مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2231|ئىنكاس: 30

مەن زادى كۈلەيمۇ،يىغلايمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65609
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3578
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2011-11-17
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 11:57:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلەيمۇ،يىغلايمۇ

ئىنسان بىشىغا ئاجايىپ قىسمەتلەر كىلىدىكەن، بەزىلىرىگە كۈلگىڭىز كەلسە ،بەزىلىرىگە يىغلۇغۇڭىز كىلىدىكەن،يەنە بەزىلىرىگە يا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلمەيدىكەنسىز.
شۇنداق قىلىپ بۇ قىسمەتلەرمۇ مىنىڭ بىشمغا كىلىۋىدى ، يا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلمەيلا قالدىم .
قانداق ئىش دىمەمسىز قېرىدىشىم ،
ئاللاھنىنىڭ ھىممىتى ،مەرھىمىتى بىلەن بىر ئوغۇللۇق بولدۇم. ئۆزۈم ۋە ئائىلەم ئالەمچە خوش بولدۇق. شۇنداق قىلىپ كۈنلەر بىر -بىرسىنى قوغلاپ ئۆتكىلى تۇردى.
يىڭىلا دۇنياغا كۆز ئاچقان ئوغلۇمغا قاراپمۇ ياكى تۈنجى پەرزەنتىم بولغاچقىمۇ ھەممە ئىشلارنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
ئايالىمنىڭ كۈندە دەۋەت قىلىشى بىلەن ئوغلۇمنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بەل باغلاپ ، رەسمىيەتلىرىنى نەچچە يەرگە دوقۇرۇپ يۈرۈپ ،ئاران تەستە بىجرىپ ،ج.خ ئىدارسىنىڭ نوپۇس بىجىرىش ئورنىغا ئۇھ دىگۈچىلىكم قالمىغان ئەھۋالدا  يىتىپ كەلدىم.
شۇ يەردە پۈتىدۇ دەمسىز قېرىندىشىم؟
ئۇزۇندىن -ئۇزۇن ئۆچرەت ساقلاپ ،نۆۋەت مىنىڭ بولدى.
-يولداش ،بالامىنىڭ نوپۇس رەسمىيىتىنى بىجىرمەكچى ئىدىم.
-رەسىمىيەتلەرنى كۆرسىتىڭ.
بىر -بىرلەپ رەسمىيەتلەرنى بەردىم. ھىچقانداق مەسىلە يوق. بىردەمدىلا نوپۇس رەسمىيىتى پۈتۇپ قولۇمغا ئالدىم. خوش بولدۇم، نىمىگە خوش بولدىڭىز دەمسىز؟ قاراڭ قېرىندىشم ،بالامنىڭ قارا نوپۇس بولۇپ قالمىغانلىقىغا خوش بولدۇم.
نوپۇس دەپتەرنى قولۇمغا ئىلىپ سىنچىلاپ قاراپ باقسام ،ئاللا كارامەت ...............
نىمە بولدى ،نىمە كۆردىڭىز دىدېڭىزما قېرىندىشم؟
مەسىلە ،مەسىلە بولغاندىمۇ بەكلا چوڭ مەسىلە باركەن .كەينىمگە ياندىمدە بايامقى نومۇس بىجىرگەن يولداشقا:
-ئوغلۇمنىڭ نوپۇسىدا مەسىلە باركەن؟
قولىغا ئىلىپ ،يوغان كۆزلىرىنى تېخمۇ چوڭ ئىچىپ .ئۆزىنىڭ بالىسنىڭ نوپۇسىغا قارىغاندەك.مەندىنمۇ سىنچىلاپ قاراپ:
-ھىچقانداق مەسىلە يوقكەن دىمەمدا ،ئاچچىقىم مىڭ گەز ئۆرلىسمۇ ،ئۆزۇمنى قاتتق تۇتىۋىلىپ،بىگىز بارمىقىمنى كۆزىگە قارىتىپ تۇرۇپ دىدىم:
-ماۋۇ دىننى ئىتقادى دىگەن كاتەكچە بوش قاپتۇ .
-بۇ يەرگە بىر نەرسە يىزىلمايدۇ.
-ئەجىبا مىنىڭ ،ئايالىمنىنىڭ نوپۇسىدا ئىسلام دىنى دەپ يىزىلغانغۇ؟
-دىنغا ئىتقاد قىلىش ھەر كىشىنىڭ ئەركىنلىكى ،دۆلىتىمىز دىننى ئىتقاد ئەركىنلىكىنى قوغدايدۇ.
-ئاتا -ئانىسى ئىسلام دىندا بولغاندىكىن ،بالىسىنى شۇ دىندا تەربىيەلەيدۇ.
-سەن ۋە مەن بالىنىڭ دىننى ئىتقادىنى بەلگۈلەپ بىرەلمەيمىز. دىنغا ئىشنىش -ئىشەنمەسلىك  بالاڭنىڭ ئەركىنلىكى.بالاڭ كىيىن قايسى دىنغا ئىتقاد قىلىدۇ بۇنى سەن بەلگىلەپ بىرەلمەيسەن.
-بۇنداق قىلىش قانداقسىگە دىننى ئىتقادىنى قوغدىغانلىق بولسۇن .بۇ دىگەن ئوچۇق ئاشكارە دىننى ئىتقادىنى يوقاتقانلىق.زادى يىزىپ بىرەمسەن ياكى...........
-بۇ توغۇرلۇق يۇقرىنىڭ ھۆججىتى بار .
-ئۇنداق بولسا شۇ ھۆججىتىنىڭنى چىقىرە ،مەن بىر كۆرۈپ باقاي.
-ئۇنى ساڭغا كۆرسەتكىلى بولمايدۇ.
-ئۇنداقتا ئۇ ھۆججەتنى ئىگى-سىڭلىڭغا كۆرسىتەمتىڭ؟ ھازىرغۇ دىننى ئىتقادىنى يازما ،كىيىن مۇشۇنداقلا كىتىۋەرسە مىللىتىنى يازمايسەن.
شۇنداق قىلىپ ،بۇ ئىشلار چىڭىغا چىققىلى تۇردى. تالاشتۇق ،تالاشتۇق ،بىر نەچچىسى ئارلاشقانمۇ بولدى.قاينىغانمۇ بولدۇق. تەرتىپنى بۇزغانمۇ بولدۇق.
-مۇشۇنداق تەرتىپنى قالايمىقان قىلساڭ سىنى جازالايمىز دىمەسما ،يوق قانبىسىمىم ئۆرلەپلا كەتتى.
-خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز دىگىنىڭ مۇشۇ بولدىما دىسەم ،نىمە دەيدۇ دىمەمىسىز قېرىندىشىم!
-خەلق سەندەك بولمايدۇ.خەلق دىگەن ياۋاش-يۇمشاق ،گەپ ئاڭلايدىغان بولىدۇ دەيدۇ.
بولغان ئىش شۇ قېرىندشىم ! بۇ دەردىمىنى كىمگە ئىيتاي،كىمگە يىغلاي !!!!
خوشاللىقىم شۇنداق يوق بولدى. ئۆيگە كېتىۋاتىمەن.ئۆز-ئۆزۈمگە ۋەدە بىرىۋاتىمەن.
-خەپ ،شۇنداق بىر تەربىيە قىلايكى ئوغلۇم ،سەن چوڭ بولۇپ ئەقلىڭنى تاپقۇچە سىنى ئۆز مىللىتىڭنىڭ تارىخنى ،ئانا تىلىڭنى،دىننى ئىتقادىڭنى ،كىملىكىڭنى تولۇق بىلىدىغان ،مىللىتىڭ ،ئانا تىلىڭ ،دىننى ئىتقادىڭ ئۈچۈن جان بىرىدىغان ۋارىس قىلىپ تەربىيلەپ چىقىمەن.
2013-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-2 12:33 AM  


ئەسلىنى ئۇنۇتقان-ئاسىيدۇر!

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-2 12:48:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى بۇنڭغا ئاچقلاپ نىمە كەپتۇ ...بالىڭىزىنى ياخشى تەربىيلسڭزلا بولدى .بۇمۇ ئۇلارنىڭ قائدە-تۈزۈمدە ...راسلا بىر بۇۋاقىنى كىم كېيىن نىمە قىلدىغانلقىنى چوقۇم دەپ ھۆددە قىلالايدۇ ...ئەلۋەتتە سىزنىڭ تەربىيڭىزىگە باغلىق ..بۇ توغۇرلۇق ئاچقلاپ نىمە كەپتۇ ..

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 10 باك ئىلمىي ئويلامسىز .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65609
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3578
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2011-11-17
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-2 01:10:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ بىشىڭىزغا كەلمىگەن ئوخشايدۇ قېرىندىشىم ! شۇ چاغلاردا بىلىپ  قالىسىز !

ئەسلىنى ئۇنۇتقان-ئاسىيدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38374
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6611
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1504 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-2 01:24:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە كۈلۈڭ...مۇشۇ خىل زىلزىلە بىلەن ئىتىقادنىڭ مۇھىملىقىنى يەنىمۇ ھېس قىلىپ،ئىرادىڭىزنىڭ كۈچيىشىگە سەۋەپ بوپتۇ.

مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ھويلا-بىلوگىدىن ،مىنىڭ بىلوگىمغا ئىشتىراك قىلىپ،تېمىلارنى ئوقۇپ بېقىڭ،يېڭىچە تەپەككۇرغا ئىگە بۇلۇشىڭىز مۆمكىن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 3050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12772
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2825 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-2 01:38:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرچە بەك ئاچچىقلاپ كەتمەي سوغاق قانلىق بىلەن مەسلىنى ھەل قىلىڭ ، يەنى يۇقۇرى دەرجىلىك ج خ ئورۇنلىرىنىڭ نۇپۇس باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنى كۈرۈپ ، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ دىنغا ئىشىنىش-ئىشەنمەسلىك توغرىسىدا قانداق بەلگىلىمىلىرى بار ، شۇ بويىچە بىجىرىپ بېرىشنى ئېيتىڭ ، بۇنىڭغىمۇ قۇشۇلمىسا سوتقا ئەرز سۇنسىڭىز بولىدۇ ، دىمىسىمۇ قورامىغا يەتمىگەن كىچىك بالىلارنىڭ دىنىغا ئىشىنىش-ئىشەنمەسلىگىنى ئاتا-ئانىسى بەلگىلەيدۇ ، قورامىغا يەتكەندىن كېيىن بولسا ئۆزىنىڭ ئىشى .

سۈكۈت ئاجىزلىقتىن ئەمەس ، سەۋىردىن بىشارەت.
TERORQE بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-2 03:43:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-2 05:21:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا بالىڭىزنى سىز ئويلىغىنىڭىزدىكىدەك تەربىيلەڭ،قىسقىسى شۇنداق بىر تەربىيلەڭكى ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىدە دىنىم،مىللىتىم دىيەلەيدىغان بولسۇن؛

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-2 06:47:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ دىققەت قىلمىغان ئىشكەنغۇ بۇ؟ مېنىڭ نوپۇس دەپتىرىمدە ‹‹دىننىي ئېتىقادى››دېگەن كاتەكچە بوشمىدۇ ،قانداقتۇ ھە؟

ئادەم بولماق تەس
elip بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-2 09:51:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
elip بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-2 09:51:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش