|
|
|
|
كارتون فىلىم «مۈشۈك بىلەن چاشقان»نىڭ تولۇق 140 ۋەقەلىك يىغىلغان توپلام
كۆپچىلىكنىڭ خەۋىرىدە بارمۇ يوق، بىلمىدىم. دۇنياغا داڭلىق كىنو فىلىم ئىشلەش شىركىتى MGM(فىلىملەرنىڭ بېشىدا بىر شىر ھۆكىرەپ چىقىدۇ) تېخى يېقىندا ئۆزىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىدى، يەنى 007 ئائىلىسىدىكى فىلىملەر ۋە بۈگۈن قەھرىمانىمىز Tom بىلەن Jerry نىڭ ماكانى يوق بولدى، گەرچە 007 نىڭ 23-يۈرۈش قىسمى كېلەر يىللىرى چىقىدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ، بىراق بىز بىلەن بىللە چوڭ بولغان بۇ ئامراق ئىككى بۇرادىرىمىز شۇندىن تارتىپ ئۆي-ماكانسىز قالدى، شۇنداقلا ئەمدى يېڭى نەشىرى چىقماسلىقى مۇمكىن. چوڭلاردىن تارتىپ بالىلارغىچە ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان بۇ دۇنياۋى كارتون «مۈشۈك بىلەن چاشقان» ھەر بىرىمىزنىڭ بالىلىقىمىزغا ھەمرا بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ھېلىھەم سېغىنىپ كۆرىدىغان بىر تۈرلۈك فىلىم بولۇپ بىزدىن كېيىنكىلەرنىڭ «ئاكا-ئۇكا شاتۇرلار»،«ھاماقەت كىچىك ئەۋلىيا»نى كۆرۈپ چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يەنىلا بۇ نادىر فىلىمدىن بىر يۈرۈش ساقلاپ قويۇشنى ۋە تورداشلارغا بىرلىكتە تەۋسىيە قىلىشنى لايىق تاپتىم.
پۈتۈن دۇنيادا كارتون فىلىم مۈشۈك بىلەن چاشقاننى بىلمەيدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. ئۇنى بالىلارلا ئەمەس، يەنە نۇرغۇنلىغان چوڭلارمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ. بۇ كارتون فىلىم 1940-يىلى 2-ئاينىڭ 10- كۈنى تۇنجى قويۇلغاندىن تا بۈگۈنگە قەدەر 70 يىل ۋاقىت ئۆتتى. بۇ جەرياندا ئۇنى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان كىشىلەر چوڭ ئادەملەرگە ئايلاندى، بەزىلىرى ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇ بىزنىڭ بالىلىق دەۋرىمىزگە ئۆزگىچە بىر تۈس قوشتى.
مۈشۈك بىلەن چاشقان(يەنە بىر نامى: تام ۋە جېررىي) بۈگۈنكە قەدەر، دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر كارتون فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى William Hanna ۋە Joseph Barbera ئامېرىكا ھوللىيۋود كارتون فىلىم ساھەسىدىكى داڭدار شەخسلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تۆۋەندە كۆپچىلىككە چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويۇشقا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم، «مۈشۈك بىلەن چاشقان» فىلىمىدىكى 140 دانە مۇكەممەل ۋەقەلىك تولۇق يىغىپ توپلانغان تەۋەرۈك نۇسخىسى بولۇپ، فىلىم ئەسلى ئېنگلىزچە ئاۋاز ۋە ئۈنۈمدە ۋە بىر قىسىم زۆرۈر ئورۇنلارغا خەنچە خەت كىرىشتۈرۈلگەن ھالەتتە ساقلانغان سۈزۈك نۇسخىسى. كومپيۇتېرىمىزدا ساقلىۋېلىپ ئىچىمىز پۇشقاندا ئۆزىمىز كۆرسەكمۇ ياكى ئوپتېك دېسكىغا ئويىۋېلىپ كېيىن بالىلىرىمىزغا قويۇپ بەرسەكمۇ ۋە ياكى سوۋغا سۈپىتىدە دوستلىرىمىزغا ۋە پەرزەنتلىرىگە تەقدىم ئېتىشتىمۇ ياخشى تاللاش بولالايدۇ دەپ قارايمەن. نېمىلا دېمىگەن بىلەن، بۇنىڭدەك يەنە بىر نادىر ئەسەرنىڭ چىقمىقى بەك تەس، شۇڭا تورداشلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ چۈشۈرىۋېلىشىنى ۋە باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
1-بۈلەك:http://uqkur.cn/viewfile.php?file_id=13147
2-بۈلەك:http://uqkur.cn/viewfile.php?file_id=13196
3-بۈلەك:http://uqkur.cn/viewfile.php?file_id=13128
4-بۈلەك:http://uqkur.cn/viewfile.php?file_id=13670
5-بۈلەك:http://uqkur.cn/viewfile.php?file_id=15634
6-بۈلەك:http://uqkur.cn/viewfile.php?file_id=15751
7-بۈلەك:http://uqkur.cn/viewfile.php?file_id=13053
8-بۈلەك:http://uqkur.cn/viewfile.php?file_id=11880
9-بۈلەك:http://uqkur.cn/viewfile.php?file_id=11727
10-بۈلەك:http://uqkur.cn/viewfile.php?file_id=11229
ھۆججەتنىڭ جەمئىي سىغىمى 3.38GB بولۇپ، ھەر بىر بۆلەك 400MB ئەتراپىدا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى RMVB شەكلىدە پرېسلىنىپ جەمئىي 10 بۆلەككە بۆلۈنگەن. نۆۋەتتىكى توردا تارقىلىپ يۈرگەن ئەڭ تولۇق ۋە ئېنىقلىقى يۇقىرى بىر نۇسخىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
فىلىم نامى: مۈشۈك بىلەن چاشقان
لاتىنچە نامى: Tom And Jerry
تارقىتىلغان ۋاقتى: 1965-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
تارقاتقان دۆلەت: ئامېرىكا
مۈشۈك بىلەن چاشقاننىڭ قىسقىچە تارىخى پۈتۈن دۇنيادا كارتون فىلىم مۈشۈك بىلەن چاشقاننى بىلمەيدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. ئۇنى بالىلارلا ئەمەس نۇرغۇنلىغان چوڭ ئادەملەرمۇ ياختۇرۇپ كۆرىدۇ. بۇ كارتون فىلىم 1940-يىلى 2-ئاينىڭ 10- كۈنى تۇنجى قويۇلغاندىن تا بۈگۈنگىچە يەتمىش يىل ۋاقىت ئۆتتى. بۇ جەرياندا ئۇنى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان كىشىلەر چوڭ ئادەملەرگە ئايلاندى بەزىلىرى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ بىزنىڭ بالىلىق دەۋرىمىزاگە ئۆزگىچە بىر تۈس قوشتى. تۆۋەندە ئۇنىڭ قىسقىچە تارىخى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيى.
مۈشۈك بىلەن چاشقاننىڭ ئەسلى ئىجادىيەتچىلىرى WilliamDanbyHanna ۋە JosephRolandBarbera دىن ئىبارەت ھوللىۋۇد تارىخىدىكى ئىككى رىۋايەت تۈسىنى ئالغان شەخىس. ئۇلار 30- يىللاردا ئامېركا ئىقتىساد كىرزىسىغا پاتقان مەزگىللەردە MGM كارتون ئىشلەش گۇرۇپپىسىدا بىللە ئىشلەيتتى. Barberaغا قارىغاندا Hanna بۇ شېركەتكە بۇرۇن كەلگەن ئىدى. 1938-يىلى ئۇ باشقا بىر خىزمەتدېشى بىلەن بىرگە Merrie Melodies ناملىق كارتون فىلىم بىلەن كارتون ساھەسىگە قەدەم قويغاندى.ئەمما مۈشۈك بىلەن چاشقان ئوبرازى ئەڭ بۇرۇن Barbera نىڭ تەسەۋۋۇرى بولۇپ ئەڭ دەسلەپ ئۇ ئىككى يۇمۇرىستىك، ھەزىلەشلەردەك ھەركەتلىرى كۈلكىلىك ئادەم ئوبرازىنى كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلەشنى ئويلىغانىدى. 1938- يىلى بۇ ئىككەيلەن تۇنجى قېتىم ھەمكارلىشىپ GallopinGals ناملىق كارتوننى ئىشلەپ چىقتى. كېيىنكى يىلى ئۇلار يەنە بىر قېتىم ھەمكارلىشىپ داڭلىق كارتون فىلىم "مۈشۈك بىلەن چاشقان"(Tom The cat and Jerry the mouse) نى بارلىققا كەلتۈردى. 1940-يىلى 2-ئاينىڭ10-كۈنى ئۇلار ئىشلىگەن بۇ 9مىنۇت 15سىكونتلۇق كارتون فىلىم قويۇلۇپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى ھەم پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن ئۆلمەس ئىككى ئوبرازنى بارلىققا كەلتۈردى.
مۈشۈك بىلەن چاشقاننىڭ يەتمىش يىللىق تارىخىنى ئاساسەن تۆۋەندىكى تۆت باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ: بارلىققا كېلىش باسقۇچى. 1940-يىلدىن1958-يىلغىچە.
بۇ باسقۇچ ئاساسلىغى كارتون فىلىمنىڭ بارلىققا كېلىش ھەمدە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش جەريانى بولۇپ، بۇ 18 يىل داۋامىدا كارتون فىلىمنىڭ ئىككى ئىجادىيەتچىسى بىرلىكتە مۈشۈك بىلەن چاشقاننى200 قىسىمدىن ئارتۇق ئىشلىدى.ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى يەتتە قېتىم ئوسكار مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈردى. كېيىن بۇئىككەيلەن كارتون بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىقىغا ئۆستۈرۈلدى.
ئىككىنچى باسقۇچ: قىيىنچىلىق باسقۇچى. 1958-يىلدىن1962-يىلىغىچە.
1957-يىلى MGM ھېچقانداق ئالدىن خەۋەر بەرمەيلا كارتون بۆلۈمىنى تارقىتىۋەتتى. Hanna بىلەن Barbera مۇ ئىشسىز قالدى. بۇ ئېھتىمال كارتون فىلىم ساھەسىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق كۈنلەر بولىشى مۇمكىن. شۇ چاغدا Hanna بىلەن Barbera تارىخى خارەكتېرلىك قاراردىن بىرنى چىقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ كارتون ئىجادىيىتىنى ئەينى زاماندا گۈللىنىۋاتقان يېڭى ئېقىم: تېلىۋىزوردا قويۇش نى قارار قىلدى. ئەمما ئۇ چاغلاردا تېلىۋىزور ئوموملاشمىغانلىغى شۇنداقلا ھەممە كىشى كېنو كۆرۈشكە ئادەتلەنگەنلىگى ئۈچۈن ئۇلار ئېرىشىدىغان ھەق ئانچە يۇقىرى ئەمەس ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى نەتىجىسىدە مۈشۈك بىلەن چاشقان تېلىۋىزوردا قويۇلغاندىن كېيىن، بارا-بارا نامى چىقىشقا باشلىدى. 1960-يىلغا كەلگەندە MGM ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئەخمىقانە بىر ئىش قىلىپ قويغانلىغىنى ھېس قىلىپ كارتون بۆلۈمىنى قايتا تەشكىللەپ مۈشۈك بىلەن چاشقاننى ئىشلەشكە باشلىدى. بىراق كارتون ئىشلىگۈچى Hanna بىلەن Barbera بولماستىن ئىلگىرى ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقان GeneDeitch ئىدى. ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 13 بۆلۈم كارتون ئىشلىدى، ئەمما ئۇ ئىشلىگەن مۈشۈك بىلەن چاشقان ئەسلىدىكى خاسلىقلىرىنى يوقاتقان بولۇپ، كۆرۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. مۈشۈك بىلەن چاشقانمۇ ئەسلىدىكى نام ئابرويىنى يوقاتتى.
ئۈچىنچى باسقۇچ: يوقىلىش دەۋرى. 1963-يىلدىن1967-يىلغىچە.
كارتوننىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى پەيدىنپەي تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ داڭلىق كارتون ئىشلەش بۆلۈملىرى ئارقا-ئارقىدىن تارقىتىۋېتىلدى، ئەمما MGM شېركىتى بۇ چاغدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، داڭلىق كارتون فىلىم ئىشلىگۈچى Chuck Jones نى تەكلىپ قىلىپ مۈشۈك بىلەن چاشقاننى داۋاملىق ئىشلەشكە باشلىدى. Chuck Jones مۈشۈك بىلەن چاشقاننىڭ قىياپىتىگە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئۇلارنىڭ خارەكتېرىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلەشنى قارار قىلدى. ئۇ مۈشۈك Tom غا توم قاش، يوغان قۇيرۇق سىزدى. Jerry نىڭ قۇلىقى ۋە كۆزلىرىنى ئەسلىدىكىدىن چوڭايتتى. فىلىمنىڭ باشلىنىش قىسمىدىكى شىرنىڭ ھۆركىرىگەن كۆرۈنىشىگىمۇ Tom نىڭ مىياڭلىغان كۆرىنىشىنى ئالماشتۇردى. ئۇنىڭ بۇ بىر قاتار ئۆزگەرتىشلىرى مۈشۈك بىلەن چاشقاننىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. بىراق ھەممە تىرىشچانلىقلار بۇ كارتون فىلىمنى ئەسلىدىكى نەتىجىلەرگە يېقىنلاشتۇرالمىدى Chuck Jones مۇ بارا-بارا ئەسلىدىكى قىزغىنلىغىنى يوقاتتى. MGM ئاخىرىدا كارتون بۆلۈمىنى يەنە بىر قېتىم تارقىتىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى. مۈشۈك بىلەن چاشقانمۇ شېركەتنىڭ ئامبىرىدا بېسىلىپ قالدى...
تۆتىنچى باسقۇچ:قايتا گۈللىنىش دەۋرى. 1975- يىلدىن بۈگۈنگىچە.
مۈشۈك بىلەن چاشقان يوقىلىپ كېتىپ سەككىز يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىجادچىلىرى Hanna بىلەن Barbera قايتا ھەمكارلىشىپ بۇ كارتوننى يەنە ئىشلەشنى پىلانلىدى. ئەمما ئۇنى ئۇتۇققا ئېرىشتۈرۈش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى. ئەينى يىللاردىكى ئالغا سۈرۈلگەن ئىددىيە ھازىرقى يىللاردىكى تەلەپكە ماس كەلمەيتتى. شۇڭا ئۇلار يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى مۈشۈك بىلەن چاشقاننى ئىشلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. ئۇلار SaturdayMorningTelevision تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى مۈشۈك بىلەن چاشقاننى ئىشلەشكە باشلىدى.1989- يىلى ئۇلار پۈتۈنلەي يېڭى بولغان مۈشۈك بىلەن چاشقاننى ئىشلەپ چىقتى، بۇ قېتىم ئۇلار پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنىمۇ قايتىدىن لايھىيىلىدى، يەنى مۈشۈككە بىر شەپكە كىيگۈزۈپ ئۇنى ئەسلىدىكىدىن پاكاررقاق، سەك كىچىكەك ھالەتكە كەلتۈردى، چاشقاننى بولسا بېشى چوڭ ھەم تېخىمۇ ئوماق قىلىپ سىزىپ چىقتى. بۇ كارتون فىلىم قويۇلىشى بىلەنلا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ، مۈشۈك بىلەن چاشقاننى قايتا گۈللىنىش دەۋرىگە ئېلىپ كىردى.
2001-يىلى William Hanna لوس ئانجېلىستىكى ئۆيىدە 90 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. كېيىنكى يىلى Barbera مۇ 89 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. بىراق ئۇلار بىزگە ئىككى ئۆلمەس ئوبرازنى قالدۇرۇپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى مۈشۈك بىلەن چاشقاننى يەنە داۋاملىق ئىشلىمەكتە. مۈشۈك بىلەن چاشقان توغۇرسىدىكى بۇ تېما تۇلۇق ۋە مۇكەممەل بولغاچقا تورخۇمار ۋە سىراج بىلوگىدىن كۆچۈرۈلدى، ئۇلارغا كۆپ مىننەتتارلىقىمنى بىلدۈرۈمەن. يوللۇغۇچى: پەلۋان
|
|
|
|
|
|