|
|
|
|
مەزكۇر فىلىم 2012-يىلى 12-ئايدا چىققان؛ ئىشلىگەن دۆلەت ئامېرىكا؛ فىلىم تىلى: ئىنگلىز تىلى؛ ئۆتكەندە «بىن لادىننى ئۆلتۈرۈش» دېگەن فىلىمنى تەرجىمە قىلغان ئىدۇق، بۇ قېتىم باشقىچىرەك ئىشلەنگەن «بىن لادىننى ئوۋلاش» دېگەن فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ سىلەرگە سۇندۇق. بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ كۆرگەيسىلەر. فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: فىلىمنىڭ يەنە «بىن لادىننى ئۆلتۈرۈش»، «بىن لادىنغا قوغلاپ زەربە بېرىش»، «كاللا كېسىش ھەرىكىتى»، «قارا كېچە ھەرىكىتى» دېگەندەك بىر قانچە نامى بار. مەزكۇر فىلىم 2012-يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك باھالاش جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئەڭ ئالىي فىلىم دەپ باھالانغان ئىكەن. ئامېرىكا دېگەندەك نادىر فىلىم قىلىپ باھالاشقا ئەرزىمدىكەن ياكى ئەرزىمەمدىكەن بۇنى كۆرۈپ بېقىپ مۇلاھىزە قىلىپ بېقىڭلار. فىلىمنىڭ ئىنگلىزچە نامىنى ئاساس قىلىپ ئىسمى «قارا كېچە ھەرىكىتى»گە ئۆزگەردى چۈشۈرۈش ئادېرىسى: بۇ_يەرنى_چېكىپ_چۈشۈرۈڭ ئەسكەرتىش: ئۆتكەن قېتىم تەرجىمە قىلغان «بىن لادىننى ئۆلتۈرۈش» دېگەن فىلىمدە ھەقىقەتەن نۇرغۇن تەرجىمە خاتلىقى ساقلىنىپتۇ، بەزى تورداشلار «شېئىر»غا ئوخشاپ قاپتۇ دېگەندەك ئىنكاسلارنى بىكىتىمىزگە يازدى، ھەتتا مەسخىرە قىلغان ئەھۋالمۇ بولدى. بىز بۇنىڭدىن رەنجىمەيمىز، چۈنكى خاتالىق بىزدىن ئۆتتى، بىراق بۇندىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىپ ئۇنداق خاتالىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. يېڭىدىن ئىش باشلىغان بولغاچقا نۇقسانلاردىن خالىي بولالمىدۇق، شۇڭا ئەيبكە بۇيرۇماي، پىكىر-تەكلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چوڭقۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-31 01:21 PM
|
|
|
|
|
|