مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2226|ئىنكاس: 38

خاتا چىقىرىلغان قارار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەلبە تىرىشچانل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12690
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 10963
تۆھپە نۇمۇرى: 826
توردا: 1160 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2013-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 12:53:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھايات ئاپئاق بىز قەغەزگە ئوخشايدۇ، قەلەم بىزنىڭ قولىمىزدا، ئۇ قەغەزگە ھەركىم ھەرنىمىلەرنى يېزىپ باقىدۇ، خاتا يازغانلىقىنى بىلگەندە بولسا بىزدە ئۇنى ئۆچۈرىدىغان ئۆچۈرگۈچ يوق.

ئۇنى تۇنجى كۆرگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭ ھاياتىمدىكى مۇھىم ئادەم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، كۈنلىرىمنىڭ ئۇنى ئەسلەش بىلەن ئۆتىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. ئۇنى تۇنجى كۆرگەندە ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كشىلەرگە ئوخشاش پەرۋاسىز ئۆتۈپ كەتكەن ئىدىم.


ھايات گويا تىلسىملىق ئوردا،

ئۇندا باردۇر ھەرخىل قىسمەتلەر.

گاھ كۈلدۈرۈپ گاھى يىغلىتار،

يىشىپ بولماس ئۇنى كىشىلەر.


ئۇنىڭ ئىسمى تاھىر بولۇپ بىزنىڭ ئۇچرىشىشىمىز شۇنچە تاسادىپى بولغان ئىدى. ئۇ كۈن مەن مەلۇم بىر  پىلاستىنكىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۈن-سىن مەركىزىگە كىرگەن ئىدىم. ئۇ شۇ ئۈن-سىن مەركىزىنىڭ خۇجايىنى ئىدى.

مەن ئۇنىڭغا سېتىۋالماقچى بولغان پىلاستىنكىنىڭ ئىسمىنى دېدىم، ئۇ شۇ پىلاستىنكىنىڭ سېتىلىشىنىڭ بەك تىز ئىكەنلىكىنى، بىرىنچى قېتىم ئەكەلگەنلىرىنىڭ سېتىلىپ بولغانلىقىنى، يەنە بۇيرىتىپ قويغانلىقىنى، ئەگەر نۇمۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويسام كەلگەن ھامان تېلېفۇن قىلىدىغانلىقىنى دېدى. مەن ئۇنىڭغا نۇمۇرۇمنى قالدۇرماي، ئەمىسە كىيىنرەك كىلەي دەپ كىتىپ قالدىم.

ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن كىتابخانىدا بىرىلىپ بىر كىتاپنى ئۇقۇپ ئولتۇراتتىم. بىرسىنىڭ –ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دىگەن گىپىدىن چۈچۈپ كىتابتىن بېشىمنى كۆتۈردۈم.

ئالدىمدا قايسى كۈنى ئۈن-سىن دۇكىنىدا كۆرگەن يىگىت تەبەسسۇم بىلەن ماڭا قاراپ تۇراتتى،

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

-كەچۈرۈڭ، دىققىتىڭىزنى چېچىپ قويدۇم، سىز ئىزدىگەن پىلاستىنكا كەلگەن ئىدى. سىزنى بۇ يەردە كۆرۈپ دەپ قۇيۇشنى توغرا تاپتىم.

-رەخمەت سىزگە، مەنمۇ ئۇ پىلاستىنكىنىڭ كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى بىلەلمەي تۇرغان ئىدىم. دەپ قويغىنىڭىز ياخشى بولدى.

-ھە، سىزمۇ كىتاب ئۇقۇشنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز ھە.

-ھەئە، كىتاپ ئۇقۇشنى بەك ياخشى كۆرىمەن، سىزمۇ شۇنداق ئوخشايسىز ھە؟

-ھەئە، مەن كىتاب ئۇقۇشقا بەك ئامراق، يىڭى كىتابلار كەلگەن بولسا سېتىۋالاي دەپ كىرگەن ئىدى. ئادەتتە يىڭى كىتابلار كەلسە ئاساسەن سېتىۋېلىپ دۇكانغا ئاچىقىپ كۆرىمەن.

بىز شۇ تەرىقىدە پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قالدۇق. ئۇندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن ئۈن-سىن دۇكىنىغا چىقىپ ئۇ پىلاستىنكىنى سېتىۋالدىم. لىكىن ئۇ پۇل ئېلىشنى رەت قىلدى، مەنمۇ ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىقا قارىماي پۇلنى ئۈستەل ئۈستىگە قۇيۇپ قۇيۇپ چىكەتتىم.


تۇرمۇشۇمغا سىڭىپ كىردىڭ جىمجىتلا،

يۈرۈگۈمنى ئوغۇرلاپسەن تۇيدۇرماي.

كەلگىن ئەمدى يۈرۈگىڭنى بەر ماڭا،

قىلما مىنى نىگار ئۇنچە ئىنتىزار.


ئارىدىن يەنە 10 نەچچە كۈن ئۆتكەن بىر كۈنى بىز يەنە كىتابخانىدا ئۇچرىشىپ قالدۇق، ئادەتتە ۋاقتىم بولسىلا كىتاپخانىغا كۆپرەك كىرىپ تۇراتتىم. بىز يەنە كىتابخانىدا پەس ئاۋازدا كىتاب توغۇرلۇق بىردەم پاراڭلىشىپ تۇردۇق. خوشلىشىش ئالدىدا ئۇ ماڭا ئەخەت تۇردىنىڭ «سەرسان روھ» ناملىق كىتابىنى سوۋغا قىلدى. رەت قىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ لىكىن ئۇنىڭ سەمىمىيلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ ئۇ كىتابنى تەكەللۇپ بىلەن قۇبۇل قىلدىم. ئۇ تارتىنىش ئىچىدە تېلېفۇن نۇمۇرۇمنى سورىدى. ئادەتتە يات كىشىلەرگە نۇمۇرۇمنى قەتئى دەپ بەرمەيتتىم. ئۇ ئىككىلىنىپ قالغانلىقىمنى بىلىپ،-خاتىرجەم بۇلۇڭ، تېلېفۇن قىلمايمەن، پەقەتلا ئۇچۇر يازىمەن.-دېدى.

ئۇنىڭغا نۇمۇرۇمنى دەپ بەردىم.

بىر كۈنى ئۆيدە ئاناملار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتىم، تېلېفۇنۇمغا تۇيۇقسىزلا ئۇچۇر كەلدى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تىشلىقمۇ، نىمە ئىشلار بىلەن، بىر نەچچە كۈندىن بىرى كىتابخانىغىمۇ كەلمىدىڭىزغۇ؟ ھە راس. سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىمۇ بىلمەيمەن تېخى. ئىسمىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز بۇلارمۇ؟

شۇندىلا مىنىڭمۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىغانلىقىم ئىىسمگە كەلدى. توۋۋا. ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان يىگىتنىڭ سوۋغىتىنى قۇبۇل قىلىپ، يەنە ئۇنىڭغا نۇمۇرۇمنى دەپ بىرىپ يۈرگىنىمنى قارىمامدىغان؟ شۇلارنى ئويلىغاچ ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇردۇم.

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، خۇداغا شۈكرى ياخشى، ئۆزىڭىزچۇ؟ سىز سوۋغا قىلغان كىتابنى ئۇقۇپ كىتابخانىغىمۇ بارمىدىم. ئىسمىم شەھىدە.

ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇچۇر كەلدى.

-سىزگە كىتاب سوۋغا قىلىپ خاتا قىلدىممۇ نىمە؟ كىتابخانىغا كىلىپ تۇرسىڭىز بۇلاتتى. سىز سورىمىسىڭىزمۇ مەن ئىسمىمنى دەپ بىرەي. مىنىڭ ئىسمىم تاھىر

ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ئازراق غەلىتىلىك ھىس قىلغان بولساممۇ پەقەتلا چاقچاق دەپ چۈشەندىم.

ئۇ شۇندىن كىيىن پات-پاتلا ئۇچۇر يېزىپ تۇرىدىغان بولدى. ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۇنىڭ ئۇچۇر يېزىشلىرىغۇ كۆنۈپ قالغان ئىدىم. بىر كۈنى ئۇ مىنى ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلدى. مەن ماقۇل بولۇپ ئۇچرىشىشقا چىقتىم.

بىز بىر تىز تاماقخانىنىڭ ئايرىمخانىسىدا ئولتۇردۇق، ئۇچۇر ئارقىلىق بىر-بىرىمىزنى خېلى چۈشىنىشكەن بولغاچقا ئۇنچە تارتىنىپمۇ كەتمىدۇق، ئادەتتىكى دوستلاردەك پاراڭلىشىپ تاماق يىدۇق. مەن ئۇنىڭ چىرايىنىڭ تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۆزگىرىشىدىن، كەيپىياتىدىكى جىددىچىلىكتىن ئۇنىڭ ماڭا دەيدىغان بىرەر گىپى بارلىقىنى ھىس قىلدىم. لىكىن ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمىگەن ئىكەنمەن.

ئايرىلار ۋاقىتتا ئۇ تەسلىكتە ئۆزىنىڭ مىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى، مىنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەيدىغانلىقىنى، مىنى بەخىتلىك قىلىدىغانلىقىنى دېدى.

ئۇنىڭ ھەممە گەپنى ئۇنچە ئىنىق قىلغانلىقىدىن خىجىل بولۇپ ئۇنىڭ يېنىدىن تىزلا كەتتىم. لىكىن ئىچ-ئىچىمدىن خوش بوپ كىتىۋاتاتتىم. چۈنكى مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. قەلبىمدە ئاجايىپ تاتلىق ھىسلار ھۆكۈم سۈرەتتى. ئۆزۈمنى تۇلىمۇ بەختىيار ھىس قىلماقتا ئىدىم. خىيالىمدا پەقەت تاھىرلا بار ئىدى.

كۈنلەر بىر خىل رېتىمدا ئۆتۈۋاتاتتى. بىز بىر-بىرىمىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتۇق، شەخسەن مەن شۇنداق ئويلايتتىم. تاھىرمۇ مىنى بەكلا ھۆرمەت قىلاتتى. پەقەتلا قىلىقسىزلىق قىلمايتتى. كۈندە ئەتتىگەن تېلېفۇن قىلىپ ئۇنى ئويغىتىپ قۇياتتىم، ئۇمۇ ئويغىنىپلا مىنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى.

مەنمۇ ئۇنىڭ تېلفۇن قىلىپ ئەھۋال سوراشلىرىغا، ئۇچۇر يېزىپ ئەركىلىتىشلىرىگە شۇنچىلىك كۆنۈپ كەتكەن ئىدىم.

بىر كۈنى دوستلىرىم بىلەن شەھرىمىزدىكى خېلىلا نامى بار بىر تاماقخانىغا تاماق يىيىش ئۈچۈن باردىم. باشتا دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن. تۇيۇقسىزلا شۇ تاماقخانىدا بىر قىز بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ تاماق يەۋاتقان تاھىرنى كۆرۈپ قالدىم. شۇنچىلىك بىئارام بولدۇم. يېنىدىكى قىزنىڭ كىملىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بەكلا بىلگۈم كىلىۋاتاتتى. ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاشقا تىرىشىۋاتقان بولساممۇ لىكىن يەنە قانداقتۇر بىر خىل ئىزتىراپ ئىچىدە ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازدىم.

-نەدە، نىمىش قىلۋاتىسىز. ئالدىراشمۇ؟

ئۇچۇرنى يوللىۋىتىپ دوستلىرىمنىڭ گۇمانلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن چاندۇرماسلىققا تىرىشىۋاتقان بولساممۇ لىكىن كۆزلىرىم يەنە تاھىر تەرەپكە كىتەتتى. دوستلىرىم مىنىڭ بىرى بىلەن يۈرىۋاتقانلىقىمنى بىلسىمۇ لىكىن تاھىرنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.

ئۇ مەن يوللىغان ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كىيىن تېلفۇنىنى ئۈستەل ئۈستىدە قۇيۇپ قويدى، ئاندىن پىيالىنى قولىغا ئېلىپ پىيالىدىكى چاينى ئالدىرىماي ئىچىشكە باشلىدى. ئۇ قىز بىلەن يەنىلا قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى. بىردەمدىن كىيىن ئۇ تېلفۇننى قولىغان ئېلىپ بىر ئىشلارنى قىلىشقا باشلىدى. ئارقىدىنلا ئۇنىڭدىن ماڭا ئۇچۇر كەلدى.

-نەدە بۇلاتتىم مەلىكەم. دۇكاندا شۇ، بۈگۈن سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم. مەن دۇكاندىكى ئىشلارنى تۈگەتكەندىن كىيىن سىزگە تېلېفۇن قىلاي.

ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرگەندىن  بەكلا بىئارام بولدۇم، بۇ يەردىن تىزراق كىتىشنى ئويلىدىم. تاھىرنىڭ مىنى كۆرۈپ قېلىشىنى، دوستلىرىمنىڭ ناچار كەيپىياتىمنى كۆرۈپ بىھۇدە گۇمانلىنىشلىرىنى، كۆپ سوئال سوراپ ئىچىمنى تېخىمۇ ئاچچىق قىلىشىنى خالىمىدىم.

شۇڭا ئۇچۇرنى كۆرۈپلا دوستلىرىمغا،-سىرتقا چىقىپ كىرەي.-دەپ قۇيۇپ ئۇ يەردىن كەتتىم.

ئۇ يەردىن چىقىپ تاكسى تۇسۇپ ئۇدۇللا ئۆيگە كەلدىم. ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتىم. تاھىرنىڭ ئۇ يالغانچىلىقى ماڭا بەك ئېغىر كەلگەن ئىدى. تاھىرنى ئىككى قىيىققا تەڭ دەسسەيدىغان يىگىت دەپ ئويلىمايتتىم. ئۇ مىنىڭ كۆڭلۈمدە ناھايىتى مۇكەممەل، نوقسانسىز يىگىت ئىدى.

قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن تاڭ بىر چاغدا ئۇنىڭدىن تېلېفۇن كەلدى.

-مەن ھازىر بىكار بولدۇم مەلىكەم. سىرتقا چىقسىڭىز كۈرۈشسەك بوپتىكەن.

ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن بىرى ئويلىنىش ئارقىلىق بۇ ئىشنى ئۇنىڭ يۈزىگە سالماسلىقنى قارار قىلغان ئىدىم. قانداقلا بولمىسۇن مەن ئۇنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۈرەتتىم. بۇنى ئۇنىڭ يۈزىگە سېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سۇقۇشقان بىلەنمۇ ھېچقاچان ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايتتى، ئۇنى ماڭا يۈزسىزلىك قىلدى دەپلا كىتىپ قېلىشقا چىدىمايتتىم. بىردەم ئويلىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا جاۋاپ بەردىم.

-ھازىر چىقالمايمەن. ئۆيگە مىھمان كىلىپ قالغان. ئانامغا ياردەملەشمىسەم بولمايدۇ. كىيىن كۈرۈشەيلى.

-ئەستا، نىمىشقا مۇشۇنداق ۋاقىتتا كەلگەندۇ ئۇ مىھمانلار. سىزنى بەك كۆرگۈم كەلگەن ئىدىم. بوپتۇ ئەمىسە ئەتە كۆرۈشەيلى.

ئۇ شۇنداق دەپ تېلېفۇننى قۇيىۋەتتى. كاللامدا نۇرغۇن چىگىش خىياللار ھۆكۈم سۈرەتتى.


چىن دىلىمدىن ئىشەنگەنتىم مەن ساڭا،

ئەقىدەمدىن گۈل دەستىلەر تىزغانتىم.

ۋاپادارىم، يۈلەنچۈكىم سەن ئىدىڭ،

ئايرىلمايمىز مەڭگۈگە دەپ بىلگەنتىم.


ئۆزگەرسىمۇ ھەممە نەرسە باشقىچە،

ئۆزگەرمەيدۇ دەيتتىم سىنى ئۆلگىچە.

ئىشەنچىمدىن قالدىڭ بۈگۈن ھەتتىڭەي،

ئامالسىزمەن ئەمدىن دىلدىن سۆيۈشكە.


مەنمۇ ئۇ ئىشلارنى ئۇنىڭغا دىمىدىم. يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۆتىۋەردۇق. لىكىن كۆڭلۈمدە بىر تۈگۈن قېلىپ قالدى.

بۈگۈنمۇ ئادىتىم بويىچە ئويغىنىپلا ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلىپ ئۇنىمۇ ئويغىتىپ قويدۇم. ئۇندىن كىيىن ئادىتىم بويىچە ناشتىلىق تەييارلاش دىگەندەك ئىشلارنى قىلىپ تۇرسام ئۇنىڭدىن تېلېفۇن كەلدى.

-بۈگۈن نىمىش قىلىسىز مەلىكەم.

-باشقا مۇھىم ئىشمۇ يوق، ئۆيدە بولىمەن. سىزچۇ؟

-ئەسلى بۈگۈن سىز بىلەن كۆرۈشەي دىگەن. لىكىن دۇكاندا ئىشلار كۆپ. ئامال بار ئىشلىرىمنى تىز تۆگىتىپ سىزگە تېلېفۇن قىلاي. بىللە تاماق يەيلى.

-بولىدۇ، ماقۇل ئەمىسە.

ئۆي ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ كىتاب ئۇقۇپ ئولتۇرسام ئانام چاقىرىپ قالدى.

-شەھىدە قىزىم، بۈگۈن سىڭلىڭىز ئۈچىمىز بازارغا چىقايلى. سودىلىق بار ئىدى، ئۈچىمىز بىللە چىقايلى بالام.

-بولىدۇ ئانا.

ئانام، سىڭلىم ئۈچىمىز بىللە بازار چىقتۇق. سىڭلىمغا ۋە ماڭا بىر قۇردىن كىيىم ئالدۇق. خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بازار ئايلانغاچقا قورسىقىمىز ئاچقان ئىدى، ھەم ھاردۇقمۇ يەتكەن ئىدى. ئانامنىڭ پىكىرى بىلەن بىرەر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ تاماق يىگەچ ئارام ئالىدىغان بولدۇق.

ئاشخانىغا ماڭغۇچە ئۇنىڭ دوكىنىنىڭ ئالدىدىن ئۈتۈشكە توغرا كەلدى. لىكىن دوكان تاقاق ئىدى.

تاھىر ئەتىگەن دۇكاندا ئىش كۆپ دەۋاتاتتى، ئەجەپ دۇكاننى ئاچماپتىغۇ. ياكى..ياكى ...ئۇ يەنە ھېلىقى قىز بىلەنمىدۇ؟

ئۆز ئويلىرىمغا ئۆزۈمنىڭ ئاچچىقى كىلىۋاتقان ئىدى. نىمانچە گۇمانخورلۇق قىلىدىغاندىمەن. بەلكىم تاماق يىگىلى كەتكەندۇ. ياكى باشقا ئىشى چىقىپ قالغاندۇ. نىمىشقا ئىشنى يامان تەرىپىگە بۇرايدىغاندىمەن.

ئۇنىڭغا ئۇچۇر يېزىپ نىمىش قىلىۋاتقانلىقىنى سورىغۇم كەلدى. لىكىن يەنىلا ئۇنداق قىلمىدىم. ئۇ يەنە مەن دۇكاندا دەپ يالغان سۆزلىسە بىكارلا يەنە ئاچچىق يۈتىۋالاتتىم. ئۇنىڭ مىنى ئالدىغانلىقىغا ئازاپلىناتتىم. شۇڭا ئۇنىڭغا تېلېفۇنمۇ قىلمىدىم. ئۇچۇرمۇ يازمىدىم.

ئانام، سىڭلىم بىللە تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن يەنە بازار ئارىلاشقا چىقتۇق. قايسى كۆزلىرىم بىلەن كۆرەي، تاھىرنى بازاردا يەنە شۇ قىز بىلەن خۇشال بازار ئارىلىۋاتقان ھالدا كۆرۈپ يۈرۈكۈمگە بىرى يىڭنە سانچىغاندەك بولۇپ كەتتىم. بۇ جاھان نىمانچە تاردۇ. نىمىشقا يەنە ئۇلارنى كۆرۈپ قالىدىغاندىمەن. ئۇلار ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئۇنچە پەرۋا قىلمىغان ھالدا كىتىپ باراتتى. ئۇنىڭ مىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرىدىم، نىمىشقا ئەنسىرەيدىغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم. ئۇ مىنى كۆرۈپ بولغىچە تىزلا ئادەملەر ئىچىگە كىرىپ كەتتىم.

بۈگۈنمۇ خامۇش يۈردۈم، ئۆزۈمنى خۇشال تۇتۇشقا تىرىشقان بولساممۇ لىكىن ئۇنداق قىلالمىدىم، بايا ئۇنى كۆرگەندە ئۆزۈمنىڭ مۈكىۋالغانلىقىمغا ئاچچىقىم كىلەتتى. قانداق قىلىشىم كىرەكلىكىنى پەقەت بىلمەيۋاتاتتىم. ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق يۈرىۋىرىش كىرەكمۇ ياكى ئايرىلىپ كىتىشىم كىرەكمۇ؟

قۇلۇمنى يۈرۈكۈمگە قۇيۇپ ئويلاپ باقسام مەن ئۇنى يەنە ياخشى كۈرەتتىم، ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا چىدىمايتتىم. ھەم ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەكمۇ يۈرەلمەيتتىم. ئۇزاق ئويلىنىش ئارقىلىق يەنىلا سۈكۈت قىلىش قارارىغا كەلدىم. كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بىرىشنى ئويلىدىم.

ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق ۋاپاسىزلىقىنىمۇ مۇشۇنداق ئۆتكۈزىۋەتتىم. ئۆزۈمنىڭ توغرا ياكى خاتا قىلغانلىقىمنى بىلمەيتتىم. كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ يەنە ئۇ قىز بىلەن كۆرۈشمەسلىكىنى، چىن دىلىدىن يېنىمغا قايتىپ كىلىشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيتتىم.

ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى يەنىلا قىزغىن ئىدى. مەنمۇ ئۇنىڭ بۇ قەدەر ئىللىق مۇئامىلىسىدىن خۇشال ئىدىم. بىر نەچچە ئاي شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى. بىر نەچچە ئايدىن كىيىن بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن سىڭلىم بىلەن ھاۋا يەپ كىرىش ئۈچۈن خەلق مەيدانىغا باردۇق. مىنىڭمۇ، سىڭلىمنىڭمۇ كەيپىياتىمىز چاغ ئىدى. بەلكىم شۇ كۈنى خەلق مەيدانىغا بارمىغان بولساممۇ بۇنچە ئازاپقا دۇچار بولماس ئىدىم. ئۇ كۈنى يەنە ئۇ ئىككىسىنى شۇ يەردە پاراڭلىشىپ تۇرغان ھالىتىدە كۆردۈم. لىكىن ئۇلار مىنى يەنىلا كۆرمىدى. تاھىرنىڭ قانداق پۇزىتسىيە بولىدىغانلىقىنى كۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدىم، ئۇ تېلفۇنىغا قاراپ مىنىڭ نۇمۇرۇم ئىكەنلىكىنى كۆرگەندىن كىيىن تېلفۇنىنى يانچۇقىغا سېلىۋەتتى. بۇۋاقىتتىكى ئازابىمنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن. ئەمدى ئۇنى كەچۈرەلمەيتتىم. يەنە بىر قېتىم تېلفۇن قىلدىم. ئۇ تېلفۇنۇمنى كۈتۈرمەكتە يوق، تېلفۇننى بېسىۋەتتى.

ئاچچىقىمدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ بولۇپ يەنە توختاپ قالدىم، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ نىمە دەيمەن. يەنە دىيىشكۈدەك نىمە گەپ قالدى. شۇلارنى ئويلاپ تىزلا كەينىمگە ياندىم. شۇ ۋاقىتتا ئۇ مىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ مىنى كۆرۈپ ئىسمىمنى چاقىردى. لىكىن مەن سىڭلىمنىمۇ چاقىرۋالماستىن تاكسى تۇسۇپلا ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.

بۇ قېتىم مەن ئالدىنقى قېتىمقىلاردەك يىغلىمىدىم. بەلكىم ياش كۆزۈمدىن چىقمىغان بىلەن يۈرىكىمدىن قان ئېقىۋاتقاندۇ. ئۆزۈمنىڭ نىمە ئويلىغىنىمنىمۇ بىلىمىدىم. بىر نوقتىغا تىكىلگەن ھالدا ئۈنسىز ئولتۇراتتىم. بىرچاغدا تېلفۇننىڭ ئاۋازىدىن ئەسلىمگە كەلگەندەك بولدۇم. تېلفۇن تاھىردىن كەلگەن ئىدى. مەن تېلفۇندىن كارتىنى چىقىرىپ كارتىنى سۇندۇرۇپ تاشلىدىم. ئۇنىڭ ئاۋازىنى،  يالغان چۈشەندۈرۈشلىرىنى پەقەتلا ئاڭلىغۇم يوق ئىدى.


نە ھاجەت ئالداپ ھەم ئالدىنىپ سۆيۈش،

مۇھەببەت ئەمەس ئۇ ساختا ئارلاشقان.

ۋەدىلەر شىرىندۇر، ئەسلىمە گۈزەل.

نەچچە كۈن ئۆتمەيلا يەنە ياتلاشقان.


بىر نەچچە ئاي ناھايىتىمۇ چۈشكۈن ھالدا يۈردۈم، ھېچكىم بىلەن پاراڭلاشقۇم كەلمەيتتى، بىرەرى يېنىمدا ئارتۇقراق پاراڭ قىلسىمۇ ئاچچىقلىنىپ قالاتتىم. ئۆيدىكىلەر مىنىڭ كەيپىياتىمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، نىمىش بولغانلىقىنى مەندىن قايتا-قايتا سورىغان بولسىمۇ ھېچقانداق جاۋاپ ئالالمىدى. مىنىڭ ئۇ ئىشلارنى ئۇلارغا دىگۈم يوق ئىدى. بىر كۈنى يەنە شۇنداق خامۇش ئولتۇرسام ئانام، دادامنىڭ يېقىن بىر دوستىنىڭ ئوغلى ئۈچۈن ماڭا ئەلچىلىككە كەلگەنلىكىنى، مىنىڭ ئۇ يىگىت بىلەن كۈرۈشۈپ بېقىشىمنى دېدى، باشتا رەت قىلغان بولساممۇ لىكىن ئانامنىڭ قايتا-قايتا دىيىشى بىلەن ماقۇل بولۇپ ئۇ يىگىت بىلەن كۈرۈشۈپ باقىدىغان بولدۇم.

چوڭلارنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن بىر شەنبە كۈنى ئۇ يىگىت بىلەن كۆرۈشتۈم. مەن بىر قېتىم مۇھەببەتتىن قاتتىق ئازار يىگەن بولغاچقا مەندە مۇھەببەت، سۆيگۈ دىگەن ئۇقۇم تامامەن يۇقالغان ئىدى، بۇ يىگىت بىلەنمۇ چوڭلارنىڭ زورى بىلەنلا كۆرۈشكەن ئىدىم. ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن يىگىتىم بىلەن توي قىلالمىغاندىن كىيىن كىم بىلەن توي قىلسام ئوخشاشقۇ. شۇلارنى ئويلاپ بۇ تويغا قۇشۇلدۇم.

تاھىر بىلەن كۆرۈشمىگىلىمۇ ئۈچ ئايدىن ئاشقان ئىدى، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرمۇ تويغا جىددى تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، بۈگۈن ئانام، ئاچاملار بىلەن تويغا لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا چىقتۇق. چوڭلارنىڭ ئىشىمۇ بەك كۆپ بولىدىكەن. ئوخشاش بىر نەرسىنى نەچچە دۇكانغا كىرىپ كۆرۈپ چىقاتتى، بىر چاغدا بىرى قۇلۇمغا بىر نەرسە تۇتقۇزۇپ قويغاندەك قىلدى، قارىسام يېنىمدىلا تاھىر تۇراتتى، ئۇنى كۆرۈپ بەكمۇ جىددىيلىشىپ كەتتىم، ھازىرلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك قىلاتتىم. ئۇ قۇلۇمغا بىر پارچە خەتنى تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ مەندىن يىراقلاشتى. ئانام، ئاچاملارغا مىجەزىم يوقلىقىنى، ئۆيگە قايتىپ ئارام ئالىدىغانلىقىمنى دەپ ئۆيگە قايتتىم.

ئۆزۈم ھىس قىلمىغان بىلەن بۇ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە تاھىرنى بەكلا سېغىنىپتىكەنمەن. ئۆيگە كىلىپلا ئۇ بەرگەن خەتنى ئۇقۇشقا باشلىدىم.

-قەدىرلىك شەھىدە، سىز بولمىغان بۇ كۈنلىرىمنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى بىلەمسىز، ھەر بىر كۆنۈم سىزنى سېغىنىش، سىزنى ئەسلەش بىلەن ئۆتتى. ھەقىقى ئەھۋالنى سىزگە بۇرۇنراق دىمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەيىپلەپلا ئۆتتۈم.

شەھىدە!  ئەجىبا سىز ماڭا، بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزگە ئىشەنمەمتىڭىز؟ سىز ئۇ كۈنى يېنىمدا كۆرگەن قىزنىڭ ئىسمى ئالىيە.  دوستۇمنىڭ توي قىلىدىغان لايىقى ئىدى. بۇلتۇر دوستۇم قاتناش ھادىسى سەۋەپلىك تۇيۇقسىز تۈگەپ كەتتى، ئۇ دوستۇم بىلەن جان-جىگەر ئاغىنىلەردىن ئىدۇق. بىر-بىرىمىزدىن ھېچنەرسىمىزنى ئايىمايتتۇق. تۇلىمۇ ئەپسۇس، بۇلتۇر بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسى سەۋەپلىك مەن دوستۇمدىن، ئالىيە تويلىشىدىغان يىگىتىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئالىيەگە بۇ ئىش بەك تەسىر قىلىپ كەتكەچكە بىر مەزگىل خۇدىنى يۇقىتىپ يۈردى. كىيىن ئۆيدىكىلىرى ھەم دوستلىرىنىڭ مەدىتى بىلەن ھازىرقىدەك ھالغا كەلدى. مەنمۇ پەقەت دوستلۇق يۈزىسىدىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىمەن، بەزىدە بىللە بازار ئايلىنىمىز، بىللە تاماق يەيمىز. ئۇ مىنى ئاكىسى ئورنىدا كۆرىدۇ، مەنمۇ ئۇنى سىڭلىم ئورنىدا كۆرەتتىم. بۇنى سىزگە بۇرۇنراق دىمىگىنىمگە بەكلا پۇشايمان قىلىمەن. ئۇ كۈنى سىز بىزنى كۆرۈپ خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز، سىزگە نەچچە قېتىم تېلفۇن قىلدىم، تېلفۇننى ئالمىدىڭىز، چۈشەندۈرۈپ ئۇچۇر يازدىم، ئۇچۇرلىرىممۇ جاۋاپسىز قالدى. سىز بىلەن پەقەت ئالاقىلىشالمىدىم. ئۆيىڭىزنىڭ نۇمۇرىنى سورىمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم. سىزنى ئۇچرىتىپ قالارمەنمىكىن دىگەن ئۈمۈدتە ھەركۈنى مەقسەتلا بازار ئايلىنىمەن، كىتابخانىغا كىرىمەن. لىكىن سىزنى پەقەت ئۇچرىتالمىدىم. ئۇچرىشىپ قالساقمۇ سىزنىڭ ماڭا چۈشەندۈرگىدەك پۇرسەت بەرمەسلىكىڭىزدىن ئەنسىرەپ بۇ خەتنى يېزىپ يانچۇقىمدا ساقلاپ يۈرىمەن. بۇ خەتنى سىزنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۇقۇيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

شەھىدە! دىگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن. ماڭا ئىشىنىڭ، بۇ خەتنى ئۇقىغاندىن كىيىن يېنىمغا قايتىپ كىلىڭ. بىز ھەممىنى قايتىدىن باشلايلى. بۇ بىرنەچچە ئايدىن بىرى تېخىمۇ ھىس قىلدىم، ماڭا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ شەھىدە.

يېنىمغا قايتىپ كىلىشىڭىزگە ئىنتىزار بولغان شاھزادىڭىز: تاھىردىن.

خەتنى ئۇقۇپ بولغىچە كۆز ياشلىرىم قەغەزنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى، مەن ئەمدى زادى قانداق قىلىشىم كىرەك. نىمىشقا ئۇنىڭغا چۈشەندۈرگىدەك بىرەر پۇرسەت بەرمىگەندىمەن، نىمىشقا كارتامنى سۇندۇرىۋەتكەندىمەن، ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرمىگىنىم ئۆزۈمگىمۇ پۇرسەت بەرمىگىنىم ئەمەسمۇ. مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۈرەتتىمغۇ.

بىر نەچچە كۈن قاتتىق ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى يەنە ئۆيدىكىلەرنىڭ گىپىگە كىرىپ دادامنىڭ دوستىنىڭ ئوغلى بىلەن توي قىلىشنى توغرا تاپتىم. ئۇنداق قىلمىسام چوڭلارنىڭ ئارىسىدا زىددىيەت كىلىپ چىقاتتى ھەم ئۆيدىكىلەرگىمۇ قىلغان ئىشىم ئېغىر كىلەتتى. شۇڭا يەنىلا مۇھەببىتىمدىن ۋاز كىچىشنى تاللىدىم.

مانا بۈگۈن مىنىڭ تويۇم، بۇ تويۇمنى كۆز ياشلىرىم ئارقىلىق كۈتىۋالدىم. توي كۈنى ھەممە قىزلار يىغلايدۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن يىغلىغانلىقىنى باشقىلار بىلمەيدۇ. توي كۈنى كىلىنچەكنىڭ يىغلىشى نورمال ئىش. باشقىلار ئۇنى ئۆز ئۆيىدىن ئايرىلىشقا چىدىماي يىغلايدۇ دەپ ئويلىشىدۇ. باشقىلارمۇ شۇ تاپتا مىنى شۇنداق ئويلاۋاتقاندۇ.

قەلبىمنىڭ ئۈنسىز نىداسى، تاھىر مەن سىنى ياخشى كۈرىمەن، سەندىن ئايرىلىشقا چىدىمايمەن دىگەن نىدالىرىمنى ئۇلار بىلمەيدۇ.

شۇنداق ئازاپ ئىچىدە ئولتۇرغان ۋاقتىمدا 7-8 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز ماڭا بىر پارچە خەت ئەكىرىپ بىرىپ چىكەتتى. بۇ خەت مىنىڭ ئازابىمنى تېخىمۇ ئۇلغايتقان ئىدى. بۇ تاھىرنىڭ ماڭا كىرگۈزگەن خېتى ئىدى.


سەن ئۈچۈن توي مەن ئۈچۈن ماتەم،

خۇشال ياشا چەكمىگىن ئەلەم.

ئوخشىتىمەن شۇ تاپتا بىزنى،

مەن غېرىپمەن سەن ئۆزۈڭ سەنەم.


بەختلىك بول تۆكمىگىن كۆز ياش،

چۈنكى بەختىم تۇتاش سەن بىلەن.

سىنىڭ ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتتىم.

سىنى سۆيگەن يۈرىكىم بىلەن.


سەن ئۈچۈن توي مەن ئۈچۈن ماتەم،

مىنى ئۇنتۇپ قالما مەلىكەم.

سىنىڭ ئۈچۈن بەخت تىلەيمەن.

توي نەغمىسى ئاڭلانغان شۇ دەم.

  تۆگىدى.

ئەسكەرتىش: ھىكايىدىكى «مەن» نىڭ مەن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   IZZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-31 02:27 PM  


مۇھەببەت ياخشى كۆرگەنلەرگە ئەمەس، قەدىرلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80814
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4769
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 01:29:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا    ئاخىردا  يازغان شىئىرىڭىز  خىلىياردى ياخىش  يىزىپسىز   !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61087
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4436
تۆھپە نۇمۇرى: 1029
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 01:59:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللا چىن دىلىدىن سۇيۇشكەن ئاشىق -مەشۇقلارنى مۇرادىغا يەتكۈزگەي ئىلاھىم.....

ئارزۇسى يوق ياش تام تۈۋىدىكى تاش ‹ھې ھې›

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 710
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 393 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 02:03:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەن ئۈچۈن توي مەن ئۈچۈن ماتەم،
خۇشال ياشا چەكمىگىن ئەلەم.
ئوخشىتىمەن شۇ تاپتا بىزنى،
مەن غېرىپمەن سەن ئۆزۈڭ سەنەم.


بەختلىك بول تۆكمىگىن كۆز ياش،
چۈنكى بەختىم تۇتاش سەن بىلەن.
سىنىڭ ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتتىم.
سىنى سۆيگەن يۈرىكىم بىلەن.


سەن ئۈچۈن توي مەن ئۈچۈن ماتەم،
مىنى ئۇنتۇپ قالما مەلىكەم.
سىنىڭ ئۈچۈن بەخت تىلەيمەن.
توي نەغمىسى ئاڭلانغان شۇ دەم.
......................................................................................
........................................................................................
ئەمدى تويىڭىز بولغان كۈندىن باشلاپ، تاھىر دىگەننى ئۇنتۇپ كىتىشىىڭىز، تونىماسلىقىڭىز كىرەك. بولمىسا ھازىرقى ئىرىڭىزگە قانداق يۈز كىلەلەيسىز؟

تاھىرنىڭ سىزنى مىنى ئۇنتۇپ قالما دىيىشكە ھەققى يوق. چۈنكى تويلۇق مەھرىنى ھازىرقى يولدىشىڭىز ئالغان ھەم نىكاھنى ھازىرقى يولدىشىڭىز بىلەن سىىزگە ئوقوغان ئەمەسمۇ؟


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-31 02:07 PM  


ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4194
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1739 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 02:20:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى سىزنىڭ بىشىڭىز دىن ئۇتكەن ئىشلار ئۇخشايدۇ دەپ قاپتىمەن سىزمۇ كىتاپ خۇمار بولغاندىكىن ھى ھى ھى،بەك ياخشى چىققان ئەسەر كەن بۇندىن كىيىنكى ئىجا دىيەتلىرىڭىز گەئۇتۇق تىلەيمەن

ھەراس ؛
شەھىدە! دىگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن. ماڭا ئىشىنىڭ، بۇ خەتنى ئۇقىغاندىن كىيىن يېنىمغا قايتىپ كىلىڭ. بىز ھەممىنى قايتىدىن باشلايلى. بۇ بىرنەچچە ئايدىن بىرى تېخىمۇ ھىس قىلدىم، ماڭا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ ئالىيە.يېنىمغا قايتىپ كىلىشىڭىزگە ئىنتىزار بولغان شاھزادىڭىز: تاھىردىن.
بۇ ئىسىم خاتا يېزىلىپ قاپتۇ



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-31 02:23 PM  


سەھرايىمنى سۈيىمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 874
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5075
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 573 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 02:24:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقى-مۇھەببەت كوچىسىدىكى تەسىرلىك ھىكايە ئىكەن. مەن ئوقۇپ تۇگەتكۈچە ئاپتورنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلىك ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن.

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4194
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1739 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 02:25:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2013-1-31 02:03 PM
سەن ئۈچۈن توي مەن ئۈچۈن ماتەم،
خۇشال ياشا چەكمىگىن ئەل ...

تېما ئىگىسى ئەسكەر تىش بېرىپتىغۇ  ئەسەر مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ

سەھرايىمنى سۈيىمەن !

غەلبە تىرىشچانل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12690
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 10963
تۆھپە نۇمۇرى: 826
توردا: 1160 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2013-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 02:26:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2013-1-31 02:03 PM
سەن ئۈچۈن توي مەن ئۈچۈن ماتەم،
خۇشال ياشا چەكمىگىن ئەل ...

چىرايلىق، ئوبدان ئاكا ھىكايىنىڭ ئاخىرىدىكى ئەسكەرتىشنى ئۇقىمىدىڭىزما.

كۆرمەي قالغان بولسىڭىز بۇ يەرگە قايتا يېزىپ قۇياي. ئۇقۇپ قۇيۇڭ.

ئەسەردىكى «مەن» نىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.

مۇھەببەت ياخشى كۆرگەنلەرگە ئەمەس، قەدىرلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 334 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 03:33:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ،بەزەن چاغدا ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتمايدۇ،

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1611
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7746
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 03:40:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇي دەرتمەنلە

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن بوپ كىتىشىدىن پاناھ تىلەيمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش