مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6945|ئىنكاس: 48

ئۈرۈمچىدە يەنە بىر خەيرىلىك ئىش بولدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 39
مۇنبەر پۇلى : 16365
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7683 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 02:13:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «نەزەر» پىروگراممىسىنىڭ 600 سان ئىشلەنگەنلىكى تەبرىك پائالىيىتى 30-يانۋار چۈشتىن كېيىن دۆڭكۆۋرۈك تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى . پائالىيەتكە جامائەت ئەربابلىرى ، ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار ، مېھرىبان ئانىلار كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى، ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم كارخانىچىلار ھەمدە ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى .



ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «نەزەر» پىروگراممىسى 2000-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى رەسمىي ھالدا كۆرسىتىلگەن بولۇپ ، پروگرامما يولغا قويۇلغان 12 يىلدىن بۇيان ، «نەزەر» نىڭ ئىزلىرى تارىم بويلىرى ، بىپايان تەكلىماكاندىكى توغراقلىقلار ، تارىم بوستانلىقىدىكى توغراق كەبى قايناق تۇرمۇش قاينىمىغا شۇڭغۇپ ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي دەرۋازىسى بولغان قونجىراپ ئېغىزىغىچە يېتىپ باردى . كەڭ تەبىئەت قوينىدىكى تەبىئىي ئىنسانىي مۇھەببەتكە تولغان ئىللىق چىرايلار «نەزەر» نىڭ نىشانى بولدى ، شۇنداقلا «نەزەر» ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ ، ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنىڭ نەق مەيداندىكى گۇۋاھچىسىغا ئايلىنىپ ، جەمئىيىتىمىزدە مېھر-مۇھەببەتنىڭ كەڭ تارقىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى .


ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «نەزەر» پىروگراممىسىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى ئەخمەت ئەيسا تەڭرىقۇت مۇنداق دېدى: « نەزەر » پىروگراممىسىنىڭ 600 سان ئىشلەنگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيىتىمىزگە قاتناشقان ، بىزنى يېقىندىن قوللىغان بارلىق مېھمانلارغا ، جۈملىدىن ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار، مېھرىبان ئانىلار كوللېكتىپىغا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق كارخانىچى دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . ھەر قايسى تاراتقۇلار ئوتتۇرىسىدا رىقابەت كەسكىن بولۇۋاتقان مانا مۇشۇنداق پەيتتە بىز «نەزەر» پىروگراممىسىدىكى بارلىق خادىملار بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئورتاق تىرىشىپ ، تېخىمۇ يېڭى ، نادىر سەھىپىلىرىمىز بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

بۈگۈنكى مۇراسىم نۇقۇل ھالدا نەزەر پىروگراممىسىنىڭ 600 سانىنى تەبرىكلەشلا بولماستىن بەلكى ساخاۋەتلىك بىر پائالىيەت بولدى،پائالىيەتتە نادىر ، سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇندالغاندىن باشقا ، خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىدىكى ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 2 ياشلىق قىزچاق گۈزەلنۇر مۇھەممەتئۇرايىمغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، داڭلىق خەتتات ۋە رەسساملىرىمىزدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم كۆك ، قاينام جاپپار ، ئابلېكىم جەۋلانى ، كامىلجان ئابدۇشۈكۈر قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىپ، نەق مەيداندا 71مىڭ 600 يۈەن پۇل يىغىلدى . بۇ ھاياجانلىق مىنۇتلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈۋاتقان مېھمانلارمۇ 7000 يۈەن پۇلنى يىغىش قىلىپ جەمئىي 78مىڭ 600 يۈەن پۇلنى گۈزەلنۇرنىڭ ئاپىسىغا بەردى .

مۇراسىم ئۆمەرجان ئالىمنىڭ ناخشىسى ئارقىلىق باشلاندى،ئارقىدىنلا ئابدۇقادىر جالالىددىن تاراتقۇ ۋە نەزەر پىروگراممىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى،كارخانىچىلارغا ۋاكالىتەن شانئال كارخانىچىلارنى تەربىيلەش مەركىزىنىڭ دېرىكتورى سۆز قىلدى ۋە نەزەر پىروگراممىسىا يۈكسەك ئۇتۇقلارنى تېلىدى .شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئاخبارات تارقىتىش ئىنىستۇتىنىڭ دوسسىنتى بەختىيار مۇئەللىم نەزەر پىروگراممىسى ۋە ئاخبارات كەسپىي توغۇرلۇق مۇھىم سۆز قىلدى.ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىۋىنىڭ مەسلىھەتچىسى مۇختار بۇغرا، تىجارەتچى تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم ،ئاخباراتچى ئابدۈشكۈر  قاتارلىقلار نەزەر پىروگراممىسىغا چىن قەلبىدىن مىننەتتارلىقىنى بىلدۈردى.مۇراسىم ساخاۋەتچى ئاتىلار ۋە مېھرىبان ئانىلار كوللىكتىۋىنىڭ نەزەر پىروگراممىسىغا ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلىشى بىلەن ئاياقلاشتى .

مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر تۆۋەندىكىچە :






















































































رەسىملەرنى ئانا تۇپراق تورىدىن مەمتىمىن ئابدۇۋېلى تەييارلىغان



مىسرانىم تور بېكىتى
2013- يىلى 1- ئاينىڭ 31- كۈنى



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90296
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 329
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2013-1-19
ئاخىرقى: 2013-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 03:01:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا مۇشۇنداق ھەقىقى ئىشلار ،ھەقىقى ياردەملەر نىڭ تىخىمۇ كوپلەپ مەيدانغا چىقىپ مىھرىبان ، ئق كوڭۈل خەلقىمىزنىڭ     قىيىنچىلىق، ئىلاجسىزلىق ئالدىدا مۇزلىغان يۈرەكلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پالىيىتىنىڭ دائىم ئىلىپ بىرىلىپ ، بىر قىسىم كىشىلەردىكى ئادىمىلىك، ئەخلاق ئىڭىنىڭ ئويغۇنۇشىغا كۈچ قوشۇشىغا تىلەكداشمەن.

ئوۋچىنىڭ قۇرالى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6238
يازما سانى: 398
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8403
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 2844 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 03:02:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆرۈنۈشتە شۇنداق ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت ......بۇ مەنزىرنىڭ كۆرگىنىمدەك كۆزۈم ماڭا ئىيتقىنىدەك بولۇشىنى ئەقلىم دىگەن ئۇ گەپلەرنىڭ گۇمان بوپ قىلىشىنى ئۈمۈت قىلمەن .ئھ ئاللاھ بىزگە ھىدايەت ئاتا قىلغايلا.

ئەقىل بىرلە زىمىنغا باق، دەمسەن سوئالىمغا ياق.
jarulla77 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 03:08:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32266
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3415 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 04:10:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ دىلىنى ساخاۋەت نۇرىدا يورۇتقاي.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87194
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 710
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 773 سائەت
تىزىم: 2012-11-14
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 06:59:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساخاۋەتلىك ئىشلار تىخىمۇ كۆپىيىشىنى ئۈمىد  قىلىمەن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75090
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3030
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 09:32:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماشئاللاھ، كۆز تەگمىسۇن ئاللاھ نەزەرلەردىن ساقلىسۇن. ئاللاھ بىزلەرنى مىڭلىغان يامان كۆزلەرگە ئۇچراشتۇرسىمۇ بۇنىڭدىن نەچچە ئونمىڭلىغان ياخشى نىيەتلەرنى باغلاشتۇرۇپ، كۆڭۈللەرنى كۆڭۈللەردىن سۇ ئىچكۈزگىلى نىسىپ قىلسۇن. ۋەتەندىكى بۇنداق خەيرىلىك خەۋەرلەرنى ھەر كۆرگىنىمدە شۇنداق سۆيىنىمەن. بارىكاللاھ قېرىنداشلار، ھارمىغايسىلەر. ئاللاھ خالىسا بىر كۈنلەردە ئاراڭلاردا بولۇش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشقۇسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72043
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3819
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 171 سائەت
تىزىم: 2011-12-26
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 09:35:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەيىر - ساخاۋەت ئىشلىرى كۈندىن كۈن - كۈنگە داۋاملاشقۇسى .......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6216
يازما سانى: 824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12200
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 2471 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 09:53:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەيرىلىك ئىشلار كۈندىن كۈنگە راۋاجلانسۇن ```ئاللا ئىشلىرىمىزغا ئاسانچىلىق بەرسۇن ```

ئۇلۇغ ئاللا ھەر بىر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !!!!

ماخمۇتجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87588
يازما سانى: 518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2013-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 09:54:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپمۇ  ياخشى  ئىش بوپتۇ .ئاللاھ بۇ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ  ئىشلىرىنى  ئوڭ  قىلسۇن.

ئىنساندىكى ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر،ھاياسىز يۈز جانسىز جەسسەتكە ئوخشايدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش