مۇھەببەت زىيانلىق نەرسە.
مۇھەببەت ئادەمنى مەھلىيا قىلىدۇ،لىكىن يەنە خۇددى زەھەرلىك چىكىملىككە ئوخشاشكاردىنمۇ چىقىرىدۇ،ئۇ ئادەمنى مەھلىيا قىلغانلىغى ئۈچۈن شۇنداق.بىز چۆچەكلەردىن،رىۋايەتلەردىن"ئاققۇ كۈلى"گە ئوخشاشئاجايىپ مۇھەببەتلەرنى ئاڭلىغان.بىز ئۆز ئاشىقلىرىمىزنىڭ،خۇتۇنلىرىمىزنىڭ ياكى ئەرلىرىمىزنىڭ مۇھەببەتلىرىنى ئاشۇ مۇھەببەت رىۋايەتلىرى بىلەن ئۆلچەيدىغان،ئۇلاردىن پۈتۈن تىنى،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەنبىزگە بىرلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بولساق،مۇھەببەتنىڭ نۇرغۇن باش ئاغرىقلىرىغا قالىمىز،بۇ دۇنيادا ھاقىقىي مۇھەببەتنىڭيوقلىقىدىن ۋايسايدىغان بۇلىمىز.
مۇھەببەت راستىنلا يوقمۇ؟پۇل،مەرتىۋە،چىراي ۋە جىنسىي تەلەپ دىگەندەك چاكىنا ھەۋەسلەردىنخالىي مۇھەببەت پەقەتلا يوقمۇ؟
بار،ئەمما ئۇ روھتا،ئادەم ئۆلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ روھى باشقا بىر ئادەم سىياقىدادۇنياغا قايتا ئاپرىدە بۇلۇپ،شۇ ئادەمگە،يەنى مەرتىۋىدىن،پۇل-دۇنيادىن ۋە ئارزۇ-ھەۋەسلەردىن ئايرىلالمايدىغان ئادەمگە تايىنىپ ياشايدۇ.شۇڭا بۇ دۇنيادىنيەپ-ئىچىش،ئويناپ-كۈلۈشتىن ئايرىلسىڭىزمۇھەببەت مەۋجۈت بولمايدۇ.
يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا،مۇھەببەت بار،ئەمما ساپ ۋە ھەممىدىن مۇستەسنا مۇھەببەت يوق.
مۇھەببەت گۈل-گىياھلىق باغلاردا،ئايدىڭ كىچىلەردە بار،قازان-قۇمۇچنىڭ تۈۋىدە تېخىمۇ بار.شىرىن سۇخەنلەرمۇ،قازان-قۇمۇچلارنىڭ جاراڭ-جۇرۇڭلىرىمۇ ئوخشاشلا تاتلىق،ئەمما بىز ئايدىڭ كىچىلەردىكى
ئاشۇ شىرىن سۇخەنلەرنىلا ئىتراپ قىلىپ،قازان-قۇمۇچلارنى ئىتراپ قىلىشنى خالىمايمىز.شۇڭا،توي مۇھەببەتنىڭ
قەبرىسى،دەپ ۋايسايمىز،ئۈزىمىزدىن كىيىنكىلەرگە،توي بىلەن مۇھەببەتنى ئايرىپ قاراڭلار،دەپ نەسىھەت
قىلىمىز،ئەنە شۇ سەۋەپتىن باشقىلارنىڭ ئەرلىرى كۆزىمىزگەئۈزىمىزنىڭكىدىن ياخشى،باشقىلارنىڭ خۇتۇنلىرى
ئۈزىمىزنىڭكىدىن ئوڭلۇق كۆرىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بەدىنىدىكى سېرق تۈكلىرىدىن تارتىپبىزگە تۇنۇش بۇلۇپ كەتكەن خۇتۇنلىرىمىز ياكى ئەرلىرىمىزنى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ دەپ قاراپ،ئۈزىمىز بىلمەيدىغان،چۈشەنمەيدىغان غەيرىي جىنىسلىقلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ،نەتىجىدە تۈگىمەس غەم-غۇسسىگە چۈكىمىز.ئەمما بىز بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى
ئۇ سىرلىق،رومانتىك شەخىسلەرنىڭئۆز ئۆيلىرىدە ئوخشاشلاھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ،دەپ قارلىدىغانلىقىنى خىيا-
لىمىزغا كەلتۈرۈپ باقمايمىز.بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى ھېچنىمىگە ئەرزىمەس ئۆز ئادەملىرىمىز،ئەلۋەتتە،باشقا ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە ئايدىن چۈشكەن پەرىزات.
مۇھەببەت ئائىلىنىڭ دۈشمىنى.
ئىنىق قىلىپ ئېيتقاندا،مۇھەببەتنى يۈكسەك پەللىگە كۈتۈرۈپ چۈشۈنۈش ئائىلىگە دۈشمەنلىك ئېلىپ كىلىدۇ.
بىز ئاددى بىر ئىنسان،بىزگە پەقەت ئىنسانىي ئائىلە ۋە ئىنسانىي مۇھەببەت كىرەك.
ئىنسانىي دۇنيادا كۈڭۈلدىكىدەك مۇھەببەتنىڭ ساقلىنىشى،بىزنىڭ ئىنسانىي مۇھەببىتىمىزنى تۇلۇقلاش ۋە ئۇنى ياخشىلىق تەرەپكە يىتەكلەش،تۇرمۇشتىن زىرىكىش بىلەن نەپرەتلىنىش ئەمەس ئۇنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈ-
رۈشكە پايدىلىق،ئەلۋەتتە.ئەگەر كۈڭۈلدىكىدەك ەپ ئويلىغان مۇھەببەت بىزگە خاپىلىق ۋەكۈڭۈلسىزلىك كەلتۈرۈپ بىرىدىغان بولسا ،بۇنداق مۇھەببەتتىن ۋاز كەچسەكمۇ بۇلىدۇ.
بىز مۇھەببەتنىڭ كەينىدىن قوغلاشقاندا ئۇنى يىتتۈرۈپ قۇيىمىز،مۇھەببەتتىن ۋاز كەچكەن ۋاقتىمىزدا،ئۇ يەنە
پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا،ئەڭ لازىملىقى غەۋغاسىز ئاددى ھايات.
مەنبە:"ئاگاھ بۇلۇڭلار جۇڭگۇلۇق ئەر-خۇتۇنلار"دىگەن كىتابتىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا talipa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-31 01:36 AM