|
|
|
|
2012-يىلى 10-ئايدا كۆزنەك8 رەسمىي تارقىتىلغاندىن بۇيان جۇڭگو قۇرۇقلىقىدىكى باھاسى ئىزچىل 248 سوم ئىدى،2013-يىلى 2-ئاينىڭ 1- كۈندىن باشلاپ كۆزنەك8 نىڭ كەسپىي نۇسخىسى ئېتىۋار بېرىشى باھاسى 248 سومدىن بىراقلا 700% ئۆرلەپ 1998 سومغا ئۆرلىدى،مىكرو سوڧت ئورگان تەرەپنىڭ دىيىشىچە،بۇ باھا ئۆرلىتىش بولماستىن ئېتىۋار پائالىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىپ ئەسلىدىكى باھاسىغا تەڭشەلگەنلىكى دىدى.كۆزنەك8 رەسمىي تارقىتىلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە جەمئىي60مىليۇن پارچە سېتىلغان.
بۇ قېتىم كۆزنەك8 رەسمىي تارقىتىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۇيغۇرسوڧت شېركىتىنىڭ زور تىرىشىشى ئارقىسىدا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى تارقاتقان ئىدى،بۇ قېتىمقى مەشغۇلات سېستىمىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا قاتتىق زىلزىلە پەيدا قىلدى،كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار زور قىزغىنلىق بىلەن كۆزنەك 8 نىڭ ئەسلى نۇسخىسنى سېتىۋېلىشتى،لېكىن بۇ قېتىم دېسكا ھالەتتە تارقىتىلماي توردىن سېتىۋېلىشى ۋاستىسى قوللانغانلىقتىن كۆپ ساندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا سېتىۋېلىش جەھەتتە زور قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى.بۇ قېتىمقى تەڭشەلگەن باھا كۆزنەك8 مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملىشىشغا تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uighurmed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-1 03:13 PM
|
|
|
|
|
|