سولقاي بالىلار ئەقىللىقراقمۇ
(تەرجىمە قىلغۇچى: تىلماچ)
كۆپ ساندىكى كىشىلەر چۇكىنى ئوڭ قۇلىدا تۇتۇپ تاماق يەيدۇ.ئەمما بەزىلەر چۇكىنى سول قۇلىدا تۇۇتىدۇ.ئوڭ قولىنى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن كىشىلەر ھەر قانداق ئىشتا ئوڭ قولىنى ئەپچىل ھىس قىلىدۇ.سول قۇلىنى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن كىشىلەر ھەرقانداق ئىش قىلغاندا سول قولىنى ئەپلىك ھىس قىلىدۇ.ئۇمۇمەن ئوڭ قۇلى ئەپلىك كىشىلەر مېدىتسىنادا «ئوڭچى»دەپ ئاتىلىدۇ.سول قۇلى ئەپلىك كىشىلەر «چەپچى»،ئادەتتە «سولقاي» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئوڭچى ۋە چەپچى بۇلۇش بىر ياشتىن ئۇچ ياشىچە بولغان مەزگىلدە شەكىللىنىشكە باشلايدۇ.بىر ياشتىكى بالىلار ئوڭچى ۋە چەپچى بولسۇن ئوخشاش بۇلۇپ،ئۇلار ئوڭچى ۋە چەپچى دەپ ئايرىلمايدۇ.
كىشىلەر نىمە ئۇچۇن ئوڭچى ۋە چەپچى دەپ ئايرىلىدۇ؟ چۇنكى بىزنىڭ پۇتكۇل بەدەن ئىقتىدارىمىزنى باشقۇرۇدىغان چوڭ مېڭە ئوڭ ۋە سول ئىككى يېرىم شارغا بۆلۇنگەن.سول يېرىم شار بەدەننىڭ ئوڭ تەرىپىنى،ئوڭ يېرىم شار بەدەننىڭ سول تەرىپىنى باشقۇرىدۇ.ئەمدىلا تۇغۇلغان بۇۋاقلارنىڭ چوڭ مېڭە ئىقتىدارى تىخى مۇكەممەل بولمايدۇ،ئۇچ ياشقا بارغاندا چوڭ مېڭە ئىقتىدارى ئاندىن پىشىپ يېتىلىدۇ.شۇندىلا بىر ئادەمنىڭ چەپچى ياكى ئوڭچى بۇلۇشى ئاساسى جەھەتتىن شەكىللىنىدۇ.ئۇچ ياشتىن ئىلگىرى ئوڭچى ۋە چەپچى بۇلۇشنى تەلىم-تەربىيە ۋە ئۈگىنىش ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بۇلىدۇ.
بەزىلەرنىڭ ئىستاستىكا قىلىشچە،ھەر 10 ئادەمنىڭ ئىچىدە بىر ئادەم «سولقاي» بۇلىدىكەن.
مەيلى ئوڭچى بۇلسۇن،مەيلى چەپچى بۇلسۇن ئوخشاشلا ياخشى بۇلۇپ،ئادەمنىڭ ئۈگىنىش ۋە ئىشلەپ چىقىرىش پائالىيتىگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
بەزىلەر «سولقاي»ئادەملەرنى ئەقىللىق دىيشىدۇ.نۇرغۇن كۇزۈتۈشلەردىن بايقىلىشچە،چەپچى ۋە ئوڭچى ئادەملەر ئەقلى ئىقتىدارى جەھەتتىن ئوخشاش بۇلۇپ،ئانچە رۇشەن پەرقلەنمەيدىكەن.بىراق چەپچى ئادەملەرنىڭ سول قۇلىنىڭ ھەركىتى ھەمىشە ئوڭچى ئادەملەرنىڭ ئوڭ قۇلىنىڭ ھەركىىدىن تىزراق بۇلىدىكەن.پەي توپ ۋە تىك تاك توپ تەنھەركەتچىللىرى بۇنى ئاللىقاچان ئىسپاتلىدى.پەن-تېخنىكا خىزمەتچىللىرىنىڭ قارىشچە،ھۇجۇم توپ ئۇرغاندا،ئوڭ ۋە سول قولنىڭ چوڭ مېڭىدە پەيدا بۇلىدىغان نېرۋا رېفلىكىسىدا پەرىق بار ئىكەن.
ھەركەت يۇلى جەھەتتە، ئوڭچى: « ئوڭ يېرىم شارــــ سول يېرىم شارـــــ ئوڭ قول»،چەپچى: « ئوڭ يېرىم شار ـــــ سول قول» بويىنچە بۇلىدۇ.«سولقاي» بالىلارنىڭ ئىنكاسى بىر ئاز تېزراق بۇلۇدۇ.
مەنبە: خەنزۇچە «يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-2 01:17 PM