学信网(ئۇقۇش ئارخىۋى تور بېكىتى)دىن ئۇقۇش ئارخىۋى ئىلتىماس قىلىش تۇلۇق دەرىسلىك (1)
ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى تورداشلار!
مەن نەچچە قېتىملىق سالاھىيەت تەكشۈرۈشكە بېرىش جەريانىدا بۇ مەسلىگە بەك كۆپ ئۇچىراپ كەتتىم،نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇرۇن چىقىرۋالماي ياكى چىقىرالماي ،ۋاقتى كەلگەندە كومپىيۇتېر مۇلازىمەت دۇكىنىنىڭ ئالدىدا قاتار-قاتار ئۆچىرەت تۇرىشى،ئۆچىرەت تۇرسىمۇ يۇلىنى بىلمەسلىگى تۈپەيلى ئەتراپىدىكىلەرگە تەلمۈرۈشى ماڭا بۇ تىمىنى يېزىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىگىنى بىلدۈردى،
ئەگەر ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ستۇدېنت بولسىڭز ئۇقۇش پۈتتۈرش ئالدىدا ئۇقۇش پۈتتۈرۈش رەسىمى(毕业照)ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنىڭ توغرا خاتالىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن 学信网 دىن ئەزالىق ئىلتىماس قىلىشى كېرەك ،نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلار قىلالىسىمۇ خېلى كۆپ ساندىكى ئۇقۇغۇچىلار قىلىپ كېتەلمەيدۇ،،
شۇڭا دوسلارنىڭ 学信网 دىن ئارخىپ ئىلتىماس قىلىش جەرياننى تۇلۇق بىلىۋېلىشىنى سورايمەن،چۈنكى ئۇقۇۋاتقان بولسىڭز ياكى ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ مەمۇرلۇق،كەسپى ئۇرۇن ،ئالاھىدە شىتات ۋە ياكى باشقا ئىمتاھانلار بىرىپ سالاھىيەت تەكشۈرۈشكە كەلگەندە ھامان بېشىڭىزغا كېلىدۇ،
سالاھىيەت تەكشۈرۈش جەريانىدا سىزنىڭ ئۇقۇش تارىخىغا دائىر دىپلوم ۋە ئۇنىۋان كېنىشكىڭىزنىڭ راس-يالغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن ،سىزدىن 学信网(ئۇقۇش ئارخىۋى توربېكىتى)دىن ئۇقۇش ئارخىۋىڭىزنى چىقىرىپ كىلىشڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ،نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلار ئالدىن چىقىرۋالمىغاچقا ۋاقتى كەلگەندە خېلى قىينىلىدۇ،چۈنكى ئۇقۇش ئارخىۋى چىقىرىش تەس بولمىغان بىلەن ئاۋارچىلىق ھەم ۋە تەپسىلى قىلمىسا ئاسانلا خاتالىق يۈز بېرىدۇ.
学信网(جۇڭگۇ ئالىي مائارىپ ئۇقۇش ئارخىۋى توربېكىتى) دۆلىتىمىزدىكى ئاساسلىق ئۇقۇش ئاخىۋى بىلەن تەمىنلەش ۋە توپلاش تور بېكىتى ،بۇ تور بەت ئارقىلىق 1991-يىلىدىن بۇيان ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇش ئارخىۋىنى تەكشۈرەلەيسىز،ئەگەر ئۇنىڭدىن بۇرۇن پۈتتۈرگەنلەرنىڭ بولسا تەكشۈرگىلى بولمايدۇ.
1.ئالدى بىلەن ئۇقۇش ئارخىۋى تور بېكىتىگە كىرىمىز ،ئادرىسى:
http://www.chsi.com.cn،سۈرەتتىكى بويىنچە سول تەرەپ ئوڭ ئۈستىدىكى 学历查询 دىگەن خەتنى بېسىڭ!
2.ئەگەر سىز ئىلگىرى ئىلتىماس قىلىپ بولغان بولسىڭز 学信档案دىگەن خەتنى باسسىڭىز بىۋاستە تىزىملاش كۆزنىكىگە كىرىدۇ ،سىز تىزىملاتقان ئېلخەت(邮箱) ئادرىسى ۋە مەخپىي نۇمۇر بىلەن كىرسىڭىز بولىدۇ.ئەگەر تىزىملاتمىغان بولسىڭىز 实名注册دىگەن خەتنى بېسىڭ!
3.ئەمدى 学信网دىن ئەزالىق ئىلتىماس قىلىمىز.用户名 غا چۇقۇم ئۆزىڭىنىڭ ئېچىلىدىغان ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى تولدۇرسىز،مەسلەن qq خەت ساندۇقى دىگەندەك، qq خەت ساندۇقنىڭ ئادرىسىنىڭ بېشى ئۆزنىڭىزنىڭ qq نۇمۇرى بولىدۇ،مەخپى نۇمۇرغا خالىغان نۇمۇرنى سالسىڭىز بولىدۇ،ئاندىن 立即开通 دىگەن خەتنى بېسىڭ ،بۇ چاغدا بىر پارچە خەت سىزنىڭ تولدۇرغان ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا كەلگەن بولىدۇ.
4.ئەمدى سىز بايام تولدۇرغان ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا كىرسىڭىز سىزگە学信网دىن مۇنداق بىر پارچە خەت كەلگەن بولىدۇ،سىز خەتتىكى كۆرسىتىش بەلگىسى قۇيۇلغان ئۇزۇن ئادرسىنى چىكىڭ، ئاندىن 学信网دىكى ئەزالىق ئىلتىماسىڭىز ھەقىقى كۈچكە ئېگەبولىدۇ،
5.ئېلخەت(邮箱)كە كەلگەن خەتتىكى ئۇزۇن ئادرىسىنى چەككەندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەككە كىرىدۇ ،سىز بۇنىڭدك 登录دىگەن خەتنى چىكىش ئارقىلىق ياكى 2-رەسىمدىكى باش بەتكە قايتىپ 2-رەسىمدىكى 学信档案 دىگەن خەتنى بېسىش ئارقىلىق سېستىمىغا كىرىش بىتىگە ئۆتەلەيسىز.
6.ئەمدى سىز 3-يولدا تولدۇرغان ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى ۋە مەخپىي نۇمۇرىڭىزنى تولدۇرۇپ،ئاستىدىكى 登录دىگەن خەتنى بېسىش ئارقىلىق سېستىمىغا كىرىڭ.
7.سىز ئالدىنقى تىمىدىكى 6-چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن،تۆۋەندىكدەك بىر بەت ئېچىلىدۇ،سىز بۇ بەتتكى كۆرسىتىلگەن 现在就去实名绑定دىگەن خەتنى بېسىڭ!
8.ئەمسى سىز تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ھەممە ئۇرۇنلارنى تەپسىلى تولدۇرۇپ چىقىڭ،ئىسمىڭىز چۇقۇم 身份证دىكى بىلەن ياكى ئۇقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومىدىكى بىلەن ئوخشاش بولسۇن،بولمىسا چىقمايدۇ،ئاستىدىكى تېلفۇن نۇمۇرغا ئۆزڭىزنىڭ يېنىدىكى ياكى دوستىڭزىنىڭ يېنىدىكى قىسقا ئۇچۇر كېلىدىغان يانفۇن نۇمۇرىدىن بىرنى يېزىڭ،ئاندىن شۇنۇمۇرغا كەلگەن قىسقا ئۇچۇردىكى 6 خانلىق نۇمۇرنى تولدۇرسىز،تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئاستىدىكى جەزىملەشتۈرۈش 确定كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز يەنە بىر كىچىك كۆزنەك ئېچىلىدۇ،توغرا بولسا ئۇنىمۇ 确定 كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ!
9.ئەمدى سىز تېلفۇن ئارقىلىق جەزىملەشتۈرىسىز،تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ھالەتتە چىقسا 方式二:手机号码 دىگەننى تاللاپ ئالدىنقى باسقۇچتا دىيىلگەندەك يانفۇن نۇمۇرىڭىزنى كىرگۈزىسىز ھەم ئاستىدىكى免费获取دىگەن خەتنى باسىسىز،ئەگەر كۆزنەك بىۋاستە يانفۇن نۇمۇر بار ھالەتتە چىقسا 免费获取نى باسسىڭىز بولىدۇ.ئەمدى يانفۇنغا كەلگەن 6خانىلىق ئۇچۇرنى 免费获取 دىگەن خەتنىڭ يېنىدىكى بوش ئۇرۇنغا تولدۇرۇڭ!
10.ئەمدى تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ،بۇ كۆزنەكتىن 学籍信息 تاللاڭ!
11.ئەگەر ھەممە باسقۇچلارنى تۇلۇق ھەم توغرا قىلغان بولسىڭىز ئارخىپلىرىڭىز چىقىدۇ.ھەم بۇنى 打印 بۇيرىقى ئارقىلىق ئۇرۇپ چىقىرىۋالسىڭىز بولىدۇ.
بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەزمۇنغا مۇھتاج بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرىشقا كىرىڭ(خەنزۇچە): مەنزىل
(ستۇدېنت دوسلار ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئارخىپىڭلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنى تەكشۈرسەڭلار بولىدۇ،باشقا دوستلارنىڭ ئامال بار سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق چىقىرۋېلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.ئەگەر چۈشەنمىگەن يەر بولسا 7ستۇدېنت ئىمتاھان ئۇچۇر مۇنبىرى ياكى مۇشۇ تىمىغا ئىنكاس ئارقىلىق سورىساڭلار بىرلىكتە ھەل قىلساق بولىدۇ!)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyultax1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-2 05:17 PM