كۆزلىرىم سېنىڭ ماڭا ئىلتىجالىق بىلەن تىكىلىپ تۇرغان ،ئىشق ئوتىدا ئوت بولۇپ يانغان كۆزلىرىڭ بىلەن ئۇچراشتى، سەن ماڭا سۆيگۈ كۆزلىرىڭ بىلەن ئۈمىدلىك قاراپ ،مەندىن سۆيگۈ تەلەپ قىلىۋاتاتتىڭ......! ئۈمىد بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىڭگە قاراپ ،ئىختىيارسىزلا يىغا ياماشتى كۆزلىرىمگە،بىلسەڭ بۇ ئۆز سۆيگۈسىىنى كۆڭۈل پىنھانلىرىدا ساقلاپ،ئازابتا تولغىنىۋاتقان،سۆيگۈ ۋەسلىگە يېتەلمەي ئاھلىق ئىڭراۋاتقان ،ساڭا ئەمەس بەلكىم باشقا بىرىگە مەجنۇنلارچە كۆيگەن بىر ئاشىقنىڭ يىغىسى ئىدى! توۋا دەيمەن بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىغا،سەن ماڭا ئاشىق بول،ماڭا سۆيگۈ كۆزلىرىڭ بىلەن تەلمۈر ،مەن باشقا بىرسىگە ئاشىق بولۇپ ئۇنىڭ ئىشقىدا زار –زار يىغلاي...! توۋا دەيمەن جاھاننىڭ تەتۈرلىكىگە....... شۇنداق بىر –بىرسىنىڭ ۋەسلىگە زار بولۇشلار، تەلمۈرۈشلەر، پىراقىدا ئاھ ئۇرۇشلار بولغاچقىلا سۆيگۈ شۇنداق سىرلىق، شۇنداق ئۇلۇغ، شۇنداق ئىنتىلىشچان بولامدىغاندۇ –يا......؟! بىلسەڭ...... مەنمۇ پۈتۈن ئىشقىمنى بېرىپ سۆيگەن ،لېكىن سۆيگۈ ۋەسلىڭگە يېتەلمەي، دىدارىغا زار بولۇپ ،كۈنلىرىمنى كۆز يېشىغا، ئازابلارغا ھەمراھ قىلىپ ئۆتكۈزىۋاتقان ئۈمىدلىك كۆزلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ سۆيگۈ تەلەپ قىلىۋاتقان يۈرىكى نىمجان بولغان بىر ئاشىق.......! ماڭا ئاشىقانە تىكىلگەن مۇڭ باسقان كۆزۈڭدىن مېنى قانچىلىق ياخشى كۆرۈپ قالغانلىنىقڭىنى ھېس قىلغان مۇشۇ دەمدە ،مېنىڭمۇ كۆزئالدىمىدىن ئۆز ئاشىقىمنىڭ بىر مىنۇتمۇ كەتمەيدىغانلىقىنى قايسى تىلىم بىلەن بايان قىلاي ساڭا ، تەشنالىقىمنى قايسى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەي .....!
سەن بىلمەيسەن شۇنى. سەن ھەر مىنۇت ،ھەر سىكۇنىت مەن بىلەن پاراڭلىشىشنى، مەن بىلەن كۆرۈشىشنى ئىستەيدىغىنىڭنى كۆزلىرىڭ بىلەن ماڭا بايان ئەيلىگىنىڭدە ،مەنمۇ كۆڭلۈمدە ھەر مىنۇت،ھەر سېكنۇت،ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرۈشنى ،ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشىپ، ئاۋازىنى ئاڭلاپ مىسكىن دىلىمغا شىپا تېپىشنى ئىستەيدىغىنىمنى....! بولدى ،ئۆتىنەي سەندىن! ماڭا سۆيگۈ كۆزلىرىڭنى ئىلتىجالىق بىلەن تىكمە،مەندىن سۆيگۈ تىلىمە....!ئۆزۈممۇ سۆيگۈ چۆلىدە لەۋلىرىم چاك –چاك يېرىلغان بىر بىچارە نىمجان تۇرسام،ساڭا قانداقمۇ سۆيگۈ بېرەلەي....!ئۆتىنەي سەندىن،مەندىن سۆيگۈ تەلەپ قىلما ...!
سەن بىر ئاشىق ،مەنمۇ ھەم شۇنداق، سەن ماڭا كۆيگەن،مەنمۇ باشقىغا. بەندىنىڭ ئۆزگەرتىشكە يوقتۇر ئامالى، ياراتقان ئىگەم سالغان ئىشققا.
سۆيگۈ چۆلىدە تېنەپ –تەمتىرەپ، سەنمۇ،مەنمۇ يۈردۇق تەلمۈرۈپ. سۆيگۈ كۆزۈڭدە باقما،تەلمۈرمە، سۆيگۈڭ ماڭا ئەمەستۇر مەنسۇپ.
مەنبە : ئۆز قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-1 12:16 AM
|