يېمەكلىك ۋە خاراكتىر
ئالىملار كىشلەرنىڭ يېمەكلىك بىلەن خاراكتىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارىتا 25 يىل تەتقىقات ئېلىپ بىرىپ ، ئىچىملىك ، يېمەكلىكنىڭ كىشلەرنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقنى بايقىغان .
1 . تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار : ئادەتتە مىجەزى تاشقى مايىل بولۇپ ، رايىش ، چىقىشقاق كېلىدۇ . تۇرمۇشتا ئەل قاتارى ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئاسانلىقچە ئوتتورىغا چىقمايدۇ ياكى باشقىلارنى تەڭقىسلىقتا قويىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ .
2 . شاكىلات ، تورت تۈرىدىكى تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار :ئاكتىپ ، ئۈمىدۋار ، ئىش قىلغاندا ئۆز خاھىشى بويىچە قىلغاچقا ، ئاسانلىقچە پۇشايمانغا قالمايدۇ .
3 . ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار : ئىش قىلغاندا خوشال ، تېز ، كەسكىن قىلىدۇ . گەرچە باشقىلارغا قىزغىن بولسىمۇ ، بىراق مىجەزى سەل يېنىك ، كۆڭلىدە نېمىنى ئويلىسا شۇنى دەۋېرىدۇ . ئۆزىنىڭ قارىشىدا چىڭ تۇرۇۋالىدۇ .
4 . تاتلىق ھەم تۇزلۇق ، تاتلىققا ئاچچىق ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار : مىجەزى ئىچكى مايىل بولۇپ ، باشقىلار بىلەن باردى - كەلدى قىلىشنى خالاپ كەتمەيدۇ . ئوي - خىيالىنى قەتئى سىرتقا ئاشكارلىمايدۇ . قارىماققا مۇز چىراي ، ھاكاۋۇر كۆرۈنگەچكە ، ئاسانلىقچە يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ .
5 . قۇم قازان شورپىسى ، قاقلاپ پىشۇرۇلغان گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار : ئادەتتە جانلىق ، تېتىك بولۇپ ، ئوخشاش بولمىغان كىشلەر بىلەن ئالاقە قىلالايدۇ . ئالاقە جەريانىدا ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى خالايدۇ .
6 . گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار : بۇ خىلدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى جىمجىتلىقىنى خالايدىغان بولۇپ ، كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ . قاينام - تاشقىنلىققا تولغان كىشلىك ئالاقە ئۇلارغا ئازادىلىك بېغىشلىيالمايدۇ .
مەنبە : خەنزۇچە << ئوقۇرمەن >> ژورنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى .