چىدىماسلىقمۇ ياكى پۇرسەتپەرەسلىكمۇ
ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتىرا سىنىپىنىڭ ئىچىلىشى رايۇنىمىزنىڭ مائارىپ كەيپىياتى ۋە تەرەققىياتىغا بەلگىلىك ئاكتىپ تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى.زور كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتىلىرىنىڭ شۇ مەكتەپلەردە ئوقۇشىنى ئۈمۈد قىلىپ نۇرغۇن ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەن ، بالىلارمۇ شۇ نىشانغا يىتىش ئۈچۈن زور بەدەل تۆلىگەنىدى ، ھەمدە مۇراد-مەقسەتلىرىگە يەتكەنىدى.ئىچكىردىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئۆتەلمىگەن بالىلار بولسا ئازدۇر-كۆپتۇر ئەپسۇسلىنىپ ، روھى جەھەتتىن بەلگىلىك زەربىگە ئۇچراپ يەنىلا ئوقۇشىنى داۋام ئەتتى.ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمىلق بەيگىدە يىڭىلىپ قالغانلىقىنى ئەمما كىلەركى قېتىملىق مۇسابىقىدە يەنى ئالىي مەكتەپ ئىنتىھانىنى ياخشى بىرىپ 12يىللىق ئوقۇش ھاياتىغا ياخشى خاتىمە قالدۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى ،شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى ئۇلۇغۋار جەڭ ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىدى....
ئەپسۇس ، ئاشۇ يىللاردا ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلار تەييارلىق، بىرىنجى يىللىق ،ئىككىنجى يىللىقنى ئوقۇپ بولۇپلا خۇددى <يۇرتىنى گۈللەندۈرمەكچى بولغان ئالىم>لاردەك توپ-توپى بىلەن يۇرتلىرىغا قايتىشتى.ئۇلار ئاتالمىش ئۆپكە راكى ، ئاشقازان كېسىلى ، يۈرەك كېسىلى، رىماتىزىم دېگەندەك ساختا كىسەللىك دىئاگىنوز قەغەزلىرى بىلەن مەكتەپ رەھبەرلىرىنى جۈمىلىدىن ئۆزىنى ئالداپ ، يۇرتىغا ئالدىراپ-تېنەپ يىتىپ كىلىشتى.ئەلۋەتتە ، ئاتا-ئانا بولغۇچىغا نىسبەتەن ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئىچكىردىن قايتىپ كىلىشى ھەقىقەتەن بىر خىل ئىللىق ،مېھرلىك كۆرۈنۈش .ئەمما ، مۇشۇ ئىللىقلىق ئارقىسىغا يۈكسەك دەرجىدىكى شەخسىيەتچىلىك يوشۇرۇنغان...
ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ سۈپەتلىك مائارىپىدا ، يۇقىرى ئوقۇتۇش ماھارىتىدە يېتىلىپ ، ئۆسۈپ چىققان بۇ ئوقۇغۇچىلار ئەلۋەتتە رايۇنىمىزدىكى بىر قەدەر سۈپەتسىز ئوقۇ-ئوقۇتۇش مۇھىتىدا يىتىلگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا ئۆگىنىش نەتىجىسى خېلىلا يۇقىرى ئۈستۈنلىككە ئىگە.چۈنكى ئۇلار ئىچكىرىدىكى سېستىمىلق ئوقۇتۇش ،سۈپەتلىك ئوقۇتۇش ئىچىدە ئوقۇغان.مائارىپتىكى پەرق تەبىئيلا ئىككى ئوخشاشمىغان مۇھىتتا ئۆسكەن ئوقۇغۇچىلاردا كۆپلىگەن پەرقلەرنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ، ئۇلار ئالىي مەكتەپ ئىنتىھانىنى ئۆزى ئۆتكەن ئاشۇ مەكتىپىدە بەرمەي ،ئەكىسچە ھەرخىل يالغان بانا-سەۋەپلەر بىلەن تۇشمۇ-تۇشتىن يېنىپ كىلىپ ئۆز يۇرتىدا ئىنتىھانغا قاتنىشىۋاتىدۇ جۈملىدىن يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشىغا توپا چىچىۋاتىدۇ.مائارىپ ئورگانلىرىمۇ بۇنىڭ پەرۋاسىز قاراۋاتىدۇ...
مەلۇم شەھەردىكى تولۇق ئوتتىرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 3-يىللىق @@-سىنىپىغا ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتىرا سىنىپلىرىدىن جەمىئىي 37بالا قايتىپ كىلىپ ئوقۇۋاتىدۇ ، ئۇلار شۇتاپتا ئەسلىدىكى شۇ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشىغا توپا چىچىپ 2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىنتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ... بۇنداق مىساللار ھەر ۋىلايەت،شەھەرلەردە ئەمەلىي پاكىتى بىلەن تۇرۇپتۇ....
مۇھىمى شۇكى ، ئاشۇ ئەسلىدىكى ئوقۇغۇچىلار قانداق قىلىدۇ؟؟؟ ئىچكىردىن قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچكىردىن ئۆزىنىلا ئېلىپ كەلمەستىن يەنە تېخى ئەسلىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا بىسىم ، رىقابەت ،خىرىس ھەتتا ھالاكەت ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات نەتىجىسىدىن باشقا ھەرقانداق پەندىكى نەتىجىسى ئەسلىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن يۇقىرى تۇرىدۇ.مانا 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 1-قېتىمىلق مانىۋىر ئېنتىھان ئىلىندى ، ئىنتىھاندا ئىچكىردىن قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئەسلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى روشەنلا سېلىشتۇرما بولۇپ قالدى...
ھەقىقەتنمۇ ، ئىچكىرى تولۇق ئوتتىرا سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۆز مەكتىپىدە ئالىي مەكتەپ ئىنتىھانىغا قاتنىشىش ئۇلارغا خېلى كۆپ بېسىم ۋە خەتەر ئىلىپ كىلىدۇ ،بۇنىسى ماڭىمۇ ئايان. بىراق ، شۇنىڭ ئۈچۈنلا يۇرتىغا قىچىپ كەلسە ، ئەجىبا بۇ ئەسلىدىكى يەرلىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئادالەتسىزلىك ئەمەسمۇ؟؟؟
مەن ئاددىي ئەمەلىي مىسالدىن بىرنى كۆرسىتەي:
شىنجاڭ تىبىي ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ قوشتىل تىپىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن كېلىنكا كەسپىگە قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى سانى 44 ، ئەمدىلىكتە بولسا @@ شەھەردىكى @@ مەكتەپ @@-يىللىق بىر سىنىپقىلا 37 ئوقۇغۇچى ئىچكىردىن قايتىپ كەلدى ، ئەگەر ئۇلار كەلمىگەن بولسا ئەسلىدىكى يەرلىك ئوقۇغۇچىلاردىن خېلى كۆپ قىسمىنىڭ ئاشۇ كەسىپكە ئۆتەلىشىدە ئىشەنچى بار ئىدى ، ئۇلار كىلىپلا باشقىلارنىڭ ئىشىغا توپا چاچتى ...
بۇنى ئاشكارا زىيانكەشلىك دىسەك ئېغىر كەتمەيدۇ ،بۇنى يەنە شەخسىيەتچىلىك ، چىدىماسلىق دىسەكمۇ بولىدۇ.
مانا شۇتاپتا ،ئىچكىردىن قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆز رىقابەتچىسىنىڭ ئۆزىدىن قىسمەن پەنلەردە ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ خۇشال ھالدا ئويناۋاتقان بولىشى مۇمكىن ، ئەكىسچە كۈچلۈك بىسىمغا ، رەزىل رىقابەت ۋە خىرىسقا دۇچار بولغان ئەسلىدىكى ئوقۇغۇچىلار بولسا مانا بۇ ئادالەتسىزلىككە تەخىر قىلىپ ياكى مەجبۇرلانغان ھالدا تەخىر قىلىپ ،چىشىنى چىشلەپ ئۆگىنىۋاتقان بولىشى مۇمكىن... مەن شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تورداشلارغا يۇقارقى ئادالەتسىزلىكنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم .ئەمدىلىكتە قىلىدىغىنىم ئۆگىنىشمنى داۋاملاشتۇرۇش ، ئاللادىن كۆپنىڭ قاتارىدا مۇرادىمغا يەتكۈزىشىنى تىلەش...
مەنبە: قەلىمىم