نەزىر قىلىش ئۆرپ-ئادىتىمىز يوقۇلۇپ كەتمىسۇن
ئەزىز ھېيت كۈن
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: [6 o. c( n- C; T) ~( J
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 |, t F6 |0 u1 O ئۇيغۇرلار 2000 يىلدىن ئۇزۇن تارىخقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان قەدىمىيلىق يىلتىزى بار ئۇلۇغ مىللەت.ئۇيغۇرلار يىراق قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىگە خاس مىللى ئۆرپ-ئادەت،قائىدە-يوسۇنلارنى بارلىققا كەلتۈر ۈپ،مۇققەدەس ئەنئەنە سۈپىتىدە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ،بۈگۈنكى دەۋىرگە ئۇلاشقان.1990-يىللىرى مەرھۇم ئالىم،تەتقىقاتچى ئابدۇرھىم ھېبىبۇللانىڭ «ئۇيغۇر ئېتنوگىراپىيىسى» ناملىق كىتاپى نەشىر قىلىنغان بولۇپ يېقىنقى بىر قانچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى،قائىدە-يوسۇنلىرى ھەققىدە نەشىر قىلىنغان كىتاپ،ماتىرياللار،ژورناللاردا ۋە تور مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەر كۆپىيىشكە يۈزلەنمەكتە.شۇ كىتاپ ۋە ماقالىلەردە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە قائىدە-يوسۇنلىرى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان ،ئەھمىيىتى قايىل قىلار لىق ھالدا بايان قىلىپ بېرىلگەن بولغاچقا ئۆرپ-ئادىتىمىز ۋە قائىدە-يوسۇنلىرىمىز ھەققىدە تەپسىلى توختال مايمەن.ئەمما ھازىر زامانىۋى تۇرمۇش رىتىمىنىڭ خىرىسغا دۇچ كېلىپ يوقىلىش خەۋپىگە يۈزلىنىۋاتقان موھىم بىر ئۆرپ-ئادىتىمىز-نەزىر ئۆتكۈزۈش ئادىتىمىزنىڭ ئىنتايىن موھىم ئىكەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىيزەمنى ئوتتۇرغا قويىمەن.
ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەت،قائىدە-يوسۇنلىرىنىڭ 2000 يىلدىن بۇيان يوقالماي كېلىشىدىكى سىر ئۇنىڭ ئادى مىيلىكنى ئوچۇق ئېيتقاندا ئادىمىيلىكتىكى ئىنسان باراۋەرلىكىنى،ئىنساننى ئۇلۇغلاشنى يادرۇلۇق مەزمۇن قىل غانلىقىدا.بىز ھەر خىل يىغىلىش،مەرىكە،ھېيت-بايرام،نەزىر-چىراق ،توي-تۆكۈن،بەزمە-مەشرەپلىرىمىزدە مىللى تىمىزنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئىنساننى بارەۋەرلىكنى ئەڭ گەۋدىلەندۈردىغانلىقىنى،ئەمەلدار-پۇقرا،باي-كەمبى غەل،بېجىرىم-مېيىپ،ئەر-ئايال،چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماي ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنى ئوخشاش ھۆر مەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز ھەم ئۇنىڭغا قاتنىشىپ كېلىۋاتىمىز.شۇ ئادەت يىراق قەدىمدىلا ئەجدا دلىرىمىز تەرپىدىن بارلىققا كەلگەن.
پەقەت نەزىر بېرىش ئۆرپ-ئادىتىمىزنىلا ئالىدىغان بولساق بۇنىڭدىن 2300 يىل ئىلگىركى دەۋىرلەردىن يەنى ھون دەۋرىدىن باشلاپ ئەجدادلىرىمىزدا نەزىر-چىراق مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش،قەبرىستانلىقنى يوقلاش،ئاتا-ئانا،ئەجداد روھىغا تاۋاپ قىلىش ئادىتى بولغانلىقىنى ئارخىلوگىيلىك ماددى پاكىتلاردىن ۋە تارىخى ماتىريال لاردىن كۆرەلەيمىز. ئۇيغۇرلار شامان دىننى،مانى دىننى ،بۇددا دىننى قاتارلىق ئىسلام دىن بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىركى دىنلارغا ئېتقاد قىلغان دەۋىرلەردىمۇ يۇقۇرقى نەزىر-چىراق مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش،قەبرىستانلىقنى يوقلاش،ئاتا-ئانا،ئەجداد روھىغا تاۋاپ قىلىش ئادىتىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن.ئىسلام دىن ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدە 932-يىلدىن 1500-يىلغىچە بولغان ئاز كەم 600 يىل ۋاقىت تارىلىش ۋە ئومۇملىشىش داۋامىدا ئۇيغۇرلار نەزىر ئۆتكۈزۈش،قەبرە يوقلاش،ئەجدادلىرىنىڭ روھىغا تاۋاپ قىلىش ئەنئەنىسىنى ئىسلام دىن مەزمۇنى بىلەن بېيىتىپ بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.ھازىرمۇ نەزىر بېرىش،تۇپراق بېشى-قەبرستانلىقنى يوقلاش،ئەجدادلار روھىغا تاۋاپ قىلىش ئادەتلىرىمىز مۇتلەق كۆپ ئۇيغۇر كىشىلىرى تەرپىدىن مۇققەدەس قائىدە سۈپىتىدە ئورۇنلىنىپ كەلمەكتە.لېكىن زامانىۋىيلىقنىڭ،زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە باشقا ھەرخىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدە بىر قىسىم كىشىلىرىمىز نەزىر بېرىش،قەبرە يوقلاش،ئەجدادلارغا چوقۇنۇشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئە نىمىزنى خۇراپاتلىق،قالاقلىق،بىھۇدە ئىش دەپ قاراپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن نەزىر بېرىش ،داۋاملىق قەبرىسىنى يوقلاش،روھىغا تاۋاپ قىلىش ئىشىنى ئەملدىن قالدۇرۇشقا يۈزلەنمەكتە.
نەزىر بېرىش مەخسۇس ئىقتىسادىي ئاڭ ۋە ۋاقىت قىممىتى نەزىرى بويىچە قارىغاندا ھەققىقەتەن پۇلنى ئىس راپ قىلغانلىقتەك ۋە كىشىلەرنىڭ،جامائەتنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلغانلىقتەك تۇيىلىدۇ. لېكىن مىللەت نوقتىسىدىن ئۆزىنىڭ قايسى مىللەتنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى نوقتىسىدىن،مىللى ئورپ-ئادەت نوقتىسىدىن ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ 2000 يىللىق تارىخىغا يۈز كېلىش نوقتىسىدىن،كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يۈز كېلىش نوقتىسىدىن،كونكىرتلىقتا-ئاي رىملىقتا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئەتىۋارىنى قىلىپ،مەرھۇمنى جامائەت ئەسلەش،سېغىنىش نوقتىسىدىن قارىغاندا نەزەر بېرىش ناھىيىتى ئۇلۇغ ئىش! باشقا مەىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى قانداق بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئىشى!لېكىن بىز ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت دۇنياغا كۆز ئېچىپ 3 كۈنلۈك بولغاندا ئات-ئىسىم قويۇش مۇراسىمىنى،40 كۈنلۈك بولغاندا بۈشۈك توي ئۆتكۈزۈپ تەبرىكلەش،ئادەم تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھاياتنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا ئەتىۋارىنى،ھۆرمىتىنى قىلىش،ۋاپات بولغاندا مېيىتىنى قائىدە بويىچە ئۇزىتىش،يىغا-زارە داۋرىڭى سالماسلىق، ئۈچ،يەتتە،قىرىق،يىل نەزىرىنى بېرىش...ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ياخشى ئەنئەنە.بىر ئادەم ۋاپات بولۇپ ئۈچ،يەتتە،قىرىق،يىل نەزىرلىرى بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن كىشىلەر تەرپىدىن ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. ۋاپات بولغۇچى باي ياكى كەمبىغەل ۋەياكى ئەمەلدار ياكى پۇقرا بولسۇن پەرزەنتلىرى،يېقىن تۇققانلىرى ئاۋارى چىلىقتىن،جاپادىن،ئىقتىسادىي چىقىمدىن قاچماي چوقۇم نورمال دەرىجىدە نەزىر بېرىشى كېرەك.بولۇپمۇ 12 ياشتىن توقسان ياشقىچە بولغان كىشىلەر ۋاپات بولغاندا چوقۇم نەزىر بېرىش كېرەك.ئۇنداق بولمايدىكەن قۇشقاچ ئۆلدىمۇ ياكى ئادەم ئۆلدىمۇ،بىرباش چامغۇر قەبرىگە قويۇلدىمۇ ياكى بىر ئادەمنىڭ مېيىتى قويۇلدىمۇ ؟پەرقى بولماي قالىدۇ.مەن ئونيىل ئىلگىرى چەتئەلدىكى تەرەققى قىلغان بىر مۇسۇلمان دۆلىتىدە نەزىرگە قات ناشقۇچىلارغا نەزىر بەرگۈچى نەزىرگە قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىپ-كېتىش كىرا ھەققى يەنە نەزىرگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئاجراتقان ۋاقتىنىڭمۇ ھەققىنى نەزىر باغىقى سېلىنغان كونۋېرتقا سېلىپ ئەۋەتىپ بېرىدىكەن.قىسقىسى پۇل تۆلەپ كىشىلەرنى نەزىرگە قاتناشتۇردىكەن ! دېگەن گەپنى ئاڭلىغان ئىدىم.ناۋادا ھەممە ئادەم شەخ سىيەتچى،پۇلپەرەس بولۇپ،ئۆرپ-ئادەت،قائىدە-يوسۇننى چۆرۈپ تاشلىسا ئادىمىيلىكتىن يىراقلاپ كېتىدۇ. كەلگۈسىدە بىر ئۇيغۇر ئۆلسە مېيىتىنى قەبرىگە ئاپىرىدىغان ئادەم چىقمايدۇ! بىز ئۇيغۇرلاردا بۇرۇندا «بىر ئادەم ۋاپات بولسا ئۈچكۈنلۈك يەر بولسىمۇ بارماق بار» دېگەن ئېسىل ھېكمەت بار ئىدى.ھەم تۇرمۇشمۇ شۇنداق ئىدى.ھازىر بولسا بىر مەھەللىدە بىر چەتتە مۇسىبەت بولىۋاتسا يەنە بىر چەتتە توي قاينايدىغان ئىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى.ئەسلى گەپكە كەلسەك نەزىر بېرىش ئۆرپ-ئادىتىمىز يوقاپ كەتمىسۇن.ئاتا-ئانا پەرزەنت دېگەننى بىكارغا تۇغمايدۇ ۋە باقمايدۇ بەلكى ھېچ بولمىغاندا ئۆلۈپ كەتسەك قائىدە بويىچە دەپنە قىلارمەنكىن،ئەل قاتارى جامائەتكە نەزىرىمىزنى بېرېەرمىكىن،قەبرىمىزنى ھەر پەيشەنبىدە يوقلاپ روھىمىزغا تىلاۋەت قىلارمىكىن دەپ تۇغىدۇ ۋە باقىدۇ.ئاتا-ئانىسىنىڭ شۇ كىچىك ئۈمىدىنى ئاقلىيالمىغان پەرزەنتنى ئادەم دىگىلى بولامدۇ؟
دەرۋەقە بەزى جايلاردا بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ نەزىرگە ئاتىغان پۇلنى مەسچىتكە،مەكتەپكە،ياكى تۈرلۈك خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ھەدىيە قىلىۋىتىش خاتا ئىش ئەمەس.لېكىن مەسچىت،مەكتەپ ۋە تۈرلۈك خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا پۇل توپلاشنىڭمۇ ئۆز يولى بار.نەزىرگە ئاتىغان پۇلنى چوقۇم نەزىر بېرىشكە،ۋاپات بولغۇ چىنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزۇش،خاتىرجەم قىلىشقا ئىشلىتىش كېرەك.نەزىرگە ئاتىغان پۇلنى باشقا ئىشقا ھەدىيە قىلىشقا دەۋەت قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مىللەتكە،مىللەتنىڭ تارىخىغا،مىللى ئۆرپ-ئادەت،قائىدە-يوسۇنلىرىمىزغا ئاسىيلىق قىلغۇچى خائىن-مۇناپىققا ئايلانغانلىقىنى،كەلگۈسى ئەۋلادلار ئالدىدا كەچۈرگۈسىز گۇناھغا پاتقۇچىلار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى زۈرۈر.مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى چىن نىيەت،چىن قەلبىمىز بىلەن ھەممىمىز بىرلىكتە قوغدايلى.2000 يىل بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھىمۇ بىزدىن خۇش بولسۇن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alpamix:aziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-1 01:49 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 J* m4 ~% N; X) q% D" U. r' A
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) z! H) `' j7 A: e$ Z! V