«خوتەن گېزىتى»نىڭ 29-يانۋاردىكى«قاشتېشى» ئەدەبىيات بېتىنىڭ مۇندەرىجىسى
1. «بەش يۈەن پۇل» (ھېكايە)........................غوجامۇھەممەد قابىز
2. « كۆڭۈل قۇشتۇر، ۋە لېكىن... » (شېئىر) ....... مۇھەممەتتوختى ئەھمەد
3. «سەن باغرىمدا كۆلىگەن بىر گۈل » (شېئىر)........مىرەخمەت مامۇت
4. «ئاناڭنىمۇ بىرەر قېتىم ماختاپ قوي» (شېئىر).....ئەمەتجان سەمەت
5. «خەت يازماي، ئۆزۈڭ كەل» (شېئىر)..................ئانارگۈل باقى
6. «قاشتېشى» تامغۇسىدا ئېلىجان ئىسمايىلنىڭ فوتۇ سۈرىتى.
بۇ ساندا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەردىن ھوزۇرلىنىڭ:
كۆڭۈل ئەجەپ بىر قۇشتۇر،
ئۇۋا-جايى يۈرەكتە.
ئالىدۇ ئۇ تىن-ھوزۇر،
تۈمەن-تۈرلۈك تىلەكتە.
-مۇھەممەتتوختى ئەھمەدنىڭ «كۆڭۈل قۇشتۇر، ۋە لېكىن...» دېگەن شېئىرىدىن.
ئاي ئەمەسسەن ۋە ياكى قۇياش،
سەن بىر ئادەم مەڭگۈ ئوخشاش بىز.
سەن چۆلدىكى يۇلغۇن چېچىكى،
مەن گۈلنى ئۈزمەك بولغان قىز.
-مىرەخمەت مامۇتنىڭ «سەن باغرىمدا كۆكلىگەن بىر گۈل» دىگەن شېئىرىدىن
ئاق ئارلىغان چاچلىرىنى تاراپ قوي،
ماغدۇرى يوق ھاجىتىگە ياراپ قوي.
سېنىڭ ئۈچۈن مۈكچەيگەنتى بەللىرى،
قاداق باسقان قوللىرىغا قاراپ قوي.
-ئەمەتجان سەمەتنىڭ «ئاناڭنىمۇ بىرەر قېتىم ماختاپ قوي» ناملىق شېئىرىدىن
قەلبىڭنى، سۆيگۈڭنى قىلغاندا ئىزھار،
ۋاپا دەپ گۆپۈلدەپ سوققانتى يۈرەك.
قەسەملەر بىرىشتۇق كۆزلەرگە قاراپ،
قەلبىمدە ھېچكىم يوك سېنىڭدىن بۆلەك.
ـ ئانارگۈل باقىنىڭ «خەت يازماي، ئۆزۈڭ كەل» ناملىق شېئىرىدىن.
ئەسكەرتىش: بۇ سان گېزىتنى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تاپشۇرۇپ ئالدىم. تور دۇنياسىدىكى كەڭ تورداشلار ۋە يېقىن يىراقتىكى ئەدەبىيات ئاشنالىرىنى يېڭى ئۇچۇردىن خەۋەردار قىلاي دەپ يوللىدىم. ۋاقىتىم يار بەرسە يەنە كېينكى سان مۇندەرىجىلىرىنىمۇ يوللاپ تۇرىمەن. ھوزۇرلانغايسىلەر! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-31 12:22 AM