بېشى چوڭ ئادەمنى ئەقىللىق دىيىش توغرىمۇ
(تەرجىمە قىلغۇچى: تىلماچ)
بىز ھەمىشە بەزىلەرنىڭ «پۇكۇنىنىڭ بېشى چوڭ،ئۇ چۇقۇم ئەقىللىق» دىگەنلىرىنى ئاڭلايمىز.ئەمىليەتتە بۇنداق دىيىشنىڭ ئىلىمىي ئاساسى كەمچىل.بىر ئادەمنىڭ ئەقىللىق بۇلۇش بولماسلىقى ئۇنىڭ بېشىنىڭ چوڭ كىچىگلىكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتى يوق.
رۇسيە يازغۇچىسى تۇرگېنېۋ (1818-يىلى تۇغۇلۇپ،1883-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)پۇتۇن ئۆمرىدە نۇرغۇن ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يازغان.ئۇنۇڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىق 2012 گىرام.فىرانسىيە يازغۇچىسى فىرانىس
(1844-يىلى تۇغۇلۇپ،1924-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)مۇ پۇتۇن ئۆمرىدە نۇرغۇن داڭلىق ئەسەرلەرنى يازغان.ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى پەقەت 1017 گىرام بۇلۇپ،تۇرگېنېۋنىڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ يېرىمىغا تەڭ دىگۇدەك.
ئوخشاشلا ھەر ئىككىلىسى ئۇلۇغ يازغۇچى.سىز تۇرگېنېۋنى ئەقىللىق،فىرانىسنى ئەقىللىق ئەمەس دىيەلەمسىز؟ ئېنىقكى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئەقىللىق.
ئىسىڭىزدە بۇلسۇنكى،سىزنىڭ مېڭىڭىز بەدىنىڭىزدىكى باشقا ئەزالارغا ئوخشاش ئىشلەتكەنسىرىڭىز تەرەققى قىلىدۇ.ئىشكەتكەنسىرىڭىز ئەقىللىق بۇلۇسىز.ئەگەر ئۈگىنىشتە تىرىشچان بولماي،كۈن بويى لاغايلاپ يۇرسىڭىز،چوڭ مېڭىڭىزنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئەقىللىقلاردىن قىلىپ چىقاي دىسىڭىز،كاللىڭىزنى كۆپرەك ئىشلىتىڭ.
مەنبە: خەنزۇچە «يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-1 11:09 PM