مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 442|ئىنكاس: 0

تارىخنىڭ بوسۇغىلىرىدا  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7032
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 11:05:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                     تارىخنىڭ بوسۇغىلىرىدا
    مەن تارىخقا تولىمۇ ئامراق . چۈنكى ئۇ ماڭا پارلاق ئۆتمۈشىمىزدىنمۇ ، قان - ياشلىق  كۆز - ياشلىرىمىزدىنمۇ ، ئىبرەتلىك ساۋاقلىرىمىزدىنمۇ ، كەلگۈسى تارىخنى يارىتىشىمىزدىنمۇ بىشارەت بېرىپ تۇرىدۇ . تارىخ بەتلىرىنى ھەر كۈنى ۋاراقلاپ تۇرۇش ، ئەڭ كۆڭۈللۈك ھاياتلىق پائالىيەتلىرىمنىڭ بىرى . ئەمما شۇنچە ۋاراقلاپ بېقىپمۇ ئۆزىمىز ياراتقان تارىخنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاش ماڭا نېسىپ بولمىغانىدى . شۇنداقتىمۇ تارىخ يارىتىش يولىدىكى ھەسرەتلىك ، تەكرار پاجىئەلىك ئۇرۇنۇشلىرىمىزمۇ قانداقلا بولمىسۇن ، قەلبىمنى سۇغۇرۇپ ، چاڭقاقلىقىمنى بېسىپ كېلىۋاتاتتى ...
    تارىخ داۋاملىشىۋاتاتتى . خىيالىم مەڭگۈ تاشلىرىمىز تامان چېپىشقا باشلىدى ...  مەڭگۈ تاشلىرىمىزدىكى ماڭا يادا بولۇپ كەتكەن بۇ قۇرلارنى ئەسلەپ قالدىم . " ئۈستىمىزدىكى كۆك ئاسمان بىلەن ئاستىمىزدىكى قوڭۇر تۇپراق يارىتىلغاندا ، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئىنسان بالىسى يارىتىلىپتۇ . ئىنسان بالىسى ئۈستىدە ئاتا - بوۋام بۇمىن قاغان ، ئىستەمى قاغان تەختتە ئولتۇرۇپتۇ ... خاقانى بارلارنى خاقانىدىن ئايرىدۇق ، تىزى بارلارنى تىزلاندۇردۇق ، بېشى بارلارنى باش ئۇردۇردۇق ... " بۇ غالىبلىق تارىخ كىشى قېنىنى قايتا كۈۋەجىتىدۇ ، ئەلۋەتتە . شۇ تاپتا ئۇستاز ، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بۇ شېئىرىي مىسرالىرى تۇيغۇم بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنىدى .

           تاش دېمە ، باغرىمدا ئاقار ئىسسىق قان ،
          شۆھرەتلىك يىللارنى سۆزلىدىم تەكرار .
          پۇچۇلۇپ كەتسىمۇ مۇزلىغان جىسمىم ،
          قېنىمدىن تۇغۇلار ئەزىمەت ئەنھار .
                   تاش دېمە ، ئىبرەتلىك سۆزلىرىم بىلەن ،
                   تۇيغۇن كۆڭۈللەرگە سىڭىپ كېتىمەن .
                   قىمىرلاپ يۈرۈشكەن مۇردىدىن ئۆتۈپ ،
                   جەڭلەرگە ئاتلىنىپ مېڭىپ كېتىمەن .
    تارىخ داۋاملىشىۋاتاتتى . ئۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ . تالاي سەلتەنەتلىك تارىخلىرىمىز قەلبلىرىمىزدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئېلىپ بولغانىدى . ئەللامە زەمەخشەرى ئېيتقاندەك " دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان ، شۇنداقلا ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان . " ئەلۋەتتە تارىخىمىزمۇ بۇنىڭدىن مۇتەسىنا ئەمەس . ..
     تارىخ داۋاملىشىۋاتاتتى . يېڭى - يېڭى شەھەرلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى . تارىخ كىتابلىرىنى بەزىدە چاڭ - توزانلارمۇ يۇتۇۋەتكىلى تۇردى . چۈنكى يېڭى - يېڭى تارىخىي كىتابلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى . مەن ناھايىتى قەدىمكى تارىخىمىزغا دائىر كىتابلارنى ئىزلەپ ئاۋارە ئىدىم . ئوقۇغانلىرىمنى ئەتراپىمدىكىلەرگە سۆزلەپ بەرگەنلىرىمدە ئۇلار ماڭا ئىشەنمەيتتى ، مەن ئاشۇ كىتابلارنى دەلىل قىلىپمۇ ئۇلارنى قايىل قىلالمىدىم . ئۆزىنىڭ تارىخىغا ئىشەنمەيدىغانلارغا ئامال قىلالمايۋاتاتتىم . مەن ئۇلارغا مەغلۇبىيەتلىك ، قان - ياشلىق تارىخىمىزنى سۆزلەپ بەرگەندىلا ئۇلار ئىشىنىشتى . خۇددى شانلىق تارىخىمىز بولۇپ باقمىغاندەك ...
    تارىخ داۋاملىشىۋاتاتتى . كۆز ئالدىمدىن تارىخىمىزدىكى مىڭلىغان شىر يۈرەك ئەزىمەتلەر ئۆتتى . كۆز ئالدىمغا تارىخىمىزدىكى ئەشۇ ئەزىمەتلەرنىڭ گۆرىنى كولىغان ، ئەزىمەتلىرىمىزنى بىر - بىرىگە سوقۇشتۇرۇپ كۆزىگە توپا توشتۇرغان مەلئۇنلار كەچتى . كۆز ئالدىمغا سىرتتىكى دۈشمەن بىلەن ئېتىشقان ۋاقتىمىزدىن ، ئىچىمىزدىكى دۈشمەن بىلەن ئېتىشىپ ھالىمىزدىن كەتكەن ۋاقىتلىرىمىز كۆپ بولۇپ كەتكەنلىرى كەلدى ...
    تارىخ داۋاملىشىۋاتاتتى . مەن يەنىلا تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاۋاتاتتىم . قانچىلىك ۋاراقلىغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن . تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كەتكەنلەرنىلا تارىخقا ئايلاندى دەپ تونۇپ كەلگەنلىكىمدىن خىجىل بولدۇم ، تېخىچە ھەقىقى تارىخنى چۈشەنمەي كېلىۋېتىپتىمەن . چۈنكى مەنمۇ ئاللىقاچان تارىخقا ئايلىنىپ بوپتىمەن ئەمەسمۇ ؟ ئوخشىمايدىغىنى " تىرىك تۇرۇپ تارىخ " قا ئايلىنىش ، تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كەتمىگەنلىكىم ، تىرىك مۇردا ئىكەنلىكىم ،  باشقىلار ئاللىقاچان مېنىڭ تارىخىمنى يېزىپ بوپتۇ . مېنىڭ پەقەت ئۆلۈپلا كېتىش ۋەزىپەملا قاپتۇ ، مەن پەقەت تارىخنىڭ بوسۇغىسىدا ئارتۇقچە تىرەجەۋېتىپتىمەن ... بوسۇغىدىن ئاتلاشتىن خىجىل بولۇۋاتاتتىم . چۈنكى مېنىڭ تارىخىم ئۈن - تىنسىز ، تەرىپلىگۈدەك ھېچنىمە يوق تارىخ ئىدى . پۈتكۈل ھاياتىمدا بىرەر قېتىم پىداكارلىق يولىدا تىرنىقىممۇ زەخمىلىنىپ باقمىغانىدى ...
      مەنبە : ئۆزۈم .    2013-1-30 .   ئەبەي تارىم .    شەھىرى شىخو .
    ئەزىمەت ۋە ئۆلمەس تارىخنى ئېسىڭدىن چىقارمىغىن ، ئۇنىڭ ئالدىدا جاھالەت ئاتامانلىرى نامازشام پاشىلىرىدىن ئىبارەت ، خالاس .        _ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن .       بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abaytarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-30 11:08 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
izdinish + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش