مەن ئىنگلىزچىنى قانداق ئۆگەندىم؟
بىلىمخۇمار
ئىلاۋە: «مارشال» ئۇكىمىز مېنىڭ مىسرانىم تورىدىكى بىرماقالەمگە مۇنداق بىر تەلەپنى ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويۇپتۇ: «يەنە بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى، سىزنىڭ بۇرۇنقى تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن تەجرىبىلەرنى رېئاللىققا باغلاپ تۇرۇپ، دۇنيادىكى چوڭ تىللاربولغان ئېنگىلىزتىلى، خەنسۇتىلى قاتارلىق تىللارنى قانداق قىلسا ئەڭ ياخشى، تېزئۆگەنگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسدا بىرەر يازمىنى روياپقا چىقارسىڭىز ھەمدە تېمىغا ‹‹تىل ئۆگىنىش توغرىسىدا›› دەپ ماۋزۇ قويۇپ، ئۇيغۇرياشلىرىنىڭ تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئىشلار توغۇرسىدامۇھاكىمە قىپ بىر ماقالە يېزىپ بىزلەرگە سۇنۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.» مەن بۇرۇن ۋەتەندىكى ياشلارنىڭ مەندىن سورىغان«قانداق قىلغاندا ئىنگلىزچىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۆگەنگىلى بولىدۇ؟ ماڭا ئۆزتەجرىبىلىرىڭىزنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز» دېگەندەك سوئالىغا جاۋابەن، تۆۋەندىكىنى تەييارلاپ، ئۇنى ئاشۇنداق ياشلارغا ئېلخەت ئارقىلىق ماڭدۇرۇپ بەرگەن، ھەمدە ئۇنىئۆزەمنىڭ تور بېتىگە (ئۇ تور بېتى ھازىر ۋەتەندە توسۇپ قويۇلدى، شۇڭا پەقەت چەتئەلدىلا ئېچىلىدۇ) چىقىرىپ قويغان ئىدىم. مارشال ئۇكىمىزنىڭ تەلىپىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇنى بۇ يەرگىمۇ چىقىرىپ قويدۇم.
مېنىڭ بۇ يازمىدا بايان قىلىدىغىنىم ئۆزەمنىڭ خەنسۇتىلىغا تايىنىپ ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇنى باشقا تىللارنى ئۆگىنىش ئۈچۈن قوللانسىمۇ بولىۋېرىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرچىغا تايىنىپ، خەنسۇتىلىنى ئۆگىنىش.
بىر ئادەمنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىرئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تىل ئۆگىنىش بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۈشكۈل ۋەزىپە بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ئىرادەبىلەن مۇستەھكەم بەل باغلىماي تۇرۇپ، بىر تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنىش مۇمكىن ئەمەس. تىل ئۆگىنىش ھېچكىم ئۈچۈن ئاسان ئەمەس. شۇڭا باشتىن تارتىپ بۇ توغرىلىق مۇستەھكەم ئىدىيىۋى تەييارلىق بولۇشى كېرەك. مەن ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، كەسپىي دەرسلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياخشى ئوقۇش، ئۈستۈمدىكى ئوقۇغۇچىلار كادىرى ۋەزىپىلىرىنى (ئۇ چاغدا ماڭا مەكتەپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە مەملىكەتلىك بولۇپ جەمى 5 ۋەزىپە يۈكلەنگەن ئىدى) ئۇيغۇرلارغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدىغان دەرىجىدە ياخشى ئىشلەش، ھەمدە ئۆزۈمگە تايىنىپ چەت تىلى ئۆگىنىش قاتارلىقلارنى ئۆزەم ئۈچۈن نىشان قىلىپ تىكلىۋالدىم. شۇنىڭ بىلەن 1-يىلى تەييارلىق سىنىپىدا خەنزۇتىلىنى ئۆگەندىم. ئۇنىڭدىن كېيىنلا، ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ، ئىنگلىز تىلىدىن ساۋاتىنى چىقىرالايدىغانغا ھېچ كىم ئىشەنمەيدىغان (مەندىن بۇرۇن ئۇنداق قىلىپ باققانلار يوق دىيەرلىك ئىدى) بىر زاماندا، ئىنگلىز تىلىنى ئۆزلىگىمدىن قوشۇمچەئۆگىنىشنى باشلىدىم. ھەمدە تەبىئى پەنخەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 3 يىللىق ئىنگلىز تىلى دەرسلىكىنى 2 يىل ئىچىدە ئۆگىنىپ بولۇپ، ئىنگلىزچىنى ئوقۇپ تۈگەتكەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشكەن ئىدىم. ئەڭ ئاخىرقى 2 يىل جەريانىدا ياپون تىلىنىمۇ ئۆزلۈكىمدىن ئۆگىنىپ بولدۇم. يەنى، ئالىي مەكتەپتىكى 5 يىل جەريانىدا 3 خىل تىلنى ئۆگەندىم. شۇ چاغدا باشلىغان تىرىشچانلىقىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، ياپونىيەگىمۇ چىقتىم، ئامېرىكىغىمۇ چىقتىم.
مەن تۆۋەندە بايان قىلىدىغان ئۇسۇل، مەندەك ئۆزكەسپى، ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ۋە چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت 3 ئىشنى تەڭ قىلىپماڭغان، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 16 سائەتتىن ئىشلىگەن، ھەر ھەپتىسى 7 كۈن ئىشلىگەن (مەن ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى كەچتىلا دەم ئېلىپ، قالغان ۋاقىتتا دەم ئالمىغان، ئالىي مەكتەپتىكى تېخى تېلېۋىزور چىقمىغان 5 يىل جەريانىدا پەقەت 3 قېتىم كىنو كۆرۈپ باققان ئىدىم) بىر ئادەم تەجرىبە قىلىپ يۈرۈپ ئويلاپ چىققان ئۇسۇل بولۇپ، مەن ئوقۇرمەنلەردىن بۇ نۇقتىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىنى سورايمەن.
مەن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشتە قوللانغان ئۇسۇل مۇنداق: 1) ھەر كۈنى يېڭى سۆزلۈكتىن 20دانە سۆز ئۆگىنىش. 2) بىر سۆزنى 5 كۈن، ھەر كۈنى 3 قېتىمدىن يېزىش. 3) تېكىستنى پۈتۈنلەي يادلىۋېلىش. 4) ھەر بىر دەرسنىڭ ئاخىرىدىكى مەشىق ۋە تاپشۇرۇقلىرىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي تولۇق ئىشلەش. تۆۋەندە مەن بۇلارنى ئايرىم-ئايرىم چۈشەدۈرۈپ ئۆتىمەن.
1) تىل ئۆگىنىشتە ئەڭ قىيىنغا توختايدىغان بىر نەرسە يېتەرلىك ساندىكى سۆزلۈكنى يادلاپ ئىگىلەشتىن ئىبارەت. سۆز يادلاش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قاتتىق تۇتۇپ ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇزۇن مۇددەت ئىزچىل تىرىشىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە. شۇڭا ئۇنى كۈندىلىك ۋەزىپە قىلىۋېلىش كېرەك. مەن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى تەييارلاپ قويغان 20 سۆزلۈكنى يادلىدىم. يەنى خەنزۇچە مەنىسىگە قاراپ،ئىنگلىزچىسىنى دەپ بېرەلەيدىغان بولدۇم. ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن سىنىپقا 5-10مىنۇت بالدۇر بېرىپ، دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن، بۈگۈن ئۆگەنگەن 20 سۆز ۋە ئالدىنقى 4كۈندە ئۆگەنگەن 80 سۆز بولۇپ جەمئىي 100 سۆزنى خەنزۇچىسىغا قاراپ تۇرۇپ ئىنگلىزچىسىنى يازدىم. بۇنى چۈشتىن كېيىنكى دەرستىن بۇرۇن ۋە كەچلىك تەكراردىن بۇرۇن يەنە 2 قېتىم تەكرارلىدىم. يەنى ھەر كۈنى 5 كۈنلۈك 100 سۆزنى 3 قېتىم يېزىپ چىقتىم. ھەر بىر سۆزنى مۇشۇنداق 5 كۈن تەكرارلىسام، ئۇ مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندى. بۇنى ئۆزۈمگە ئىنتايىن قاتتىق تۈزۈم قىلىۋالغان بولۇپ، سۆزلۈكنى يېزىپ بولماي تۇرۇپ مېھماندارچىلىققا بارمىدىم. ئويۇن-تاماشىدىن ۋاز كەچسەممۇ بۇ تۈزۈمنى قەتئىي بۇزمىدىم.
2) يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، ھەر قېتىم 5 كۈنلۈك سۆزنى (يەنى 100 سۆزنى) يازدىم. ھەر كۈنى3 قېتىم يازدىم: ئەتىگەنلىك دەرستىن بۇرۇن، چۈشتىن كېيىنكى دەرستىن بۇرۇن ۋەكەچلىك تاماقتىن كېيىن. دەم ئېلىش ۋە بايرام كۈنلىرىمۇ، ئۆزەمنىڭ نەدە نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشىمدىن قەتئىينەزەر، ئۇ سۆزلۈكلەرنى كۈنىگە 3 قېتىم يېزىشنى توختاتمىدىم.
3) مېنىڭ ئۆگەنگىنىم تەبىئىي پەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابى بولۇپ، ھەربىر دەرسنىڭ بىردىن رەسمى تېكىست ۋە بىردىن «ئىختىيارىي ئوقۇش تېكىستى» بار ئىدى. مەن ھەر ھەپتىدە بىردىن يېڭى دەرس ئۆگەنگەن بولۇپ، ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى ئەتىگەندە تېكىستنى يادلاپ، ئاخىرىدا تېكستنى پۈتۈنلەي يادلىۋالدىم. بۇنىڭ پايدىسى، سىز خام سۆزنى پۇختا ئېسىڭىزگە ئېلىۋېلىپلا قالماي، گرامماتىكا قائىدىسىنىمۇ پۈتۈنلەي يادلىۋالىدىغان بولغاچقا، كېيىنچە گرامماتىكىنى جانلىق ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىسى بولىدىكەن. مەن «ئىختىيارىي ئوقۇش تېكىستى» نىمۇ ھەر كۈنى ئوقۇپ، ئاساسەن ئېسىمگە ئېلىۋالدىم.
4) تاپشۇرۇقنى تولۇق ئىشلەش ھەر قانداق پەندە يېڭى ئۇقۇمنى پىششىق ئىگىلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە. شۇڭا بۇ يەردە تەپسىلىي توختالمايمەن.
بىر داڭلىق ئادەم مۇنداق دېگەن: "ۋاقىتنى مىنۇت بويىچە ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭ ۋاقتى، ۋاقىتنى سائەت بويىچە ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭكىگە قارىغاندا 60 ھەسسە كۆپ بولىدۇ." بۇ سۆز تىل ئۆگىنىشتە ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. مەن ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، تاماققا ئۆچرەت تۇرغان ۋاقتىمدا، ئاپتوبۇستا ماڭغان ۋاقتىمدا، يىغىنلارنىڭ ئالدى-كەينىدە دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىنگلىزچە سۆزلۈك يادلايتتىم.
5) ئوقۇغان نەرسىلەرنى ئىخچام قىلىپ خۇلاسىلىۋېلىشنىڭ بىر قانچە پايدىسى بار. ئۇنىڭ بىرى، ئۇ سىزنىڭ مۇشۇ بىر دەرستىن نېمىنى ئۆگىنىۋالغانلىقىڭىزنىڭ خاتىرىسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىمتىھان ۋاقتىدا، دەسلەپتە پۈتۈن مەزمۇنلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئىمتىھانغا ئاز قالغان ۋاقىتتا پەقەت ئۆزىڭىز تەييارلىۋالغان خۇلاسىلىگىلا قارىسىڭىز، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن ئۇقۇمنى ئېسىڭىزدە قالدۇرالايسىز. بۇ خۇلاسىدىن كېيىنكى ئۆمرىڭىزدىكى خىزمەت جەريانىدىمۇ پايدىلىنالايسىز. مەن ئامېرىكىدا ئوقۇغاندىمۇ مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللانغان بولۇپ، ھەر بىر دەرستىن تەييارلىۋالغان خۇلاسىدىن ھازىرقى تەتقىقاتلىرىمدىمۇ پايدىلىنىۋاتىمەن.
ئەگەر سىز بىر تەبىئى پەن ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، يۇقىرىقى ئۇسۇلنى تولۇق قوللانسىڭىز، سىز چوقۇم ھەر قانداق قىيىن دەرستىمۇ ئەلا ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇيالايسىز.
(بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بېتىغا چىقارسىڭىز بولىۋېرىدۇ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-3 03:22 PM