ئۇنتۇلغان كۈلكە
بالىنىست ئىچى شۇنچە تىنىچ ، خۇددى بۇ يەردە ھېچقانداق بىر جانلىق نەرسە يوقتەك ، شۇنچە سوغۇق ، بەلكىم بۇ يەردىن كۈلكە مەڭگۈلۈك يوقالغان ياكى كۈلكە بۇلارنى يوقلىماس بولغان ، ئېڭراشلار پات-پات ئەنە شۇ تىنىچ مۇھىتنى ئاچچىق سۈكۈتنى بۇزۇپ تۇراتتى .
ئەنە بۇلۇڭدىكى ياتاق شۇنچلىك تىنىچ ئىدىكى ئۇ يەردە راستىنلا ھاياتلار يوق ئىدى ، چۈنكى ئۇ جەسەتلەرنى ۋاقىتلىق ساقلاش ئۆيى ئىدى .
كېسەل كارۋىتىدا ياتقان روھسىز تەن بىرلا نەرسىنى ئۈمۈد قىلغاندەك كۆزلىرى تېخى يۇمۇلمىغان ئىدى . ئۇنىڭ ئاشۇ نۇرسىز كۆزلىرىدە قېتىپ قالغان ئىككى تامچە ياش سىرىتقا تېخى داۋالغۇپ چىقالمىغان ، بېشى يېنىكلا چايقالسا سىرىتقا ئېقىپ چىقىپ كېتەتتى . بىراق چىرايىدا يەنىلا بۇرۇنقى شوخلۇقىغا ماسلاشقان كىچىككىنە كۈلكە قاتقان .
بالىنىست كارىدورىنىڭ جىمجىتلىقى بۇزۇلدى ، بېشىغا ئاق رومال ئارتقان ، ئۇزۇن قارا پەلتۇ كەيگەن يېشى 35 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال ، ئەنە شۇ جىمجىت بولغان كارىدورنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ ، ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا يۈگىرگىنىچە بۇلۇڭدىكى بايقى جەسەت ساقلاش ئۆيىگە قاراپ يۈگىرىپ كەلدى . بىراق ئۇ ئۆي ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ قاتتىق ئېسەدەپ كەتتى ، ئەنە شۇ مىنۇتتىكى ئۇنىڭ ھېسياتىنى چۈشۈنۈش شۇنچىلىك تەس ئىدىكى ، بۇنى تىل ۋە قەلەم بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى .
ئايال ئىشكىنى بار كۈچى بىلەن ئىتتىردى ، بىراق ئۇنىڭدا قانچىلىك كۈچ بولماقچى ، ئىشىك شۇنچىلىك ئاستا ، شۇنچىلىك جانسىز ئېچىلاتتى ، دىمەك ئايالنىڭ بۇ يەرگە كىرگۈسى بار دىگەندىن كىرگۈسى يوق دىسەك چۈشۈنۈشلۈك بولار ، چۈنكى بۇنداق يەردە پەقەت ئۆزىلا گەپ قىلىدۇ ئەمەسمۇ ؟
ئايال ئىشكىتىن كىردى ، بىراق پۇتلىرى كالۋالاشقان ، كۆزلىرىنى ياش قاپلىغان ، شۇنچىلىك جانسىز ۋە غېرىپ جىسمىدىن بىر خىل قاغجىراش چىقىپ تۇرغان بۇ ئايالنى مەن كۆرگەن ، ئالدىنقى قېتىم ئەنە شۇ كېسەللەر ياتىقىدا ، ئۇ ۋاقىتتا يېنىمدىلا ياتقان مۇنۇ جەسەت بىلەن مەن بىرگە ئىدىم . ئۇ ۋاقىتتا مەنمۇ ئۇمۇ جەسەت ئەمەس ئىدى .
ئۇنىڭ ئىسمى قاسىم ئىكەن ، ياتاققا كىرگەن تۇنجى كۈنىلا شۇنچە قىزىق گەپلىرى بىلەن ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈپ ، كۈلكىلىرىمىزدىن توختىيالماي ھەتتا يىغلاپمۇ كېتىشكەن ئىدۇق . ئۇ ئەنە شۇ خۇشخۇيلۇقى ، قىزىق گەپلىرى بىلەن بىزگە كونا تونۇشتەكلا بولۇپ قالدى . توغرىسى بۇ كېسەللەر ياتىقىدىكى تۆت ئادەمگە ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئازابنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا ، خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆردى .
بۇ ياتاقتا بۇرۇن ياتقان ئىككەيلەننىڭ ساناقلىقلا كۈنى قالغان بولسىمۇ چىشلىرىنى چىشلەپ كېلىۋاتقان ئىدى ، بۇنىڭغا مەنمۇ قېتىلدىم . ئەمدى ياتاقتا بوش كارىۋات قالماي ئەنە قاسىممۇ كىرىپ كەلدى . ئۇنىڭ بۇ بوش كارۋاتنى تولۇقلىىشنى خالىمايتتىم ، چۈنكى بىزنىڭ بۇ ياتاقتىكى بوش كارۋاتقا كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى كارۋات بوشۇتۇش ئۈچۈن مۇشۇ كارۋاتلاردا ياتاتتى .
ئۇ كېلىپ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئارىمىزدىن بىر كاۋرات بوشىدى ، بىراق قاسىمغا بۇ ئىشلار تەسىر قىلمايتتى ، ئۇنىڭدىن سورىغانمۇ بىكار . سورساق كۈلۈپ قويۇپلا ‹‹ ھەممىسى ئىگەمنىڭ ئىلىكىدە ، بىز قايغۇرغان ، يىغلىغان بىلەنمۇ بىكار . پەقەت ئاللاھتىن گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشنى تىلىيەلەيمىز خالاس . ›› ئۇنىڭدىن بىر نەچچە قېتىم شۇنداق سورىغاندىمۇ ئوخشاشلا مۇشۇنداق جاۋاپقا ئېرىشكەن ئىدىم .
ئۇ بەزىدە تۇرۇپ – تۇرۇپ بىر نەرسىلەرنى يازاتتى ، ئوقۇپ باقايمۇ دىسەم ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ ‹‹ ئاللاھ نىسىپ قىلسا ›› دەپلا قوياتتى . مەن ئۇنىڭغا ھەيران ئىدىم . دۇنيادىن بىخەۋەر ھالدا ياتقىنى ياتقان ، خۇشال بولغىنى بولغان ، خاپىلىقتىن كىيىن تۇغۇلغاندەكلا .
بىر كۈنى ئۇنى بايقى جەسەت ساقلاش ئۆيىگە يىغلاپ كىرگەن ئايال يوقلاپ كەلدى ، ئۇنىڭ بىلەن شۇنچە ئوچۇق ، شۇنچە تېتىك پاراڭلاشتى ، ئۇلار كۈلۈشەتتى ، بىراق بۇ كۈلكۈللىرى ئارسىغا قانچىلىك ئازاپنىڭ يۇشۇرۇنغىنى ھەر ئىككىلىسىگە ئايان بولسا كېرەك . ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى شۇنچە قىزغىن ، ئۇزۇن بولغانمۇ بولاتتى . بىراق ياندىن بىر ئەرنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئايال چىقىپ كەتتى . ئىشىك ئالدىغا بېرىپ كەينىگە قايرىلغاندا ئۇنىڭ كۆزلىرى ئەتراپىنىڭ نەمدەلگەنلىكىنى كۆردۈم . بىراق قاسىمنىڭ چىرايىدا يەنىلا ئۆزەەرمەيدىغان كۈلكە .
بايقى ئەر كىرىپ ھېلقى ئايالنى چاقىرىپ چىقىپ كەتمىگەن ، ئايالنىڭ كۆزلىرى نەمدەلمىگەن بولسىدى ئۇنى مەن چوقۇم قاسىمنىڭ ئايالى دەپ بىلگەن بولاتتىم ، بىراق بايقى ئىككى ھەقىقەت مېنىڭ بۇ يەكۈنۈمنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاپ ئۆتتى .
ئايال چىقىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قاسىم يازغانلىرىنى يىرتىپ تاشلىدى ، ئۇنىڭ چىرايىدا كۈلكىدىن ئەسەر يوق ، چوڭلا بىر ئەركەكنىڭ مۇنچىلىك خامۇش ، بولۇپمۇ كۈلگۈنچەك بىرىنىڭ بۇنچىلىك خامۇشلۇققا مۇپتىلا بوولىشىنىڭ سىرىنى ھېچ بىلىپ بولمايتتىم .
بىر نەچچە كۈندىن ياتاقتا قاسىم بىلەن ئىككەيلەن قالدۇق . شۇنچىلىك تىنىچ ياتاق مۇھىتىدىن زېركىپ تۇرساممۇ قاسىمغا گەپ قىلالمايتتىم ، چۈنكى ئۇ بىر نەرسىنى قېتىرقىنىپ يېزىۋاتقان ئىدى .
‹‹سىزنى باشقىلار يوقلاپ كەلمەمدۇ ؟›› ئۇنىڭ بېشىنى كۆتۈرمەي داۋاملىق يازغان سۇئالىدىن مەڭدەپ قالدىم . نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشىمنى بىلمەيتتىم ، ھەتتا قايسى جاۋاپنىڭ مۇكەممەل بىر جاۋاپ بولالايدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم . ئۇنىڭغا قارىدىم ، جىمجىت ياتاق ئىچىدە پەقەت ئۇنىڭ خەت يېزىۋاقانلىقىلا ياتاقنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تۇراتتى . مەندىن ھېچكىم سۇئال سورىمىغاندەك . بۇ سۇئال خۇددى غايىپتىن كەلگەندەك .
كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ياتتىم ، كۆز ئالدىمغا ئىككى ياشلىق قىزىم ، تېخى تۇغۇلغىنىغا نەچچە كۈنلا بولغان ، ئىسىم قويۇشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ئوغلۇم ۋە چىرايلىق ئايالىم كەلدى . شۇنچە غۇۋا بۇ مەنزىرىدىن ئۇلارنىڭ چىرايىنى ئېسىمگە ئېلىش ھەقىقەتەن تەس ئىدى ، چۈنكى بۇ مەنزىرىگىمۇ ئازغىنا-كام 12 يىل بوپتۇ . ئۇلارنى سېغىنغان ئىدىم ، ھەر ئايدا بىر پارچە خەت تاپقان بارلىق پۇللۇرۇمنى سېلىپ بېرەلىگەن بولسام ، سېغىنىشىمنىڭ ئوندىن ، يۈزدىن ، ھەتتا مىڭدىن بىرىنى سېلىپ بېرەلمەيتتىم . ئاتىلىق مېھرىمنى ، ئەرلىك بۇرۇچۇمنى سېلىپ بېرەلمەيتتىم ، بەلكى شۇنداق بىر چەت دۆلەتتە مەندەك بىر ئاتىسىنىڭ بارلىقىنى باللىرىم ئۇنتۇپ كەتكەن بولسا كېرەك .
ئەنە شۇ مەزگىللەردە ئۆز ۋەتىنىمدە پۇل تېپىش تەسكەن دەپ باشقا دۆلەتلەردە يۈرمىگەن بولسام ، بەلكىم ئائىلەمگە كىچىكىنە مېھىر بولسىمۇ بېرەلىگەن بولاتتىم ، بىراق ئەمدى قايتىشنى ئويلىغان ۋاقىتتا قايتالمىدىم . كىچىكىنە يۆتۈلۈشتىن ، بۇرۇن قاناش ، ھەتتا ئايلىنىپ كېتىشلەر يۈز بەرگىچە ئۆزۈمنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىمنى ، داۋالاشقا كېچىككەنلىكىمنى ، سىرىتلاردا نىمە قىلغۇم كەلسە شۇنى قىلسام بولدىغانلىقىنى بىلمگىنىمدە قايتالمىدىم . ساناقلىقلا كۈنۈم قالغاندا ۋەتنىمگە قايتىپ نىمە قىلاي دەيتتىم . توغرىسىنى ئېيتقاندا مەن مېھىر بېرەلمىگەن ئاشۇ ئائىلەمدىن مېھىر تەلەپ قىلىشقا يۈرۈگۈم ، ۋىجدانىم چىدىمايتتى . يېنىمدىكى پۇللارنى ۋە بىر پارچە خەتنى ۋەتىنىمگە ئايالىمغا سېلىۋتىپ ئاندىن مانا مۇشۇ يەردە كارۋات بوشتۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلۋاتاتتىم .
ئايالىمغا سېلىنغان خەتنىڭ جاۋاپ خېتىنى تاپشۇرۋالدىم . ئۇ مېنىڭ قايتا توي قىلغىنىمغا ئىشەنمەيدىكەن . ئەلۋەتتە ئىشەنمەيدۇدە ، مەن راستىنلا قايتا توي قىلمىسام ئۇ قانداقمۇ ئىشەنسۇن ؟ نۇرغۇن پۇل خەجلەپ جەستىمنى دۆلىتىمگە ۋە ئانا يۇرتۇمغا قويۇشنى تاپىلىدىم ، بۇ ھاياتىمدا ياتالمىسام ئۆلگەندە بولسىمۇ دۆلىتىمدە يېتىشنى ، ئانا يۇرتۇمدا يېتىشنى ئارزۇ قىلاتتىم . ئۇنىڭ جاۋاپ خېتىگە يەنە خەت يېزىشنى ئويلايتىميۇ يازالمايتتىم . چۈنكى ئايالىمدىن كەلگەن يەنە بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۋالالايدىغان ياكى تاپشۇرۋالالمايدىغانلىقىمغا ئىشەنچ قىلالمايتتىم ، ئەنە قايسى كۈنى بىز بىلەن چاخچاقلىشىپ ئولتۇرغانلار مانا بۈگۈن يېنىمىزدا بولمىسا .
سىرىتتىن سېستىرا قىز كۈلۈپ كىردى ۋە ماڭا لىتاپتىن بىرنى بېرىپ چىقىپ كەتتى . خەت ئايالىمدىن كەلگەن ئىدى . خېتى ناھايتى ئاددىيلا
‹‹ يول تاييارلىقىنى قىلىۋاتىمەن ، ماڭىدىغاندا يەنە خەت يازىمەن ››
خەتنىڭ ئاساسي مەزمۇنىمۇ شۇ ئىدى ، بىر نەرسىنى ئويلايتىميۇ بىراق مەن ئويلاشقا پېتىنلامايدىغان ئاشۇ ئىشنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرەلمەيتتىم .
ئايالىمدىن خەتنى تاپشۇۇرۋېلىپ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن قاسىممۇ مەن بىلەن خۇشلاشتى ، ئۇنىڭ يېنىدىن تېپىلغان خەتنىڭ سىرتىغا مېنىڭ ئىسمىم يېزىلغان ئىدى . لىتاپنى يرتىپ ئىچىدىن يەنە بىر تال لىتاپنى ئالدىم . ئايالىمنىڭ خىېتىغا ئوخشاشلا شۇنچە ئاددى بىر نەچچە قۇر خەت
‹‹ مېنى يوقلاپ كەلگەن ھېلقى ئايالغان بېرىپ قويسىڭىز ›› .
سېسىتىرا قىزلار بىلەن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئۇ ئايالنىڭ ئادىرىسى ۋە ئالاقىلىشش ئورۇنلىرىنى تېپىپ تىلفۇن قىلدىم ۋا قاسىمنىڭ بىر پارچە خېتى بارلىقىنى ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى دېدىم ، تىلفۇندىن بىر نەچچە مىنۇتقىچە سادا چىقمىدى ، سادا چىققاندا بولسا تۇرۇپلا قالدىم . تىلفۇندىن بىر ئايالنىڭ ناھايتى ئاچچىق ئېڭراۋاتقانلىقى ئاڭلاندى ، تىلفۇننى تۇتۇپ تۇرۇۋېرىسكە كۆڭلۈم ئۇنىماي تىلفۇننى قويۇۋەتتىم .
ئۇ ئايال قېشىمغا خەتنى ئالغىلى كەلمىدى ، ئۆزۈم بىر رەت چاپمىسام ، ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا بارمىسام بولمايدىغاندەك قىلاتتى . دوختۇرخفنىغا كىرگەننىڭزى سىرىتلارغىمۇ چىقىپ باقماپتىكەنمەن . بۇرۇنقى قارا شىبلىتىمنى مايلاپ بارقىراتتىم ، يارشىملىق پەلتۇيۇمنىڭ ئىچىگە ئايالىم توقۇپ بەرگەن كونىراپ كەتكەن بولسىمۇ ماڭا ھەر دائىم ئىسىقلىق ، ئىللىقلىق ، مېھىر ئاتا قىلىپ كەلگەن قوي يۇڭىدا توقۇلغان پوپايكامنى كەيدىم .
ئۇ ئايال بىلەنمۇ كۆرۈشەلمدىم خەتنى يولدىشىغا بەردىم . بۇ ئايالنىڭ بۇ سۆرۈن تەلەت بىلەن نىمىشقىمۇ توي قىلىپ قالغانلىقىنى ھېچ خىيالىمغا كەلتۈرەلمەيتتىم . يەنە شۇ سوغۇق دوختۇرخانىدا يالغۇز ياتتىم . مەندىن كىيىن كىرگەنلەرمۇ ، بۇرۇن كىرگەنلەرمۇ مېنى تاشلاپ كېتىۋەردى . بىراق مەن .....
كەلسە كەلمەس خىياللارنى تولا قىلىغانسىرى ئۆزۈمنى باشقۇرالمايتتىم . بەزىدە ۋاقلا ئۈسسۈۋالغۇم ، ياكى مۇشۇ بىنادىن سەكراپلا تۈگەشكۈم كېلەتتى . بىراق قاسىمنىڭ ‹‹ بىر تىنىقىم ئۆز ئەجىلىمدىن ئارتۇق ئەمەس ›› دىگەن گەپلىرىنى ئويلاپ بۇ خىياللىرىمدىن ياندىم ، يەنە كېلىپ ئايالىمنىڭ ئالدىغا چىقىشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم .
ئويلۇرۇم بەربات بولدى ، مىدىرلىيالمىغاندا ياق يۈرۈگۈم سوقۇشتىن توختىغان ئەنە شۇ مىنۇتتا ، كارۋتىم ئىتتىرلىپ قاسىمنىڭ قېشىغا كەلگەندە ئاندىن بىر جەسەتكە ئايلانغىنىمنى بىلدىم . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ياشنىڭ قۇرمىغانىغا ھەيران بولۇپ تۇرغان ئەنە شۇ ۋاقتىمدا ھېلقى ئايال ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرىپ كەلگەن ئىدى .
يىغا ئۈستىگە يىغا ، ياش ئۈستىگە ياش . بۇ ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ماڭا شۇنچىلىك قاراڭغۇ . ئەنە شۇ مىنۇتتا قاسىمنىڭ كۆزلىرىدە قېىتپ قالغان ياش سىرغىپ ھېلقى ئايالنىڭ بىلەكلىرىگە چۈشتى ، ئايال قاسىمنىڭ بېشىنى قولىغا ئېلىپ چاچلىرىنى سىلايتتى . ئەنە شۇ سىلاشلىرىدا قانچلىك مېھىر مۇھەببەتنىڭ بارلىقىنى قاسىم سېزەلىگەنمىدۇ ؟
ئايالنىڭ يانجۇقىدىن يېنىمغىلا چۈشۈپ قالغان قەغەزنىڭ بىر بۇرجىكىدىن بىر نەچچە قۇر خەتكە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ، بەلكىم ئەڭ ئاخىرقى قۇرلىرى بولسا كېرەك
‹‹ چاچلىرىمنى مېھىر بىلەن سىلىغان ئاشۇ دەققىدە ، مەن سېزەلەيمەن ، ھەممىنى سېزەلەيمەن . بەلكى كۆز ياشلىرىم بېلەكلىرىڭدە ئېقىشى ، قوللۇرۇڭنى نەمدىشى مۇمكىن . ساڭا دىيەلمىگەن سۆزلىرىمنى بەلكىم ئۇ ئالەمدە دەرمەن . بىراق ساڭا ئىزچىل دىيەلمىگەن بىر ئېغىز سۆزۈم بار . سېنى ياخشى كۆرىمەن . بەلكىم ئاشۇ سۆزنى كۈتۈپ زېرىككەنسەن . بىراق ساڭا ئۇ سۆزنى دىيەلمەيتتىم . چۈنكى سېنى بۇ دۇنيادا يالغۇز تاشلاپ قويغۇم يوق . ››
خەتنىڭ پەقەت شۇنچىلىكلا يېرىنى كۆرەلىدىم . ئايال تېخىچە يىغلاۋاتاتتى . قوللىرى ياش بىلەن نەمدەلگەن ، ئۆز كۆزىدىن ئاققان ياش قاسىمنىڭ چىرايىنى نەمدىمەكتە ئىدى . ئۇ ئايال كۈلۈشكە باشلىدى . شۇنچە ئۇزۇندىن بېرى كۈلكە ئاڭلىنىپ باقمىغان بالىنىست بىناسىدىكى ھەممەيلەن ھاڭ – تاڭ بولغان بولسا كېرەك . ئۇنتۇلغان شۇ كۈلكىنىڭ قايتا ئاڭلانغىدىن ئاچچىقلانغان بولسا كېرەك .
ئايال جىمىپ قالدى ، جىمجىتلا ، شۇنچە جىمجىرلا جەسەت ساقلاش ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .
ئارىدىن بېرەر سائەت ئۆتۈپ قاسىمنى بىر نەچچە دوختۇر ئىتتىرىپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى . شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان بولۇپ كىچىككىنە كۈلكە يەنىلا چىرايىغا چىقىپ تۇراتتى . ئۇنى ئېلىپ چىقىۋاتقىچە قىيا ئېچىلغان ئىشىكتىن ئۆزۈمگە شۇنچە تونۇش بىر سىمانى كۆردۈم ، ئەنە شۇ سىما ئىشىك ئالدىدا قېتىپ تۇراتتى . بىنا ئىچىدە ئىككىنجى قېتىم كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى ، بىراق ئۇلار خۇددى بۇ كۈلكىگە كۆنۈپ قالغاندەك ھەممىسى يەنە ئۆز ئىششى بىلەن مەشغۇل ئىدى ........
2013-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ahsaxum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-30 07:19 AM