قۇل ۋە پەيلاسوپ
بىر پادىشاھ بىلەن بىر قۇل كېمىدە بىرگە سەپەر قىلىپتۇ . ئۇ قۇل ئەزەلدى دېڭىزنى كۆرۈپ باقمىغان ، كېمىدە يۈرۈشنىڭ جاپاسىنى چېكىپ باقمىغاچقا ، يول بويى يىغلاپ - قاقشاپ ، غالىلداپ تىتىرەپ كېتىپتۇ . كۆپچىلىك ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ ، يەنىلا غەلۋە قىلىۋېرىپتۇ . ئۇنىڭ غەلۋىسىدىن پادىشاھمۇ خاتىر جەم ئارام ئالالماپتۇ . كۆپچىلىك ھەر قانچە قىلسىمۇ ئۇنى تىنجىتىشنىڭ ئامالىنى قىلالماپتۇ . كېمىدە بىر پەيلاسوپ بولۇپ ئۇ پادىشاھقا :
__ئالىيلىرى ماڭا رۇخسەت قىلسىڭىز ، مەن ئۇنى تىنجىتالايمەن ، - دەپتۇ .
پەيلاسوپ دەرھال ئادەم چاقىرىپ ، ئۇ قۇلنى دېڭىزغا تاشلىتىپ ، بىر قانچە قېتىم چۆكۈپ چىققاندىن كېيىنلا ئاندىن كېمىگە تارتىپ چىقىرىپتۇ . شۇندىلا ئۇ . ئىككى قولى بىلەن كېمىنى چىڭ تۇتۇپ ، بىر بۇلۇڭدا ئۈن - تىنسىز ئولتۇرۇپتۇ .
پادىشاھ رازى بولۇپ ، پەيلاسوپتىن :
__ سېنىڭ بۇ ئۇسۇلىنىڭ سىرى قەيەردە ؟ - دوپ سوراپتۇ .
پەيلاسوپ :
__ ئەسلىدە ئۇ سۇغا غەرىق بولۇشنىڭ ئازابىنى بىلمەيدۇ .شۇڭا تېنچ كېمىدە ئولتۇرۇشنىڭ قىممىتىنى ئويلاپمۇ يېتەلمەيدۇ . ئومۇمەن بىر ئادەم ئازاپ - ئوقۇبەت كەچۈرمىشىگە ئىگە بولغاندىلا ، ئاندىن خاتىرجەملىكنىڭ قەدىرىگە يېتىدۇ ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .
مەنبە : خەنزۇچە << ئوقۇرمەن >> ژورنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى .