ئۇزۇن بۇپتۇ مىسرانىمغا بىر نەرسە يوللىمىغىلى، يېڭى ئەزا بولغاندا خوشاللىقتىنمۇ ئىشقىلىپ ئانچە-مۇنچە بىر نەرسىلەرنى يوللاپ قوياتتىم. بۈگۈن كەيپىياتىم سەل ناچار، يىغلىغۇم كېلىۋاتىدۇ. تۇرمۇش دېگەندە ھەر خىل كۆڭۈلسىز ئىشلار بولىدىكەن...كۈتكەن كۈنلەر كەلگەندەك ئەمەس، كەلگەن كۈنلەر كۈتكەندەك ئەمەس دېگەندەك...بەلكىم مېنىڭ غېمىم بەزىلەرنىڭ غېمىگە قارىغاندا ھىچ گەپ ئەمەستۇ...ئادەم دېگەن باشقىلارنىڭ غېمىنى ھېس قىلىپ بولالمايدىكەن، باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلاپ باقىدىكەن، لېكىن يەنىلا شۇ ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدىكەن...
يېزىقچىلىقتىن ئانچە خەۋىرىم يوق، لېكىن رومان، پوۋېسىت ئوقۇغىلى ئامراق...ئۆزۈمنى چاغلىماي بۈگۈن ئازاراق بىر نەرسە يېزىپ باققۇم كەلدى، بەلكى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئازراق بولسىمۇ يېنىكلەپ قالارمەن. تورداشلارنىڭ ئىلمىي پىكىر قىلىشنى، ھۆرمەتلىك، ئەزىز باشقۇرغۇچىلارنىڭ تاققا-تۇققۇكەن دەپ ئويلىماي تەستىقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىنساپ
يېقىندىن بۇرۇن شۇنداق گەپلەرنى تۇلا ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدىم. ئاڭلاپ بولۇپ كۆڭلۈم غەش بولىدۇ. گەپنى ئۆزۈم ئىشلەيدىغان يەردىن باشلاي. (خەقلەرنىڭ ئەيىپىنى ئېچىش، ياكى باشقا مەقسىتىم يوق. تورداشلارنىڭ ئويلىنىپ بېقشىنى ئۈمىد قىلىمەن.)
بىزنىڭ دوختۇرخانىدا شۇنداق ئىشلار بولىۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى، بىر ياش ئەر-خوتۇنلار تەكشۈرتكىلى كەپتۇ. ئايالىنىڭ ئاي كۈنى توشۇپ، توغماقچى بوپتۇ. تۇغۇتى قىيىن بولۇپ قېلىپ، ئوپراتسىيىگە چۈشۈپتۇ. ئوپراتسىيىگىمۇ خېلى پۇل كېتىپتۇ. ئاۋۇ ئەرنىڭ بەش مىڭ يۈەن ئوپراتسىيە پۇلىنى تۆلىگىدەك ھالى يوقكەن. ئايالىنىڭ تۇغۇشىنى بىلىدۇ بىراق. شۇ ئارلىققىچە دوختۇرخانىدا ياتسا پۇل كېتىدۇ دېگەننى ئويلىمىغان ئوخشايدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يېزىدىن كەلگەن، شەھەردە ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرغانلار ئىكەن. كېيىن دوختۇرخانىغا تۆلەيدىغان پۇل يوق بۇپتۇ. شۇ ئارلىقتا بالىغا ئىنتىزار ئەر-خوتۇنلار چىقىپ ئۇ بالىنى بېقىۋالماقچى بۇپتۇ. لېكىن باھاسىدا كېلىشەلمەپتۇ. ئۇلار تۆت مىڭ كوي بېرەيلى دەپتۇ. تۆت مىڭ كوي دوختۇرخانىغا تۆلەيدىغانغا يەتمەيدۇ...ئارلىقتا يەنە بىر خەن يولداشمۇ چىقىپتۇ. ئالتە مىڭنى مەن بېرەي دەپ بوۋاقنى ئېلىپ كېتىپتۇ. تورداشلار بۇ يەرگە كەلگەندە چوقۇم ئاچچىقڭلار كەلدىغۇ دەيمەن. مەن بۇ گەپنى كېيىن ئاڭلاپتىمەن. لېكىن نەچچە كۈنگىچە بەك بىئارام بولدۇم. بىچارە بوۋاق، ئەمدى ئۇيغۇر ئەمەس. ئاۋۇ ئاتا-ئانىلارنى تىللايدىغانغا گەپ تاپالمىدىم. تەبىئەتتىكى ھىچ قانداق بىر جانلىق مەنچە بۇنداق قىلمايدۇ. لېكىن ماۋۇ ئۇيغۇر ئادەم شۇنداق قىپتۇ.
ئىنساپ
پات-پات دوختۇرخانىمىزنىڭ تېلېفونىغا تېلېفون كېلەتتى. بەزىدە ئاياللار، بەزىدە چوڭىراق ئەرلەر ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا سۆزلەيتتى. ئايالىم بىلەن توي قىلغىلى مانچىلىك بولدى، لېكىن ھازىرغىچە بالىمىز يوق. يېشىمىز چوڭىيىپ كېتىپ بارىدۇ، شۇڭا بالا بولسا بېقىۋالايلى دەپ...مەنمۇ ئىرىنمەي ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ، شۇنداق بىرەر بوۋاق چىقىپ قالسا خەۋەر قىلىمەن دەپ تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ قوياتتىم.
بىر كۈنى ئولتۇرسام، بىر 30 ياشلاردا بار بىر ئايال تېلېفون قىپتۇ. مېنىڭ ئىككى قىزىم بار ئىدى، بۇ قېتىم قورساق كۆتۈرۈپ يەنە بىر قىز تۇغدۇم. قىزىم 50 كۈنلۈك بولدى، باقىدىغانلار بولسا بېقىۋالغىلى بېرەي دەپ. باشتا ئاچچىقىم كەلدى. باقىدىغان ئادەم يوق دېدىم. لېكىن بىر نەچچەيلەن تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويغان. ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىشنى ئويلاپ ئۇلارغا تېلېفون قىلدىم. ئۇلارمۇ خوشال بولۇپ شۇنچە يىراق يەردىن كەلدى. لېكىن، ئاۋۇ بالىنى ساتىدىغان، ئالدىغان ئاتا-ئانىلار پۇلدا كېلىشەلمەپتۇ. ۋاي توۋا، ۋاي يۈركۈم...
قىز بوۋاقنىڭ ئاپىسى يەنە تېلېفون ئۇردى. يەنە بىر تونۇشۇم بالىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بەك خوش بولۇپ كەتتى. تېلېفون نومۇرىنى دەپ بەردىم. ئۆزلىرى ئالاقىلىشىپ بېقىۋاپتۇ. قىلغان ئىشىم خاتامۇ، توغرىمۇ بىلمەيمەن. ماڭا قىلچىلىك پايدىسى يوق، قىلچىلىك مۇناسىۋىتى يوق. بىرسى بالىدىن بىزار، يەنە بىرسى بالىغا ئىنتىزار ئىكەن...
ئىنساپ
بۈگۈن بىر ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلدى. سۆيۈملۈك، قەدىران دادىسى بالىنى تېپىپ قويۇپ، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىپتۇ. ئانا بالىنى توغۇپ خەققە بېرىۋەتتى. بۇلارنى ھىچنىمە دېيىشنى بىلمىدىم. پەقەتلا ئىسسىت دېگۈم كېلىۋاتىدۇ.
ئىنساپ
ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا بىر قىز بوۋاق تۇغۇلدى...ئاتا-ئانىسى بالىنى تاشلاپ قويۇپ، يوقاپ كەتتى. بالىنى خەن يولداش بېقىۋالىمىز دەپتۇ...لېكىن خىزمەتداشلار ھازىرچە بولمايدۇ دەپ تۇسۇپ قالدى. ئىسىست...
بۇ ئاتا-ئانىلار نېمە قىلۋاتىدۇ...يۈرىكىدىن چىققان شۇ پەرزەنتلىرىنى سېتىۋاتىدۇ. ئەسكى يىرتىلىپ كەتكەن كىيىمنى تاشلىۋەتكەندەك خاتىرجەم ھالدا تاشلاپ كېتىۋاتىدۇ. مەنمۇ بىر ئانا، بالىنى دادىسى بېقىشنى تەلەپ قىلغاندا راست گەپ قىلسام چىدىمىدىم، ئۆزىنىڭ دادىسى دېگەننى ئويلىماي، ناتۇنۇش خەقلەرگە بېرىۋىتىدىغاندەك، مەڭگۈ كۆرەلمەيدىغاندەك يۈرىكىم بەك ئاغرىدى. ئۆزىنىڭ دادىسى چوقۇم ياخشى باقىدۇ دەيدۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ دادىسى بولسىمۇ بەرگىم كەلمىدى، نېمە بولۇپ كەتسەم ئالدىمدا تۇرسۇن دېدىم...
مۇككەممەل ئىش بولمايدۇ، بەزى نەرسىلەر تەغدىرىمىزگە پۈتۈلۈپ كەتكەنمۇ، ئۆزگەرتىكى بولمايدىكەن.
ھەممە ئىنساننىڭ يۈرىكى قىزىل گۆش، لېكىن ئوخشىمايدىغان گۆشلەردىن بولسا كېرەك.
بۇ قانداق ئاتا-ئانىلار، قانداق ئىنسانلار؟
كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى ئىپادىلەشكە بارماقلىرىم ئاجىزلىق قىلىپ قالدى. بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ئاغرىدى، شۇلار قىلىشقا قانداقمۇ جۈرئەت قىلغاندۇ... شۇلارنىڭمۇ ئاغرىغانمىدۇ...
ئىنساپ
سوتتا ئىشلەيدىغان بىر دوستۇم بۇلدىغان، شۇنداق گەپلەرنى قىلىپ بېرىدۇ. بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەرلىرىمىز بالىنى تاپقان بىلەن لېكىن ئىگە بولمايدىغان...بالىنى بېقىش پۇلىنى بەرمەيدۇ دەپ ئەرز قىلغانلىرى بەك كۆپ. يېزىلاردىمۇ شۇنداق جىق، شەھەردىمۇ بار.
شۇ بىچار ئانىلار، ئانىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىنى بېقىش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەيدۇ، لېكىن ئاۋۇ مۇناپىق ئەر ئايدا بېرىدىغان 150 كوينى پۇلنىمۇ بەرمەيدۇ. پوققا ئەسقەتمايدىغان دوسلىرىنى مىھمان قىلدۇكى، لېكىن شۇ يۈرەك پارىلىرىغا 150 كوي بەرمەيدۇ. توۋا...بۇنداق مىساللار نۇرغۇن. لېكىن ماۋۇ خەن يولداشلارنىڭ ئىچىدە بۇنداق ئىشلار بەك ئازكەن.
ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ھەممىسى بۇنداق ئەمەس، مەنمۇ ئوبدان بىلىمەن. لېكىن ناچارلىرىمۇ ئاز ئەمەسكەن.
شۇ پەسكەش ئىشلار شۇ پۇلنىڭ دەستىدىنغۇ، پۇلنى تاپقىلى بولاتتى. لېكىن ئۇنىڭدىنمۇ مۇيىم نەرسىلەنى ئاللىبۇرۇن يۈتتۈرۈپ قويغانلار بەك جىقكەن. ئىسىت... ئادەم.
ئىنسانلار ئىنساپ، ئىنساپ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulfay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-1 08:34 PM