مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1305|ئىنكاس: 12

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تارىخ ھەققىدە ئېيتقانلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4939
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 04:44:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تارىخ ھەققىدە ئېيتقانلىرى

                         - مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80يىللىق خاتىرسىگە

ئىنسانىيەت ئۆز تارىخنىڭ مەلۇم قىسىملىرىنى ئۇنتۇغان.شۇ سەۋەپلىك ئەپسانە ياكى تارىخىي مۇئەمما تەتقىقاتچىلىرى بۇ بوشلۇقنى ئۆز تەخمىنلىرى بىلەن تولۇقلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى،بىر پۇتۇن تارىخنى ئۇنتۇپ كېتىش ۋە ئۇنى قايتا بىلىپ ئېلىش زۆرۈرىيتىنى ھېس قىلالماسلىق!ئەگەر غەيرىي،زوراۋان كۈچلەر تەرىپىدىن تۈپتىن بۇرمىلانغان تارىخنى ئۆز تارىخى دەپ قاراشقا مۇپتىلا بولغۇچىلار توغرسىدا سۆز قىلشقا توغرا كەلگەندە،ئېيتىش مۇمكىنكى،بۇ كەلگۈسى ئۈچۈن تارىخ يارىتىش ئىستىقبالدىن مەھرۇم بولغان ۋە بىھوشلۇق ئۇيقۇسىدا ياتقان مىللەتنىڭ پاجىئەسىدۇر.بۇنداق مىسلىسىز پاجىئەگە غەرق بولغان ۋە ئۇنى نورمال تۇرمۇش رىجىسى دەپ بىلشكە كۆنگەن مىللەت ھەمىشە ئۆز تارىخلىرى بىلەن مەرىپەت مەشئەلچىلىرى پاجىئەلىك دەپنە قىلنغان لەھەت تۇپرىقى ئۈستىدە ئەمەل-مەنسەپ،يۇرتۋازلىق ۋە تۇرمۇش ھەشەمىتى ھاۋاسىدا قامغاقتەك دومىلاپ يىللارنى ئۆتكۈزۇشتىن باشقا ھېچ نەرسىگە قادىر ئەمەستۇر.   

ـ《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》دىن

                  

تارىخ باشتىنلا قىيا تاشلارغا،تۇرمۇش روزىغارلىرىغا ئۆز ئۇچۇرىنى قالدۇرۇپ كەلگەن،بۇ يېزىقسىز ئىپادىدىن ئىبارەت.يېزىق بىلەن ئىپادىلەش،ئەگەر ئۆز تارىخچىسى،ئۆز سالنامىچىسى چىنلىق بىلەن يازغان بولماستىن،باشقا خەلقلەر ۋە ئوردىلار تارىخچىلىرى يازغان تارىخ مەنبەلىرى بولدىكەن كۆپ ھاللاردا كەمسىتىش،ئاڭلىغانلىرى بويىچە يېزىش،قىسمەنلىكنى ئومۇمىلىق ئورنىغا دەسسىتىشتەك بىر تەرەپلىمىلىك ۋە ئابستىراكىتىلىق ئىللەتلەردىن خالىي بولالمايدۇ.ئۇ پەقەت تەنقىدىي پايدىلىنىش ئوبيېكتى بولالايدۇ،خالاس.تارىخنى تارىخنىڭ چۆكمە ئۇچۇر تىزمىسى ۋە مىللەتنىڭ فولكلور-ئېتنىك مەدەنىيەت تېپى ئىۋاليۇتسىيىسى(تەدىرىجىي تەرەققىياتى)بويىچە ئىزاھلاش،ئەڭ ساغلام،ئۆز گەۋدىسى ئارقىلىق ئۆزىنى چۈشەندۇرۇش لاياقىتىگە ئىگە ھەقىقىي تارىخ تەتقىقاتىدۇر.

ـ《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》دىن

ئۇنتۇلغان ۋە يادىغا ئېلىشقا ئىدرىكى يەتمىگەن تارىخ،بىر يۇمىلاپلا ھاقارەتلەنگەن ۋە《ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى》نىڭ پۇت قويۇش تاختىسى بولغان تارىخقا ئايلىنىپ قالغان!مېنڭىچە،تارىخ تەتقىقاتنىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسى ۋە نۇرانە مەسئولىيىتى كۆمۇلگەن تارىخنى تېخىمۇ كۆمۈپ تاشلاش،ئېچىلىپ قالغان قىسىمىنى بۇرمىلاش ئەمەس،بەلكى ئۇنى ئۆز ھەقىقىتىي،سالاھىيىتى بىلەن يورۇق دۇنياغا ئېلىپ چىقىشتۇر.

ـ《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》دىن

تارىخ-ئىنسانىيەت پائالىيىتى ۋە بىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇلۇغ ھېكايىتى.ئۇنىڭ ھادىسلىرى چىرىگەن تەندەك ئۆتمۇشكە ئايلىندۇ،ئۇنىڭ ماھىيەتلىرى ئۆلمەس روھتەك مەڭگۈ كېيىنكى تارىخنىڭ ئۇلىنى تۈزۈپ،كېيىنكى ئەۋلادلار روھىيىتىنى چېنىقتۇرىدۇ.

ـ《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》دىن

※               ※               ※

ھەر قانداق مىللەت مىللىي تارىخىنى،ۋەتەن تارىخىنى بىلىش ۋە بۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.بۇ تولىمۇ نورمال ئىنسانپەرۋەرلىككە ئۇيغۇن ئىنسانىي ھوقۇق قارشىدۇر.ھەر قانداق ۋاستىلەر بىلەن بۇ ھوقۇقنى بوغماق،ھاقارەتلىمەك ۋە بۇرمىلىماق زېمىن كېڭەيمىچىلىكى ۋە مىللىي شوۋىنىزىم ئالامىتى بولۇپ،ئومۇمىيلىق جەھەتتە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋە مەدەنىيەتكە زىت زوراۋانلىقتۇر.مىللەتلەرنى مىللەتلەرگە،پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بىر-بىرگە قارشى قويۇش بىلەن مىللەتلەرنى،ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەت تۈركۈملۈك ئالاھىدىلىكلىرىنى،بۇلاردىن تەبئىي يوسۇندا كېلىپ چىقىدىغان ھوقۇقىي مۇمكىنلىكلىرىنى ئىنكار قىلىش ۋىجدانسىزلىق،ئادالەتسىزلىك ۋە قەستىكارلىق ھېسابلىنىشى لازىم.

ـ《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》دىن

تارىخ ئالدى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتلىق كۈرەشلىرى تارىخى بولۇش بىلەن بىللە يەنە ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت يارتىش تارىخىدىن ئىبارەت.ئىنسانىيەت ئۆز تارىخىنى تاكى يېزىق بىلەن ئىپادىلىگەنگىچە بولغان ئۇزاق زامانلار داۋامىدا تاش ۋە مېتالدىن،كاش ۋە ئۇستىخاندىن ياسالغان ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى،تۇرمۇش بويۇملىرى،جۈملىدىن ئەڭ ئىپتىدائىي ئېتىقاد ۋە سەنئەت يادىكارلىقلىرىغا《يېزىپ》قالدۇرغان.

مەلۇمكى،ئىنسان ئۇچۇر قالدۇرغۇچى زاتتۇر.ئەگەر بىز،يېزىقنى ئۇچۇر دەپ قارىغىنىمىزدا،ئۇچۇرنىڭ ئىنسانىيەت بىلەن بىللە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى،كىشلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر قەدىمى ئەگەر ئۇ ساقلىنىپ قالغان بولسا،ئۇچۇر قىمىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ بىۋاستە،بىرىنچى قول،ئەمەلىي ۋە كونكرېت چۆكمىلىرى ھەر قانداق تارىخچىنىڭ،بولۇپمۇ ئوردا تارىخچىلىرنىڭ ھەرپ بىلەن يازغان تارىخىدىن چىنراق ئۇچۇر قىممىتىگە ئىگە.بۇ ھەقتە بىز مۇنداق قارايمىز:

بىرىنچىدىن،تارىخنى ھەممىدىن ئىلگىرى ئۇنى ياراتقان خەلىقنىڭ تارىخ ئىزى،تارىخ چۆكمىلىرى،تارىخ ئۇچۇرىنى ئاساس قىلىپ مۇھاكىمە قىلىش كېرەك.ئۇ،باشقا ۋاستىلىك،يازما مەلۇماتلارنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان مىزان.

ئىككىنچىدىن،تارىخنىڭ ئۇچۇرى ئۇنى ياراتقان خەلقنىڭ تۇرمۇش-كەچۇرمىشلىرىدەك ئىزچىللىققا،سىسىتېمىلىققا،مەنتىقىلىققا ۋە ئەنئەنىۋىلىككە ئىگە.ياسالما《پاكىت》لار ياتلىقى،ياسالمىلىقى،تەنھا ۋە تاسادىپىيلىقى بىلەن سىڭمەيدۇ.

ئۈچىنچىدىن،ئۇچۇر تارىخ ھىسابلىنىدىكەن،ھەممە خەلقنىڭ تارىخى ئوخشاشلا تولىمۇ قەدىمىدۇر.يازما تارىخىي مەنبەلەر يېتەرلىك توپلىنىشى،يېزىقتىن ئىلگىرىكى يېزىق ئورنىدا ئىشلىتىلگەن تامغا-بەلگىلەر روشەنلەشتۈرلۈشى،پۈتۈن ئۇچۇر تارىخى ئېتىبارغا ئېلىنىشى لازىم.

ـ《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》دىن

ئىنسانىيەت تارىخى ھەممىدىن ئىلگىرى ھۆكۈمرانلار ياكى سەلتەنەتلەر تارىخى بولماستىن،بەلكى خەلق تارىخى ۋە مەدەنىيەتلەر تارىخىدىن ئىبارەت.تارىخ ھەمىشە ئۆزىنىڭ《ئەۋزەللىكىنى تاللاش》،《ھەقىقەتنى دەلىللەش》،《يورۇقلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش》،《ئىنسانىيەتنى تاۋلاش》پىرىنسىپلىرىنى بىزگە ئۇقتۇرۇپ كەلدى.تەكرار ئېيتىش كېرەككى،گەرچە تارىخ سەھنىسىدە ھەر قانداق ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن بولسىمۇ،كىشىلىك تارىخى ئەقىلگە سىغدۇرۇپ بولماس ۋەقەلىكلەر بىلەن ئۆز يۈزىنى تىرنىلىۋالغان ئەسەبىي مەجنۇنغا ئوخشاپ قالغان ھالەتتە يەنە داۋام قىلىدىغان بولسىمۇ،ئۇنىڭ ئاخىرقى ۋە ئاساسىي پىرىنىسىپى يەنىلا يۇقىرىدا تېلغا ئېلىنغان تۆمۈر قانۇنىيەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ـ《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》دىن

بىز تارىخقا قانچىكى ئىچكىرلەپ نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا،تارىخنىڭ بىز مۆلچەرلىگەندىن تېخىمۇ يىراق،باي ۋە رەڭدارلىقىنى ھېس قىلمىز.

ـ《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》دىن

قەدىمكى تارىخ تەتقىقاتىدا خەلق فولكلورى،ئەپسانە،رىۋايەت،قەھرىمانلىق ئېپوسى،جۈملىدىن ئىپتىدائىي ئېتىقاد،قىيا رەسىملىرى،ئانتروپولوگىيلىك تەتقىقاتلار،ئارخېئولوگىيلىك قېزىلمىلارنىڭ رولى چوڭ.ئېيتىش كېرەككى،قەدىمكى خەلق فولكلور خەزىنىسى ئەپسانە،ئاساسسىز دەپ قارىلىپ ھازىرغىچە چەتكە قېقىلىپ كەلدى.ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى،تارىخ بىرىنچىدىن خەلقنىڭ تارىخى،تارىخ خەلق ياراتقان مەدەنىيەت شەكىللىرىنىڭ ئۇچۇر تارىخى،بۇنداق فولكلور مەدەنىيىتى خەلق تارىخنىڭ مەلۇم قىسىمىنى يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ.ئىككىنچىدىن،تارىخ بىز مۆلچەرلىگەندىن تېخىمۇ قەدىمى،تېخىمۇ ھەرىكەتچان بولۇپ،ھەممىنى ئارخېئولوگىيلىك ۋە يازما مەنبە بويىچە ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ.

ـ《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》دىن

   تارىخ ئەلۋەتتە ئۆتۈپ كەتتى.مىللەتلەر تەركىبى بىلەن زېمىنلارنىڭ مىللىي ئىگلىكىدىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى.ئەمما،بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر مىللىي مەدەنىيەت تىپى ۋە چەمبىرىنى تېخىمۇ خاسلاشتۇردى.بۇ مەدەنىيەت تىپىدا زېمىن كۆز قارىشى،مىللەت-قەبىلىلەر قارىشى،تارىخ قارىشى،غايىۋى كەلگۈسى قاراشلىرى مۇجەسسەملەندى.مۇشۇ مەدەنىيەت تىپلىرى ئۆزگەرمىگەن شارائىتتىكى ئىجتىمائىي-سىياسىي گورۇھلارغا نەزەر سالساق،ئۇلار قانداق ناملار بىلەن ئاتىلىپ،ئۆز-ئارا قانلىق جەڭلەر قىلمىسۇن،ئۇلارنىڭ باشقا مەدەنىيەت تىپى ۋە مەدەنىيەت چەمبىرىگە بولغان زېمىن،مىللەت،تارىخ ۋە غايىۋى جەمئىيەت قاراشلىرى رىجىسى ئۆزگەرمەيدۇ.بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىغان《گۆدەك چال》لار نۇرغۇن.مەن مۇشۇ ئىلمىي ھەقىقەت نۇقتىسىدىنلا بۇ ئەجدادلىرىمىز زېمىنلىرى يەرمەنكىسىنى يايماقچىمەن.بۇ ھەر ئىككى تەرەپكىمۇ،پۈتۈن ئۈچىنچى تەرەپ ئىنسانىيەتكىمۇ مەنپەئەتلىك تەپەككۇر ئىلھامىدۇر.

ـ《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》دىن

تارىخ-ئۆز قەھرىمانلىرىنى ياراتقاندەك،تارىخىي قەھرىمانلار ئۆزىنىڭ تارىخىي ھېكايىلىرىنى يارىتىدۇ.بۇ تارىخىي تەقەززا(پۇرسەت) بىلەن تارىخىي قەھرىماننىڭ ھەر بىر تارىخ ياراتقۇچى خەلق تەقدىرى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئۇرۇش-ئۆز تىنچلىقلىرىنى ھازىرلىغاندەك،تىنىچلىقمۇ ئۇرۇش ئاتلىرىنى سەمرىتىپ،يېڭى جەڭ سەھنىسىنى ھازىرلايدۇ.

ـ《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》دىن

  ھەقىقىي تارىخ ئىلمىنىڭ خىزمىتى پادىشاھلار تىزىملىكى بىلەن تارىخنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى يوقىتىش بولماستىن،بەلكى تارىخنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئارقىلىق پادىشاھلار تىزىملىكىنى تاللاشتۇر.

ـ《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》دىن

   تارىخ ئىنفورماتسىيلىك چۆكمىدىن ئىبارەت.ئۆتمۈش ئىزنا،تامغا،بەلگە،رەسىم،فىگورا،سىمۋول،دەپنە بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۆز ئۇچۇرىنى قويۇپ كەتكەن.

   ئۇچۇر دەۋىرىدىكى تارىخىي تەتقىقات ھېرودوت ۋە سىماچىيەندىن تارتىپ باشلانغان يازما بايان ئۇسۇلىنىڭ دەل ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن بىللە،تارىخنى سۆزلەيدىغان،ئەمما تارىخىي بۇيۇملارنى پەرق قىلالمايدىغان تارىخ تەتقىقاتىدىن پەرقلىق ھالدا،تارىخنى ئۇنىڭ ئۆز ئىزناسى ۋە يادنامىلىرى ئارقىلىق،باشقىچە ئېيتقاندا،ئۇنىڭ ئۇچۇر چۆكمىسى ئارقىلىق ئىزاھلاش لازىملىقىنى شەرت قىلىدۇ.

-《يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى》دىن

  شۇنى ئېيتىش كېرەككى،ھەرىكەتچان تارىخنى تۇرغۇن ئىبارىلەر بىلەن ئىزاھلاش مۇمكىن ئەمەس.بىرەر ئېتنىك تۈركۈم ئۆزىنىڭ ئېتنوگېنىز(قان تۈركۈمى) نى نىسبىي مۇقىم ساقلىغان ھالدا،كۆچۇپ-يۆتكىلىپ يۈرۈش ۋە مەھكۇملۇق تۈپەيلىدىن ئۆز تىلىنى باشقا تىلغا ئايلاندۇرۇشى،ئۆز نامىنى باشقا ئېتنونىمغا(مىللەت نامىغا) يۆتكىشى مۇمكىن.پەقەت ھەرىكەتچان تارىخ ئاساسىدىكى ئانتروپولوگىيلىك تەتقىقات ئارقىلىقلا بۇ جەھەتتىكى تۈگۈنلەرنى ئېچىش مۇمكىن.

-《يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى》دىن

  مىللىي مەدەنىيەت تارىخنى ئىنقىلاشتا تىل ئوبيېكتى،رىۋايەت ۋە يازما تارىخىي مەنبەلەر ئوبيېكتى، ئېتنوگېنىز ئوبيېكتى،سۆڭەك ۋە قىياپەت ئوبيېكتى بىلەن بىللە كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ئوبيېكتى ئۈستىدىكى تەتقىقات غايەت مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

-《يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى》دىن

رىۋايەتلەرنىڭ،جۈملىدىن يازما مەنبەلەرنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى چوڭلىقىدا گۇمان يوق.ئەمما،يازما مەنبەلەرنى بىر-بىرگە زىت قىلىپ قويۇش،بىر-بىردىن ئۈزۈپ قويۇش،بىر-بىرىنى ئەينەن كۆچۇرۇپ تەكرارلاپ تۇرۇش،سىرىتتىن تۇرۇپ يېزىش قاتارلىق بىر قاتار ئالامەتلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ھالدا تەتقىق قىلىش كېرەك.تەتقىقات خاھىشىمۇ بۇ يەردە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.ۋاھالەنكى،بىرەر مىللەت،مىللەتلەر تۈركۈمىنىڭ پۈتۈن تارىخنى چەتئەل مۇئەللىپلىرىنىڭ ياكى بىر زاماندىكى ئۆز تارىخچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەنلا تەلتۆكۈس روشەنلەشتۇرۇپ كەتكىلى بولمايدۇ.يەنە كۆپلىگەن ئارخېئولوگىيلىك،ئېتنوگرافىيلىك،فولكلورلۇق،ئانتروپولوگىيلىك ئوبيېكىتلار ئۈستىدىكى تەكرار تەتقىقات نەتىجىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.

-《يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى》دىن

  مەن ئويلايمەنكى،مەدەنىيەت،ھەتتاكى مەنىۋى مەدەنىيەت سىرتلاشقان،ماددىيلاشقان تارىخى نەتىجىلەر چۆكمىسى بولۇپ،مەدەنىيەت،جۈملىدىن سەنئەت تارىخى بۇ چۆكمىنىڭ ئوبرازلىق تارىخىي قاتلىمىدىن ئىبارەت.باشقىچە ئېيتقاندا،تارىخ،شۇنىڭدەك مەدەنىيەت تارىخى پاكىتلىق ئۇچۇر تارىخى سىستېمىسى بولۇپ،تارىخنى《ھىچقانداق يات قوشۇمچىسىز》(ئېنگېلىسنىڭ سۆزى) ئەينەن يېزىشنىڭ توغرا يولى تارىخىي ماتېرىيالىزىم ئاساسىدا،تارىخنى ئۇچۇر سىستېمىسى دەپ چۈشىنىپ،تارىخنى ئۇنىڭ ئۆز ئۇچۇرى بىلەن ئىزاھلاش بولۇشى لازىم.

  زاماننىڭ ئېنفورماتسىيە دەۋرىگە قاراپ تېز سۈرئەتتە كىرىپ بېرىشى بىلەن تارىخىي تېمىلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتمۇ ئىلگىرىكى گەپ بىلەن بايان قىلىشتەك قۇرۇق،جانسىز ۋە ئەۋرىشىم ھالەتكە خاتىمە بېرىپ،تارىخنى تارىخنىڭ ئۆز سىگنالى،ئۆز تامغىسى،ئۆز ئىزناسى،ئۆز ئۇچۇرى،ئۆز قىياپىتى بۇيىچە ئىزاھلاشنىڭ يېڭى بايان قىلىش شەكلىگە يۆتكىلىشى مۇقەررەر.بۇ خىل يېڭىچە تەتقىقات تىپى تارىختىن سۆزلەيدىغان ۋە ئۆزى سۆزلىگەن تارىخنىڭ ماددىي يادىكارلىقلىرىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان تارىخ تەتقىقاتىدىكى《مەدرىسۋازلىق 》ئىستىلىنى ئاياغلاشتۇرىدۇ،ئەلۋەتتە.

-《يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى》دىن

  تارىخ-ئۆتتى-كەتتى ھېكايىتى ئەمەس،ئۇ ماھىيەتلەر جەمغىرلەنگەن خەزىنە.

-《يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى》دىن

  تارىخ《زامان》كاتېگورىيسى جەھەتتىن پۈتۈنلەي《ئۆتكەن》،《ئۆتمۇشكە ئايلانغان》نەرسە ئەمەس،بەلكى ئۇنىڭ بىر قىسىمى《ھادىسە》،《ھېكايە》،《ئەراز(ئاكسېندېسىيە》شەكلىدە ئۆتمۇشكە ئايلىنىدۇ.ئۇنىڭدىن ئىزنا،خاتىرە،تامغا،چۆكمە قالىدۇ؛ئۇنىڭ يەنە بىر قىسىمى-《ماھىيەت》،《تەجىرىبە》،《ھېكمەت》،《مەدەنىيەت》،《جەۋھەر(سۇبىستانسىيە)》شەكلىدە داۋاملىق ياشايدۇ،رېئاللىق ۋە كەلگۈسىنىڭ خۇرۇچى،مەدەنىيەت فوندى،ئەنئەنىۋى بايلىقى،بىلىم جۇغلانمىسى بولۇپ قالىدۇ.بۇنىڭدىن گېنېزىس تىرىك بولىدۇ،ئۇ《گېن》،《خلوروفىل》،《مولېكۇلا》غا ئوخشاش كېيىنكى دەۋرىدە ياشايدۇ دىگەن خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇ.مېنڭىچە،مىللىي مەدەنىيەتتە《گېنىتىكىلىق ئىقتىدار》بولىدۇ،بۇنى مەدەنىيەت مورگانىزىمى،مېندىلىزىمى دېيىشلىرى مۇمكىن،تارىخ بۇنداق《ئۆز قېلىپى بويىچە دائىم گېنېزىسلىق پەيدا بولۇش جەريانى》نىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئىسپاتلىدى.قانداق تىپتىكى ئېتنىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرماقچى بولساڭ،ئۇنىڭ ئىرسىي ئىقتىدارىغا《گورمون》،《كاتالىز》سېلىشىڭ،ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇشىڭ،ئۇنىڭ گېنىتىكىلىق مۇھىتىنى ھازىرلىشىڭ لازىم،بۇ ئاددىي ھەقىقەت.

-《يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى》دىن

  تارىخ-تولىمۇ نازۇك ۋە قايتا-قايتا تاسقاپ تۇردىغان ئەگلەك!مىليون تىللا ياكى مىليون قوشۇن بىلەنمۇ تارىخنى ئالدىغىلى ياكى قورقۇتقىلى بولمايدۇ.

-《يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت》دىن

  تارىخ تەلىماتلارنى نۇقۇل مەنتىقىدىن،پىكىرەن پەلسەپىدىنلا ئەمەس،يەنە روھىيەت تۈزۈلمىسى ۋە روھىيەت تارىخىدىن ئىزدەش لازىملىقىنى كۆرسەتتى.

  تارىخ تەلىماتلارنى زىددىيەتلىك نۇقتىدىنلا ئەمەس،بىرلىك نۇقتىسىدىن-《ۋەھىدەت》نۇقتىسىدىن ئىزدەش لازىملىقىنى،باشقىچە ئېيتقاندا،ئىنسانىيەتنى دىن،ئىرىق،مىللەت،رايون،مەدەنىيەت تىپلىرى بويىچە سۈنئىي يوسۇندا پارچىلىۋىتىدىغان ئۆلچەم-قائىدىلەرنى بۇزغان《مۇجەسسەم تەپەككۇر》ئېگىزلىكىدە تۇرۇپ ئىزدەش لازىملىقىنى كۆرسەتتى.

  تارىخ تەلىماتلارنى قانداقتۇر ھەقىقىي ئادەمنىڭ ھەقىقىي ماھىيەتلىرىدىن تاشقىرى،جانلىق ئادەمگە سىرىتتىن تېڭىلىدىغان جانسىز نەرسە شەكلىدە ئەمەس،دەل بۇنىڭ ئەكسىچە كىشىلىكنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئالەمنىڭ سىر-قانۇنىيەتلىرى گامۇنىيىسى ئاساسىدا ئىزدەش لازىمىلقىنى،ئۇنى ئادەمنىڭ ئۆزىدىن ئۆسۇپ چىققان ۋە ئادەمنىڭ پىكىر-ھېسياتلىرىنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغا يىلتىز تارتقان ئادەم ھەققىدىكى تەلىمات سۈپىتىدە مۇھاكىمە قىلىش لازىملىقىنى كۆرسەتتى.ئويلاپ كۆرۈڭچۇ،ئالەم ۋە ئادەم ھەققىدىكى تەلىماتتىن تاشقىرى تارىخ يەنە نېمىنى تەن ئېلىشى مۇمكىن؟!

-《يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت》دىن

   تارىخ،جۈملىدىن تەپەككۇر تارىخى ئۆتمۇشنىڭ بىردىنبىر،ئورىگىنال رېئاللىقى بولۇپ،ئۇ بىزنىڭ خاھىشىمىز ۋە ئىرادىمىزدىن خالىي،ئۇنىڭغا بېقىنمايدىغان تارىخىي ھادىسىدىن ئىبارەت.بىزنىڭ ئۇنى تەتقىق قىلىش ۋە ئەينەن ئىزاھلاش مەجبۇرىيىتىمىز باركى،ھەرگىزمۇ ئۇنى قايتا قۇراشتۇرۇپ تەسۋىرلەش ھوقۇقىمىز يوق.تارىخنىڭ ئەڭ ئاچچىق مەسخىرىسى ئۆز ئۆتمۈشىنى بۇرمىلاشقا ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىپ يۈرۈشكە نېسىپ قىلىنغان!

-《ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى》دىن

تارىخ-زامان خاراكتېرلىك كاتېگورىيە سۈپىتىدە بىز ئويلىغاندەك پۈتۈنلەيئۆلگەن》،《ئۆتمۇشكە ئايلانغان》،《مۇزېيغا كىرگەن،تۈگىگەن》قۇدرەتسىز نەرسە ئەمەس،تارىخنىڭ بىر قىسىمى ۋەقەلىك ياكى ھادىسلىق شەكلى بىلەن ئۆتمۈش ھالىتىدە چۆكمە ھاسىل قىلىدۇ،تارىخنىڭ يەنە بىر قىسىمى تەجىرىبە،مەدەنىيەت،ئاڭ شەكلىدە پۈتۈنلەي ئۆز ۋەقە-ھادىسىلىرى بىلەن بىللە ئۆتمۈش ھالىتىدە چۆكمە ھاسىل قىلىپ قالماستىن،بەلكى بۈگۈنكى،ئەتىكى رېئاللىقنىڭ جېنى،روھى،خۇرۇچى،ئۇلى،تەركىبىي قىسىمى،ئەنئەنىۋى داۋامى سۈپىتىدە ياشايدۇ.بۇ يەردە ھەقىقەتەن تارىخى،ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت《ئىرسىيەت》ھادىسىسى مەۋجۇد.بۇ ھادىسىدە خۇددى بىئولوگىيلىك《قېلىپ》قا ئوخشاش ئېتنولوگىيلىك مەدەنىيەت《قېلىپ》لىرى كىشىنى ئىزدىنىشكە سالىدۇ.

-《ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى》دىن

  تارىخ ئىككى جەرياندىن ئىبارەت.ئۆتمۇشكە نىسبەتەن ئۇ بىرخەزىنە》بولۇپ،ھادىسىلەر بىلەن ماھىيەتلەرگە تولغان؛ئۇنىڭ ھېكمەتلىك جاۋاھىرلىرى نۇرغۇن.كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۇ بىر《بىناكارلىق》بولۇپ،ئۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى تارىخنى يارتىشىنى،مىللەتنى ھازىرقى زامان مىللەتلىرى قاتارىدا تاكاموللاشتۇرۇش يوللىرىنى ئىزدەشنى نىشانلىغان.ئەگەر بۇ ئىككى نۇقتا تۇرغۇزۇلمىغان ۋە بىرلەشتۇرۇلمىگەندە ھەقىقىي تارىخنىڭ بولۇشى،ھەقىقىي تارىخچىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

-《ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى》دىن

  بىلىش لازىمكى،تارىخ-ئىنسانىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ بىرەر مىللەت،بىرەر رايون-دۆلەتتىن ھالقىغان مۇجەسسەم توقۇلمىسىدىن ئىبارەت.تارىخنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بولغان بىردەكلىك،ۋارىسلىق،سېنكىرىتىك راۋاجلىنىش قانۇنىيىتى تارىخنىڭ بېكىنمە ئەمەس،ئوچۇق،ھاكىممۇتلەق ئەمەس،گۇمانىيلىق-ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقىلىق خاراكتىرىنى بەلگىلىگەن.تارىخ ئالەم بىرلىكى ۋە ھەركىتىنىڭ ئىنسانىيەت پائالىيىتىدىكى ئىپادىسى بولۇپ،تەبىئەت بىلەن كىشىلىك جەمئىيتىنىڭ بىر پۈتۇن دىئالېكتىكىسىنى گەۋدىلەندۇرىدۇ.تارىخنى ئۈزۈۋېلىش،تارىخنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن يەرلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۇنىڭ ئومۇم ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىق خاراكتىرىگە قارشى قويۇش،《يىپەك يولى》تارىخىغا ئۇنداق ياكى بۇنداق《مەدەنىيەت مەركەزچىلىكى》ياكى بېكىنمىچىلىكى پىسخولوگىيسى بويىچە مۇئامىلە قىلىشنى مىللىي ئىپتىخار ياكى مىللىي بۇرچ ھېسابلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىۋىلىزاتسىيىگە،ئىلىمگە ۋە ئەقىلگە زىت.

-《ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى》دىن

  ئېيتىش كېرەككى،تارىخچىلار ھازىرغىچە ئۆتمۇشنى نۇقۇل،تەكرارلانماس كەچۈرمىش دەپ قاراپ كەلدى.بۇنداق قاراش تارىختا قانداق ئىش قىلىنسا،ئۇ شۇنداق ئىش بولۇپ قالىدۇ،قانداق نەتىجە ياكى مۇۋاپىقىيەت قازىنىلسا،ئۇ شۇنداق بولۇپ قالىدۇ دېگەن تارىخىي قاراشقا ئېلىپ كەلدى.تارىخ ھەققىدىكى پەلسەپىلىك قايتا كۆزىتىش شۇنى كۆرسەتتىكى،تارىخ ئۆزىنىڭ ھادىسىلىرى،كۆرىنىشلىرى،ۋەقەلىرى نۇقتسىدىن ئۆتمۇشكە ئايلىنىدۇ؛ئۇ ئۆتمۇش سۈپىتىدە زامان ۋە ۋەقەلىك سالاھىيتىدىن ئايرىلىدۇ؛ ئۇ ئۆتمۇش سۈپىتىدە باھالىنىدۇ ۋە قايتا باھالىنىدۇ.ئىنسانىيەت ھەر بىر سىۋىلىزاتسىيە ئېگىزلىكىدە ئۆزى ياكى بىر قىسمىنىڭ ئىش-ھەرىكەت تارىخنى،ھەتتا مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن،دەبدەبىلىك تارىخى ھادىسىلەرنى قايتىدىن تەنقىدىي،يۇمىرىستىك باھالايدۇ.تارىخ يەنە ئۆز ماھىيىتى،روھىيىتى،كامالەتكە-ئەۋزەللىككە ئىنتىلىشى،داۋاملىق تېخىمۇ كەڭ چەمبەردىكى ئويغىنىشى،بىلىم ۋە تەجىرىبىلىرى نۇقتىسىدىن ئۆتمۇشكە ئايلانماس ۋە ئۇ ئەبەدىلئەبەد ھاياتتۇر.ئۇ ئۆتمۇش تارىخ روھىيىتىنى رېئاللىقتا ۋە كەلگۈسى تارىخ جەريانلىرىدا داۋاملاشتۇرىدۇ.

-《ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى》دىن

  روشەنكى،تارىخ تەنقىدىي جەرياندىن،تۇرمۇشنى،تۇرمۇش مۇھىتىنى ئىنسان ماھىيەتلىرىگە داۋاملىق ماسلاشتۇرۇپ بېرىش ۋە بۇ ماھىيەتلەر بىلەن ئۇنى داۋاملىق باھالاپ،ئۆزگەرتىپ بېرىش جەريانىدىن ئىبارەت.

-《ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى》دىن

  تارىخ،تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا،ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تارىخى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئۇ،بىر تەرەپتىن پىلاتون ۋە گېگېل ئېيتقان مۇتلەق ئىدىيەنىڭ راۋاجلىنىش تارىخى،ئېدىئال چۈشەنچىنىڭ《تىرىئادە》(تېزىس،ئانتى تېزىس،سېنتىز) تارىخى ئەمەس؛يەنە بىر تەرەپتىن،نۇقۇل سىياسىي ھاكىمىيەتلەر،قوراللىق جەڭلەر تارىخى ۋە قەھرىمانلارنىڭ پائالىيەت كۆرسىتىش تارىخى ئەمەس.ئەلۋەتتە،كۆپلۈك بېشارەت ۋە ھادىسىلەر خۇددى شۇنداقتەك قىلسىمۇ،ماھىيەتتە تارىخ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئالماشتۇرۇش تارىخىدىن ئىبارەت.

  ئېيتىش كېرەككى،ماددىي مەدەنىيەتنىڭ تولىمۇ ئاز،ئالاھىدە بىر قىسىمى-قىيا سىزىمىلىرى،ئەلئېھراملار،قەلئە-سېپىل،تاشكېمىرلەر ئەسىرلەپ ساقلانسىمۇ،يېمەك-ئېچمەك،كىيىم-كېچەك،تۇرمۇش روزىغارلىرى ناھايىتى تېز سەرپىياتقا ئايلىنىپ كېتىدۇ.پەقەت مەنىۋى مەدەنىيەتلا،ئىدېئولوگىيە ۋە بىلىم شەكلىگە كىرگەن مەدەنىيەتلا تولىمۇ ئۇزاق،ھەتتا ئىنسانىيەت بىلەن بىللە ياشايدۇ.ھەقىقىي تارىخ،ئېچىۋىتىلگەن تارىخ،ئىنسانىيەتكە يۈزلەنگەن تارىخ ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغ مەدەنىيەت تارىخى بولماي مۇمكىن ئەمەس.مەدەنىيەتكە يۈزلەنمىگەن سىياسىيون پەقەت خوجىدار سىياسىيون،ئوخشاشلا،مەدەنىيەت تارىخىغا يۈزلەنمىگەن تارىخشۇناس پەقەت سالنامىچىدۇر،خالاس.

-《ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى》دىن

تارىخ تەتقىقاتى، تېگى-تەكتىدىن، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتى ئىكەنلىكىنى تارىخشۇناسلار بارغانسىرى كۆپرەك چۈشەنمەكتە.تارىخنى مۇھىمى پادىشاھ-ۋەزىر-سەركەردىلەر شەجەرىسى دەپ قارايدىغان تارىخ تەتقىقاتى-سىياسىي باشقۇرۇش تارىخى سۈپىتىدە تارىخشۇناسلىقنىڭ كىچىك بىر تارمىقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

-《ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى》دىن

تارىخ-ۋاقىت (زامان) كاتېگورىيسىگە مەنسۇپ بولۇپ،ئۇ كەڭ مەنىدە خاتىرىگە ئايلانغان ئۆتمۇش بىلەن ئۆتمۇشكە ئايلىنىۋاتقان پائالىيەتتىكى رېئاللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تارىخ-ئىنسانىيەت پائالىيتىنىڭ ئۆتمۇشكە ئايلىنىۋاتقان رېئال ۋە راۋان ئېقىمى بولۇپ،توختىغان تارىخ ۋە ئۆتمۇشكە ئايلانمايدىغان رېئال پائالىيەت مەۋجۇد ئەمەس.

تارىخ-ئىنسانىيەتنىڭ جىسمانىي،ئىجتىمائىي،ئەقلىي كامالىتىنىڭ راۋاجلىنىش جەريانىدىن ئىبارەت.تارىخنى ئارقىغا،جاھالەتكە بۇراش مۇمكىن ئەمەس.چىنلىق،ياخشىلىق،گۈزەللىكنىڭ ساختىلىق،قەبىھلىك،خۇنۈكلۈك ئۈستىدىن،نۇرانىلىقنىڭ قاراڭغۇلۇق ئۈستىدىن غەلبە قىلىشىنى توسۇپ قالالايدىغان ھەر قانداق كۈچنىڭ مەيدانغا كېلىشى مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس.

-《ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى》دىن

تارىخ-بىزنىڭ بارلىقىمىز.بارلىق بىلىملەر-تەبىئەت پەنلىرى،جەمىيئەت پەنلىرى،پەلسەپە پەنلىرى،سەنئەت دۇردانىلىرى تارىخنىڭ پەرزەنتىدىن ئىبارەت.تارىخنى بىلىش ھەر بىر تارىخىي ئەۋلادنىڭ ئۇلۇغ مەجبۇرىيىتى.تارىخنى بىلمەي تۇرۇپ ھەر قايسى پەنلەرنى بىلىش،تۇرمۇش ۋە ھايات يولىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس.

تارىخنى بىلىش-ئەۋلادنىڭ ئەجداددىن خەۋەر تېپىشى ۋە تارىخنى ئۈزۈلۈپ قالمىغان جانلىق ئېقىم سۈپىتىدە كۆزىتىشى بولۇپ،تولىمۇ يىراق تارىخىي ھادىسىلەرنى پەقەت ۋاستىلىك يوسۇندا بىلىش مۇمكىن.

-《ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى》دىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elxat99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-31 04:46 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56124
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4023
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 426 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 10:42:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئابدىشۈكۈر مەمتىمىننىڭ نەسىرلىرىمۇ ياخشىدە

ھايات ئىنسانلارغا بىرىلگەن كاتتا مۇكاپات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73563
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4136
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 10:49:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتۇنغا تىگىشكۈسىز ھىكمەتلەردىن بىزنى خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1343
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 613 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 11:37:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئادەمنىڭ كىتاپلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇپ چىقتىم مەن كۆرگەن ھەر قانداق كىتاپ يازغان تارىخچىلاردىن يۇقىرى سەۋيەدە يېزىلغان مەنالىرى ئىنتايىن چۇڭقۇر سۆز ئاتالغۇ قوللىنىشى جايىدا بىلىم سەۋيەسى يۇقىرى .مەن مۇشۇ ئالىمنىڭ ھايات ۋاختىدا نىمىشقا قەدىرگە يەتمىگەندىمەن دەپ قاتتىق پۇشايمان قىلىمەن،يازغان كىتاپلىرىنى ئوقىغانسىرى قەلبىمدە بۇ كىشىگە چەكسىز ھۆرمەت دولقۇنى كۆتىرىلىدۇ.مىللىتىنى ھەقىقى سۆيگەن ئوغۇلبالا.تارىخمىزنى مەدىنىيىتىمىزنى يورىتپ بەردى.بولىپمۇ باشقىلار بىز باشقۇرغان دەۋالغان 2000يىلنىڭ ئالدىدىكى غەربى دىييار قورىقچى بەگ مەككىمىسنىڭ نەق تارىخى  پاكىتىنى ئەينە ئېيتىپ بېرىپ يالغانچىلارغا رەددىيە بېرىپ قەلىپ لىرمىزنى يورىتتى.بۇ ساھەدە بۇنداق ئالىمنىڭ ئەندى چىقىشى تەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 10:49:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر ئالىملىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ سەرخىلى ، ئەڭ ئۇلۇغ ئالىمىدۇر . ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىجتىمائىي پەن ساھەيىمىزدىكى كارامەتلىك مۆجىزىدۇر . مەخسۇس تەتقىق قىلىنىشى لازىم ئىدى ...

ۋاقىت ئوت توغراش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24420
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6395
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 01:33:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
500يىلدا بىر چىقىدىغان ئادەم دىيىشكە بولىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80765
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4728
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 01:48:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئالىمنىڭ ئىزدىنىشلىرى ، تەتقىقات مىۋىلىرى بىزنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ .

قىياس ئۇچۇر تورىغا مەرھەممەت!! www.qiyas.cn  99780397  چ چ توپ نۇمۇرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6177
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 01:53:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ۋاقىت ئۆتكەنسىرى تىخىمۇ چاقنايدۇ.

خارلانماسلىقنىڭ يولى - خارلىماسلىق
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82569
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 267
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2014-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 01:55:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پالتاڭ بولسا ئۇتۇن كاممۇ ، ئوغلۇڭ بولسا خۇتۇن كاممۇ .

ئىت ھۈرەر ، كارۋان يۈرەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59865
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3279
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 02:15:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىدىگەن ئېسىل گەپلەر !!!   مۇشۇنداق قىممەتلىك دۇردانىلار بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈر ، ھارمىغايسىز .
      ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھەقىقەتەن بىز ئۇيغۇرنىڭ نەچچە ئەسىردە بىر چىقىدىغان مەردانە ئالىمى ، يېتۈك مۇتەپپەككۇرى . ھايات چېغىدا قەدرى بىلىنمىگەن ئەسەرلىرىنى ، ئالتىندىن ئەتىۋار مىراسلىرىنى قانچىلىك ئۇلۇغلىساق ، ئۆگەنسەك ، سۆيۈپ ئوقۇساق ، تەتقىق قىلساق ئەرزىيدۇ ھەم شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك .
     ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي!

بۇ جاھان ئىنساننى ھەر كويغا سالدى،
گاھىدا ماتەمگە ، گاھ تويغا سالدى.
تۈنۈگۈن توقلۇقتا كېرىلگەنلەرنى،
بىر بۇردا نان ئۈچۈن نى ئويغا سالدى.    ___خاتىرەمدىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش