|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلار،
كەمىنىدىن ھەرقايسىڭلارغا ئوتلۇق سالام ، بۈگۈن سىلەرگە ئۇشبۇ تېمام بىلەن نەچچە كۈنلۈك تېرىشىشتىن قولغا كەلتۈرگەن سوۋغىمىزنى ئورتاقلاشماقچىمەن. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى يانفۇن ئۇلىنىش كۆچمە تورى ، ئېنتىرنېت تەرەققىي قىلىپ كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە توربېكەتلەر مەيدانغا كەلدى ، نۆۋەتتە ئائىلىدە ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىدا كومپىيوتېر ئارقىلىق ئىپتىدائىي ئۇسۇلدا تورغا چىقىشنىڭ ئورنىنى يانفۇن ، تاختا كومپىيوتېر قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق تورغا چىقىش ئىگەللىمەكتە. بۇ يېڭى ئۇسۇلدىكى تورغا چىقىش كىشلەرگە كۆپلىگەن قولايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى ، ئەڭ يېڭى سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا 2012-يىلى ئىلىمىزدىكى ھەر يۈز ئادەمگە توغرا كىلىدىغان يانفۇن سانى 82.6 بولغان ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 420مىلىيون ئادەم يانفۇن ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان بولۇپ جۇڭگۇدىكى ئومومىي تورغا كىرگۈچىلەر نىسبىتىنىڭ 74.5 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدىكەن.
ئۇيغۇر تورچىلىقىدىمۇ ئاستا-ئاستا كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە قارىتا مۇلازىمەت كېڭەيتىش مەيدانغا كەلمەكتە ، نۆۋەتتە قارلۇق شىركىتى قارمىقىدىكى گۈدۈك ، ئوكيان تورلىرىنىڭ ، ئىككى چوڭ ئۇلىنىش شىركىتى قارماقلىرىدىكى نۇر تورى ، ئۇچۇر تورى ، خەۋەر تورى قاتارلىقلار كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە قارىتا تېخنىكىلىق يېڭىلاش ئىلىپ بېرىپ ئۇيغۇر يانفۇن ئابونتلىرىغا قولايلىقلارنى ئىلىپ كەلمەكتە.
بىرقانچە كۈنلۈك ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئۇلىنىشى تورىمىزنىڭ كۆچمە نۇسقىسىنى تۈزۈپ چىقتۇق ، ئاساسلىق مەزمۇن تۈرلىرىدىن ئۇلىنىش ، خەۋەر ، ماقالە ۋە ئەپ قوراللار بولۇپ 6 تۈر بار بولۇپ بەتنىڭ يىنىكلىكى شۇنداقلا سۈرەتلەرنىڭ ئاز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق ، بۇ ئارقىلىق تورداشلارنىڭ تۆۋەن يانفۇن ئېقىم مىقدارى ئارقىلىق كۆپ مەزمۇندىن بەھىر ئىلىشىغا تېرىشتۇق. ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىنى قوللىشىنى ، جۈملىدىن بېكىتىمىزگە قارىتا تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى ، ياقتۇرغانلارنىڭ دوست-يارەنلىرىگە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تۆۋەندە يانفۇن بېكىتىمىزدىن بىرقانچە كۆرۈنۈش كەسمە رەسىملەر:
تورداشلار يانفۇن ، تاختا كومپىيوتېر ۋە باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق بىۋاستە تور كۆرگۈچىگە m.uyghur.cc دىگەن ئادىرىسنى كىرگۈزسە ئۇيغۇر يانفۇن بېكىتىنى زىيارەت قىلالايدۇ. بىزگە ئۆزىڭىز ياسىغان ئەپ قوراللار ، نادىر لايىھە رەسىملەر ، ماقالە-خەۋەر-شېئىر قاتارلىقلار بىلەن تەمىن ئەتمەكچى بولساڭلار بۇ ساندۇققا خەت ئارقىلىق يوللىغايسىلەر: m@uyghur.cc ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ، خىزمىتىگە ئۇتۇق ، ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمىز. ئۇيغۇر ئۇلىنىشى www.uyghur.cc
|
|
|
|
|
|