تارىخى تىل ئىستىمالىمىزدىن قېلىپ «قاراچىن» ۋە «قاراچىن»نىڭ پادىشاسى «قاراخان» نامى بىلەن بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن. شۇڭا بىز، «قاراخان» شاھلىرىنىڭ سەلتەنەتىنى نوقۇل «قاراخانىلار خاندانلىقى»نىڭ ئۈچ يېرىم ئەسىرلىك چەكلىك مۇددىتى بىلەنلا قاراپ قالماي، ئۇنى ئوبۇلغازى باھادىرخاننىڭ «شەجەرەئىي تەراكىمە»دە قەيت قىلىنىغان «ئوغۇزخان پەيغەمبىرىمىزدىن تۆت مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن...» دېگەن سۆزى ۋە سۇلتان ساتۇق ئابدۇلكېرىم بۇغرا قاراخان «مەن ئالب ئەرتۇڭانىڭ ئەۋلادى» دېگەن سۆزى بىلەن باغلاپ، «ماچىن»(غەربى خان)نىڭ ئالاھىزەل 5400 يىللىق تارىخى بىلەن باغلاپ چۈشىنىش كېرەك...        
      

يۇقۇرىقى ئىنكاستىن ئۈزۈندە ئېلىنغان چۈشەنچىلەر توردىشىمىز ‹‹يۇن ھون››نىڭ باغداش تورىدىكى ‹‹مەن ئۆتكۈردىن ئايرىلغان كۈنى ››دىگەن تېمىدا يوللىغان ئىنكاسى بولۇپ  تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قىستۇرۇپ قويدۇم.
.............................................................................................................................
مېنىڭچە قېرىندىشىمىز ‹‹ئەرتۇرا ››‹‹قاراخان›،دىگەن ئىسىمنىڭ ‹‹قارا دېھقان››دىگەن ئىسىمدىن ئوخشاش تەبىر تالاشمايدىغانلىغىنى بىلمەيدىغان سەۋىيەدە ئەمەس،چۈنكى بۇ ئىسىمنى بىر ئۆمۈر دېھقانچىلىق بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكۈزگەن،قاراتۇرۈك ،ياكى ‹‹قارا قورساق››(ساددا ساۋاتسىز )،قارام،تەۋەككۈلچى مەنىسىدىكى قارا دېھقان سۆزىگە پۈتۈنلەي تەبىرلەشكە بولمايدۇ،شۇنداقتىمۇ ‹‹قارا دېھقان››سۆزىدە ئاشۇنداق (بۈيۈكلۈك قۇدرەتلىك) روھنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-3 09:44 PM  


يول سورىغان يولد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38732
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6526
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 5142 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 10:39:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھىم ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولدۇم

دۇنيادا  يول يوقتى،ماڭىدىغانلار كۆپەيگەچكە يول پەيدا بولغان.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش