مەن بۇ ئەسىرىمنى قەلبىمدە چولپاندەك نۇرۇلۇق چاقنايدىغان ،
مىللەت شائىرى مەرھۇم ئابدۇخالىق ئۇيغۇر غا بېغىشلايمەن .
ئايرىدى جاھالەت ۋاقىتسىز بىزدىن .
نەۋقىران ئۇيغۇرۇم ئۇلۇغ شائىردىن .
بارىنى مىللەتكە ئاتىغان ئىدى ،
ئۇيغۇرنى ئويغان دەپ توۋلىغان ئىدى.
دەرد بىلەن ئېيتىلغان ئۇنىڭ سۆزلىرى ،
ئىچىنى قايناتقان مىللەتنىڭ ھالى .
ئۇيغۇر دەپ سوقاتتى ئۇنىڭ يۈرىكى ،
ئۇيغۇر دەپ توختىدى شۇڭا تىنىقى .
خار بولدى مىللىتى ئويغانمىغاچقا ،
زار بولدى مىللىتى ئويلانمىغاچقا .
ئالتۇندىن بىباھا ھاياتى سۇلدى ،
شۇندىمۇ بۇ مىللەت يەنە شۇ پېتى .
لال بولدى ئويغان دەپ سۆزلىگەن جېنى ،
تۆكىلدى ئۇيغۇر دەپ ھەم ئىسسىق قېنى .
ئىنتىقام ساداسى ياڭرىماي يەنە ،
كۆز يېشى بىلەنلا تىكلەندى قەبرە .
قاغا ھەم قۇزغۇنلار شاد كۈلدى شۇدەم،
ئۇيغۇرنىڭ قەلبىنى قاپلىدى ماتەم .
ئۇيغۇرۇرم قەلبىدە قالدى ئۆچمەس ئىز ،
قىزىل قان بېكارغا تۆكۈلمەس ھەرگىز.
يۈزمىڭ يىل ئۆتسىمۇ ئۇنتۇلماس تارىخ ،
ئۆزگەرمەي ساقلىندۇ پاكىتلار ئېنىق .
غۇنچىدەك شائىردىن ئايرىلدى مىللەت ،
مىسرالىرى جاراڭلار ئەبەدىي-ئەبەد.
ئۇيغۇر دەپ سوقاتتى ئۇنىڭ يۈرىكى .
ئۇيغۇر دەپ توختىدى شۇڭا تىنىقى .
روھىمۇ مىللەتكە بولدى تەئەللۇق ،
قەلبىمدە شۇڭا ئۇ چولپاندەك نۇرلۇق .
مىليونىر
ئايرىلمىغىل (تەخمىس)
ھامىنى بار بىر ئۆلۈم مۇناپىق دەپ ئاتىلمىغىل ،
ياكى سەن تاشلاپ بالاڭنى يىراق-يىراققا قاشمىغىل ،
ئۇيغۇرۇم قوللار سېنى بۈيۈك جەڭلەرنى باشلىغىل ،
ھىممىتىڭدىن، غەيرىتىڭدىن ئۆل، لېكىن ئايرىلمىغىل،
ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر، قايرىلمىغىل.
ئاتا-ئاناڭ زۇلۇم تارتتى سۈكۈت قىلماي ئالغىن قىساس ،
ئەۋلادلىرىڭ راھەت كۆرسۇن جېنىڭ بىلەن سالغىن ئاساس ،
ئويغىندىغان ۋاقىت كەلدى كۆزۈڭنى ئاچ قىلغىن قىياس ،
مانىئىڭ كۆپ بولسىمۇ، قورقماي ئۈزۈپ ئالدىڭغا باس،
تاغۇ تاش، دەريا ئۇلۇغ سۆزلەرگە سەن تاڭ قالمىغىل.
مۇنقەرىز بولغانىدىن ئۆلگەن ياخشى يۇتۇپ زەھەر ،
ئارمانىم قالماس ئىدى ھۆرلۈك ئۈچۈن ئۆلسەم ئەگەر ،
سانجىلسىمۇ يۈرەكلەرگە تۈمەن دۈشمەندىكى نەشتەر ،
ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە، يا غەرق بول، يا تاپ گۆھەر،
شىر نە يولۋاس كەبى باسقان ئىزىڭدىن يانمىغىل.
دۈشمىنىڭ تۈلكە بولۇپ سېنى قاشىمگە كەل دېسە ،
مۇناپىق بول دەپ سېنى شىرىن شېكەردەك سۆزلىسە ،
ئاقمىسا ھىلە مىكرى ئۆلتۈرىمەن دەپ ھۆكىرىسە ،
تۆت تەرەپ ياۋ ھۇۋلىشىپ، سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە،
ئېلىشىپ قانغا بويال، نومۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل.
بېكارغا كەتمەس ھەرگىز جەۋرى جاپانى چەككىنىڭ ،
ۋەياكى يۈرەكىڭدىن ئىسسىق قانلارنى تۆككىنىڭ ،
ئادالەت ھۆرلۈك ئۈچۈن ھەتتا جېنىڭدىن كەچكىنىڭ ،
كىمكى ھەق تولغا قەدەم قويسا ئۇتۇق مۇتلەق شۇنىڭ،
بۇ نېچۈك بولغاي كېيىن دەپ، توق خىيالغا قالمىغىل.
بۈگۈن تەرگەن گۈللىرىڭ ئەتە خۇشپۇراق چاشقۇسى ،
كېرەك ئەمەس بولسۇن ساڭا يۇرت ھەم مىللەتتى باشقىسى ،
ئەنە شۇنداق ئويلىساڭ گەر گۈزەل كېلەچەك بولغۇسى ،
سەن ۋە ۋەتەن، مىللەت دېسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسۇر، ئالىي نىشان، كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل.
ياشىغىن ئەي ئۇيغۇرۇم ياخشى يامانلارنى بىلىپ ،
كەلمىسۇن پۇشايماندا يۈرىدىغان كۈنلەر كېلىپ ،
كۆزۈڭنى ئېچىپ ياشا جەڭگە ھازىر تەييارلىنىپ ،
ئابدۇخالىقنىڭ سۆزى دەپ ئېتىبار قىلماي قېلىپ،
ئۇشبۇ ۋىجداننى كېيىن پۈتمەس ئازابقا سالمىغىل.
ئاپتورى : مىليونىر
ياشايمەن
دىنىم ئىسلام بولغاچقا جەننەت ياشايمەن .
ئۇيغۇر بولغاچ مىللىتىم مىللەت ئۈچۈن ياشايمەن .
مەخموت ،يۈسۈپ بوۋامنى ئۇستاز قىلىپ ئۆزۈمگە ،
ئالىم بولالمىساممۇ ھېكمەت ئۈچۈن ياشايمەن .
ناھەقچىلىق ، جاھالەت ھۆكۈم سۈرسە ناۋادا ،
جېنىم قۇربان بولسىمۇ ئادالەت دەپ ياشايمەن .
ۋىجدانسىزلىق نامەردلىك سىڭمىسۇن پاك دىلىمغا ،
ساداقەتنى ئەزىزلەپ مۇھەببەت دەپ ياشايمەن .
يالغانچى ھەم تۆھمەتخور مۇناپىق ھەم ھەسەتخور ،
بولۇپ قالماي بىر ئۆمۈر سەمىمىيەت ياشايمەن .
يامان يولدا ماڭمايمەن ياخشىلىقنى ئىزدەيمەن ،
كىرمەي شەيتان كەينىگە ھىدايەت دەپ ياشايمەن .
بەزىلەر
ياخشىلىققا ماڭ دېسە ماڭمايدىكەن بەزىلەر ،
يامانلىقتىن قايت دېسە قايتمايدىكەن بەزىلەر .
بېكار كۈلكە ، ئويۇننى ياشلىقىغا يار قىلىپ ،
ياش ، نەۋقىران ۋاقتىنى ، خارلايدىكەن بەزىلەر .
ئۆزىنىلا ئويلايدۇ ياخشىلىقنى قىلمايدۇ ،
دوست يىغلىسا بىر چەتتە كۈلەر ئىكەن بەزىلەر .
ھايات بەكمۇ قىممەتلىك دەيدۇ ھەربىر سۆزىدە ،
قەدىرلىمەي ۋە لېكىن يۈرەر ئىكەن بەزىلەر .
كىچىككىنە نەپ ئۈچۈن ئىكىلەنمەي قىلچىمۇ ،
ۋىژدان بىلىەن غورۇرنى ساتارئىكەن بەزىلەر .
سەۋەپ قىلماي بىر ئىشقا سۈرۈپ ياتار خام خىيال ،
غايىپ تالەي ، ئامەتنى كۈتەرئىكەن بەزىلەر .
كۈلسە ھەممە خاتىرجەم قىزغىنامدۇ بىلمىدىم ،
قۇۋلۇق بىلەن شۇملىقنى ئىزدەيدىكەن بەزىلەر .
كۆتۈرسە گەر بىرەيلەن ئەمدىلەتىن بېشىنى ،
شۇ كىشىنى ئۆلسۈن دەپ تىلەيدىكەن بەزىلەر .
ئويلىمايدۇ ئەزەلدىن يامانلىقتىن باشقىنى ،
شۇڭا ئەلنىڭ كۆزىگە سىغمايدىكەن بەزىلەر .
مەنبە:مىليونىر
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
ئوقۇ دېمىگىن بولامدۇ مېنى ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
ئوقۇ دەپ زورلاپ ئۇرمىغىن مېنى ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
ھەركۈنى سەھەر دەيمەن ناشتىدا ،
مەكتەپتىن قال دە مېنى ۋاقتىدا ،
ئۆلسەممۇ مەيلى كەتمەن ئاستىدا ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
مەن ئۆچ ھەممىدىن كىتاب ئوقۇشقا ،
كۈندە مەكتەپكە سەھەر مڭىشقا ،
ئوقۇش خوشاقماس دېسەڭ نىمىشقا ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
زېرىكتىم بەكمۇ ئوقۇيدىغاندىن ،
دوسكىغا قاراپ ئولتۇردىغاندىن ،
مۇئەللىم دېگەن ئۆلمەيدىغاندىن ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
بولساممۇ مەيلى قالاق ۋە نادان ،
كادىر بولالماي بولساممۇ دېھقان ،
يۈك دېسىمۇگەر مېنى يەرجاھان ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
مەدىكار بولۇپ قۇيساممۇ كېسەك ،
باقساممۇ مەيلى قوي كالا ئېشەك ،
يېسەممۇ مەيلى دەشنام ۋە تەستەك ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
يۈسەممۇ مەيلى كۆپ پۇل تاپالماي ،
بىرەر ئىشنىمۇ ئەپلەپ قىلالماي،
بىر گە ئىككىنى قوشۇپ ئالالماي ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
ئۆگەن دېگەندە ئۆگەنمەپتىمەن ،
بىلىم بېغىدىن زېرىكىپتىمەن ،
ئەقىلسىزلىكتە شۇنداق دەپتىمەن ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
ئۆتۈلدى مانا بىلىمنىڭ قەدرى ،
بىلىمسىزلەرنىڭ كۆپ ئىكەن دەردى ،
ھەرگىز دېمەيمەن ،دېمەيمەن ئەمدى ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
ئاپتورى: مىليونىر