مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1417|ئىنكاس: 11

يېڭى تىراگىدىيە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14194
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8015
تۆھپە نۇمۇرى: 629
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2010-10-16
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 05:35:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(كەسپىي ئېتوت سىنارىيەتچىسى بولمىغانلىقىم ئۈچۈن بەزى يەرلەردىكى ئىپادىلەشلەر تولۇق بولمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن)
       ئا،ب،س،د،ئې ،بەش ئادەم ئورۇنلايدۇ،ئاۋۋال ئا،ب ئىككەيلەن دج شەكىلدە مېڭىپ دەسسەپ كىرىپ سەھنىنى ئىككىنى ئايلىنىۋېتىپ سەھنىنىڭ ئوتتۇرىدا قويۇلغان ئورۇندۇقتا بىر- بىرىگە قېتىپ قاراپ قالغان ھالەتتە ئولتۇرىدۇ. س:نېمە مۇشۇمۇ ئېتوتما ؟ھازىرقى قېرىلىرىمىزدىن ئۆتە شۇشەن بولۇپ كەتتىڭمۇ نېمە؟ بىر قىز بىلەن بىر ئوغۇلنى رومانتىك ئۇچراشتۇر دېسە مۇشۇندا ئۇچراشتۇرامسەن؟
      د:ئەمسە قاندا ئۇچراشتۇرىدۇ؟ئۆزىڭىز ئۇچراشقاندا ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ ئاقسالىقىنى كۆرسەت دېدىڭىزغۇ.
      س:بولدى،بولدى ئۆچۈرە نېمە بۇ، بولدى كۆرەشتۈرسەڭمۇ مۇنداق بىر مىللىيچە كۆرەشتۈرە بولمايدىكەن ئۇندا كۆرەشسە.
    د:مىللىيچە قانداق كۆرۈشتۈرىمەن؟ ھازىر بالىلارمۇ شۇنداق كۆرۈشىدۇ، بۇنى تېخى دج چە تىكتونىكچە كۆرۈشۈش دەپ ئاتايدۇ،مەن مانۇ ئېتوتنىڭ 22ئەسىرنىڭ دەۋىر چاقىغا ئولتۇرۇپ يازغان ئېتوت جۇما.
      س: (تۇرپان شىۋىسىدە)ۋوجون، مۇشۇنداقلا بىرنېمىلەر ئۇچرايدىغۇ، كاللاڭنى ئىشلەتمەمسەن ھەي پوق باش، بېشىڭدا كالا ئولتۇرۇۋالمىغاندىن كېيىن.
      د:ھە ھە ھە ئەمدى كاللامغا كەلدى،قېنى يازاي ھە، بايامقى يەرنى ئاۋۋال ئۆچۈرۈپ(ئۆچۈرگەن ئاۋازغا ماسلىشىپ، ئا،ب لار سەھنىگە كىرگەن ھالەتتە كەينىگە قايتىپ سەھنىدىن چىقىپ كېتىدۇ.ئاندىن سەھنىگە چىقىدۇ)بالىلار مىللىيچە ئۇسلۇبتا باغچىدا كۆرۈشىدۇ...(ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ)
     ئا:غېرىپچان
     ب:ۋوجون سەنەمقىز،(بىر بىرسىگە ئېتىلىپ كېلىپ بىر قارشىۋېتىپ ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرىدۇ ) مۇشۇ تەتىل بولغاندىن تارتىپ سىز بىلەن كۆرەشمەك ھەجەپ تەسكە توختىدى ھە؟
      ئا:ھە، ئەمدى،ئەمدى شۇندا بوپ قالدى،قاندا قىلىمىز ئەمدى؟
      ب:ھە بوپتۇ،ئاۋۇ داشۆ تەرەپتىن ئۇقتۇرۇش باردەكمۇ؟
     ئا:يوق،شۇ بار بولسىمۇ قانداق قىلاي؟ قانداق ئوقۇيمەن؟ مېنىڭدەك يېتىمنى كىممۇ ئوقۇتىدۇ؟
     ب:مەنمۇ شۇ، بىچارە ئانام يالغۇز مېنى قانداقمۇ ئوقۇتا؟
     ئا:ھەي،مۇشۇ ئالىي مەكتەپ دېگەن قانداق يەر بولغۇيتتى ھە ؟مېنىڭ شۇنداق بېرىپ باققۇم بار،
     ب:ئالىي مەكتەپچۇ، قارا، دۇنيادىكى ئىسسىق سوغۇقنىڭ دېپلومىنى ئېلىپ كېلىدىغان يەر،بولدىلا،ئۇيەرگە ھامىنى بىز بارالمايمىز ، بۈگۈن مەن سېنى بىر مۇھىم ئىش بىلەن ئىزدىگەن ئىدىم.
     ئا:قانداق مۇھىم ئىش بىلەن؟
     ب:ئاۋۇ مەزگىلدە يۈرەيلى دەپ تەلەپ قويسام ئالىي مەكتەپ ئىمتېھانى دەپ ئۇنىمىدىڭ، ئەمدى ئىمتېھانمۇ تۈگىدى، شۇمۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن ساڭا تەلەپ قوياي دەپ چاقىردىم.
     ئا:نېمە نېمە؟ماڭا تەلەپ قويامسەن ؟ماڭا ؟  سەت تۇرامىكىن.
     ب:سەت تۇرمايدۇ، مۇشۇنچىلا ئادەم مەن ئىزا تارتمىسام سەن نېمىشقا ئىزا تارتىسەن؟(ئا،ب لار قاتىدۇ)
       س:ھېېېي،(پېشانىسىنى تۇتۇپ قويۇپ)تېنچلىقتۇ ھە ؟سەن نېمە قىلىۋاتسەن ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن بالىلارغا مۇشۇنداق قىلدۇرامسەن؟
      د:ۋوي رېژىسسور ئەپەندىم، ھازىر قىز - ئوغۇللار يەسلىدىن باشلاپ ئۆسمۈرلۈك مۇھەببىتىنى باشلايدۇ،بۇ بالىلارغا كەلگەندە قانچىلىك تەرەققىي قىلماقچى ؟
      س:ئەمسە قېنى بۇ ئېتوتنىڭ تىراگېدىيىسى؟ قېنى يىغلايدىغان باشقىلارنى يىغا دېڭىزىغا غەرق قىلىدىغان يېرى ؟
      د:ئامالىكىن بىرە ساتىراچ ساقال تارا ھە ؟ سىزدەك چىرايلىق تارىماس ھە ؟تۇرمامسىز جىم بىردەم ؟ ئۇ بېكەتكە ئاز قالدى،
      س:يازە ھە يازە(يېزىشقا باشلايدۇ)
       ب:بۈگۈن مۇشۇ كىنوخانىدا ساڭا داغدۇغىلىق بىر تەلەپ قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىمەن.(ئا،ب لار قاتىدۇ)
      د:ھە   ئەمدى مۇشۇ يەردە قانداق تەلەپ قويدۇرۇش كېرەك،ھە زادى قانداق قىلىش كېرەك؟
س:بۇيەرنى مانا مەندەك رومانتىك شەخىسلەر يازىدۇ،مۇنداق يازىمىز قارا ھە ؟شېئىر بىلەن تەلەپ قويدۇرىمىز،(ئورۇندۇقتا ئۆزى ئولتۇرىدۇ)
ب:ئاھ سەنەمقىز   مەن سىزنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن شۇنداق
                  سىز مېنى ياخشى كۆرمىسىڭزمۇ ئەگەردە
                  ئەگەردە مېنى ئازىراقمۇ ياخشى كۆرمىسىڭزمۇ
                  سىزنى ياخشى كۆرىمەن مەن شۇنداق،
بۇلبۇل قۇشقاچتەك ۋىچىرلىغاندا
يىلان توشقاندەك سەكرىگەندە
يانچۇقتا بىر موچەن قالمىسىمۇ
سېنى مۇشۇ يەردىن ياخشى كۆرىمەن
(س،د دىن دەپتەرنى تالىشىپ يازىدۇ)
ئا:يوغان ياخشى كۆرىدىكەنسىز،(يەنە قاتىدۇ)
د:توۋا مۇشۇمۇ تەلەپ قويۇش بولدىمۇ؟كاللا دېگەن ئامالىكىن ئېشەك تېپەتكەندەك ئېشلەيدۇھە؟
س:شۇندا تەسىرلىك بولدىغۇ،ئادەم دېگەننى يىغلىتىپ جاننى ئالدى ماۋۇ شېئىر(كۆڭلى يېرىم ھالدا)
د:قويىڭە سىزنى،بولمايدۇ،بۇندا ناچار تەلەپنى تۇل خوتۇنغا قويسىمۇ رەت قىلدۇ سىزنى.قارڭ ھە مۇندق قىلىمىز،مۇنداق تەلەپ قويدۇرمىز،ئۆچۈرۋەتتىم ھە؟(ئۆچۈرگەن ئاۋازغا ماسلىشىپ ئابىلەن ب ئىككىسى شېئىرىي تەلەپ قويغان يېرى كەينىگە يېنىلىدۇ ئاندىن ئۇلاپلام گاچا شەكىلدە بىرە مىنۇتقىچە پاراڭلىشىدۇ،ئا تەلەپ خەت ئوقۇغاندەك شەكىل چىقىرىپ چىن ھېسىياتىنى قىزىقارلىق چىراي ئىپادىلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ،ب بولسا قىزلارچە نازلىنىپ ئوغۇل بالىنىڭ تەلپىنى توختىماي رەت قىلىدۇ)
ئا:مۇشىمۇ تەلەپ قويۇش بولدىمۇ؟ئۇنىمايمەنغۇ تازا
ب:راسىت ئۇنىمامسەن؟
ئا:ئۇنىمايمەن،ئىشقىلىپ ئۇنىمايمەن
ب: (كىچىك پىچاقتىن بىرنى چىقىرىپ)ئۇنىمايدىغان بولساڭ ئۆزەمنى ئۆتۈرۋالىمەن
د:ۋۇي يازغۇچى، ئۆتتەگۈلى بولمايدۇ،پۇلغا ئەكەلدىم ئۇلارنى،بولدىلا ئكىلە ئۆزەم قوياي،ھازىرقى قىزلىرىمىزچۇ مۇنداق تەلەپ قويغانلارغا ئامراق،كەچۇر ھە ئۆچۈرۋەتتىم(ئۆچۈرىدۇ،ئۆچۈرگەن ئاۋازغا ماسلىشىپ ئابىيامقى گاچىلىق يەرلەر كەينىگە قايتىدۇ) غېرىپ سەنەمگە ناخشا ئېتىپ تەلەپ قويىدۇ.(ئابلاجاننىڭ ئەسكى دېگەن ناخشىسىنىڭ ئىنگىلىسچە ناخشىلىق يېرى بىلەن ئازىراق ئۇيغۇرچە ئېتىلغان يېرى قېتىلىپ كېسىلگەن قىسمى ئېتىلىدۇ،ئا ئابلاجاننى دوراپ ئېتىدۇ قىز ناخشىغا ماسلىشىدۇ،ناخشا تۈگەشكە باشلاپ ب نىڭ يۈزىدە رازىمەنلىك ئىپادىسى ھاسىل بولىدۇ،ئا،س بىلەن د نىڭ يېنىغا بېرىپ)
ئا:ناخشىنى ئېسىل ئېتىپ قويىمىز ھە؟
د:ماڭە جۇگۇ جايىڭغا بارە(ئا جايىغا بېرىپ قاتىدۇ)قىز بالىنىغۇ ئۇنۇتقۇزدۇڭ،ئەمدىغۇ كەلگەنمىز ئېتوتنىڭ تىراگىدىيىسىگە؟
س:ۋاي رىژسوركا مانا ئەمدى كەلدۇق،ئەمدى قاراڭ ھە(ئا ب لار قاتقان يېرىدىن ئورۇندۇققا قايتىپ ئۆز ئارا پاراڭلاشقان ھالەتتە ئولتۇردۇ،ئې سىرىتىن ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى ئېلىپ كېلىدۇ)
ئې:بالام ماڭا ‹ئاپا باغچىغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلەي ›دەپ چىقىپ كەتكەن،مۇشۇ ۋاققىچە يوق،ئۇقتۇرۇش قەغىزى كەپتىكەن،مەن شۇنداق خوش بوپ كەتتىم،شۇڭا ئۆيدە ئولتۇرالماي بالامنى ئىزدەپ كەلدىم ، بۇنى بالام ئاڭلىسا قانچىلىك خوش بوپ كېتەرھە؟دادىسى رەھمەتلىك بىلسىغۇ،ھەي،(بالىنى ئىزدەپ ماڭىدۇ،ۋە ئورۇندۇقتا ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ يېنىغا بارىدۇ،)بالام نېمە قىلىۋاتىسەن بۇيەردە؟(ئا ب لار چاچىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ،ئا سۆزلەيدۇ)
ئا:ئاپااااااااا  شۇ ھېچنىمە قىلمىدىم،شۇ شۇ ساۋاغدىشىم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان.
ئې:بالام بۇ ئەمدى قانداق پاراڭلىشىش بولۇپ كەتتى؟قىزم سىز؟
ئا: (ب نى چىمدايدۇ)قىلىن مۇشۇ گەپنىمۇ دەپ يۈرەمسىز؟
ئې:بالىلىرىم بۇ سىلەر...
ب:ئاپا قولۇڭدىكى نېمە؟
ئې:بۇما ؟سەن بېرىشنى ئارزۇ قىلدىغان گۈزەل مىۋىلىك بېغىڭنى ئاچىقۇچى بولغان چاقىرىق قەغىزى.
ب:نېمە ؟چاقىرىق قەغىزى؟ئالىي مەكتەپتىن ؟
ئې:نېمە خوش بولمامسەن ؟سەن ئەڭ ئارزۇ قىلدىغان
ب:ياق،ئانا ئەمدى مەن ئەمدى ئارزۇ قىلالمايمەن،چۈنكى مېنىڭ ئۇ تەرەپتىن پۈتۈنلەي ئۈمىدۈم ئۈزۈلدى.
ئې:بالام بۇ نېمە دېگىنىڭ ؟
ب:ئاپا مەن....ئاپا مەن....ئاپا مەن...
س:يازغۇچى  سەن ،يازغۇچى سەن....يازغۇچى سەن نېمە قىلماقچى؟
د:رىژىسور مەن، رىژىسور مەن،رىژىسور مەن مەن شۇ ئانىغا سەۋەبىنى دېمەكچى...
س:نېمە سەۋەبنى؟
د:غېرىپ زادى ئالىي مەكتەپكە بارامدۇ ؟ياكى بولمىسا سەنەم بىلەن ئانىسىغا قارامدۇ؟
س:شۇ شۇ شۇ  مۇشۇ گەپنى ئانىسىغا قاندا دېگۈزۈش كېرەك؟
د:ھە توغرا ئەڭ ياخشىسى دېگۈزمەيلى،مۇنداق قىلىلى...
ئې:بىلىمەن بالام بىلىمەن،سەن مېنى يالغۇن قويۇو قويۇشقا كۆڭلۈڭ چىدىمايدۇ،شۇنداقمۇ ؟بىراق بالام خاتىرجەم بول،مەن سېنى چوقۇم ئوقۇتىمەن،بالام چوقۇم،قانچىلىك پۇل كېتىشىدىن قەتىي نەزەر چوقۇم ئوقۇتىمەن،سەن ياخشى ئوقۇساڭلام مەن شۇنىڭدىن رازى.
ئا:نېماندا  ياخشى مېنىڭمۇ سىزاەك ئانام بولسىچۇ،لېكىن مەن ئانىسىمۇ دادىسىمۇ يوق يېتىمدە.
ئې:بالام سىز ھەرگىز ئۇندا دېمەڭ،ھەرگىز،مانا مەن سىزنىڭ ئانىڭىز،سىز مېنىڭ قىزىم بالام،مانا مەن سىزنىڭ بېشىڭىزنى سىلايمەن.
ئا ب:راسما ئاپا(ئا ب بىر بىرسىگە خىجىلچانلىق بىلەن قارايدۇ)
ئې:راست باللىرىم (ھەممىسى بىر يەرگە يىغىلىدۇ،ئانا ئىكى بالىنى مېھىربان باغرىغا باسىدۇ، مۇشۇ ھالەتتە قاتىدۇ).
س:ھە مانىكە بۇنىڭدىن ئېسىل ئېتوت بولماس ھە؟تۈگدى، قايىتتۇق (ئا ب ئې لارنىڭ يېنىغا بېرىپ )تۇرسىلەرغۇ ھەي يۈرىڭلار قايىتتۇق(ئا ب س ئې لار سىرىتقا قاراپ ماڭىدۇ)
د:ھەي توختىشە ئۈچەڭ جايىڭغا كېلە(ئا ب ئې لار ئالدىدىكى قاتقان شەكىلدە تۇرىدۇ)سەن مەكىلە يازغۇچى مۇشۇنداقلام تۈگەمدۇ بۇنىڭدىكى تىراگىدىيىلىك كۆرىنىشلەر قېنى؟
س:ئانىنىڭ بالىنى ئوقۇتىشى،ئاۋۇ قىزنىڭ ئۆزىنىڭ قىزى قىلىۋېلىشى شۇ تىراگىدىيىلىك كۆرىنىشلەرغۇ؟
د:ماڭ ماڭ ماڭ ماڭ.نەدە شۇندا ئاسانلام ئىش باركەن ؟بۇيەرە بىر راۋۇرۇس يىغىلىق كۆرۈنۈشلەر بولمايلام مۇشۇندا ئاسانلام تۈگەمدۇ؟ بۇ يازغىنىڭ تىراگىدىيەمۇ ياكى ؟ ياق ياق ياق  تىراگىدىيە بولغان ئىكەن بۇ ئاخىرقى يەرنى ئېچىنىشلىق يىغا بىلەن ئاخىرلاشمامدۇ؟ھە ئالىي موزدۇز يازغۇچى جاناپلىرى؟
س:ھە شۇ شۇ شۇ  رېژىسور ئەمدى قاندا قىلىمىز؟سىزمۇ ئويلۇشۇپ بىر يول كۆرسەتمەمسىز؟
د:ھە ئەمسە ھېلقى ئاپا مەن دېگەن يېرىدىن باشتىن باشلىسۇن،ئەكىلە دەپتەرنى،بىر ئېلھام يۈزۈمنى سىلاپ ئۆتكەندەك قىلدى،ھى ھى ئازىراق ئۆچۈردۈم ھە(ئا ب ئې لار ئاپا مەن ئاپا مەن دەپ بولغاندىن كىيىنكى يەرگە يانىدۇ )
ب: (ب كۆڭلى بۇزۇلغان تەلەپۇزدا)جېنىم ئاپا راس مېنىڭ ئۇيەردىن ئۈمۈدىم ئۈزۈلدى،ئەنە مەھەلىمىز دە ئالىي مەكتەپ ئوقۇماي كۈنىنى ئېلىپ يۈرگەنلەرمۇ يۈرىيدىغۇ،رەھمەتلىك ئاتام تۈگەپ كەتكەن ياغى مېنىڭ خىيالىمدىن ئالىي مەكتەپ دېگەن نەرسە چېقىپ كەتكەن،مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن سېنىڭ يېنىڭدا تۇرۇپ سەن بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگۈم بار،مەن دادامدىن ئايرىلدىم،سېنى بۇيەردە يالغۇز قويۇپ سېنىڭدىن مۇ....ئانا بولدى مەن شۇ ئالىي مەكتەپكە بارماي،ئۆمىرىڭنىڭ ئاخىرىدا مەن ئۈچۈن رىيازەت چەكمىگىن.
ئې:بالام؟ئېسىڭدە بولسۇن سەن مېنىڭ بالام،سەن يەنە شۇ نۇرغۇن ئەۋلاتلارنىڭ دىلىنى يورۇتقان مەرىپەتپەرۋەر ئاتاڭنىڭ ئوغلى بالام،سېنى نېمىشقا ئوقۇتىمەن دەيمەن بالام،شۇ سېنىمۇ كەلگۈسىدە داداڭغا ئوخشاش ئوقۇتقۇچى بولۇپ كىينكى ئەۋلاتلارنىڭ دىلىنى يورۇتسۇن دەيمەن،(كۆزىگە ياش ئالىدۇ)سېنىڭ شۇ ئاتاڭغا ئوخشاش مۇنبەردە شۇ ئېلىمغا تەشنا غۇنچىلەرنى سۇغىرۋاتقىنىڭنى كۆرسەم خۇددى ئاتاڭنى كۆرگەندەك بولىمەن بالام،مانا بۇ مېنىڭ كىينكى ئۆمرۈمدە كۆرمەكچى بولغان ھەقىقى بەختىم،ھەقىقى خوشاللىقىم بالام.
ب:لېكىن ئانا،سەن بۇ يەردە يالغۇز ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالى...
ئې:جېنىم بالام،يۈركۈم بالام، بۇنىڭ دىن ئەنسىرمە،بۇنىڭغا رەھمەتلىك ئاتاڭ بۇرۇنلام تەييارلىق قىلىپ قويغان،ئاتاڭنىڭ ئۈمىدى سېنى ئەسلى چەتئەلەرگە چىقىرىپ ئوقۇتۇش ئويى بار ئىدى،شۇڭا بۇرۇندىن سەن ئۈچۈن نۇرغۇن يىغىشلارنى قىلغان،لېكىن  ئاتاڭ ،جېگىرىم بالام ئەگەر سەن ئالىي مەكتەپنى ئوقۇايمەن دېسەڭ،(ئانا يىغلاپ تۆكىلەپ كېتىدۇ)مەرھۇم ئاتاڭنىڭ خاتىرجەم ياتالارمۇ؟بالام مەنلام بولدىكەنمەن،سەن چوقۇم ئوقۇيسەن.(ئۆزىنى باسالماي ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇ)
ب:ئانا...
ئا: (كۆزىدە ياش سۆزلەيدۇ)غېرىپچان ئانىڭىز توغرا ئېتىدۇ،سىز ئوقۇشىڭىز كېرەك،چوقۇم ئوقۇشىڭز كېرەك،ئانىڭىز ئۈچۈن،مەرھۇم ئاتىڭىزنىڭ سىزدىن كۈتكەن ئۈمىدى ئۈچۈن يەنە ئىككىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن چوقۇم ئوقۇشىڭىز كېرەك،ئانىڭزنىڭ يالغۇز قېلىشىدىن ھەرگىز ئەنسىرمەڭ مانا مەن بار مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزدا ئانىڭزنىڭ ھالىدىن مەن خەۋەر ئالىمەن،گەرچە ئانىڭىز ھاجىتىدىن تولۇق چىقىپ بولالمىساممۇ ھېچ بولمىغاندا ئانىڭىزنى يالغۇزسىرغىزمايمەن،خۇددى سىز يېنىدا باردەك ئانىڭىزنىڭ شۇ مېھرى قۇياشتەك ئىسسىق كۆڭلىگە مەن تەسەللىي بېرىپ تۇرىمەن.
ب:سەنەمقىز..
ئې:قىزىم ئانىڭىز دېمەڭ سىز مۇ مېنىڭ قىزىم، سىز خالىسىڭزلام مېنىڭ باغرىم سىز ئۈچۈن ئوچۇق قىزىم.
ئا:راسما...ئانا(قىز ئۆكسىگەن ھالدا ئانىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ)
ب: ( ئانىنىڭ باغرىنىڭ يېنىغا كېلىپ)سەنەمقىز رەھمەت سىزگە،ئانا ساڭىمۇ رەھمەت،مەن، ئوقۇيمەن.ياخشى ئوقۇيمەن ،كەلگۈسىدە چوقۇم ياراملىق ئادەم بولۇپ مەرھۇم ئاتامنىڭ ھەم سىلەرنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلايمەن.(يىغلاپ بېشىنى ئانىنىڭ باغرىغا قويىدۇ)
ئې:ئەمدى مېنىڭ ئوغلۇمغا ئوخشىدىڭ(ئا ۋە ب نىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ،قاتىدۇ)
د:ۋوتەن ۋوتەن ۋوتەن ،ئېسىل رىژىسور ئېسىل ھۈ ھۈ ھۈ ھۈ ھۈ ھۈ ،ياخشى يازدىڭىز رېژىسور (كۆڭلى يرىم قىلىپ)
س:بولدى بولدى بۇنىڭ گېپىنى قىلما،ماڭە كەتتۇق،ئەگەر مەن بۇيەردە يەنە ئازىراق تۇرسام،.ئۆزۈمنى باسالمايدىغاندەك تۇرىمەن،(ئا ب س د ئې لار سەھنىدىن چىقىشقا باشلايدۇ،چىقىپ كېتەي دېگەندە س كەينىگە يانىدۇ)ھەراسىت رەھمەت كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆرۈپ بەرگىنىگە (دەپتەرنى قولىغا ئېلىپ)چېكىت.(ھەممەيلەن سالام بېرىپ چۈشۈپ كېتىدۇ)
يۇقۇردىكى ئەسەر كۆكتىگىننىڭ قەلەم تۇپۇرقىدىن ئېلىندى،ئەگەردە بۇ سىنارىيە سىزگە يېقىپ قالسا ھەم ئورۇنلىماقچى بولۇپ قالسىڭىز ،كۆكتىگىن سىزگە يېقىندىن ياردەم بېرىدۇ،


مەنبە:كۆكتىگىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-1 07:43 PM  


مۇھەببەت نېمىسىگە كۆرەڭلەيتى؟پەقەت بىزنىڭ ئەڭ ئاجىز نەرسىمىز كۆڭەلنىڭ ھۆكىمرانى بولۋالغانلىقى ئۈچۈن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90372
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 535
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-1-21
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 08:52:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەقىرىڭىز گە رەخمەت

غەلبە تىرىشچانلارغا مەنسۇپ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1501
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7090
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 09:32:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !!ھەي مۇشۇنداق ئىلھاملا ماڭىمۇ بىركەلگەن بولسىچۇ!!

ئەگەر ئۆزۈڭىزنىڭ مۆجىزە يارىتالمايدىغىنىڭىزنى بىلسىڭىز،تىرىشىپ تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى مۆجىزىگە ئايلاندۇرۇڭ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76670
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5470
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 333 سائەت
تىزىم: 2012-2-27
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 09:56:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ مەكتەپتە داۋاملىق ئتوت ئوينايمەن ھەم يازىمەن .  لىكىن بۇ قېتىم نۇرۇز بايراملىق پائالىيەتكە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئتوت يازاي دىگەن  لىكىن پەقەت كىلىشتۈرۈپ يازالمايۋاتىمەن ،    سىز ماڭا ياردەم بېرەلەسىزمۇ ؟   ھە راست مەن تۇلۇق ئوتتۇرىنڭ 1-يىللقىدا ئۇقۇيمەن  ..  رەھمەت .  يەنە بىر ئىش ، مەن ئتوتقا بەك قىزىقىمەن . بەكلا .......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 10:35:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاملاشتۇرۇپسىز ، ئۈزۈلمىسۇن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90120
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 109
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-1-15
ئاخىرقى: 2014-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 10:49:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن

كىممۇ دەيدۇ؛ ‹‹ياۋروپالىق-مەدەنى››
نە ئەدەپ بار،نە ھايا،قىپيالىيالىڭاچ بەدىنى.
گەر مەدەنىيەت   ئىچىش بولسا بەدەننى،
دىسەڭلارچۇ،ھايۋان بىزدىن بەكرەك مەدەنى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14194
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8015
تۆھپە نۇمۇرى: 629
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2010-10-16
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-2 10:34:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aykabi يوللىغان ۋاقتى  2013-2-1 09:56 PM
مەنمۇ مەكتەپتە داۋاملىق ئتوت ئوينايمەن ھەم يازىمەن .  ل ...

مېنىڭ يېزىپ بەگىنىمگە قارغاندا يەنىلام ئۆزىڭىزنىڭ يازغىنىڭىز ياخشى،سىز چۇ يازغاندا سىز ياشاۋاتقان ئورنىڭىز،شۇ يەردە بولىۋاتقان ئىشلار،ئاندىن پېرسۇناژنىڭ خارەكتىرىگە دېققەت قىپ يازسىڭىزلام ياخشى يېزىپ كېتىسىز ساقام...

مۇھەببەت نېمىسىگە كۆرەڭلەيتى؟پەقەت بىزنىڭ ئەڭ ئاجىز نەرسىمىز كۆڭەلنىڭ ھۆكىمرانى بولۋالغانلىقى ئۈچۈن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76670
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5470
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 333 سائەت
تىزىم: 2012-2-27
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-2 07:31:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
koktigin يوللىغان ۋاقتى  2013-2-2 10:34 AM
مېنىڭ يېزىپ بەگىنىمگە قارغاندا يەنىلام ئۆزىڭىزنىڭ يا ...

ماقۇل ،رەھمەت ،تىرىشىپ باقاي ئاكا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14194
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8015
تۆھپە نۇمۇرى: 629
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2010-10-16
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 10:27:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aykabi يوللىغان ۋاقتى  2013-2-2 07:31 PM
ماقۇل ،رەھمەت ،تىرىشىپ باقاي ئاكا.

ھىم  قېنى يېزىپ بېقىڭ قالماشتۇرالمىغان يېرىگە كەلگەندە مەن ياردەم قىلاي!

مۇھەببەت نېمىسىگە كۆرەڭلەيتى؟پەقەت بىزنىڭ ئەڭ ئاجىز نەرسىمىز كۆڭەلنىڭ ھۆكىمرانى بولۋالغانلىقى ئۈچۈن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22717
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6842
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2010-12-18
ئاخىرقى: 2014-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 11:17:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر قىز ئوغۇل ئۇچراشقان يەرگە ئابلاجاننىڭ «ئەسكى ئەسكى »دىگەن ناخشىسى كەلگەن بولسا ھە...ھى ھى ھى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش